بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى قۇتلۇق1 نىڭ 2012-05-25 23:30 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا قاراقچىلىق بىلەن باش كۆتۈرگەن ئالاھىدە قۇراللىق كۈچ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ چىڭ ھۆكۈمىتى، شىمال مىلىتارستلىرى ۋە جىياڭجىيېشى قاتارلىق كۇچلەرگە تايىنىپ غەربى شىمالدا يۇز يىلدىن كۆپ ھۆكۈم سۈرگەن‹ما جەمەتى قوشۇنى›دىن ئىبارەت.
مابۇچىڭ،مابۇفاڭ،ماخۇڭكۇي،ماخۇڭبىن ۋەكىللىك شەخىسلەر بولۇپ،كىشىلەر ئۇلارنى غەربى شىمالدىكى تۆت ما دەپ ئاتاشقان. ئۇلار ئارىسىدىكى مابۇفاڭ كىشىلەرگە ھەممىدىن بەكراق تونۇشلۇق.مابۇفاڭ ئىنتايىن قانخور بولۇپ، بىر نەچچە قېتىملىق ئۇرۇش ئارقىلىق چىڭخەينى ما جەمەتىنىڭ زېمىنىغا ئايلاندۇرغان،
‹ما جەمەتى قوشۇنى› چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە يۈز بەرگەن خېخۇاڭ قوزغىلىڭى ئارقىلىق باش كۆتۇرگەن.تەيپىڭ تىيەنگو قوزغىلىڭى شەرقى جەنۇپتا قوزغالغاندا،غەربى شىمالدىكى خۇيزۇلارنىڭ چىڭ سۇلالىسگە قارشى كۈرىشى يۇز بەرگەن.مۇشۇنداق ئەھۋالدا مابۇچىڭ بىلەن مابۇفاڭنىڭ بوۋىسى ماخەييەن چىڭ سۇلالىسىگە قارشى كۈرەشكە قاتناشقان.
ماخەييەن1837- يىلى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ خېجۇ‹ھازىرقى لىنشىيا›مۇنىگۇدىكى چىيەنچۇەندە تۇغۇلغان.ماجەمەتى دورا ماتىرياللىرى،ياغاچ ماتىرياللىرى توشۇش سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان.ماخەييەن كارۋان باشلىقى ئىدى.ئۇ،ئۇستا چەۋەنداز ھەم جانباز بولۇپ،ئاتقان ئوقى زاياكەتمەيتتى.خېجۇ مونىگۇنىڭ ئىمامى ماجەنئاۋ1863-يىلى ئەسكەر باشلاپ چىڭ ئوردىسىغا قارشى چىققاندا،ماخەييەن بۇ قوشۇنغا قاتنىشىپ،ماجەنئاۋنىڭ غوللۇق ياردەمچىسى بولۇپ قالغان.1871-يىلى زوزۇڭتاڭ ئەسكەر باشلاپ خېجۇغا باستۇرۇپ كەلگەن.ئىككى تەرەپ تەيزىسىدا قاتتىق ئېلىشقان.ماخەييەن جەڭدە باتۇرلۇق كۆرسىتىپ چىڭ قوشۇنلىرىنى سەپ بويۇچە چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغان،ھەتتا زوزۇڭتاڭمۇ ئۇنىڭغا قايىل بولغان.ئەمما ماجەنئاۋ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ غەلىبىدىن كېيىن تەسلىم بولغانلىقى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان. ئېھتىمال ماجەنئاۋ ئۆزلىرىنىڭ ئاخىرقى ھىساپتا غەلىبە قىلالمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ،ماخەييەننى باشلاپ چورۇق كىيىپ، بوينىغا تاقاقسېلىپ،زوزۇڭتاڭنىڭ قارارگاھىغا بېرىپ تەسلىم بولغان.زوزۇڭتاڭ ئىنتايىن خوش بولۇپ، ئىككىسىنى ئۆلۈمدىن كەچۈرۇم قىلىپ،6-دەرىجىلىك ھەربى ئەمەل بېرىپ،خىزمەت كۆرسىتىپ گۇناھىنى يۇيۇشقا بۇيرىغان.چىڭ ئوردىسىغا قارشى چىقىش ئارقىلىق باش كۆتۇرگەن ما فامىلىلىكلەر بىرلىشىپ،تادرىجى ھالدا چوڭ قۇراللىق كۇچ بولۇپ شەكىللەنگەن.مىنگو دەۋرىدىن كېيىن ما قوشۇنى گەنسۇ،چىڭخەيگە كىرگەن فېڭيۇشىياڭ قىسمى تەرىپىدىن يۇقۇتۇلغان.ماخەييەن قوشۇنى چىڭخەي ۋە نىڭشىياغا ئورۇنلىشىپ،ئۆزىنى مىللىي ھۆكۈمەتنىڭ قوينىغا ئاتقان.
‹غەربى-شىمالدىكى تۆت ما›ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىلدە،‹ما جەمەتى قوشۇنىنىڭ›غەربى-شىمالدىكى ھۆكۈمرەنلىقى شانلىق دەۋىرگە قەدەم قويغان. ‹تۆت ما›ئارىسىدا مابۇچىڭ بىلەن مابۇفاڭ قېرىنداش بولۇپ، ماچىنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.ماخۇڭبىن بىلەن ماخۇڭكۇي نەۋرە بولۇپ،مافۇلۇ بىلەن مافۇشىياڭنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.جىياڭجىيېشى‹تۆت ما› غا بەك ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ،مابۇچىڭ مىللى ئىنقىلابى ئارمىيە5-ئاتلىق ئەسكەرلەر كورپۇسىنىڭ قوماندانى،مابۇفاڭ غەربى-شىمال ھەربى- مەمۇرى مەھكىمىنىڭ باشلىقى،چىڭخەي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى؛ماخۇڭبىن گومىنداڭ مەركىزى مەمۇرى تەپتىش كومېتىتىنىڭ ئەزاسى؛ماخۇڭكۈي مىللى ھۆكۈمەت غەربى-شىمال ھەربى- مەمۇرى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى،نىڭشيا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولۇپ، چوڭ ھوقوق تۇتۇپ، غەربى- شىمالدا دەۋران سۈرگەن.
.......