باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 160 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: نىمەئۈچۈن سەدىقەبىرىش ئىسلامدا تەۋسىيە قىلنىدۇ؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11432
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 74
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە74دانە
ئۆسۈش: 2850 %
مۇنبەر پۇلى: 2864 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-04-24
ئاخىرقى: 2012-05-27
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

نىمەئۈچۈن سەدىقەبىرىش ئىسلامدا تەۋسىيە قىلنىدۇ؟


يەنە  سىلەر بىلەن كۆرۈشۈشكە  مۇيەسسەر  قىلغان ، مانا مۇشۇنداق  ياخشى ئەسەرلەرنى  سىلەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇشقا  مۇۋەپپەق  قىلغان  ئۇلۇغ ئاللاھ تەبارەك ۋە تەئەلاغا  چەكسىز  شۈكرىلەر ۋە  ھەمدۇ- سەنالارنى ئېيتىمەن.
     سۆيۈملۈك  قېرىنداشلار ! قېنى ئويلىنىپ باقايلى ، جانابى ئاللاھ نېمە ئۈچۈن  كىشىلەرنى مېھرىبان ۋە سېخىي بۇلۇشقا  بۇنداق ئىلھاملاندۇرىدۇ ؟  بۇ  مەسىلىنى  قانچە  چوڭقۇر  ئويلانساڭلار ، دىنى ئەقىدەڭلارنىڭ پاكلىقىنىڭ ماھىيتىنى  شۇنچە چوڭقۇر بىلەلەيسىلەر . ھەمدە قەلبىڭلاردا ، بۇ خىل سەمىمىي تەۋسىينىڭ  پەقەت ئاللاھ  تەرەپتىنلا  كېلىدىغانلىقىنى ، باشقا  يەردىن  كەلمەيدىغانلىقىنى  تەستىقلايسىلەر .
   1 . ئادەم شەخسىيەتچىلىكتىن خالىي بولالمايدۇ .   ئادەم تۇغۇلىشىدىنلا ئادالەتسىزلىك ، نادانلىق خاھىشى بۇلۇپ ، نەزەر دائىرىسى تار يىراقنى  كۆرەلمەيدىغان ، يىراقنى كۆرەلىدى  دېگەندىمۇ  ئاندا- ساندا كۆرەلەيدىغان  تەبىئەتكە ئىگە . ئىنسان  شەخسىيەتچىلىكىدىن خالىي بولالمايدۇ . كاللىسىغا  يىراقنى كۆرۈش  سىغمايدۇ . ئۆزىگە  پايدىلىق بولسىمۇ شۇنداق بولىدۇ . تۇغۇلىشىدىنلا ئالدىراڭغۇ تەبىئەتلىك  بولىدۇ . ئاللاھ تەئەلا  مۇنداق  دەيدۇ .
 (« ئىنسان ئالدىراڭغۇ يارىتىلغان »)  ( سۈرە ئەنبىيا 37-ئايەت)
      ئىنسان ئۆزىنىڭ قىلغان – ئەتكەنلىرىنىڭ  نەتىجىسىنى ۋە پايدىسىنى دەرھال  كۆرۈشكە ئالدىرايدۇ . ئۇلار  چوڭقۇر  تەسىرى  بار  ئىشلارنى ھېس  قىلالمايدۇ ، كەڭ كۆلەملىك ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئۈنۈمى  بولىدىغان ئىش  بولسىمۇ ، بۇنى  چۈشىنەلمەيدۇ . شۇڭا ئۇلار  بۇنداق  نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ . بۇ ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى ، بۇ ئاجىزلىق  ئۇلارنى كىچىككىنە  مەنپەئەتنىمۇ قوغلاتقۇزىدۇ  . ئۇلار  ھەمىشە : « مېنىڭ تاپقان پۇللىرىم ياكى ئاتا- بوۋامدىن قالغان مال – مۈلۈكلەرنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ، باشقىلارنىڭ بەھرىمان بولىشىغا  بولمايدۇ ، بۇ پۇللار  ئۆزۈمنىڭ  ھەۋەسلىرىمنى  قاندۇرۇشۇمغا تېخىمۇ كەيىپ- ساپالىق تۇرمۇش  كەچۈرۈشۈمگە . ھېچ  بولمىغاندا نام ئابروي قازىنىپ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر  بۇلۇشۇمغا  ئىشلىتىلىشى كېرەك . ئەگەر بۇنداق بولمىسا پۇل خەجلەپ  نېمە قىلىمەن ؟ ئەگەر بىر يېتىم بالا  ئاچلىقتىن ئۆلەر ھالەتكە  كېلىپ قالغان بولسا ، ياكى ئەتىگەندىن كەچكىچە بىكار- تەلەتلىك قىلىپ يۈرسە مەن نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىمەن ؟  ئەگەر قۇلۇم  قوشنىلارنىڭ ئىچىدە نامراتچىلىقتا تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان بىر  تۇل  ئايال  بولسا ، ئۇنىڭ بىلەن  مېنىڭ  نېمە  مۇناسىۋىتىم  بولسۇن ؟ ئېرى ئۇنىڭغا بىر ئاز مال- مۈلۈك قالدۇرۇپ  كېتىشى كېرەك ئىدى .  ئەگەر بىر يولۇچى ( مۇساپىر ) بولسا ئۇنىڭ بىلەن  يەنە مېنىڭ نېمە  ئىشىم بولسۇن ؟ بۇ دۆت نېمە ئۈچۈن  قىلچە تەييارلىقسىز سەپەرگە چىقىدۇ ؟   ئەگەر  بىرسى تۇرمۇشتا  قىيىنچىلىققا  ئۇچىرسا  ئۇنىڭ بىلەن  مېنىڭ نېمە كارىم ؟ ئاللاھ  ئۇنىڭغا ماڭا ئوخشاشلا ئىككى  قول ، ئىككى پۇت بەرگەن ، ئۇ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشىشى كېرەك ، مەن نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ياردەم بېرىمەن ؟ ئەگەر  ئۇنىڭغا بىر  نەرسە  بەرسەم ، چوقۇم ئۆسۈملۈك قەرىز  شەكلىدە  بېرىمەن ، ئۆسۈمنى  كېمەيتىشكە  بولمايدۇ ، چۈنكى مەن پۇللىرىمنى بىكاردىن – بىكار  خەققە قەرىز بەرمەيمەن ، بۇ پۇللىرىم بىلەن ئۆي سالىمەن ، ماشىنا  سېتىۋالىمەن ، ياكى پاي قوشىمەن ، پۇل قەرىز ئالغان  ئادەم  پۇلۇمدىن مەنپەئەت ئالالايدۇ .  شۇڭا مەن  ئۇنىڭ پايدىسىدىن بىر قىسىمنى  ئېلىشىم كېرەك» دەپ بەس – مۇنازىرە  قىلىشىدۇ .
        2. شەخسىيەتچىلىكنىڭ ئاقىۋىتى :  بۇ خىل شەخسىيەتچى بايلار ، خۇددى ئۆز بايلىقىنى  بېسىپ  ياتقان يىلانغا ئوخشايدۇ . ئەگەر ئۇ پۇل سەرىپ قىلسا ئۆزىنىڭ پايدىسىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن سەرپ  قىلىدۇ . ئەگەر پايدا چىقمىسا  ياكى  بىرەر  كەمبەغەلگە ياردەم قىلىشقا  توغرا  كەلسە  بىر تىيىنمۇ  چىقارمايدۇ . ناۋادا  كەمبەغەللەرگە بىرەر نەرسە  بەرگەن بولسا ، ئۇ  چوقۇم  ھەر  خىل  ئاماللارنى  قىلىپ  بۇ نامراتتىن ئۆزىنىڭ بەرگىنىدىنمۇ كۆپرەك پۇل- مال ئۈندۈرىۋالىدۇ .  ئەگەر ئۇ قىيىنچىلىقتا  قالغان بىرەر ئادەمگە ياردەم بەرگەن بولسا . ھەممىلا يەردە  ئۆزىنىڭ ناھايىتى  چوڭ شەپقەت قىلغانلىقىنى داۋراڭ  سېلىپ  بۇ  بىچارىنى پۈتۈنلەي خىجىلچىلىقتا قۇيۇپ . ئۇنىڭ  ئىززەت -ھۆرمىتىنى  تۆكىدۇ . ئەگەر ئۇ بىرەر ئاممىۋى  پائالىيەتكە قاتناشماقچى بولسا ، ئالدى بىلەن بۇ پائالىيەتتىن ئۆزىگە قانچىلىك نەپ كېلىدىغانلىقىنى ھېساپلايدۇ . ئەگەر نەپ  چىقمىسا  بۇنىڭغا ھەرگىز  قاتناشمايدۇ .   بۇ  خىل  خاراكتىردىكى ئادەملەرنىڭ  ئاقىۋىتى  قانداق  بولىدۇ ؟  پەقەت  كوللىكتىپ  چوڭ  زىيانغا ئۇچراپ  قالماستىن  بەلكى  ئاخىرىدا ئۆزىمۇ چوڭ  بالايىئاپەتكە  مۇپتىلا  بولىدۇ . بىر جەمئىيەتتە  بۇ خىل  ئادەملەردىن بولىدىكەن ، بايلىق  ئاستا- ئاستا  ئاز  ساندىكى كىشىلەرنىڭ قولىغا  مەركەزلىشىپ قېلىپ  ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ  ئاچ- يالىڭاچ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ  چىقىرىدۇ . . بايلارنىڭ پۇلى  دومىلغانسېرى  كوپىيىدۇ ، كەمبەغەللەرنىڭ  تۇرمۇشى  كۈندىن – كۈنگە  ناچارلىشىدۇ . بىر  نامرات جەمئىيەت  جىنايەتنىڭ بۆشۈكى  بۇلۇپ ،  كۆپچىلىكنىڭ بەدەن  قۇۋۋىتى  تەبئىي ھالدا ئاجىزلاپ  كېسەل  يامراپ  كېتىدۇ . خىزمەت ئىقتىدارى ۋە  ۋە بايلىق  يارىتىش  ئىقتىدارى زور دەرىجىدە  تۆۋەنلەيدۇ . نادانلىق  ئەۋىج ئېلىپ ئەخلاق  بۇزۇلىدۇ . نامراتلار  باشقا  كەلگەننى  كۆرۈشكە مەجبۇر  بولىدۇ. ئاخىر زوراۋانلىق  بارغانسېرى كۈچىيدۇ . بايلار  قەسىتكە ئۇچراپ  بۇلاڭ- تالان قىلىنىدۇ . ئەڭ ئاخىرىدا بىرمۇ  باي  قالمايدۇ .
      3. كوللىكتىپنىڭ  پاراۋانلىقى   شەخىسنىڭ  پاراۋانلىقىنى بارلىققا  كەلتۈرىدۇ .   كۆپچىلىك ئىنچىكىلىك  بىلەن ئويلىنىپ  باقىدىغان بولسا شەخىسنىڭ پاراۋانلىقىنىڭ  پۈتۈنلەي ئۇمۇمنىڭ پاراۋانلىقى ئىچىدە بولىدىغانلىقىنى  بىلىۋالالايدۇ . سىلەر  بايلىقىڭلار  ئارقىلىق  ئۆز  قېرىندىشىڭلارغا  ياردەم  بەرسەڭلار . بۇ  خىل  بايلىقنىڭ ئوبوروت  قىلىنىشى نەتىجىسىدە .  سىلەرنىمۇ ئۇنىڭ پايدىسىغا  ئېرىشتۈرىدۇ . ئەگەر  سىلەر  شەخسىيەتچى  بۇلۇپ  پەقەت ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پۇل  خەجلىسەڭلار . ئۇنداقتا  مال – مۈلۈكۈڭلار  بارغانسېرى ئازلاپ  كېتىدۇ . بىر  مىسال ئالايلى . ئەگەر  سىلەر  بىر  يېتىم  بالىنى بېقىپ  ئۇنى  تەربىيلەپ ، جەمئىيەتتە ئۆز  كۈچىگە  تايىنىپ ھالال  ياشايدىغان ئادەم قىلىپ  يىتىشتۈرۈپ چىقساڭلار . بۇ سىلەرنىڭ پۈتكۈل  جەمئىيەتكە  قوشقان تۆھپەڭلار بولىدۇ ، گەرچە سىلەر ئۆزۈڭلار  بېقىپ چوڭ قىلغان يېتىم بالىنىڭ  جەمئىيەتكە  قوشقان  تۆھپىسىنى  ھېس  قىلالمىساڭلارمۇ . جەمئىيەتنىڭ  بىر ئەزاسى بۇلۇش  سۈپىتىڭلار  بىلەن .  سىلەرمۇ  تەبئىي  ھالدا بۇ جەمئىيەتتىن مەنپەئەت ئالىسىلەر .  ئەگەر  سىلەر ئىچى تار  شەخسىيەتچىلەردىن  بۇلۇپ ، مەن نېمە ئۈچۈن  ئۇنىڭغا  ياردەم قىلغۇدەكمەن ؟ ئاتىسى  ئۇنىڭغا  مال-مۈلۈك   مىراس  قالدۇرىشى  كېرەك  ، دېگەن  بولساڭلار ، ئۇنداقتا  بۇ يېتىم  بالا  ئەتىدىن  كەچكىچە بىكار تەلەتلىك قىلىپ  يۈرۈپ ، ئاخىر جەمئىيەت  تەرىپىدىن  شاللىنىپ كېتىپ ، ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ، جەمئىيەتكە  تۆھپە قوشالمايتتى . ئۇ بەلكىم ئوغرى  قاراقچىلاردىن  بۇلۇپ  سىلەرنىڭ ئائىلەڭلارنى  بۇلىشى  مۇمكىن ئىدى . بۇ سىلەرنىڭ جەمئىيەت ئۈچۈن بىر  بىكار – تەلەت  كېرەكسىزنى  تەربىيلىەىنىڭلار بولىدۇ .  ئەگەر ئۇنى  تەربىيلىمىسەڭلار . بۇ سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا  زىيانكەشلىك قىلغىنىڭلار بۇلۇپلا قالماستىن ، بەلكى ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزۈڭلارمۇ  زىيانكەشلىكتىن  ساقلىنالمايسىىلەر .   مۇشۇنداق  قىياس  قىلساق  ئەگەر بىر ئادەم  شەخسىيەتسىزلىك بىلەن ئۆز جايىدا ئۇمۇمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن مەبلەغ سالسا . بۇ جەمئىيەتنىڭ ئۆزلىكسىز  تەرەققى قىلىپ گۈللىنىشى نەتىجىسىدە ، ئۇنىڭ ئېرىشىدىغان پايدىسى ، سالغان مەبلىغىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كېتىدۇ . ھالبۇكى  شەخسىيەتچى  كىشىلەر ئۆز جايىدىكى ئۇمۇمنىڭ  مەنپەئەتى ئۈچۈن  بىر  تىيىنمۇ خەجلىمەيدۇ .  ئەكسىچە  جازانىخورلۇققا  تايىنىپ، ئۆزىنىڭ  بايلىقىنى كۆپەيتىدۇ . ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇلارنىڭ  بايلىقى . ئۇلارنىڭ  نادانلىقى  تۈپەيلىدىن بارغانسېرى كېمىيىپ  كېتىدۇ . ئۇنىڭ  ئۈستىگە بۇ ئۇلارنىڭ  ھالاكىتىنى تېزلەشتۈرىدۇ . بۇنىڭدىكى  ھېكمەتنى  جانابىي ئاللاھ بىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ .
     « ئاللاھ  جازانىنىڭ  (بەرىكىتىنى) ئۇچۇرۋېتىدۇ .  سەدىقىنىڭ (بەرىكىتىنى) زىيادە  قىلىدۇ  » (سۈرە  بەقەرە276-ئايەت)
     « سىلەر كىشىلەرنىڭ  پۇل - مېلى  ئىچىدە ئۆستۈرۈش ئۈچۈن  بىرەر پۇل – مال بەرسەڭلار ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇ ئۆسمەيدۇ .( يەنى كىشىلەر بەرگىنىمدىن جىقراق  قايتۇرسۇن دىگەن نىيەت بىلەن بېرىلگەن سوۋغىنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ساۋابى بولمايدۇ)  ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بەرگەن سەدىقەڭلار (ياكى ئېھسانىڭلار)  غا  ھەسسىلەپ  ساۋاپ بېرىلىدۇ  . »  (سۈرە  رۇم 39- ئايەت)
لېكىن ئىچى تار ، نادان ئادەملەر بۇنى  ھېس قىلالمايدۇ ، ئۇلار  ماددىۋى  مەنپائەتنىڭلا  قۇلى  بۇلۇپ . ئۇلار  پەقەت  ھەميانلىرىدىكى جىرىڭلاپ تۇرغان تەڭگىلەرگىلا  كۆڭۈل  بۆلىدۇ . بانكىدىكى ئامانەت پۇللىرىنىڭ  كۆپىيىشىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ . لېكىن  ئۇلار ئۆز پۇللىرىنىڭ  نەگە  كېتىۋاتقانلىقىنى ، قانداق  كۆپىيۋاتقانلىقىنى   ، قانچىلىك  كۆپىيۋاتقانلىقىنى ،  قانداق  چاغدا  پايدىسى بىلەن قۇشۇلۇپ ئۆز  يانچۇقىغا كىرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئۇلار  پەقەت سەرىپ  قىلغان پۇلىنىڭ  قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ . بۈگۈنكى  كۈندە  كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە تىرىشچانلىقىغا  تايىنىپ ، بۇ نادانلىقنىڭ  تۈگۈنىنى يېشەلمەيۋاتىدۇ . پۈتۈن  دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە  شۇنداق  بولىۋاتىدۇ .
   ئەقىللىق  قېرىنداشلىرىم  ئاخىرىدا  سىلەرگە تەۋسىيە  قىلىدىغىنىم شۇكى . جانابىي ئاللاھنىڭ بىز مۇسۇلمانلارغا  «سەدىقە بېرىش» نى تەۋسىيە  قىلىشنىڭ   ئىجتىمائىي جەمئيەتكە ۋە  ئۆزىمىزگە قانداق  پايدىسى  بارلىقى توغرىسىدا  ئويلىنىپ باقايلى .
         مەنبە : ئەسەرلەر  توپلىمى .
مەنبە: ئەۋلات   تورى، ئادىرسى: 
http://www.awlat.net/?p=2073
كەڭ ساي تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ
دوستلىشىش
13899196193
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10629
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 370
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە370دانە
ئۆسۈش: 1920 %
مۇنبەر پۇلى: 4273 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-02
ئاخىرقى: 2012-05-27

ئاللاھ  يولىدا كۆپرەك سەدىقە بىرەيلى ! خاپا بولماي ئوچۇق رەڭدە يوللىسىڭىز !
ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھىچكىم ئازدۇراممايدۇ،ئاللاھ ئازدۇغان كىشىنى ھىچ كىم ھىدايەت قىلاممەيدۇ.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10010
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 362
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە362دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 3670 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-11
ئاخىرقى: 2012-05-27
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن

ئەھمىيەتلىك يازمىكەن ، ئاللاھ  رەھمەت قىلسۇن !
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11389
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 15
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە15دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 185 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-04-21
ئاخىرقى: 2012-05-27
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن

ئاداش سىلى يوللىغان تېمىلار قانچىلىك قىممەتلىك بولىشىدىن قەتتى نەزەر ئوقۇغۇلى بولمايدكەن .... نىمە دىگەن كۆزنى چاقىدىغان رەڭلەرگە ئامراق سىز !