مۇسۇلمانلاردىكى شەرەپ-نۇمۇس قارىشى
ۋىجدانلىق بولۇڭ،پەس تەبىئەت بولماڭ؛ تاتلىق سۆزبولۇڭ،شۇم ئىغىزبولماڭ؛
دىن سۆيگۇچى بولۇڭ ،مۇرتەد بولماڭ؛ ئوچۇق سۆزبولۇڭ،غەيۋەتخۇر بولماڭ؛
دىيانەتلىك بولۇڭ،كەم دىيانەت بولماڭ؛ ياخشى سۆزلۇك بولۇڭ،سۇخەنچى بولماڭ؛
ئەل سۆيەربولۇڭ،مەنمەنچىلىك قىماڭ؛ سىخى بولۇڭ، پىخسىق بولماڭ؛
ئادالەتلىك بولۇڭ،زالىم بولماڭ؛ مەرد بولۇڭ، تەمەخۇر بولماڭ؛
راستچىل بولۇڭ ،يالغانچى بولماڭ؛ ۋاپاداربولۇڭ،ۋاپاسىزبولماڭ؛
ھەققانى بولۇڭ، ئالدامچى بولماڭ ؛ ھايالىق بولۇڭ ،رەسۋا بولماڭ؛
ياردەمچى بولۇڭ ،شەخسىيەتچى بولماڭ؛ بەخىت قۇرغۇچى بولۇڭ،بۇزغۇچى بولماڭ؛
غەيرەتلىك بولۇڭ، ھۇرۇن بولماڭ؛ رەھىمدىل بولۇڭ ،تاشيۇرەك بولماڭ؛
تەمكىن بولۇڭ،ئالدىراڭغۇ بولماڭ؛ ئاللاھتىن رىزىق تەلەپ قىلىڭ،بىكار تەلەپ قىلماڭ؛
سەۋىرچان بولۇڭ.چىدىماس بولماڭ؛ نېمەتكە سەۋەبكار بولۇڭ،تەييارغا ھەييار بولماڭ؛
چاققان بولۇڭ،سۆرەلمە بولماڭ؛ ئاتا-ئانىدىن دۇئا ئىلىڭ، قارغىش قىپى بولماڭ؛
ئەقىللىق بولۇڭ،ھېلىگەربولماڭ؛ ھەر ئىشتا نۇرمابولۇڭ،ئاشقۇن بولماڭ؛
پاكىزبولۇڭ،مەينەت بولماڭ؛ ئۆزھالىڭىزدا بولۇڭ،ئۆزگىنىڭ پىيدەبولماڭ؛
ئاي بولۇڭ، داپ يۇز بولماڭ.
مەنبە؛ساقلىۋالغانلىرىم