
ئىسىرائىلىيەدىن ئەخلاقسىز بىر تەكلىپ كەلدى. ئىسىرائىلىيە «ماۋى مارمارا» ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كىشىلەرگە مەخپىي ھالدا پۇل تەكلىپ قىلدى، ئائىلىلەر رەت قىلدى.
«ماۋى مارمارا» ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىلەر بىلەن ئالاقە قىلغان ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتى 6 مىليون دوللار تەكلىپ قىلدى ۋە : «كۆڭلىمىز يېرىم» دېدى.
ئىسىرائىلىيەنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىلەردىن ئەرزلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.
«خەبەر تۈرك» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئادۋوكاتى رامازان ئارىتۈرك: «بۇ ئەخلاققا ئۇيغۇن ئەمەس. تۈركىيەنى مەسىلىنىڭ سىرتىغا قويالمايمىز» دېگەن.
ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ئائىلىلىرى ۋە يارىلانغانلارغا ۋاكالەتچىلىك قىلىۋاتقان ئادۋوكات رامازان ئارىتۈركنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتى، بۇنىڭدىن تەخمىنەن بىر ئاي بۇرۇن بىر باش ئەلچى ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك تەكلىپنى سۇنغان:
«ئىستانبۇلدىكى بىر يەھۇدىي ۋەقپىگە 6 مىليون دوللار ئەۋەتەيلى، بۇ پۇللار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا تۆلەم ھېسابىدا بېرىلسۇن. ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىگە ‹كۆڭلىمىزنىڭ يېرىم› ئىكەنلىكى سىگنالىنى ئەۋەتەيلى. سىزمۇ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا سوتتىكى ئەرزلىرىڭىزنى قايتۇرۇۋېلىڭ.»
ئەمما، رامازان ئارىتۈرك: «بىز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنى ئاتلاپ ئۆتۈپ سۇنۇلغان بۇنداق تەكلىپنى قەتئىي قوبۇل قىلمايمىز، ھەمدە بۇ تەكلىپنى ئەخلاقىي نۇقتىدىن توغرا، دەپ قارىمايمىز» دېگەن.
بۇ ھەقتە توختالغان رامازان ئارىتۈرك: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە سۇنۇلغان تەكلىپلەرنى ۋە ئۆزىمىزنىڭ رەت قىلغانلىقىنى ئۇلارغا بىلدۈردۇق. ئۇلار ئۆزلىرىمۇ پوزىتسىيەمىزنىڭ ناھايىتى ئېنىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، بىزگە رەھمەت ئېيتتى» دېدى ۋە رەت قىلىش قارارىنىڭ، ئەرز ئىگىلىرىنىڭ ئورتاق قارارى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
تۇركىيە خەۋەرلىرى