باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 11683 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: كىلىشكەن يىگىتلەر چىرايلىق قىزلار--ئەۋلادىڭىزنى ئويلاپ قويۇڭ
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 198
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 353
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە353دانە
ئۆسۈش: 2544 %
مۇنبەر پۇلى: 5788 سوم
تۆھپىسى: 41 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-07
ئاخىرقى: 2012-03-29
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-17 11:25

كىلىشكەن يىگىتلەر چىرايلىق قىزلار--ئەۋلادىڭىزنى ئويلاپ قويۇڭ

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-08-17)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئاللاھ بىزگە ھەر تۈرلۈك نىئمەتلەرنى ۋە ياكى قىسمەتلەرنى  بىرىش ئارقىلىق سىنايدۇ .ئەگەر بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسىڭىز ئاللاھنىڭ ۋەدىسى بويىچە تىگىشلىك جازاغا ئۇچىرايسىز .شۇ نىئمەتلەرنىڭ قاتارىدا ئادەمنىڭ نەپسىنى سىنايدىغان ئەڭ موھىم نەرسىنىڭ بىرسى --سۆلەتتۇر .
چىرايلىق يىگىتكە ھەممە ھەۋەسلىنىپ قارايدۇ .چىرايلىق يىگىتتىن قالدۇرۇلغان ئەۋلات ھەم ئاللاھ خالىسا چىرايلىق بولىدۇ .شۇڭا كۆپىنچە قىزلار چىرايلىق يىگىتلەرنى جۆرە قىلىشقا ئامراق .بۇ ئىنساندىكى تەبىئىي تۇيغۇ .ھەم ئۆز نۆۋىتىدە چىرايلىق قىزلار تەبىئەتكە ھۆسۈن قوشقۇچى گۈل چىچەككە ئوخشاش ئەر كىشىگە ئارام بەخىش ئاتا قىلىدۇ .
ئادەتتە كۆپىنچە ۋاقىتلاردا چىرايلىق يىگىتلەر ئاق كۆڭۈل ۋە باتۇر كىلەتتى .چىرايلىق قىزلارمۇ ھەم ئەخلاقلىق ۋە يۈزى تۆۋەن كىلەتتى.
لېكىن سىز جەمىيەتتىكى مۇنداق بىر خىل ھادىسىگە دىققەت قىلدىڭىزمۇ ؟ھازىر شەھەر پۇخراسى ئىچىدىكى زور ساندىكى چىرايلىق يىگىتلەر ۋە چىرايلىق قىزلار ئۇيغۇرنىڭ پاك قېنىنى پاسىقلاشتۇرىدىغانلارنىڭ ئاۋانگارتلىرىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ .
بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپلەردە بۇ ھادىسە بەكمۇ قورقۇنۇشلۇق .چىرايلىق يىگىتلەر ئۆزىنىڭ سۆلىتىگە تايىنىپ نۇرغۇن قىزلارنىڭ ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋېلىپ ئاندىن ئۇلارنىڭ ئىززەت ئىپپىتىگە تېگىپ ئاخىرىدا خۇددى چوشقىدەك مەسئولىيەتسىزلىك قىلىدۇ -دە ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇرنىڭ قېنىنى بۇزغۇچىغا ئايلىنىپ قالغانلىغىنى ھىس قىلالمايدۇ .
زىنا قىلغان ئەركەكتىن تۇغۇلغان ئەۋلات ياكى زىنا قىلغان ئايال زاتىدىن تۇغۇلغان ئاۋلاتلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە .شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئىسلام دىسە بېشى ئاغرىيدىغان ،ئىتىقاتى ئاجىز <غىتمەك سۆلەت> ياش بىر ئەۋلاتلا يىتىشىپ چىقماقتا .بۇ ھادىسە يات مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىدىن باشقا مىللەت ئىچىدىكى  <چىرايلىق >زىناخورلارنىڭ <تۆھپىسى> دىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
چىرايلىق يىگىتلەردە ۋە چىرايلىق قىزلاردا ئۇيغۇر نىڭ ھەققى كۆپ .ئەگەر ئۇلار بۇزۇلسا مىللەتنىڭ ساپاسى نەگە بارار ؟
ئاللاھ قۇرئاندا: «زىنا قىلغۇچى ئەر پەقەت زىنا قىلغۇچى ئايالنى ياكى مۇشرىك ئايالنىلا ئالىدۇ. زىنا قىلغۇچى ئايال پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەرگە ياكى مۇشرىككىلا تىگىدۇ» دېگەن. (نۇر سۈرىسى 3 - ئايەت)
ھەي مۇسۇلمان دەپ ئاتالغان كىلىشكەن ئۇيغۇر ئەركىكى !!سىز زىنا قىلغانمۇ !!ئەگەر زىنا قىلغان ۋە چىن دىلىڭىزدىن تۆۋۋە قىلماي تۇرۇپ پاك ئۇيغۇر قىزىنى ئېلىشقا ئۇرىنىشىڭىزنىڭ بىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىز !!
بىر نۆۋەت مەن بىر ئويۇنچى <كىلىشكەن> بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم .
--سىز شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن قىزلار بىلەن بىللە بولغان دەڭ .
--شۇنداق ،توي قىلغىچە ئوينىۋالمامدۇق ۋاي ..
--دىمەك ئۆزىڭىزمۇ بۇزۇلغاندىكىن ئۆزىڭىزگە ئوخشاش بىرىنى تاپارسىز؟
--ۋاي تۆۋۋە دەڭە ،مەن چوقۇم ئىمان ئىتىقاتى بار ،يۈزى تۆۋەن پاك بىر قىزنى تاپىمەن .
--نىمىشقا ،ئۆزىڭىز بۇزۇق تۇرۇپ <نىكاھ> تېرىسىگە ئورىنىۋېلىپ يەنە بىر پاك قىزنى بۇلغامسىز؟
--ۋاي مەن نىكاھ قىلىمەن ھالال مۇنداق .
--لېكىن سىز جىنايەت ئۆتكىزىۋاتىسىز .مىللەتكە جىنايەتكار بولدىڭىز .تۆۋۋە قىلىڭ ،ھەقىقى چىن دىلىڭىزدىن تۆۋۋە قىلىڭ .ئاللاھ چىن دىلىدىن قىلىنغان تۆۋۋىلەرنى بەك قۇبۇل قىلغۇچىدور .قاچانىكى سىز ئىتىقاتلىق بىر مۇسۇلمانغا ئايلانسىڭىز ئاندىن پاك بىر قىزنى ئەمىرىڭىزگە ئېلىش سالاھىتىڭىزگە ئېرىشىسىز .ئەكسىچە بولغاندا سىز بىر بۇزغۇنچى بولىسىز .
--ۋاي نىمانداق خۇراپىي ئادەم سىز ..ئادەمنىڭ خۇشىنى كەتكۈزۈپ ..

يەنە بىر نۆۋەت تاسادىپى تونۇشۇپ قالغان  بىر سىڭلىم بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم .ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ ھازىرغىچە ئېزىقتۇرۇشلارغا بەرداشلىق بىرىپ پاكلىغىنى ساقلاپ يۈرگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى .
--دىمەك سىز پاككەنسىز سىڭلىم .ئاللاھدىن سىزگە ئامان ئىسەنلىك نىسىپ قىلسۇن .سىزدىن سورىسام .كەلگۈسىدىكى جۆرىڭىز چوقۇم سىزدەك پاك بولىشى كىراكمۇ ؟ئەگەر بىلمەي زىنا قىلغان ۋە چىن نىيىتىدىن تۆۋۋە قىلمىغان بىرسىگە تىگىپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىز ؟
ئۇنىڭ جاۋابى مېنى ھەيراندا قالدۇردى .توۋۋا!!!!!!!!!!!!
--ئاكا ،مەن جۆرە تاللاشتا قارشى تەرەپنىڭ چوقۇم پاك بولىشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالمايمەن .نەدىنمۇ تاپارمەن پاك يىگىتنى .بىز ئوقۇش جەريانىدا ھەممىنى كۆردۇق .شۇڭا يىگىتلىرىمىزدە ئىشەنىچ يوق .پەقەت قارشى تەرەپ ماڭا تويدىن كېيىن سادىق بولسىلا بولدى .
--تويدىن كېيىن سىزدىن خۇپىيانە ھالدا پاھىشە ئوينىسا قانداق قىلىسىز ؟
--ئۇنىڭغا ئامالىم يوق .ئىشقىلىپ ئاشكارە بولمىسا مېنىڭ يۈزۈمنى تۆكمىسىلا بولدى ..
ئۇنىڭ چىرايىدىن بىر خىل سۇلغۇنلۇق چىقىپ تۇراتتى .كۆزلىرى نۇرسى ھەم يىغلىۋېتىشكە ئارانلار تۇراتتى
.
دىمەك ھازىر پۈتۈن ئۇيغۇر ياشلىرى <ئىپپەت> كىرىزىسىگە پېتىپ قالغىلىۋاتىدۇ دىسەك مۇبالىغە بولماس .
مۇشۇ ئىپپەت كرىىزىسىنى پەيدا قىلغانلارنىڭ ئالدىدا يەنىلا چىرايلىق يىگىتلەر ۋە چىرايلىق قىزلار ئاۋانگارت بولماقتا .
ئىتىقات كىرىزىسى يامرىغان مۇشۇ كۈنلەردە سىز ۋە بىزنى بىئارام قىلىدىغان يېڭى يېڭى بۇزۇقچىلىقلار پەيدا بولماقتا .ئۆتكەندە مەن بىرسىنىڭ قول تېلىفۇنىدىن ئۇيغۇردىن تۆرەلگەن بىر جۈپ نا ئەھلى قىز يىگىتنىڭ بىر مېھمانخانىدا قول تېلىفۇندا  فىلىمگە  ئالغان بۇزۇقچىلىقلىرىنى كۆرۈپ قالدىم .ئاڭلىسام ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىدە  بۇنداق فىلىملەر تولىمىش .
ئىلگىرىكى داڭلىق تور بىكەتلەرنىڭ چايخانىلىرىدا ھە دىسىلە ئېنگىلىزچە Gھەرپىنى يوشۇرۇن بەلگە قىلغان ھەمجىنىسلار چايخانىنى پاراكەندە قىلدى .باشقۇرغۇچىلار چىقىرىۋەتسە يەنە باشقا ئىسىم بىلەن كىرىۋالىدۇ .
ئۇلارنىڭ سانى ھەم ئاز ئەمەس ئىدى .مەن شۇ چاغلاردا كۈن كۈنلەپ ئاشۇنداق ھەم جىنىسلارنى پاش قىلىپ باشقۇرغۇچىغا ئەۋەتىپ  تازلاپ ئۆتكەزگەن كۈنلىرىم بولغان .لېكىن مەندەك <ئىچى كۈچلۈك > ئادەملەر جىق ئەمەسمىكىن بىلمىدىم .كېيىن ئۇلار بىلەن كارى بولماس بوپتۇ .زەيپانىلەر خالىغانچە قۇتراپ يۈرۈپتۇ .
دىمەك زەيپانىكەشلىك ئۇيغۇر ئىچىدە كۆپەيگىلى باشلىدى .دىمەك ئۇيغۇرنىڭ قېنى بۇزۇلۇشقا ئەگىشىپ ئاشۇنداق پاسىقلار كۆپىيىشكە باشلىدى .جىنايەتكار بولىۋاتقانلار زادى كىملەر ؟
بۇ سۇئالنى ئەڭ ئالدى بىلەن ئويلىنىدىغانلار دەل چىرايلىق يىگىتلەر ۋە چىرايلىق قىزلار .
ئۇيغۇر ئىتىقات كىرىزىسىگە پاتتى  ---زىناخورلار كۆپەيدى --زىناخورلاردىن تېخىمۇ زىناخور ئەۋلاتلار يىتىشىشپ چىقىۋاتىدۇ ...

 
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+5(kangsay) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • ئۆلۈم،ئۇ ئىشنىڭ باشلىنىشى!
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 909
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 1
    ئومۇمىي يازما: 327
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە327دانە
    ئۆسۈش: 590 %
    مۇنبەر پۇلى: 3935 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-08-09
    ئاخىرقى: 2011-02-18
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-08-20 13:11

      ئۇيغۇرۇم دۇچ كىلىۋاتقان كىرزىس يالغۇ ئۇلا ئەمەس،. ئىتقاد كىرزىسى، ئىپپەت كىرزىسى ، ئەخلاق كىرزىسى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ كەلسەك مىللەت كىررزىسى.. بۇنداق دىگىنىم ، ھازىر پۈتۈن يەرشارى مىقياسىدا ئۇيغۇرنى باشقىلاردىن ئايرىپ تۇردىغىنى مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ_ئادەت ئىدى. مەدىنىيتىمىزدىن كىيىم كىچەككە قاراپ بىقىڭلار....؟  ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز بولسا تەشۋىقات ماترىياللىرىمىزدا ۋە  يىراق سەھرالىرىمىزدىلا قالدى..
          بىزنىڭ ئۈمىدىمىز پەقەت بىردىنبىر يورۇقلۇق- ئىسلام دىنىدا ئېدى، لىكىن ... ھەقىقى ئۇيغۇر بولسىڭىز كۆزلىرىڭىزگە ياش ئالغان ھالدا ئىتراپ قىلماي تۇرالمايسىز قىرىندىشىم،  ھازىر بىز ياراتقۇچىمىزغا بەرگەن لەۋزىمىزدىن يىنىۋىلىۋاتىمىز،. بىردىن بىر نۇر ئىسلام  بەزى بىر قىسىملىرىمىزنىڭ نەزىرىدە نىمىگە ئايلىنىپ قالدى؟؟؟  بىز ھەقىقەتەن ئۆز-ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلغۇچىلارمىز.... ....  
    ئىيتىڭلارچۇ، بىزنىڭ يەنە نىمىمىز قالدى؟؟؟    پۇرسىتىمىز!!! پەقەت ئۆلۈم قۇچاق ئاچقىچە تۆۋبە قىلىش پۇرسىتىمىزلا قالدى....


            قالدى ئىشلار ئللاھنىڭ ئۆزىگە ئامانەت!!!
    كۆزلىرىمدە تىترەپ تۇرار بىر لەھزە ياش
    ئول سەۋەبكى بەكمۇ خۇنۈك ئاجىز قۇياش