查看完整版本: [-- كىلىشكەن يىگىتلەر چىرايلىق قىزلار--ئەۋلادىڭىزنى ئويلاپ قويۇڭ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كۆڭۈلدىكى سۆز -> كىلىشكەن يىگىتلەر چىرايلىق قىزلار--ئەۋلادىڭىزنى ئويلاپ قويۇڭ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

<<   1   2  >>  Pages: ( 2 total )

agah 2010-08-17 11:25
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئاللاھ بىزگە ھەر تۈرلۈك نىئمەتلەرنى ۋە ياكى قىسمەتلەرنى  بىرىش ئارقىلىق سىنايدۇ .ئەگەر بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسىڭىز ئاللاھنىڭ ۋەدىسى بويىچە تىگىشلىك جازاغا ئۇچىرايسىز .شۇ نىئمەتلەرنىڭ قاتارىدا ئادەمنىڭ نەپسىنى سىنايدىغان ئەڭ موھىم نەرسىنىڭ بىرسى --سۆلەتتۇر .
چىرايلىق يىگىتكە ھەممە ھەۋەسلىنىپ قارايدۇ .چىرايلىق يىگىتتىن قالدۇرۇلغان ئەۋلات ھەم ئاللاھ خالىسا چىرايلىق بولىدۇ .شۇڭا كۆپىنچە قىزلار چىرايلىق يىگىتلەرنى جۆرە قىلىشقا ئامراق .بۇ ئىنساندىكى تەبىئىي تۇيغۇ .ھەم ئۆز نۆۋىتىدە چىرايلىق قىزلار تەبىئەتكە ھۆسۈن قوشقۇچى گۈل چىچەككە ئوخشاش ئەر كىشىگە ئارام بەخىش ئاتا قىلىدۇ .
ئادەتتە كۆپىنچە ۋاقىتلاردا چىرايلىق يىگىتلەر ئاق كۆڭۈل ۋە باتۇر كىلەتتى .چىرايلىق قىزلارمۇ ھەم ئەخلاقلىق ۋە يۈزى تۆۋەن كىلەتتى.
لېكىن سىز جەمىيەتتىكى مۇنداق بىر خىل ھادىسىگە دىققەت قىلدىڭىزمۇ ؟ھازىر شەھەر پۇخراسى ئىچىدىكى زور ساندىكى چىرايلىق يىگىتلەر ۋە چىرايلىق قىزلار ئۇيغۇرنىڭ پاك قېنىنى پاسىقلاشتۇرىدىغانلارنىڭ ئاۋانگارتلىرىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ .
بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپلەردە بۇ ھادىسە بەكمۇ قورقۇنۇشلۇق .چىرايلىق يىگىتلەر ئۆزىنىڭ سۆلىتىگە تايىنىپ نۇرغۇن قىزلارنىڭ ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋېلىپ ئاندىن ئۇلارنىڭ ئىززەت ئىپپىتىگە تېگىپ ئاخىرىدا خۇددى چوشقىدەك مەسئولىيەتسىزلىك قىلىدۇ -دە ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇرنىڭ قېنىنى بۇزغۇچىغا ئايلىنىپ قالغانلىغىنى ھىس قىلالمايدۇ .
زىنا قىلغان ئەركەكتىن تۇغۇلغان ئەۋلات ياكى زىنا قىلغان ئايال زاتىدىن تۇغۇلغان ئاۋلاتلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە .شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئىسلام دىسە بېشى ئاغرىيدىغان ،ئىتىقاتى ئاجىز <غىتمەك سۆلەت> ياش بىر ئەۋلاتلا يىتىشىپ چىقماقتا .بۇ ھادىسە يات مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىدىن باشقا مىللەت ئىچىدىكى  <چىرايلىق >زىناخورلارنىڭ <تۆھپىسى> دىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
چىرايلىق يىگىتلەردە ۋە چىرايلىق قىزلاردا ئۇيغۇر نىڭ ھەققى كۆپ .ئەگەر ئۇلار بۇزۇلسا مىللەتنىڭ ساپاسى نەگە بارار ؟
ئاللاھ قۇرئاندا: «زىنا قىلغۇچى ئەر پەقەت زىنا قىلغۇچى ئايالنى ياكى مۇشرىك ئايالنىلا ئالىدۇ. زىنا قىلغۇچى ئايال پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەرگە ياكى مۇشرىككىلا تىگىدۇ» دېگەن. (نۇر سۈرىسى 3 - ئايەت)
ھەي مۇسۇلمان دەپ ئاتالغان كىلىشكەن ئۇيغۇر ئەركىكى !!سىز زىنا قىلغانمۇ !!ئەگەر زىنا قىلغان ۋە چىن دىلىڭىزدىن تۆۋۋە قىلماي تۇرۇپ پاك ئۇيغۇر قىزىنى ئېلىشقا ئۇرىنىشىڭىزنىڭ بىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىز !!
بىر نۆۋەت مەن بىر ئويۇنچى <كىلىشكەن> بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم .
--سىز شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن قىزلار بىلەن بىللە بولغان دەڭ .
--شۇنداق ،توي قىلغىچە ئوينىۋالمامدۇق ۋاي ..
--دىمەك ئۆزىڭىزمۇ بۇزۇلغاندىكىن ئۆزىڭىزگە ئوخشاش بىرىنى تاپارسىز؟
--ۋاي تۆۋۋە دەڭە ،مەن چوقۇم ئىمان ئىتىقاتى بار ،يۈزى تۆۋەن پاك بىر قىزنى تاپىمەن .
--نىمىشقا ،ئۆزىڭىز بۇزۇق تۇرۇپ <نىكاھ> تېرىسىگە ئورىنىۋېلىپ يەنە بىر پاك قىزنى بۇلغامسىز؟
--ۋاي مەن نىكاھ قىلىمەن ھالال مۇنداق .
--لېكىن سىز جىنايەت ئۆتكىزىۋاتىسىز .مىللەتكە جىنايەتكار بولدىڭىز .تۆۋۋە قىلىڭ ،ھەقىقى چىن دىلىڭىزدىن تۆۋۋە قىلىڭ .ئاللاھ چىن دىلىدىن قىلىنغان تۆۋۋىلەرنى بەك قۇبۇل قىلغۇچىدور .قاچانىكى سىز ئىتىقاتلىق بىر مۇسۇلمانغا ئايلانسىڭىز ئاندىن پاك بىر قىزنى ئەمىرىڭىزگە ئېلىش سالاھىتىڭىزگە ئېرىشىسىز .ئەكسىچە بولغاندا سىز بىر بۇزغۇنچى بولىسىز .
--ۋاي نىمانداق خۇراپىي ئادەم سىز ..ئادەمنىڭ خۇشىنى كەتكۈزۈپ ..

يەنە بىر نۆۋەت تاسادىپى تونۇشۇپ قالغان  بىر سىڭلىم بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم .ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ ھازىرغىچە ئېزىقتۇرۇشلارغا بەرداشلىق بىرىپ پاكلىغىنى ساقلاپ يۈرگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى .
--دىمەك سىز پاككەنسىز سىڭلىم .ئاللاھدىن سىزگە ئامان ئىسەنلىك نىسىپ قىلسۇن .سىزدىن سورىسام .كەلگۈسىدىكى جۆرىڭىز چوقۇم سىزدەك پاك بولىشى كىراكمۇ ؟ئەگەر بىلمەي زىنا قىلغان ۋە چىن نىيىتىدىن تۆۋۋە قىلمىغان بىرسىگە تىگىپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىز ؟
ئۇنىڭ جاۋابى مېنى ھەيراندا قالدۇردى .توۋۋا!!!!!!!!!!!!
--ئاكا ،مەن جۆرە تاللاشتا قارشى تەرەپنىڭ چوقۇم پاك بولىشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالمايمەن .نەدىنمۇ تاپارمەن پاك يىگىتنى .بىز ئوقۇش جەريانىدا ھەممىنى كۆردۇق .شۇڭا يىگىتلىرىمىزدە ئىشەنىچ يوق .پەقەت قارشى تەرەپ ماڭا تويدىن كېيىن سادىق بولسىلا بولدى .
--تويدىن كېيىن سىزدىن خۇپىيانە ھالدا پاھىشە ئوينىسا قانداق قىلىسىز ؟
--ئۇنىڭغا ئامالىم يوق .ئىشقىلىپ ئاشكارە بولمىسا مېنىڭ يۈزۈمنى تۆكمىسىلا بولدى ..
ئۇنىڭ چىرايىدىن بىر خىل سۇلغۇنلۇق چىقىپ تۇراتتى .كۆزلىرى نۇرسى ھەم يىغلىۋېتىشكە ئارانلار تۇراتتى
.
دىمەك ھازىر پۈتۈن ئۇيغۇر ياشلىرى <ئىپپەت> كىرىزىسىگە پېتىپ قالغىلىۋاتىدۇ دىسەك مۇبالىغە بولماس .
مۇشۇ ئىپپەت كرىىزىسىنى پەيدا قىلغانلارنىڭ ئالدىدا يەنىلا چىرايلىق يىگىتلەر ۋە چىرايلىق قىزلار ئاۋانگارت بولماقتا .
ئىتىقات كىرىزىسى يامرىغان مۇشۇ كۈنلەردە سىز ۋە بىزنى بىئارام قىلىدىغان يېڭى يېڭى بۇزۇقچىلىقلار پەيدا بولماقتا .ئۆتكەندە مەن بىرسىنىڭ قول تېلىفۇنىدىن ئۇيغۇردىن تۆرەلگەن بىر جۈپ نا ئەھلى قىز يىگىتنىڭ بىر مېھمانخانىدا قول تېلىفۇندا  فىلىمگە  ئالغان بۇزۇقچىلىقلىرىنى كۆرۈپ قالدىم .ئاڭلىسام ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىدە  بۇنداق فىلىملەر تولىمىش .
ئىلگىرىكى داڭلىق تور بىكەتلەرنىڭ چايخانىلىرىدا ھە دىسىلە ئېنگىلىزچە Gھەرپىنى يوشۇرۇن بەلگە قىلغان ھەمجىنىسلار چايخانىنى پاراكەندە قىلدى .باشقۇرغۇچىلار چىقىرىۋەتسە يەنە باشقا ئىسىم بىلەن كىرىۋالىدۇ .
ئۇلارنىڭ سانى ھەم ئاز ئەمەس ئىدى .مەن شۇ چاغلاردا كۈن كۈنلەپ ئاشۇنداق ھەم جىنىسلارنى پاش قىلىپ باشقۇرغۇچىغا ئەۋەتىپ  تازلاپ ئۆتكەزگەن كۈنلىرىم بولغان .لېكىن مەندەك <ئىچى كۈچلۈك > ئادەملەر جىق ئەمەسمىكىن بىلمىدىم .كېيىن ئۇلار بىلەن كارى بولماس بوپتۇ .زەيپانىلەر خالىغانچە قۇتراپ يۈرۈپتۇ .
دىمەك زەيپانىكەشلىك ئۇيغۇر ئىچىدە كۆپەيگىلى باشلىدى .دىمەك ئۇيغۇرنىڭ قېنى بۇزۇلۇشقا ئەگىشىپ ئاشۇنداق پاسىقلار كۆپىيىشكە باشلىدى .جىنايەتكار بولىۋاتقانلار زادى كىملەر ؟
بۇ سۇئالنى ئەڭ ئالدى بىلەن ئويلىنىدىغانلار دەل چىرايلىق يىگىتلەر ۋە چىرايلىق قىزلار .
ئۇيغۇر ئىتىقات كىرىزىسىگە پاتتى  ---زىناخورلار كۆپەيدى --زىناخورلاردىن تېخىمۇ زىناخور ئەۋلاتلار يىتىشىشپ چىقىۋاتىدۇ ...

 

banda 2010-08-17 13:35
ھەق گەپ قىپسىز ! تېمىڭىزغا رەھمەت قىرىندشىم..

تاھىربەگ 2010-08-17 14:13
دىمەك ھازىر پۈتۈن ئۇيغۇر ياشلىرى <ئىپپەت> كىرىزىسىگە پېتىپ قالغىلىۋاتىدۇ دىسەك مۇبالىغە بولماس     بۇ راسىت ئىيتىلغان گەپ  . ...      
  ھەممىسى ئىمان ئىتىقادنىڭ سۇسلىقىدىن كىلىپ چىقىۋاتىدۇ  !!  ئائىلە تەربىيەسىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى ئىمان ئىتىقاد سۇس بولۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا كىرەك  !!
  

arkan1221 2010-08-17 14:19
جادۇغا بېسىپ كىچىك كىچىك قىلىپ  توغراپ ئاندىن.................

salam 2010-08-17 14:30
باشقۇرغۇچىلاردىن بۇ تىمىنى نادىرلاپ قويىشىنى سورايمەن....رەھمەت  سىلەرگە...

ilim-izdap 2010-08-17 15:19
ھەق گەپ قىپسىز  بۇنى مائارىپىمىزنىڭ چىكىنگەنلىكىدىن  ئايرىپ قارغىلى بۇلمايدۇ    
ھەي ئىتقادسىزلىق ئاخىر بىزنى تۇگەشتۇردۇ   مەن خىزمەتتىكى چاغدا بىر خەنزۇ خىزمەتدىشىمنىڭ دىگەن سۇزى يادىمغا كەپ قالدى
ئۇبىز خەنزۇلاردىن قىزچىقمايدۇ دىگەن بىزئىنتىلىۋاتقان خەن لىشىش بىزنىمۇ شۇكۇنگە قۇيىدۇ

qihlik 2010-08-18 20:13
مۇشۇنداق نادىر تىمىلارنى يوللاپ تۇ رۇڭلار   بىزمۇ ئىبرەت ئالايلى ئىپپەت پاتقىقىغا پىتىۋاتقانلار  ھەم پىتىپ بولغانلار

dihan998 2010-08-18 20:24

تىلۋىزىيە ئەركىن چامباشچىلىق مۇسابىقىسىدە نەتىجىگە ئىرىشكەن ئۇيغۇر ئوغلانىمىزغا ئالقىش كۇرۈشكە ئەرزىيدۇ

yalhuz 2010-08-18 21:47
ياخشى تېما

umid 2010-08-18 22:13
7- قەۋەتتىكى  بۇ جامبازچى ئەرتىسمۇ قانداق؟

kukbura 2010-08-20 13:11
  ئۇيغۇرۇم دۇچ كىلىۋاتقان كىرزىس يالغۇ ئۇلا ئەمەس،. ئىتقاد كىرزىسى، ئىپپەت كىرزىسى ، ئەخلاق كىرزىسى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ كەلسەك مىللەت كىررزىسى.. بۇنداق دىگىنىم ، ھازىر پۈتۈن يەرشارى مىقياسىدا ئۇيغۇرنى باشقىلاردىن ئايرىپ تۇردىغىنى مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ_ئادەت ئىدى. مەدىنىيتىمىزدىن كىيىم كىچەككە قاراپ بىقىڭلار....؟  ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز بولسا تەشۋىقات ماترىياللىرىمىزدا ۋە  يىراق سەھرالىرىمىزدىلا قالدى..
      بىزنىڭ ئۈمىدىمىز پەقەت بىردىنبىر يورۇقلۇق- ئىسلام دىنىدا ئېدى، لىكىن ... ھەقىقى ئۇيغۇر بولسىڭىز كۆزلىرىڭىزگە ياش ئالغان ھالدا ئىتراپ قىلماي تۇرالمايسىز قىرىندىشىم،  ھازىر بىز ياراتقۇچىمىزغا بەرگەن لەۋزىمىزدىن يىنىۋىلىۋاتىمىز،. بىردىن بىر نۇر ئىسلام  بەزى بىر قىسىملىرىمىزنىڭ نەزىرىدە نىمىگە ئايلىنىپ قالدى؟؟؟  بىز ھەقىقەتەن ئۆز-ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلغۇچىلارمىز.... ....  
ئىيتىڭلارچۇ، بىزنىڭ يەنە نىمىمىز قالدى؟؟؟    پۇرسىتىمىز!!! پەقەت ئۆلۈم قۇچاق ئاچقىچە تۆۋبە قىلىش پۇرسىتىمىزلا قالدى....


        قالدى ئىشلار ئللاھنىڭ ئۆزىگە ئامانەت!!!

nalan 2010-08-21 11:19
ناھايتى ياخشى تېما يوللاپسىز ،  ئاللا رەھمەت  قىلسۇن

pakliq 2010-08-24 02:19
قىرنداشلار  بۇ ئادەم كىم بولدى ئەمدې

gardan 2010-08-26 17:24
ياخشى تىما يوللاپسىز،ھازىر ھەقىقەتەن  بىز ياشلاردا ئەدەپ_ئەخلاقتىن سۆز ئىچىش تەس بوپ قالدى.ئاددىيسى بىر توي بولغان قىزمۇ غەرىپچە كىيىم بىلەن ياسانمىسا تويى توي بولماي قالىدۇ،ئەلۋەتتە بىز يىگىتلەر كوزىمىزنى پارقىرىتىپ قاراپ تۇرىمىز  خۇددى باشقىلارغا كەلگۈسى رەپىقىمىنىڭ گۈزەللىكىنى باشقىلارمۇ كۆرىۋالسۇن دىگەندەك.ئاڭلىسام ئۇنداق كىيىمنى ئىجارىگە ئىلىپ كىيىدىكەن،ئۇ كىيمىنى سىزنىڭچە قانداق قىزلار قانچە قىتىم كىيگەندىن كىيىن ئاشۇ كەلگۈسى رەپىقىڭىزنىڭ ئۈستىگە چىققاندۇ؟بۇنداق گەپلەرنى قىلىساققۇ جەمئىيىتىمىزدە بەك كۆپ.بەزىدە< قىز بالا دىگەننىڭ چىچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا > دەپ قويىمىز ،بۇ بىز ئوغۇللارنىڭ ئەقلىمىزنىڭ بەك كۆپلىكىنڭ نەتىجىسىمۇ ؟ قاچانغىچە خەقتىن ئاشقانغا بىز قالىمىز؟ قاچانغىچە ئىزانى غىزا دەپ يۇرىمىز؟قاچانغىچە......؟

xahida 2010-08-26 18:38
ياخشى تىما ئىكەن راستىنلا بىز بۇنى ئوبدان ئويلىشىمىز كىرەك .ھازىر ئەرلەر تالادا ئاشنا ئوينايدىفان ئاياللارمۇ بوش كە لمەيدىفان بولۇپ كەتتى  .ئاللا  ھەممىمىزگە ئېنساپ بەرسۇن !!!!!!!! ئامىن !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!              .

yixilqirak 2010-08-27 00:14
ئەجەپ ياخشى ئىش بوپتۇ،بەك پەخىرلىنىپ كەتتىم ،بارلىق مۇسۇلمان ئوغلانلىرىمىزنىڭ  مۇشۇنداق جاسارەتلىك بولشىنى ئۈمۇت قىلىمەن.ياشاڭ قىرىندىشىم، ئۇلۇغ ئاللا  تىنىڭىزگە كۈچ قۇۋەت ئاتا قىلسۇن.

yixilqirak 2010-08-27 00:17
ياخشى تىمىكەن،ئۇلۇغ ئاللا ھەممىمىزنىڭ كۇڭلىگە .ئىنساپ ئىمان ئاتا قىلغاي.

sayram0998 2010-08-27 21:12
يارايسەن ئۇيغۇرۇم

dawan 2010-08-28 12:45
ئەخلاق ۋەئتقات ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا ،بۇ ئىككى نەرسىنى يۇقاتقان ياكى كاللىسىدا بۇئىككى ئۇقۇم بولمىغان ئنسان چاھارپايلاردىنمۇ تۇۋەن تۇردىغان تۇركۇمگەتەۋە!     بىز ھەربىرىمىزنىڭ قەلبىمىزدىكنى ۋەقىلۋاتقان ئشىمىزنى يااراتقان ئىگىمىزئاللاھ نىڭ  ھەرزامان ھەرۋاقىت كۇرۇپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ھەرداىم ئسىمىزدىن چىقىرىپ قويمايلى!!  ئاللاھ ھەمىمىزگە سەگەك مىڭە گۇزەل ئەخلاق ئاتا قىلغاي!ئامىن! [attachment=1973]

merwa 2010-09-09 03:37
ظاللا رازي بولسون ... ظىسل تىمىللىرڭىز ظوزولمىسون ...

ئەلى 2010-09-15 15:54
ۋەئەلەيكۇم  ئەسسالام~~~~
بارلىق  ئۇيغۇر  قىزلىرىغا  دەيدىغىنىم،ھەرقانداق  بىر  يىگىت ئەخلاقسىز  قىزنى،ھاياسىز  قىزنى  ئەمرىگە  ئالمايدۇ،
ئۇنداق  قىزلار  پەقەت باشقىلارنىڭ  بىر  مەزگىللىك ئىش-پۇشىقىنى  چىقىرىدىغان ئويۇنچىقى  بولىدۇ  خالاس.
ئەگەر  ئېلىشنى  خالىسا،ئىمانىدا مەسىلە  بار

allaguwa 2010-10-01 17:51
قىز  لانىڭ يۇرەك لىك ھالدا   بەزەن بىر ئۇغۇل لانىڭ ۋىج دان سىز لىقىدىن  ئاي رىپ قارىغىلى بۇلمايدۇ چۇن كى چىراي لىق قىز لا بىر مەزگىل پاىشە قىلغان دىن كىيىن چىرايىغا تايىنىپ كىلىش كەن يىگىت لەرگە تىگى ۋېرىدۇ يىگىت لەمۇ ۇنىڭ چىرايىغا لال بۇلۇپ قىز لىقىنى بەك سۇرۇش تۇرۇپ كەت مەي دۇ ئان چە مۇن چە سۇرۇش تۇرۇپ كۇيىدۇ لىكىن لىكىن قىز لا بۇلسا مەن جۇمە كۇنى تۇغۇلۇپ تىكەن مەن ئۇ كۇنى تۇغۇل غان لاردا قىز لىق بۇلماي دىكەن دىسە ئىشىنىپ كېتىدۇ ئاساسىجەھەت تىن ئىشەن مىسىمۇ   جامالىغا قاراپ ئېلىۋېرىدۇ تېخى كوچىدا پەخىر لىنىپ مېڭىپ كېتىش لىرىچۇ تېخى لىكىن  ئەر ئال مىغان لىرى بۇلسا ياغ لىق چىگى ۋالىدۇ  ئاقىۋەت تە داپەن جىگە دوڭ گى ۋالىدۇ داپەن جىدە ھۇر مۇن باكەن ھىس سىيات تى قۇز غايدىغان بىكا يەپ تىمەن دەپ بۇ راس بۇلغان ئىش  ئىس لام دا مۇھابەت دەي دىغان گەپ يۇخ بۇل سىمۇ    ئاتا ئانىغا ۋەتەن گە بىلىپ گە يۇرت قا مۇھابەت بۇلىدۇ  قىز ئۇغۇل مۇھابەت يۇخ  بۇنى خېلى قىز ئۇغۇللا  بىلىدۇ  بىلىپ تۇرۇپ مۇھابەت لىشىدۇ  ھەتتا بىر بىرى بىلەن مەك تەپ پۇت تە گەن دىن كىيىن تۇي قىلاماي دىغىنىنى مۇ بىلىدۇ  ئۇلا پاقەت مۇھابەت نىڭ تېرىسىغا ئۇرىنىۋېلىپ ھېلىقى داپەن جىدىكى ھۇر مۇن نىڭ  خۇلاسىسىنى چىقىرىدۇ     بىر كۇنى بىر ئۇقۇغۇچى ماڭا تېلىفۇن قىپ تۇ  مەن قىز دۇس تۇم بىلەن مۇشۇن داخ ئىش قىلدىم دەپ ئەم دى قان داق قىلسام بۇلا دەپ سەن جىنايەت يەنى گۇنا  وت كۇزۇپ سەن قات تىق تۇۋە قىل  لىكىن كىيىن شۇ قىز نى ئەم رىڭ گە ئال دىسەم  ئاللا سىنىڭ تۇۋەڭ نى قۇبۇل قىپ قالسا ئجەپ ئەمەس دىسەم  ماڭا ئۇقىز نىڭ تېلىفۇن نۇمۇرىنى دەپ بەدى  سىز ئۇنىڭ غا گەپ قىپ قۇي سىڭىز  مەن ئۇنى ئالىتىم لىكىن ئۇ  ئۇنىماي ۋاتىدۇ دەپ   مەن ئۇقىز غا تېلىفۇن قىل دىم  شۇنىڭ بىلەن ئۇ ىش لانى سۇرىسام ئۇ قىز دىمۇ تەييار لىەق بار كەن خىجىل بۇل ماي لا جاۋاپ بەدى مەن ئۇنىڭ غا تەگ مەي مەن ئۇ مىنى بۇزەك قىلىداۇ ئاپام مۇ مىنىڭ بال دۇر تۇي قىلىشىم غا قۇشۇل مايدىكەن  دەپ شۇن داخ دەي دۇ    مەن دىدىم سىز ئۇنىڭ غا بار لىقىڭىز نى ئاتىۋېتىپ سىز غۇ ئۇن داخ تا دىسەم  تۇغرا ئۇ بىر قۇشۇق قېنىڭ نى مەن دىن  ئايام سەن دەپ يال ۋۇرۇپ كەتتى شۇڭا بېرىۋەتتىم دەي دۇ   ۋاي خۇدايىم نىمە دىيىشىم نى بىلمەي قال دىم     ئاخىرى سىز ھازىرىن دىننى بۇيىچە يىساپ لىساق ھارام زىنا قىلغان بۇلىسىز   ھازىر سىز نى پائىشە  دىسە بۇلىدۇ مۇھابەت دىگەن دىن دا يۇخ قۇرۇق گەپ ئۇنىڭ ئۇس تىگە ئۇمۇھابەت نى ئۇزىڭىز مۇ ئېتراپ قىلماي دىكەن سىز دىسەم يەنى لا ئۇزىنىڭ گېپىنى قىلىۋېرىدۇ شۇنىڭ بىلەن تېلىفۇن دىمۇ بۇلسا بىر نى تۇكۇرۇپ تېلىفۇن نى قۇيىۋەت تىم بۇنىڭ غا نىمە دەي مىز  بۇ تېمىنى بەك ياخ شى يۇللاپ سىز   ئاللا ئەق لىڭىز نى زىيادە قىلسۇن قەلىمىڭىز تۇخ تاپ قالمىسۇن  ئەس كەر تىش مەن يېڭى كىر گەن خېتىم ناچار يېزىلىپ قالدى مىنى تىللاپ كەت مەڭ لار مەن سىلەر نىڭ قۇللىشىڭ لاغا مۇھ تاج رەخ مەت

deleting 2010-10-11 08:34
نىمانداق ئېسىل ئىنكاس ماۋۇ ...ئۇيغۇرچە بىلەمسىز قېرىندىشىم؟

badar 2010-10-11 13:51

alfa 2010-10-15 15:05
ئاشۇنداق يالغان ئۇيغۇر قىزلىرى يالىڭاچ سەھنىلەرگە چىقىپ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ يۇزنى چۈشۈرىۋاتىدۇ ، مۇنداق قىلمىشلارغا قارشى تۇردىغان ، مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار ئارقىلىق ، مىللەتنىڭ ئىززەت ئابۇرۇيىنى قوغدايدىغانلار يوقمىدۇ ؟؟؟؟؟

tanha520 2010-10-16 00:22
ياخشى رەخمەت

爱bulamdu 2010-10-23 02:26
رەخمەت سىلەرگە

kerime 2010-12-08 20:01
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!بۇ ئەسىرىڭىزنى كۇرۈپ،<ئازغۇن ھىىسلار> دا نەقىل كەلتۈرۈلگەن بۇ شېىئىر يادىمغا كەپ قالدى:
  ئۈچ قەۋەتلىك ئويىمىزنىڭ ئەڭ ئۈستىدە،
  قولىدا تەسبىھ سىيرىپ يىغلار مومام.
ئورتا قەۋەتتە ئوينار ئاپام ۋە ئاشنىلىرى،
ئەڭ ئاستىدىن ئاڭلىنار سىىڭلىمنىڭ ناۋالىرى.
قۇرتلاپ كەتكەن .ئېرىمچىكتۇر توغرىغىنىم،
كىلىڭ دوستلار،بۇ ئوچۇق تىياتىرنى كۇرۇڭلار!
بىر تۇپ دەرەخ گويا تاقاشقان ئۇپۇققىچە،
كۇكى ئىپپەت،شاخلىرى تەقلىد،مېۋىسى بولسا پاھىشە
ئىنسان ھەق يول بويىچە ياشىمىسا،نەپسى خاھىشىغا ئەگەشسە،مانا بۇ خىل ئاقىۋەت كەپ چىقىدۇ،ھازىرقى ياشلار ھەق يولنى تەقلىد قىپ مىڭىۋاتىمىز،ماھىيىتىنى بىلىشكە ئەسلا قىزىقمايۋاتىمىز،ئەمدى كەلگۇسى ئەۋلاتلار نىمە بولار؟

xarifa 2010-12-13 22:44
بۇ ھەقىقەتەن جەمىيتىمىز دۇچ  كېلۋاتقان ئېغىر بىر  مەسىلە.كىرزىس.
ئەدەپ -ئەخلاق.ھايادىن يىراقلاشقان مىللەت ئاخىر زاۋاللىقققا يۇزلەنمەي قالمايدۇ

                                                                      
پەيغەمبىرمىز <ھايا ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر>دىگەن.
ئۈزىمىزنى مۇسۇلمان دەيدىكەنمىز ئىمان ،ھايا،ئەدەپ-ئەخلاقنى ئۈزىمىزدىن يىراقلاشتۇرمايلى!
ئاللاھ ھەممىمىزگە كۇچلۇك ئىمان .ھايا ئاتا قىلسۇن!

narmiay 2011-01-02 12:48
ياخشى تېمىكەن ھەمىمىز ئىبرەت ئالايىلى قېرىنداشلىرىم!

dulbarqin310 2011-01-05 17:19
بەك ياخشى تېمىكەن ، ئادەمنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇرىدۇ. مىنىڭ شەخسىي پىكرىم : بۇ تېمىنى راستىنلا نادىرلاپ قۇيۇشقا ئەرزىگۈدەك  . ئاللا قەلىمىڭىزگە دەرت كەلمىسۇن ، يەنىمۇ ياخشى تېمىلارنى ئەۋەتكەيسىز .

nuruzkara... 2011-01-11 18:57
ياخشى تىمىكەن

paris 2011-01-11 21:39
تىمىڭىزغا رەھمەت،بۇ ئىش ھەقىقەتەن ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ،چىن ئېتىقادىمىزنى تىكلەپ بۇنداق ناچار قىلمىشلارغا قاتتىق قارىشى تۇرايلى ،ئللاھ قۇرئاندا؛[زىناغا يىقىنلاشماڭلار ،ئۇ ھەقىقەتەن قەبىھ چوڭ گۇناھتۇر]دىگەن،شۇڭا ئۇ ھارامدۇر،شەرىئەت توي قىلمىغان قىز-ئوغۇللار زىنا قىلسا يۈز دەررۇ ئۇرۇشقا،توي قىلغانلار زىنا قىلسا چالما كېسەك قىلىپ ئۈلتۇرىشكەبۇيرىغان،بۇنداق قانۇن-نىزاملار ئىجرا قىلىنمىغاندىن كىيىن،ناچار قىلمىشلار ئەۋج ئلىۋاتىدۇ،قىرىنداشلار ئەيدىس كىسىلى ئاساسەن مۇشۇنداق قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەتتىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ،ئللاھ تائالا زىناخور ئەرگە پاك قىزلارنى ئېلىپ بېرىشنى ،پاك ئەرلەرگە پاھىشە ئايالنى ئېلىپ بىرىشنى چەكلىدى،دىنىمىزنىڭ پاك، ھەق دىن ئىكەنلىگىنى مۇشۇ يەردىن كورىۋىلىشقا بولىدۇ،چۇنكى جىنسى يول ئارقىلىق ئەر ،ئياللاردىكى ئېللەتلەر بىر بىرىگە يۇقاتى،شۇڭا ئللاھ ھىكمىتى بىلەن زىناخور زىناخورنى ئالسۇن دەپ ئورۇنلاشتۇر دى[زەھەر بىلەن زەھەرنى قايتۇرغانغا ئوخشاش ئۇلار بىر بىرىدىكى ئىللەتنى تازلايدۇ].ۋاللاھۇ ئەئلەم.

paris 2011-01-11 23:24

nawkran 2011-02-18 12:49
ھە ي  ھازرقې جاھانغا  بر نمە  دمەك  تەس  پاكلق  غۇرۇر   ۋجدان  دگەنلەر   شۇ   كشنڭ   ئەقلگە   باقدۇ  .
ئنساندا  ئەقل ئدراك  بولمسا  ھايۋاندن  نمە پەرق  قلسۇن .  
بز يەنلا  شۇ  ئازغۇنلۇقتا  كتپ   بارغان  قرنداشلانڭ  ئنسا بې  ئۈچۈن  دۇئا  قلايلې
شۇلارنڭمۇ  بر كۈنسې  ھدايەت تپپ  قلشنمۇ  يوق  دگلمۇ  بولمايدۇ  .
ئنسان  قەلبدن  ئسلام  ھدايەت  كۈترلدكەن  . ئۇ كشدن  ئەدەپ - ئەخلاقتن  سۈز  ئاچقلې   بولماس .
ھەممزنې  ياراتقۇچې  ئاللا  ئۈز  پاناھدا  ساقلغاي .

polatalandar 2011-02-18 14:31
بۇ تىما ھەققەتتەن نادىر تىما بۇپتۇ .تىما ئىىگسگە كۇپ رەخمەت

18997648649 2011-02-19 18:13
تەشەككۇر  سىلەرگە                 

anjura 2011-03-08 10:35

ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
بۇ تىمىنى كۆرۈپ ئويلىغان ئويلىرىمنى قېرىنداشلارغا دىگۈم كەلدى. مىنىڭ ئەركىن پىكىر قىلۋىلىشىمغايول قويغايسىلەر......
1-مەسىلە:ئالىي مەكتەپ قىزلىرى. ھەر دائىم ئالىي مەكتەپ قىزلىرى ئۇنداق-بۇنداق دەپ باھا بىرىلگىنىدە، بىر قىسىم ئەخلاقلىق ھەم يەنە ئەڭ مۇھىمى بولغان ئاشۇنداق رەڭدار مۇھىتتىمۇ ئىمانىنى،ھىجابىنى، ئىپپىتىنى مۇستەھكەم ساقلاپ كىلىۋاتقان، ئاللا ئاتا قىلۋاتقان تۈرلۈك ئىچكى ۋە تاشقى سىناقلارغا سەۋىر بىلەن بەرداشلىق بىرىپ كىلىۋاتقان جۈملىدىن قىزلارنىڭ جېنى بىلەن باراۋەر بولغان ئىپپىتىنى ياخشى قوغداپ كىلىۋاتقان ئاچا-سىڭىللىرىمنىڭ شۇ ‹زامانىۋى مەدەنىيەتلىك ئالىي مەكتەپ قىزلىرى› تەسىرىگە ئۇچراپ بىر تاياقتا ھەيدىلىپ ‹ئەخلاقسىز› قاتارىغا چىقىرۋىتىلىشى مىنى بەكمۇ بىئارام قىلىدۇ.دىمىسىمغۇ بۇنداق ھالەتتىكى ئالىي مەكتەپ قىزلىرى 10ئىچىدىن بىر ئىككىسى چىقسا قالغانلىرى شۇ ئەبجەش مۇھىتلار تەسىرىگە ئۇچراپ كىتىۋاتقانلار بۇنداق ئەھۋالنى بىلىپ تۇرساقمۇ يەنىلا ئاشۇ ئۇۋالغا قېلىۋاتقان ئاچا-سىڭىللارنى ئويلاپ ئىچىمنى بەكلا بىئارامچىلىق قاپلايدۇ.بۇمۇ بەلكىم ئاللاتائالانىڭ بىز ئاچا-سىڭىللارنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن بىزگە ئاتا قىلۋاتقان سىناقلىرىدىن بىرى بولسا كىرەك.ئىنشائاللا بۇنداق ئەھۋاللارمۇ ئاللا ئاسانلىق بەرسە تۈزۈلۈپ كەتكۈسى.مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىز يەنىلا شۇ ئىمانىمىزنى مۇستەھكەم ساقلاپ قىلىشقا تىگىشلىك مەسئۇلىيەتلەرنى ياخشى ئادا قىلساقلا ئاللانىڭ كاتتا مۇكاپاتىدىن بەھر ئالالايمىز. ئاللا ئىمانىمىزنى مۇستەھكەم قىلغاي ئامىن!!!
2-مەسىلە:‹ئۆتكەندە مەن بىرسىنىڭ قول تېلىفۇنىدىن ئۇيغۇردىن تۆرەلگەن بىر جۈپ نا ئەھلى قىز يىگىتنىڭ بىر مېھمانخانىدا قول تېلىفۇندا  فىلىمگە  ئالغان بۇزۇقچىلىقلىرىنى كۆرۈپ قالدىم...........›تىمىنى ئوقۇپ بۇ مەزمۇنلار كۆزۈمگە چېلىقىپ قالغاچ يەنە بىر خىل بولۇپ قالدىم.نىمىشقا دەمسىلەر؟! بەلكىم مەن ئارتۇق ئويلاپ خاتا چۈشۈنۈپ قالغاندىمە؟! كۆڭلۈمدە ھەر قانچە بولسىمۇ ‹كۆزنىڭ تاھارىتىنى سۇندۇرۇپ›ئۇنداق بۇزۇقچىلىقلارنى كۆرۈپ يۈرمىگەندۇ؟! زىنا دىگەن پەقەت جىنسى ئەزاغىلا قارىتىلغان بولماستىن يەنى قۇلاق، كۆز،ئېغىز،قول تەرىپىدىنمۇ بولىدۇ. بەلكىم بۇ تىمىنى يازغان قېرىندىشىمىز بۇ مەزمۇننى توغرا ئىپادىلەپ بىرەلمىگەن بولىشىمۇ ۋە ياكى مەن خاتا چۈشىنىۋالغان بولىشىممۇ مۇمكىن.ئەگەر مەندىكى خاتالىق بولسا ئاللا ھدىن گۇناھىلىرىمنى مەخپىرەت قلىشىنى سورايمەن ھەم قېرىندىشىمنىڭ كۆڭلىگە ئالماي مەندىن رازى بولۇشىنىمۇ ئۈمۈد قىلىمەن. بۇ يەردە دىمەكچى بولغان ئاساسىي مەقسىتىم پەقەت شۇ زىناغا بىۋاستا قاتناشقانلارلا ئەمەس ياندا تۇرۇپ كۆرۈپ،ئاڭلاپ بەرگەنلەرنىڭمۇ ئىھتىيات قىلىشىنى ھەم قولىدىن كىلىشىچە ئۇنداق گۇناھقا پاتىدىغان ئىشلارنى توسىشىنى ئاللادىن تىلەيمەن.
ھەق ئاچچىق بولسىمۇ يەتكۈزىشىمىز كىرەك چۈنكى مىۋىسى،ئۇنىڭدىن ئالىدىغان نەتىجىسى تولىمۇ لەززەتلىك ۋە شىرىن بولىدۇ ئەمەسمۇ؟! قېرىنداشلار ئارا ھەققە، سەۋىرگە تەۋسىيە قىلىش سىزنىڭ،مىنىڭ ۋە ئۇنىڭ جۈملىدىن ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلىرىدىندۇر.

arzuyum 2011-03-08 10:58
ۋەئەلەيكۇم -ئەسسالام سۈيۈملۈك ھەمشىرەم ئەنجۈرە ،ئنكاسىڭىزنى ئۇقۇپ كەڭسايدا سىزدەك ئىمان ئىتدىقاتلىق ،ئۆتكۈر پىكىرلىك يەنە بىر ھەمشىرەمنىڭ بارلىغىدىن ئىنتايىن سۈيۈندۈم .

agah 2011-03-08 11:17
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەنجۈر قېرىندىشىم قاراڭ .
ئالدى بىلەن ماقالامدا ھەرگىز بارلىق ئالى مەكتەپ قىزلىرىنى دىمىدىم .سىز ماقالىنىڭ ئاساسىي روھىنى
ئويلاپ تەھلىل قىلسىڭىز ياخشى بولاتتى .ماقالىنىڭ يۈرىكىنى قالدۇرۇپ قويۇپ قۇيرۇق پەيلىرىنى ئويلاش
ئىنكاسلارنى خاتا يۆنىلىشكە بەشلاپ ماڭىدۇ .سىز جەمىيەت تەكشۈرمىگەن ئوخشىمامسىز .ئالى مەكتەپلەردىكى
بۇزۇقچىلىق كىشىنى چوچىتىدۇ .ھازىر قىش پەسلى بەلكىم 6-7-ئاي ۋاقىتلاردىكى بۇزۇقچىلىقلارنى ئۇنتۇپ قالغانسىز
قىزلار ياتىقىنىڭ ئالدىغا بېرىپ بېقىڭ شۇ ۋاقىتلار دا ..بۇزۇقچىلىقلارنىڭ ئاۋانگارتىدا ئالدى بىلەن شېرىن شىكەرلىك
كېلىشكەن ئۇيغۇر ئەركىكى ئارقىسىدىن چىرايلىق ئۇيغۇر قېىز ...مانا بۇلار مىللەتنىڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىرى .
زىناخوردىن مىللەتكە ۋابا كېلىدۇ .بىرسى جىسمانى جەھەتتىكى ۋابا ..يەنە بىرى روھى جەھەتتىكى ۋابا .
ئىككىنچى پىكىرىڭىز مۇ ئورۇنلۇق مەن تامامەن قوبۇل قىلىمەن .ئۆزەم ماشلىق قاتلىمىدا تىنەپ يۈرگۈچىمەن .
ئەتراپىمنى قەلبىي شەيتانى ئەقىدىگە تولغان ئۇيغۇرداشلىرىم قورشاپ تۇرۇدۇ .ئۇلار بىلەن سالاملىشىپ ئەپ\
ئۆتمەي ئىشلىگىلى بولماس .ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھەم ئۆزەمنىڭ تەقۋالىغىمنى قاتتىق يوشۇرۇش كىرەك .
ئۇلار بىلەن مۇناسىۋىتىم ياخشى بولغاچ ماڭا <كۆدۈڭمۇ مانى ئۇيغۇرلاردىنمۇ سېرىق فىلىم ئىشلىگەنلەرنى >
دەپ كۆرسىتىدۇ .ھەرقانداق ئادەمنى مىللىتىگە نىسبەتەن مۇھەببەت بولىدۇ .مېنىڭ مىللىتىمدىن ئاشۇنداق
فىلىم ئىشلىگەنلەرنى كۆرسەم قانداقمۇ چىداپ تۇراي .بۇنداق فىلىملارنىڭ تارقىلىشىغا قانداقمۇ قاراپ تۇراي .
دىمەك مەن ئۇنىڭ قول تېلىفۇنىنى ئېلىپ باشقا گەپلەرگە بۇلتىلىغان بولۇپ ئۆچىرۋېتىشىم كىرەك .
شۇ مەشغۇلات جەريانىدا فىلىم قويۇلۇپ كېتىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ .لېكن ئاللاھقا شۈكرىكى مەن فىلىمنىڭ ئاشۇ
ئازغىنا قويۇلۇپ قالغان يېرىنى ھەرگىز كۆز زىناسى بىلەن قارىمىدىم .قاتتىق نەپرەت ۋە غەزەپتىن تىترەشنى بېسىپ
خىزمەتدېشىمغا بىلدۈرمەي ئۆچۈردۇم ..
مانا بۇ ئىشنىڭ جەريانى .سىز بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز ..ئاشۇ فىلىم ئۇنىڭ قول تېلىفۇنىدا تۇرىۋەرسۇنمۇ يا ؟كۆز زىناسىدىن
قورقۇپ كارىمىز بولمامدۇ تارقىلىۋېرىشكە؟

anjura 2011-03-08 19:16
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 38قەۋەتتىكى arzuyum نىڭ 2011-03-08 10:58 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ۋەئەلەيكۇم -ئەسسالام سۈيۈملۈك ھەمشىرەم ئەنجۈرە ،ئنكاسىڭىزنى ئۇقۇپ كەڭسايدا سىزدەك ئىمان ئىتدىقاتلىق ،ئۆتكۈر پىكىرلىك يەنە بىر ھەمشىرەمنىڭ بارلىغىدىن ئىنتايىن سۈيۈندۈم .

ئاللا ھەممىمىزگە كۆپ رەھمەتلەرنى ئاتا قىلسۇن ھەم بارلىق ئەزىز ھەمشىرە ئاچا-سىڭىللىرىمنىمۇ ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي ئامىن!!!
سىز داڭدار مۇنبىرىدىكىمۇ ئارزۇيۇم بولىسىزغۇ دەيمەن؟! سىزنى شۇ مۇنبىرىمىزدە مۇشۇ مەۋسۇمدىن تارتىپ ئۇچرىتىۋاتقان ئىدىم مانا ئەمدى كەڭسايدىمۇ ئۇچراشتۇق. ئاللا بىزنى ھەر جايدا ئامان-ئىسەن قىلسۇن ئامىن!!!

anjura 2011-03-08 19:52
     ۋەئەلەيكۈم ئەسسىلام ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبەرەكاتىھۇ!!!
     ئاللا سىزگە كۆپ رەھمەت ۋە مەخپىرەت ئاتا قىلسۇن ئەزىز قېرىندىشىم ئاگاھ ئاكا!!! مەن خىزمەتچى دىگىنىڭىزدىن بەلكىم مەندىن چوڭ ئاكا دىمەتلىك قېرىندىشىم بولسا كىرەك دەپ سىزنىڭ رۇخسىتىڭىزنى ئالمايلا ئاكا دەپ چاقىردىم. سىىزگە دىسەم مەنمۇ ئەنە شۇ ئەزىز ماكاندىن، دىنداش، مىللەتداش قېرىنداشلىرىمدىن ئايرىلىپ ئۆزگە يۇرتتا مۇساپىرچىلىقتا ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىمەن. جەمىئيەت كۆزەتمىگەن ئوخشايسىز دەپسىز كۆزەتمىدىم ئەمەس كۈزەتتىم ھەم كۆزىتىۋاتىمەن.  ئەنە شۇ ئۈچ يىل ئاۋۋال يۇرتتىن ئايرىلىپ گەرچە رىئاللىقتىكى جەمىئىيەتكە چىقمىساممۇ ئالىي مەكتەپتىن ئىبارەت كىچىك <جەمىئىيەت>كە چىقىپ مۇستەقىل تۇرمۇش يولىغا قەدەم ئالغاندىن بېرى كۆرمىگەننى كۆرۈپ، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلاپ، يۇرتتىكى قېرىنداشلىرىمدىن، ئاتا-ئانامدىن ئىرىشەلمىگەن بەزىبىر مىھىر-مۇھەببەتلەرگە ئەڭ مۇھىمى ئاللانىڭ رەھمىتىگە ئىرىشىپ توغرا يولنى تېپىۋالغان.............
    گەرچە مەن مىللەتداش قېرىنداشلىرىم ئاز شارائىتتا ئوقۇۋاتقان بولساممۇ يەنىلا ئاندا-ساندا ئاشۇنداق ئەبجەش تەسىرلەرگە ئۇچراپ خۇدىنى يوقىتىۋاتقان ھەم يەنە مۇشۇنداق ئۆزگە مىللەتلەر ئارىسىدا ياخشى تەسىر بەرمەيۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ بولمىخور قىلىقلىرىنى ئۇچرىتىپ قالىمەن. شۇ بىر قىسىملار تەرىپىدىن بىزنىڭمۇ ياخشى قاراشقائۇچرىمايۋاتقانلىقىمىزدىن ئىچىم ئاچچىققا تولىدۇ. بۇ يەردە سىزنى قىزلارنى بىر تاياقتا ھەيدىدى دەپ ئەيىپلىگىنىم يوق بەلكى كۆڭلۈمدە ئويلىغانلىرىمنى دىگۈم كەلدى بەلكىم سىزمۇ مىنىڭ ياكى بىزنىڭ ئورنىمىزدا بولسىڭىز مۇشۇنداق بىئارامچىلىقتا بەزى كۆڭۈل سۆزلىرىڭىزنى قېرىنداشلىرىڭىزغا مۇراجەت قىلغۇڭىز كىلىشىمۇ مۇمكىن. بۇ يەردىكى مەخسەت ھەرگىزمۇ خاتا يەتكۈزۈلمىسۇن.نىمە دىمەكچى بولغانلىرىمىز  بىر-بىرىمىزگە ئايانمۇ بولدى پەقەت ئىپادىلەشتە مەسىلە كۆرۈلۈپ قېرىنداشلار ئارا كۆڭۈل ئاغرىقى بولمىسىلا ياخشى.
    ئاندىن يەنە سىزنى كۆز زىناسى قىلدى دەپ ئەيىپلەپ باھا بىرۋىتىشكە، گۇناھ بىكىتىۋىتىشكە قادىرسىزمەن. بۇ يەردىمۇ مەنە پەقەت شۇ مەزمۇننى كۆرۈپلا ئويلىغانلىرىمنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە قېرىنداشلارغا مۇشۇنداق ئەھۋاللاردىمۇ كۆپ دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتتىم. بۇ ئەسكەرتىشىمنى خاتا دىمەيدىغانسىز؟! بەلكىم سىزنىڭ ئورنىڭىزدا مەن بولساممۇ شۇ قېرىندىشىمىز قولىدىن تىلفۇننى ئېلىپ گەپنىڭ تىمىسىنى ئۆزگەرتىپ ئۇ بولمىخور ئىشلارنىڭ سىرىتقا يېيىلىپ يۈرۈشىنى توسقان بولاتتىم..............ئۇلۇغ ئاللا شۇ ياخشى ئەمىلىڭىزنىڭ نەتىجىسىنى سىزگە كاتتا مۇكاپاتلار بىلەن نىسىۋىدار قىلغاي ئامىن!!!
ئاللا ھەممىمىزگە كۆپ رەھمەت قىلىپ مانا مۇشۇنداق تۈرلۈك خالىس نىيەت ۋە ئەمەللىرىمىز سەۋەبىدىن بىزنى ھەر ئىككى دۇنيالىقتا ئەزىزلەر قاتارىدىن قىلغاي ئامىن!!!

نەفىسە 2011-03-08 20:42
   اللە رەھمەت قىلسۇن،اللە قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.

boz@r 2011-03-08 20:43
رەخمەت قىرىنداشلىرم توردابولسىمۇمىللتىمىز دۇچ كىلۋاتقان كىرزسسقا ئوت ئاچقىنڭلارغا
         

ياۋۇز 2011-04-04 15:42
تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت،ئەھمىيەتلىك تىما .ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر

فۇرقان 2011-04-19 22:27
ئىمان سۇسلاشسا ، ئمان يوقالسا ئىنساندىن قانداقمۇ ئەخلاقتىن،مەسئۇلىيەتتىن سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟

agah 2011-04-22 17:18
مۇشۇ تېمىنى تاشلاپ قويماي ئىنكاس يېزىپ باش بەتكە چىقىرىپ قويغان قېرىنداشلارغا رەھمە .

dolataogli 2011-05-26 13:24
ياخشى تېمما ئىكەن.

deyarem 2011-08-15 16:05
تېمىڭىزغا رەھمەت قىرىندشىم

ئەلى123 2011-08-15 20:38
بۇ بىر ياخشى تېمكەن دېمىسىمۇ يېقىندىن بېرى قىز يىگىتلەر ئارىسىدا مۇھەببەتلەشكەندە پەردىشەپ،ھايا  كۆتېرلىپ كەتتى.بۇنىڭ سۋۋەبىنى نۇقۇل مەكتەپكە ياكى ئائىلىگە دوڭگەشمۇ تازا توغرا بولمامدۇ قانداق؟ سىلەرچە جەمىئيەتنىڭ تەسىرى يوقمۇ؟! ھازىر پۇتۇن يەرشارىنى قاپلىغان جىنسىي ئەركىنلىك بۇ ياشلارغا تەسىر كورسەتمىەەندىمۇ؟؟


查看完整版本: [-- كىلىشكەن يىگىتلەر چىرايلىق قىزلار--ئەۋلادىڭىزنى ئويلاپ قويۇڭ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.058161 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us