باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1259 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەرەپ باھارى تۈگىدىمۇ؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6585
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 29
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە29دانە
ئۆسۈش: 930 %
مۇنبەر پۇلى: 975 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-20
ئاخىرقى: 2012-05-05
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-05-02 10:25

ئەرەپ باھارى تۈگىدىمۇ؟

ئەرەب باھارىنىڭ بىرىنچى ئادرېسى بولغان تۇنىس بىلەن مىسىردا نامايىش تولۇق غەلىبە قىلىپ، ھاكىمىيەت خەلقنىڭ قولىغا ئۆتۈش ئالدىدا جىددىي ھەرىكەتلەر بولۇۋاتقان بۇ پەيتتە، لىۋىيىدە پارچىلىنىش خەۋپى، سۈرىيىدە نامايىشلارنىڭ نەتىجىسىز قېلىش خەۋپى كۆرۈلمەكتە .
ئەرەب باھارىغا 15 ئاي بولدى. بۇ ئارىدا كۆپ ئىشلار ئۆزگەردى، مۇھىم دۆلەت ئەربابلىرى ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئۆزگىرىپ قالدى، ھەتتا مەڭگۈ تەختتىن چۈشمەيمىز، دەپ ئويلاپ خاتىرجەم ئولتۇرغان ۋە تەخت ۋارىسلىقىنى ئۆز پەرزەنتلىرىگە يۆتكەشنىڭ خىيالىدا بولغان ھۆكۈمدارلارمۇ بىردىن تەختتىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى تۇيماي قالدى. خەلقنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئېشىپ نامايىش ئەسناسىدا تۆكۈلگەن قانلارنىڭ بەدىلىگە تەقدىرلەشكە تېگىشلىك ئىشلارمۇ بولدى. ئەمما ئېچىنىشقا تېگىشلىك ۋەقەلەرمۇ بولدى. مەسىلەن: سۈرىيە ۋەزىيىتى ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق بولماقتا. سۈرىيىدىكى ئۆكتىچىلەر ئەمدى يولنىڭ ئوتتۇرىغا كېلىپ قالغاندەك قىلىدۇ،  ھازىر دۇنيا خەلقىنىڭ كۆزى سۈرىيىدە بولماقتا.
ئەسسەلەمۇ .ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4073
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 159
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە159دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 1360 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2012-05-05
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-02 13:15

مىسىردىكى نامايىشچىلار ئىسلام نامزاتلىرىنىڭ سالاھىيىتى بىكار قىلىنغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى
رەسىم:


خەلقئارا تېز لېنىيىسى خەۋىرى: شۇ جاي ۋاقتى 2012- يىلى 28- ئاپرىل مىسىرنىڭ قاھىرەدە ئىسلام ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلىرى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، سايلام كومىتىتىنىڭ ئىككى نەپەر ئىسلام نامزاتىنىڭ سالاھىيىتىنى بىكار قىلغانلىقى ۋە مۇبارەك دەۋرىدىكى سابىق زۇڭلى شەفىقنىڭ سايلامغا قاتنىشىشىغا يول قويغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرگەن، نامايىشچىلار دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئالدىغىچە يېتىپ كەلگەن، ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئالدىدا جىم ئولتۇرۇپ كۈچ كۆرسىتىۋاتقان چاغدا ” توپىلاڭچى“ لارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئېتىراز بىلدۈرگۈچى ئامما بىلەن ” توپىلاڭچى“ لار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. مىسىر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توقۇنۇشتا 91 نەپەر ئادەم يارىلانغان.

مەنبە:http://www.nur.cn/news/2012/04/66205.shtml
ئارزۇيۇم:
                يا شەرىئەت يا شاھادەت.