查看完整版本: [-- ئەرەپ باھارى تۈگىدىمۇ؟ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> خەلىقئارا خەۋەرلىرى -> ئەرەپ باھارى تۈگىدىمۇ؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

duxman 2012-05-02 10:25
ئەرەب باھارىنىڭ بىرىنچى ئادرېسى بولغان تۇنىس بىلەن مىسىردا نامايىش تولۇق غەلىبە قىلىپ، ھاكىمىيەت خەلقنىڭ قولىغا ئۆتۈش ئالدىدا جىددىي ھەرىكەتلەر بولۇۋاتقان بۇ پەيتتە، لىۋىيىدە پارچىلىنىش خەۋپى، سۈرىيىدە نامايىشلارنىڭ نەتىجىسىز قېلىش خەۋپى كۆرۈلمەكتە .
ئەرەب باھارىغا 15 ئاي بولدى. بۇ ئارىدا كۆپ ئىشلار ئۆزگەردى، مۇھىم دۆلەت ئەربابلىرى ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئۆزگىرىپ قالدى، ھەتتا مەڭگۈ تەختتىن چۈشمەيمىز، دەپ ئويلاپ خاتىرجەم ئولتۇرغان ۋە تەخت ۋارىسلىقىنى ئۆز پەرزەنتلىرىگە يۆتكەشنىڭ خىيالىدا بولغان ھۆكۈمدارلارمۇ بىردىن تەختتىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى تۇيماي قالدى. خەلقنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئېشىپ نامايىش ئەسناسىدا تۆكۈلگەن قانلارنىڭ بەدىلىگە تەقدىرلەشكە تېگىشلىك ئىشلارمۇ بولدى. ئەمما ئېچىنىشقا تېگىشلىك ۋەقەلەرمۇ بولدى. مەسىلەن: سۈرىيە ۋەزىيىتى ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق بولماقتا. سۈرىيىدىكى ئۆكتىچىلەر ئەمدى يولنىڭ ئوتتۇرىغا كېلىپ قالغاندەك قىلىدۇ،  ھازىر دۇنيا خەلقىنىڭ كۆزى سۈرىيىدە بولماقتا.

شاۋقۇن0999 2012-05-02 13:09
[attachment=16450]
[attachment=16451]
[attachment=16452]

yusuf 2012-05-02 13:15
مىسىردىكى نامايىشچىلار ئىسلام نامزاتلىرىنىڭ سالاھىيىتى بىكار قىلىنغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى
رەسىم:
[attachment=16453]
خەلقئارا تېز لېنىيىسى خەۋىرى: شۇ جاي ۋاقتى 2012- يىلى 28- ئاپرىل مىسىرنىڭ قاھىرەدە ئىسلام ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلىرى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، سايلام كومىتىتىنىڭ ئىككى نەپەر ئىسلام نامزاتىنىڭ سالاھىيىتىنى بىكار قىلغانلىقى ۋە مۇبارەك دەۋرىدىكى سابىق زۇڭلى شەفىقنىڭ سايلامغا قاتنىشىشىغا يول قويغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرگەن، نامايىشچىلار دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئالدىغىچە يېتىپ كەلگەن، ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئالدىدا جىم ئولتۇرۇپ كۈچ كۆرسىتىۋاتقان چاغدا ” توپىلاڭچى“ لارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئېتىراز بىلدۈرگۈچى ئامما بىلەن ” توپىلاڭچى“ لار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. مىسىر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توقۇنۇشتا 91 نەپەر ئادەم يارىلانغان.

مەنبە:http://www.nur.cn/news/2012/04/66205.shtml

turmux.net 2012-05-02 14:44
شۇنى ھېس قىلىپ قالدىم،ئوتتۇرا شەرق دۇنيانىڭ ۋارتاقشىپ قايناپ تۇرغان قازىنىغا ئوخشايدىكەن، بۇ يەر قاينىغاندا ئەتراپتىكىلەر قايناق سۇنىڭ چاچىراپ كىتىشىدىن ئىھتىيات قىلىپ پۇتۇن دىققىتىنى شۇ يەرگە مەركەزلەشتۇرىدىكەن. بۇنىڭلىق بىلەن باشقىلار خۇپىيانە ئىشلىرىنى شۇنداقمۇ ئەپلەپ تۇرۇپ قىلىۋالىدىكەن. قايناشتىن توختىغۇدەكلا بولسا ئۇنىڭ تىگىگە ئوت قالايدىغانلار يەنە چىقىدىكەن... ئەرەبلەرنىڭ باھارغا ئىرىشمىكى ھەقىقەتەن تەس ئوخشايدۇ

kroran2010 2012-05-02 15:44
ئۇلاردا ئادەم ئۆلۋاتىدۇ لىكىن روھ كۈچىيۋاتىدۇ،بىز  تىنىچ ياشاۋاتىمىز ، لىكىن روھى ئتىقاد  ئۆلۋاتىدۇ .

ئەسلىم0998 2012-05-03 13:23
چۇشەنگىلى بۇلمايدىكەن بۇ ئىشلارنى
يەھۇدىلار ................................................................................!

ئۆركەش 2012-05-03 14:30
ھىلگەر غەرپ زۇمىگەرلىرىنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناش ...


查看完整版本: [-- ئەرەپ باھارى تۈگىدىمۇ؟ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.046409 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us