باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1660 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىككىنچى خوتۇنىنى جەمئىيەتتىن يوشۇرۇش
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11432
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 43
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە43دانە
ئۆسۈش: 1690 %
مۇنبەر پۇلى: 1701 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-04-24
ئاخىرقى: 2012-05-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-05-02 10:21

ئىككىنچى خوتۇنىنى جەمئىيەتتىن يوشۇرۇش

 
 
 
                                                    
سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز: ھازىر دىيارىمىزدا ئىككى خوتۇنلۇق بولۇش بەك تەكىتلىنىپ كېتىپ بارىدۇ؛ شۇ تەكىتلەشنىڭ تۈرۈتكىسىدە مېنىڭ يولدۈشۈممۇ ئىككى ئاياللىق بولدى؛ بىراق بۇ ئايالىنى مەن ۋە شۇ ئايالنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە نىكاھقا قاتناشقان بىر قانچە ئادەملەرلا بىلىدۇ؛ چۈنكى ساقچىدىن قوغدىنىش ۋە ئائىلىدىكىلەرنى قارشىلىقىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن؛ ۋە شۇ قوغدىنىش ئۈچۈن ساقچى ۋە باشقا ئىشەنچىسىز كىشىلەرگە ئايالىم ئەمەس دېمەكچى ۋە ياكى ئاشنام دېمەكچى؛ مېنىڭ سورىماقچى بولغۇنۇم مۇشۇنداق قىلسا بولامدۇ؟ ئادىللىق بولامدۇ؟ بىز ئوخشاش ئىمتىيازغا ئېرىشەلمىگەنلىكىمىز ۋە جەمئىيەت ۋە قانۇننىڭ قارشىلىقى بۇ نىكاھنى باتىل نىكاھقا ئايلاندۇرۇپ قويامدۇ؟
جاۋاب:
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:
بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
ئىككىنچى ئايالنى شەرئى نىكاھ قىلىپ ئالغاندىن كېيىن جەمئىيەت، قانۇن ۋە ياكى رەسمىي ئورۇنلارنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئىككىنچى ئايالىنى بىرىنچى ئايالىغا ئوخشاش ئىمتىيازغا ئىگە قىلالمىغان ئەھۋالدا، جەمئىيەت بىلەن قانۇننىڭ قارشىلىقى بىلەن بۇ نىكاھ باتىل بولۇپ كەتمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ يولغا قويغان قانۇننى ئىنسانلار ياكى ئۇلار چىقارغان قانۇن ئارقىلىق بىكار قىلىۋېتەلمەيدۇ .
لېكىن ئاياللىرى ئوتتۇرىدا ئادىللىق قىلىش ئەر ئۈستىگە ۋاجىب بولغاچقا، ئەر قولىدىن كېلىدىغان ئادىللىقنى تولۇق قىلمىسا، گۇناھكار بولىدۇ.
رەسۇلۇللاھ ساللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ”قانداق بىر كىشىنىڭ ئىككى ئايالى بولۇپ، بىرىگە مايىل بولۇپ كەتسە، قىيامەت كۈنى يېرىمى بىر تەرەپكە مايىل ھالدا كېلىدۇ“ دېگەن.(ئەبۇ داۋۇد بىلەن تىرمىزىي قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان.)
بۇ ئادىللىق قىلالايدىغان ئىشلاردا ئادىللىق قىلمىسا قىيامەت كۈنى پۈتۈن خالايىق ئالدىدا ئاشۇنداق قوپىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداق بولىدىكەن ئىككى خوتۇن ئوتتۇرىدا نۆۋەت بىلەن قونۇش، كېچە ۋە كۈندۈزدە بىللە تۇرۇش، ھەر ئىككىسىنىڭ بالىسى بولسا ياكى بولمىسا ئوخشاش خىراجەت قىلىپ بېرىش، بىرسىنىڭ بالىسى بولسا بالىسى بارغا ئېھتىياجىغا قاراپ ئارتۇقراق خىراجەت بېرىش لازىم. سەپەرگە چىققاندا چەك تاشلاپ نۆۋەت بىلەن بىللە ئېلىپ چىقىشى لازىم.
بىرىگە ئامراقراق بولۇش ياكى بىرى بىلەن بىللە بولۇشقا بەكرەك قىزىقىش مەسىلىسىدە ئادىللىق شەرت ئەمەس. چۈنكى بۇ ئىنساننىڭ قولىدىكى ئىش ئەمەس.
يەنە ئادىللىق قىلىشى كېرەك بولغان ئىشلاردا ئايالىدىن بىرى ھوقۇقتىن تەڭ بەھرىمەن بولماسلىققا رازى بولۇپ قالسا، مەيلى. بۇ سۈلھى دائىرىسىگە كىرىدۇ.
ئۇرۋە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئاللاھ تائالانىڭ: (ئەگەر بىرەر ئايال ئىرىنىڭ كۆڭۈلسىز بولىشىدىن ياكى يۈز ئۆرۈشىدىن ئەندىشە قىلسا)(نىسا سۈرىسى 128-ئايەت.) دېگەن ئايىتى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: بىر ئەرنىڭ قولىدا بىر ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتۇپ داۋاملىشىشنى خالىماي، ئۇنى تالاق قىلىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن باشقا بىر ئايال ئېلىش نىيىتىگە كېلىدۇ، ئايالى ئۇنىڭغا: مېنى قويۇۋەتمەي، نىكاھىڭدا ساقلاپ قېلىپ، باشقا بىرىنى ئال. ماڭا نەپىقە بەرمىسەڭمۇ، نۆۋەت كېچە تەقسىم قىلمىساڭمۇ مەن سەندىن رازى، دەيدۇ. بۇنداق سۈلھى قىلىشقا ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتى يول قويغاندۇر: (ئۆزئارا سۈلھى قىلىشسا، ئىككىسىگە گۇناھ بولمايدۇ، سۈلھى قىلىش خەيرلىكتۇر.)(نىسا سۈرىسى 128-ئايەت.)(سەھىھۇل بۇخارى 5206-ھەدىس)
دېمەك ئىككى ئايالنىڭ بىرى ئۆز نۆۋىتى ياكى باشقا ھەقلىرىدىن ۋاز كېچىپ تانازىل قىلسا، ئادىللىق قىلمىسىمۇ بولىدۇ. بۇنى ئايال كىشى ئۆزى ئەھۋالىغا قاراپ، پەرزەنتلىرىنىڭ كېلەچىكىگە قاراپ قارار قىلىشى لازىم.
ئەمدى ئەر باشقىلار ئىككىنچى ئايالىنى سورىغاندا: ئايالىم ئەمەس، دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ تالاقنى نىيەت قىلمىغان، يالغان ئېيتىشنى نىيەت قىلغان بولسا، ئايالى تالاق بولۇپ كەتمەيدۇ. بۇ پەقەتلا يالغانچىلىق بولىدۇ. دوستۇم ياكى تونۇشۇم دېگەندەك سۆزلەرمۇ نىكاھقا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
 




كەڭساي مۇنبىرىگە يوللىغۇچى ئابدۇللاھ


مەنبەسى ساجىيە تورىدىن ئېىلندى
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
دوستلىشىش
kroran2010
QQ:1536349737
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4290
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 216
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە216دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 1373 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-05
ئاخىرقى: 2012-05-11
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-02 15:58

ئايال تەرەپنىڭ ھوقوقى كۈچلۇك قوغدالغان شەرىت ئاستىدىكى كۆپ خوتونلۇق بۇلۇش جەمىيەتكە ئنتاين پايدىلىق بولۇپ ئايال كىشىنىڭ ئورننى ئۆستۇرىدۇ ،بۇنداق جەمىيەتتە ياتلىق بولالمايدىغان ئاياللارقالمايدۇ،ھەم ئايال كىشى تولىمۇ ئەرتىۋا بوپ كىتىدۇ ،لىكىن شەرىت  شۇكى ئايال كىشىنى كوڭلى مەركەز قىلىنىشى ھەمدە خالىمىغان ئەر بىلەن ئۆي تۇتۇشقا ھەرگىزمۇ  مەجبۇرلىنىپ قالماسلىقى كىرەك.