查看完整版本: [-- ئىككىنچى خوتۇنىنى جەمئىيەتتىن يوشۇرۇش --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> ئىككىنچى خوتۇنىنى جەمئىيەتتىن يوشۇرۇش [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kar 2012-05-02 10:21
 
 
 
                                                    
سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز: ھازىر دىيارىمىزدا ئىككى خوتۇنلۇق بولۇش بەك تەكىتلىنىپ كېتىپ بارىدۇ؛ شۇ تەكىتلەشنىڭ تۈرۈتكىسىدە مېنىڭ يولدۈشۈممۇ ئىككى ئاياللىق بولدى؛ بىراق بۇ ئايالىنى مەن ۋە شۇ ئايالنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە نىكاھقا قاتناشقان بىر قانچە ئادەملەرلا بىلىدۇ؛ چۈنكى ساقچىدىن قوغدىنىش ۋە ئائىلىدىكىلەرنى قارشىلىقىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن؛ ۋە شۇ قوغدىنىش ئۈچۈن ساقچى ۋە باشقا ئىشەنچىسىز كىشىلەرگە ئايالىم ئەمەس دېمەكچى ۋە ياكى ئاشنام دېمەكچى؛ مېنىڭ سورىماقچى بولغۇنۇم مۇشۇنداق قىلسا بولامدۇ؟ ئادىللىق بولامدۇ؟ بىز ئوخشاش ئىمتىيازغا ئېرىشەلمىگەنلىكىمىز ۋە جەمئىيەت ۋە قانۇننىڭ قارشىلىقى بۇ نىكاھنى باتىل نىكاھقا ئايلاندۇرۇپ قويامدۇ؟
جاۋاب:
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:
بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
ئىككىنچى ئايالنى شەرئى نىكاھ قىلىپ ئالغاندىن كېيىن جەمئىيەت، قانۇن ۋە ياكى رەسمىي ئورۇنلارنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئىككىنچى ئايالىنى بىرىنچى ئايالىغا ئوخشاش ئىمتىيازغا ئىگە قىلالمىغان ئەھۋالدا، جەمئىيەت بىلەن قانۇننىڭ قارشىلىقى بىلەن بۇ نىكاھ باتىل بولۇپ كەتمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ يولغا قويغان قانۇننى ئىنسانلار ياكى ئۇلار چىقارغان قانۇن ئارقىلىق بىكار قىلىۋېتەلمەيدۇ .
لېكىن ئاياللىرى ئوتتۇرىدا ئادىللىق قىلىش ئەر ئۈستىگە ۋاجىب بولغاچقا، ئەر قولىدىن كېلىدىغان ئادىللىقنى تولۇق قىلمىسا، گۇناھكار بولىدۇ.
رەسۇلۇللاھ ساللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ”قانداق بىر كىشىنىڭ ئىككى ئايالى بولۇپ، بىرىگە مايىل بولۇپ كەتسە، قىيامەت كۈنى يېرىمى بىر تەرەپكە مايىل ھالدا كېلىدۇ“ دېگەن.(ئەبۇ داۋۇد بىلەن تىرمىزىي قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان.)
بۇ ئادىللىق قىلالايدىغان ئىشلاردا ئادىللىق قىلمىسا قىيامەت كۈنى پۈتۈن خالايىق ئالدىدا ئاشۇنداق قوپىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداق بولىدىكەن ئىككى خوتۇن ئوتتۇرىدا نۆۋەت بىلەن قونۇش، كېچە ۋە كۈندۈزدە بىللە تۇرۇش، ھەر ئىككىسىنىڭ بالىسى بولسا ياكى بولمىسا ئوخشاش خىراجەت قىلىپ بېرىش، بىرسىنىڭ بالىسى بولسا بالىسى بارغا ئېھتىياجىغا قاراپ ئارتۇقراق خىراجەت بېرىش لازىم. سەپەرگە چىققاندا چەك تاشلاپ نۆۋەت بىلەن بىللە ئېلىپ چىقىشى لازىم.
بىرىگە ئامراقراق بولۇش ياكى بىرى بىلەن بىللە بولۇشقا بەكرەك قىزىقىش مەسىلىسىدە ئادىللىق شەرت ئەمەس. چۈنكى بۇ ئىنساننىڭ قولىدىكى ئىش ئەمەس.
يەنە ئادىللىق قىلىشى كېرەك بولغان ئىشلاردا ئايالىدىن بىرى ھوقۇقتىن تەڭ بەھرىمەن بولماسلىققا رازى بولۇپ قالسا، مەيلى. بۇ سۈلھى دائىرىسىگە كىرىدۇ.
ئۇرۋە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئاللاھ تائالانىڭ: (ئەگەر بىرەر ئايال ئىرىنىڭ كۆڭۈلسىز بولىشىدىن ياكى يۈز ئۆرۈشىدىن ئەندىشە قىلسا)(نىسا سۈرىسى 128-ئايەت.) دېگەن ئايىتى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: بىر ئەرنىڭ قولىدا بىر ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتۇپ داۋاملىشىشنى خالىماي، ئۇنى تالاق قىلىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن باشقا بىر ئايال ئېلىش نىيىتىگە كېلىدۇ، ئايالى ئۇنىڭغا: مېنى قويۇۋەتمەي، نىكاھىڭدا ساقلاپ قېلىپ، باشقا بىرىنى ئال. ماڭا نەپىقە بەرمىسەڭمۇ، نۆۋەت كېچە تەقسىم قىلمىساڭمۇ مەن سەندىن رازى، دەيدۇ. بۇنداق سۈلھى قىلىشقا ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتى يول قويغاندۇر: (ئۆزئارا سۈلھى قىلىشسا، ئىككىسىگە گۇناھ بولمايدۇ، سۈلھى قىلىش خەيرلىكتۇر.)(نىسا سۈرىسى 128-ئايەت.)(سەھىھۇل بۇخارى 5206-ھەدىس)
دېمەك ئىككى ئايالنىڭ بىرى ئۆز نۆۋىتى ياكى باشقا ھەقلىرىدىن ۋاز كېچىپ تانازىل قىلسا، ئادىللىق قىلمىسىمۇ بولىدۇ. بۇنى ئايال كىشى ئۆزى ئەھۋالىغا قاراپ، پەرزەنتلىرىنىڭ كېلەچىكىگە قاراپ قارار قىلىشى لازىم.
ئەمدى ئەر باشقىلار ئىككىنچى ئايالىنى سورىغاندا: ئايالىم ئەمەس، دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ تالاقنى نىيەت قىلمىغان، يالغان ئېيتىشنى نىيەت قىلغان بولسا، ئايالى تالاق بولۇپ كەتمەيدۇ. بۇ پەقەتلا يالغانچىلىق بولىدۇ. دوستۇم ياكى تونۇشۇم دېگەندەك سۆزلەرمۇ نىكاھقا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
 




كەڭساي مۇنبىرىگە يوللىغۇچى ئابدۇللاھ


مەنبەسى ساجىيە تورىدىن ئېىلندى
ۋەللاھۇ ئەئلەم.

yusuf 2012-05-02 12:49
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!  
  
http://musulmanbiz.net/patiwa/2011-12-29/2379.html

شاھمۇرات 2012-05-02 13:56
ئەگەر يېتىم قىزلارغا (ئۆيلىنىپ) ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن (يەنى تەربىيەڭلاردا بىرەر يېتىم قىز بولۇپ، ئۇنىڭغا شۇ قىزغا باراۋەر تۇرىدىغان قىزغا بېرىلىدىغان مەھرىنى بېرەلمەسلىكىڭلاردىن) قورقساڭلار، ئۇنى تەرك ئېتىپ، ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان باشقا ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى ئېلىشىڭلارغا بولىدۇ، ئەگەر (ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىر خوتۇن بىلەن ياكى قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ. بىر خوتۇن بىلەن كۇپايىلىنىش زۇلۇم قىلماسلىققا ئەڭ يېقىندۇر (3)
تۇلۇق يېزىپ قويۇڭ!!

مەھلىيا 2012-05-02 14:20
ياخشى تىما يوللاپسىز قېرىندىشىم، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

turmux.net 2012-05-02 14:50
كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنىڭ قانداق ئىلمىيلىكى باردۇ ؟

royal 2012-05-02 15:01
سىياسىتمىز  يول  كويغان  بولسا ،   ئەرلەر  3-4  تڭن  ئايال  ئالغۇدەك  . پارتىيىنىڭ    ئاياللار  ۋە   بالىلارنىڭ  ھوقۇق مەنپەتىنى قوغداپ  ،قوش  نىكاھلىنىشنى  توسقىنىمۇ   توغرا  جۇمۇ.

سەرۋىناز 2012-05-02 15:21
    بىراق بىر ئايالغا نىسبەتەن  نەچچە يىل خىزمىتىنى قىلغان يولدىشى باشقا ئايال بىلەن  نىكاھلانسا  بۇ ئايال بولغۇچى ئۈچۈن   ئازاپ بولشى مۇمكىن... << بىرلا گۈلنىڭ پۇرىقىنى ھىدلىغان كۆڭۈل ئەڭ بەخىتلىك كۆڭۈلدۇر>> دىگەن ھىكمەت ناھايىتى توغرا بولسا كىرەك...

yusuf 2012-05-02 15:34
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى شاھمۇرات نىڭ 2012-05-02 13:56 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 1-قەۋەت (yusuf) نىڭ يازمىسىغا :
ئەگەر يېتىم قىزلارغا (ئۆيلىنىپ) ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن (يەنى تەربىيەڭلاردا بىرەر يېتىم قىز بولۇپ، ئۇنىڭغا شۇ قىزغا باراۋەر تۇرىدىغان قىزغا بېرىلىدىغان مەھرىنى بېرەلمەسلىكىڭلاردىن) قورقساڭلار، ئۇنى تەرك ئېتىپ، ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان باشقا ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى ئېلىشىڭلارغا بولىدۇ، ئەگەر (ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىر خوتۇن بىلەن ياكى قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ. بىر خوتۇن بىلەن كۇپايىلىنىش زۇلۇم قىلماسلىققا ئەڭ يېقىندۇر (3)
تۇلۇق يېزىپ قويۇڭ!!

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم.بۇنىڭدىن كىيىن دىققەت قىلاي

kroran2010 2012-05-02 15:58
ئايال تەرەپنىڭ ھوقوقى كۈچلۇك قوغدالغان شەرىت ئاستىدىكى كۆپ خوتونلۇق بۇلۇش جەمىيەتكە ئنتاين پايدىلىق بولۇپ ئايال كىشىنىڭ ئورننى ئۆستۇرىدۇ ،بۇنداق جەمىيەتتە ياتلىق بولالمايدىغان ئاياللارقالمايدۇ،ھەم ئايال كىشى تولىمۇ ئەرتىۋا بوپ كىتىدۇ ،لىكىن شەرىت  شۇكى ئايال كىشىنى كوڭلى مەركەز قىلىنىشى ھەمدە خالىمىغان ئەر بىلەن ئۆي تۇتۇشقا ھەرگىزمۇ  مەجبۇرلىنىپ قالماسلىقى كىرەك.  

قارگۇلى 2012-05-02 16:54
ھازىر بۇ ئەرلەر گە نىمە بولدىكىن ،،  ........... قارنى يامان ھېيىتتا ئۆلۇپتۇ ،دېگەندەك ئىش بولۇپ قالمىسا بولاتتىغۇ!!!       ساۋاپ ئالىمەن دەپ، گۇناھكار بولۇپ قېلىۋاتىدۇ!!!!!

kelem 2012-05-02 19:23
ئىشقىلىپ ،،،،،،،،ئەڭ ئەپزىلى ،،،،،،،،،بىرئەرگە 2 خوتۇن بولسا دەپ قارايمەن....

ohho~duqu 2012-05-02 19:47
ئەگەر مۇشۇنداق بولسا جەمىيىتىمىزدىكى يولدىن چىقىپ كېتىپ  ئەرگە تىگەلمەي ئولتۇرۇپ قالغان قىزلىرىمىز ئەرسىز قالمىغۇدەك

bilig 2012-05-02 23:42
شەرىئەتتە بۇنداق ياخشى ئىش بارلىقىنى مەن ھەجەپ بىلمەيدىكەنمەن

arzuyum 2012-05-03 23:40
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ،  اللە ئەجىر بەرسۇن ،اميىن !
بىز ئاياللارنىڭ كۈندەشلىگى ھەرقانچە كۈچلۈك بولسمۇ ، اللەنىڭ قانۇنىغا بويسۇنىمىز ، ئەرلىرىمىزنى رەسۇلللەھنىڭ سۈننىتىدىن توسمايمىز ،لىكىن ئەرلەرمۇ 2-3- خۇتۇنلارنى بىرسىنىڭ قېشىغا ، بىرسىنىڭ چېچېغا كۈيۈپ ئالماي ، مۇسۇلمان ئەرگە مۇھتاج مۇسلىمەلەرنى اللە رازىلىقى ئۈچۈن ۋە  رەسۇلللەھنىڭ سۈننىتى ئۈچۈن ئالسا، شۇنداقلا ھەممىسىگە ئادىل مۇئامىلە قىلالىسا بولاتتى .

tuprakbag 2012-05-04 01:56
خوتۇنغا ئۇقتارماي ئالسىمۇ بۇلامدىغاندۇ ئىككىنجىسىنى؟

سەئىدى 2012-05-05 12:32
قوش نىكالىق بۇلۇش شەرتلىك دۇرۇس
ئەگەر يېتىم قىزلارغا (ئۆيلىنىپ) ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن (يەنى تەربىيەڭلاردا بىرەر يېتىم قىز بولۇپ، ئۇنىڭغا شۇ قىزغا باراۋەر تۇرىدىغان قىزغا بېرىلىدىغان مەھرىنى بېرەلمەسلىكىڭلاردىن) قورقساڭلار، ئۇنى تەرك ئېتىپ، ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان باشقا ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى ئېلىشىڭلارغا بولىدۇ، ئەگەر (ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىر خوتۇن بىلەن ياكى قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ. بىر خوتۇن بىلەن كۇپايىلىنىش زۇلۇم قىلماسلىققا ئەڭ يېقىندۇر )  ھەرگىز ئەرلىرمىزنىڭ ھىسياتىنى چىقىش قىلغان ئەمەس  شۇڭلاشقا مۇسۇلمان ئەرلىرمىز قوش نىكالىق بۇلۇشتىن بۇرۇن پەيغەمبەر ئەلەيسالامنىڭ نىمە ئۈچۈن مەككىدە قوش نىكالىق  بولماي مەدىنىدە قوش نىكالىق بولغانلىقىنى   قوش نىكالىق بولغاندىن كىيىن ئاياللىرى ئارىستىكى ئادىللىق ،قۇنالغۇ ،سەپەرلەدە قانداق قىلغانلىغىنى ئويلىنىپ كورسە.

abduwali123 2012-05-05 15:16
ۋاي نىمە دىگەن ياخشى گەپلەر بۇ ،

abduwali123 2012-05-05 15:22
[attachment=16481]\ئامىركىلىق ئۈچ ئاچا-سىڭىلنى بىراقلا نىكايىىغا ئالدى

ئۇنداقتا ئامىركىمۇ قوش نىكالىنىشقا يول قۇيامدا ؟

مۇسىلىم 2012-05-05 16:06
arzuyum:
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ،  اللە ئەجىر بەرسۇن ،اميىن !
بىز ئاياللارنىڭ كۈندەشلىگى ھەرقانچە كۈچلۈك بولسمۇ ، اللەنىڭ قانۇنىغا بويسۇنىمىز ، ئەرلىرىمىزنى رەسۇلللەھنىڭ سۈننىتىدىن توسمايمىز ،لىكىن ئەرلەرمۇ 2-3- خۇتۇنلارنى بىرسىنىڭ قېشىغا ، بىرسىنىڭ چېچېغا كۈيۈپ ئالماي ، مۇسۇلمان ئەرگە مۇھتاج مۇسلىمەلەرنى اللە رازىلىقى ئۈچۈن ۋە  رەسۇلللەھنىڭ سۈننىتى ئۈچۈن ئالسا، شۇنداقلا ھەممىسىگە ئادىل مۇئامىلە قىلالىسا بولاتتى

اللاھ رەھمەت قىلسۇن.ناھايىتى توغرا گەپ قىلدىڭىزھەمشىرە.

لۇتفى 2012-05-05 23:00
     جىمى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت ۋە توغرا يول ئاتا قىلسۇن .
    يۇقىرىقىلاردىن  ھەقىقەتەن كۆپ بىلىمگە ئىگە بولدۇم . سەئىدى ۋە ئارزۇيۇم  قېرىنداشلار ھەقىقەتەن ياخشى گەپ قىپتۇ . مەن ئۆزۈمنىڭ نەپسىدىن بەك قورقىمەن . شۇ نەپسىمگە ئەگىشىپ قېلىپ . قىيامەت كۈنى رەسۋا ھالدا قىيپاش دەسسەپ كېلىشتىن بەك قورقىمەن.شۇڭا ئاللاھ كۆرسەتكەن  ياخشىلىققا ئەڭ يېقىن  يولدىن مېڭىشنى توغرا كۆرىمەن . ئەمەللەر نىيەتكە باغلىقتۇر . ھەر كىشىنىڭ بۇنداق قىلىشتىن بۇرۇن سەئىدى ۋە ئارزۇيۇم قېرىنداشلارنىڭ دېگەنلىرىنى ۋە ئۆز نىيىتىنى ئوبدان دەڭسەپ كۆرگىنى ياخشى. 2-نىكاھىمىز ھەرگىزمۇ قوشۇمچە نىكاھقا ،ھەتتاكى پايدىلىنىش نىكاھىغا ئوخشاپ قالمىسۇن.
    ئاللاھ بىزلەرنى زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدىن قىلمىسۇن .


查看完整版本: [-- ئىككىنچى خوتۇنىنى جەمئىيەتتىن يوشۇرۇش --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.053843 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us