ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەن بىر مىش-مىش گەپ ئاڭلىدىم: بوۋىمىز مەھمۇت قەشقىرىنىڭ يۇرتى ئوپالدىكى
ئازىق كەنتىنىڭ ئىسىمى باشقا بىر نىمە دەپ ئۆزگەرتىلىپتۇ، بۇ راستمۇ ياكى ئۆسەكمۇ؟
قەشقەرلىك بالىلار بۇ ئىشلارنى بىلەمدىكىن دەيمەن، مەنغۇ بۇنىڭ يالغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەگەر «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى ئەشۇ «ئازىق»دىگەن يۇرت ئىسمىنى يىپ ئۇچى قىلىپ ئىزدىمىگەن بولسا، ئېھتىمال ئالىمنىڭ مىللى كىملىگىنى بېكىتىشمۇ تەسكە توختىشى مۈمكىنتى. بۈگۈنگە كېلىپ بۇ ئىسىم راستلا ئۆزگەرتىۋېتلگەن بولسا بۇ ئىنتايىن بەك مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھەم ئەجداتلارغا قىلىنغان نۇمۇسسىزلىق. مىڭ يىللاردىن بېرى ھىچنىمىگە تاقاشمىغان ئىسىم ھازىر ئۆزگەرتىلسە، بۇ كىشىگە بەك يامان تەسىر بېرىدىكەن.
قەشقەرلىك بالىلار، بولسا، مۇشۇ ئىشنى بى سۈرۈشتە قىلىپ ئېنىقلاپ باقساڭلار بوپتىكەن.
مەنبە:
http://bbs.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=47252