查看完整版本: [-- قەشقەرلىك بالىلار، «ئازىق»نى بىلەمسىلەر؟ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كۆڭۈلدىكى سۆز -> قەشقەرلىك بالىلار، «ئازىق»نى بىلەمسىلەر؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

dilara 2012-05-01 18:10
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەن بىر مىش-مىش گەپ ئاڭلىدىم: بوۋىمىز مەھمۇت قەشقىرىنىڭ يۇرتى ئوپالدىكى ئازىق كەنتىنىڭ ئىسىمى باشقا بىر نىمە دەپ ئۆزگەرتىلىپتۇ، بۇ راستمۇ ياكى ئۆسەكمۇ؟
قەشقەرلىك بالىلار بۇ ئىشلارنى بىلەمدىكىن دەيمەن، مەنغۇ بۇنىڭ يالغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەگەر «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى ئەشۇ «ئازىق»دىگەن يۇرت ئىسمىنى يىپ ئۇچى قىلىپ ئىزدىمىگەن بولسا، ئېھتىمال ئالىمنىڭ مىللى كىملىگىنى بېكىتىشمۇ تەسكە توختىشى مۈمكىنتى. بۈگۈنگە كېلىپ بۇ ئىسىم راستلا ئۆزگەرتىۋېتلگەن بولسا بۇ ئىنتايىن بەك مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھەم ئەجداتلارغا قىلىنغان نۇمۇسسىزلىق. مىڭ يىللاردىن بېرى ھىچنىمىگە تاقاشمىغان ئىسىم ھازىر ئۆزگەرتىلسە، بۇ كىشىگە بەك يامان تەسىر بېرىدىكەن.
قەشقەرلىك بالىلار، بولسا، مۇشۇ ئىشنى بى سۈرۈشتە قىلىپ ئېنىقلاپ باقساڭلار بوپتىكەن.
مەنبە: http://bbs.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=47252

نارات 2012-05-01 20:43
راس بۇنىڭغا شۇ يەرلىك باللار بىر نەرسە دىسۇن

samanyoli 2012-05-01 22:11
بۇنداق ئىش ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتتى ھازىر،،،،،،،،،،،بىزنىڭ ناھىيەدىكى ۋىۋىسكىلارنى ئوقۇسا ئادەم خۇددى ئىچكىرى ئۆلكىنىڭ بىرەر ناھىيىسىگە كېلىپ قالغاندەك بولىدۇ،،،

qiqak119 2012-05-01 22:37
بىر يورتنىڭ ئىسمى ئۆزگىرىپ كەتسە  ھېچقىسى يوق  ، ھازىر ئۆزىمىزنىڭ دىنى ئادەتلىرىمىزنى ساقلاپ قالالماي . بارغانسىرى قېرىنداش مىللەتكە ئوخشاپ قېلىۋاتساق ، ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى ، ئىتىقادىمىزنى  ئىختىيارى ۋە مەجبۇرى ئۇنتۇپ قېلىۋاتساق  ،بىرە يۇرتنىڭ ئىسمىنىڭ ئۆزگىرىپ كىتىشى  ھەيران قالغۇچىلىكى يوق بىر ئىش .

dilara 2012-05-01 23:01
بۇنىڭدىن 600 يىل ئىلگىرى تۈركلەر ياۋرۇپادىكى مەشھۇر يەرلەرنى پەتھى قىلغاندا ئۇ يەرنى ئىگەللەپ بولۇپلا يېڭىدىن تۈركچە ئىسىم قويۇشقا باشلاپتىكەن. مەسىلەن: 1453-يىلى كونستانتىنپۇل شەھرىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىستانبۇل (ئىسلامبول = ئىسلام بول) دەپ ئۆزگەرتىپتىكەن. يىراقتنى كۆرىدىغان، ئەڭ ئەقىللىق سىياسىئۇنلار  بىر يۇرتنى ئىگەللەپ، مەڭگۈلۈك ئۆزەمنىڭ قىلاي دېسە، ئىسىم ئۆزگەرتىشتىن باشلىسا، ئاسان ئىگىدارچىلىق قىلالايدۇ. چۈنكى، بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىسىم شۇ شەيئىنىڭ ماھىيىتىنى قىسمەن بولسىمۇ ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

nida0998 2012-05-02 02:07
ئازىق دىگەن بۇ ئىسىم كۇلىدىكى بىرەر يېزىنىڭ ئىسمىمىكەن .........؟


ئاتۇش ئەزەلدىن قەشقەرنىڭ بىر يېزىسى ........
ئاتۇش قەشقەر ئەزەلدىن بىر يۇرت ،قاچاندىن بىرى ئىككى يۇرت ئارلىغى 40 كىلومىتىر ئەمەس 4000 كىلومىتىر بولۇپكەتتىكىن تاڭ...؟
مۇنبەردە تالاشمىغان مۇشۇ گەپ قالدىمۇ ئەمدى ..........

قۇتلان 2012-05-02 10:40
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى nida0998 نىڭ 2012-05-02 02:07 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئازىق دىگەن بۇ ئىسىم كۇلىدىكى بىرەر يېزىنىڭ ئىسمىمىكەن .........؟


ئاتۇش ئەزەلدىن قەشقەرنىڭ بىر يېزىسى ........
ئاتۇش قەشقەر ئەزەلدىن بىر يۇرت ،قاچاندىن بىرى ئىككى يۇرت ئارلىغى 40 كىلومىتىر ئەمەس 4000 كىلومىتىر بولۇپكەتتىكىن تاڭ...؟
.......
جىنىم يولۋاسكوووووو !    سىلىنىڭ دىگەنلىرى  ئاتۇشنىڭ ئازىق يىزىسى، باللارنىڭ دىگىنى  ئوپالنىڭ ئازىق كەنتى، يەنى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تۇغۇلغان مەھەلىسىنىڭ ئسمىنى دىمەكچى،
مەنغۇ ھىچ ئۇنداق گەپ ئاڭلىمىدىم، شۇنداقتىمۇ سۇرۈشتۈرۈپ باقسام بولغۇدەك،

nida0998 2012-05-02 13:24
مۇنداق دىسلە ......
مەن تېخى ئازىق دىگەن شىنجىندىكى سىلې ئولتۇرغان ئولتۇراق رايۇننىڭ ئىسمىمىكىن دەپتىمەن ئەپۇ قىلسىلا ...

mt711 2012-05-02 14:42
دىن باشقا مىللەت باشقا ، مىنىڭچە  ئۆز مىللىتىگە كۆڭۈلبۆلەلمىگەن ئادەمدىن ئۆز دىنىغا قانچىلىكلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدىغۇ دەيمە............................

13899196193 2012-05-02 15:51
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى قۇتلان نىڭ 2012-05-02 10:40 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
جىنىم يولۋاسكوووووو !    سىلىنىڭ دىگەنلىرى  ئاتۇشنىڭ ئازىق يىزىسى، باللارنىڭ دىگىنى  ئوپالنىڭ ئازىق كەنتى، يەنى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تۇغۇلغان مەھەلىسىنىڭ ئسمىنى دىمەكچى،
مەنغۇ ھىچ ئۇنداق گەپ ئاڭلىمىدىم، شۇنداقتىمۇ سۇرۈشتۈرۈپ باقسام بولغۇدەك،

قىرىنداشلار ئاتۇشتىكى ئازىق ئەمەس ئازاق

@chewendaz@ 2012-05-02 17:20
قەشقەر كونا شەھەردەئازىق دەپ يۇرت بار. ئاتۇشتىمۇ ئازاق دەپ يۇرت بار. ئىلگىرى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ يۇرت تەۋەلىكىنى بېكىتكەندە ئاتۇش زىيالىلىرى ئاتۇشنىڭ ئازاق كەنتىدە تۇغۇلغان. كېيىن ئوپال ئەينى ۋاقىتتا گۈزەل يايلاق بولۇپ ھاياتىنىڭ ئاخىرىنى شۇيەردە ئۆتكۈزگەن دەپ قارىشىدۇ.
كېيىن بۇ تالاش-تارتىشلار ئازىقنىڭ كونا شەھەردىكى ئازىق، ئوپالنىڭ كونا شەھەردىكى ئوپال دەپ بېكىتىلىشى بىلەن ئاياغلاشتى.

888888 2012-05-02 19:03
مەن بۇنىڭغا قارشى .
خالىغانچە ئۆزگەتسە بولمايدۇ............
بىرچىرايلىق نامىنى تاشلاپ  قۇيۇپ .
                 


查看完整版本: [-- قەشقەرلىك بالىلار، «ئازىق»نى بىلەمسىلەر؟ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.049337 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us