باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1815 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: كۇۋرۇك قىرى كەڭسايغا سالام ئىيتتى....^+^
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7564
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 544
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە544دانە
ئۆسۈش: 1150 %
مۇنبەر پۇلى: 6325 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-24
ئاخىرقى: 2012-05-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 14:27

كۇۋرۇك قىرى كەڭسايغا سالام ئىيتتى....^+^




ئۈرۈمچىدە <دوڭ كۆۋرۈك>قەشقەردە< ھىيتكاھ>خوتەندە <چوققا بازىرى>داڭلىق بولغاندەك غۇلجىدا خەنزۇ بازىرى داڭلىق ،ھىرىپ چارچىغان ۋاقىتلاردا بازارنى بىر ئايلىنىپ چىقسىڭىز ،ھەر خىل ھەر ياڭزا كىشىلەر كاۋاپچىلار ،باققاللار ،مارۇژنچىلار ،مايلامچىلار ئىشىقىلىپ ئاشخانىلار بەس -بەستە قويۇۋالغان يۇقۇرى ئاۋازلىق ناخشا ئاۋازى ۋە بۇ ئاۋازنى بىسىپ چۈشۈش ئۈچۈن ئۆز ماللىرىنى ماختاپ ۋاقىراۋاتقان ئۇششاق تىجارەتچىلەرنىڭ ئاۋازىمۇ كىشىگە بىر خىل ھوزۇر بىغىشلايدۇ ،ھاياتلىق تىرىكچىلىك ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان كىشىلەرگە قاراپ ھاياتقا تۇرمۇشقا بۇلغان ئىشەنچىڭىز تېخىمۇ كۈچۈيدۇ ..!
كۇنا ئادىتىم بۇيىنچە خەنزۇ بازىرىدا ئايلىنىپ يۈردۈم ،بىر تىلىمى ئىككى سوملۇق لېكىن ناھايىتى نىپىز تىلىنغان تاۋۇزدىن چىداپ تۇرۇپ ئۈچ تىلىم يەۋەتتىم ،تەمى ھەر ھالدا بۇلىدىكەن ،پورتمىلىمدىن ئالتە سومنى چىقىرىپ بىرەي دەپ تۇرسام ھە،،
-رەسسامجان تاۋۇز يىگىلى كەپسىزدە!؟ .
دىگەن ئاۋاز بىلەن يىنىمغا قارىسام كەڭساي مۇنبىرىدە تونۇشۇپ قالغان كۆۋرۈك ئاكاممۇ تاۋۇز يەپ بولۇپ يانچۇقىنى ئاختۇرۋىتىپتۇ .
-بۇلدى كۆۋرۈك ئاكا مەن تۆلىۋىتەي!
دىدىم يانچۇققا سىلىۋەتكەن پورتىمىلىمنى يەنە قولۇمغا ئىلىپ،
- بولدى ئۆزەم تۆلەيمەن ،
دىدى كۆۋرۈك ئاكام ،
-ياق مەن تۆلەي ،
دىدىم ۋە تاۋۇزچىغا قانچە تىلىم يىدى دىدىم، ئۇ ئۈچ تىلىم دىگەندەك ئۈچ بارمىقىنى كۆرسەتتى ،مەن ئالتە سوم پۇلنى بىرىۋەتتىم، چۈنكى كۆۋرۈك ئاكام تېخىچە يانچۇقىنى كولاۋاتاتتى ...
-ۋۇي ئۇكام سەت بۇلدى، ئۆزەم تۆلەيتىم ئەمەسمۇ!، دىدى ئۇزىرىخالىق ئېيتىپ ،،،
-ھە! كۆۋرۈك ئاكا يوقاپ كەتتىڭغۇ؟ مۇنبەرلەرگە كىرمەس بولۇپ كەتتىڭ ؟سامان يولى بىلەن ئانچە -مۇنچە سوقۇشۇپ تۇراتتىڭ، ھازىر سەن يوق ،سامان يولى سوقۇشىدىغان ئادەم يوق، ئىچى پۇشۇپ يۈرەرمىش دىدىم .
-ئالدىراش شۇ دىدى -كۆۋرۈك ئاكام،  تاۋۇز ساتىدىغان كىشىنىڭ يىنىغا قويۇپ قويغان قول ھارۋىنى سۆرەپ ماڭدى، ئۈستىدە لىق سىن پىلاستىنكىسى بار ئىدى ،
-ۋۇي كۆۋرۈك ئاكا، ياخشى تىجارەت تىپىۋاپتىققۇ؟
دىدىم ،ھارۋىسىنىڭ يېنىدا تەڭ مىڭىپ،
-شۇنداق بۇرۇن پېنىسيە مۇئاشىغا قاراپ، مۇئاش چىققان زامان، قاۋاققا كىرىپ كەتسەك، يانچۇقتا پۇل قالمىغىچە كەيىپ يۈرەتتۈق ،كەڭساي مۇنبىرىگىمۇ تولا كەيپىم يېشىلمەيلا كىرەتتىم ،مانا قېرىغاندا بولسىمۇ  ئەمدى ئەقلىمىزنى تاپتۇق ،ھاراق شاراپنى تاشلىدۇق، ئۆيدە بىكار ئولتۇرسام زىرىكىپ قالىمەنكەن، مۇشۇ ئۈن-سىن پىلاستىنكىسى سېتىشى تىجارىتىنى تىپىۋالدىم،تۈركىيەنىڭ پۈتۈن كىنولىرى بار . بىر دانە لىنتىنى بىر كويدىن ئالىمەن، ئۈچ كويدىن ساتىمەن،  بۇ ھايات ھەقىقەتەن <<ئاچچىق ھايات >>ئىكەن.بۇرۇنقى ئەل ئاغىنىلەر مىنى< <ئالدامچى شابان >>دەيدۇ .مەن ئۇلارنى <ناتىۋانلار >دەۋالدىم.
دىدى كۆۋرۈك ئاكام خىقىراپ كۈلۈپ تۇرۇپ.-تۇرۇپ خۇددى <ئاخىرلاشمىغان سۆيگۈ>دەك ئۇلارنى ئەسلەپ قالىمەن  .بەزىدە ئۇ ئۈلپەتلەرگە،- نەگە ماڭدىڭلار! دىسەم <كورىتلار ۋادىسىغا >دەپ قويىدۇ ،ھەي بالىلار <چەكلەنگەن سۆيگۈ>دەك بۇ ھاراقنى چەكلىسەڭلار بولمامدۇ! دىسەم. ئۇ خەق ھاراققا <ئاشىق>دەك قىلىپ كېتىدۇ، ئۇلار ھامان <جازا >تارتىدۇ ،مەن ئۇ خەققە تەربىيە قىلسام  ماڭا ئۆچ بولۇپ، مېنى <قىساسكار ئاشىق >دەك كۆرىدىغان بولۇپ كەتتى، مەنمۇ ئۇ گۇيلارنى <يىتىشكەن 11ئۇغرى >دەۋالدىم، دىدى.
كۆۋرۈك .اكام تىخىمۇ كۈلۈپ .
ئۇ خەق مېنىڭ نەسىھىتىمدىن  <قاچقۇن ئاشىقلار>>دەك قىچىپ يۈرىدۇ، تېخى ئاخىرى بالا چاقىسىدىن ئايرىلىپ <قىزىم سەن نەدە >دەپ يىغىلاپ قالىدۇ كوچىدا .ئۇ خەق ھاراق ئىچىلسا <سەلتەنەت >بىشىغا كېلىدىغاندەك قىلىپ كىتىدۇ ،ككۋۈك ئاكامنىڭ قىززىق گەپلىردىن تازا ھوزۈرلىنىپ كۈلىۋاتسام كۆۋۈك ئاكام ھارۋىسىنى سۆرەپ ئالدىراپ ماڭدى ۋە رەسسام ئۇكام بازار باشقۇرۇشنىڭ كەلدى، مەن كەتتىم، كەڭساي مۇنبىردىكىلەرگە سالام ئېيىت دىدى.
مەنبە:رەسسام
--ئىملا خاتالىق ۋە ئۇرۇنلارنىڭ ئىسىم  خاتالىقىنى تۈزەش سىلەرگە قالدى باشقۇرغۇچىلار ،،،^+^
[ بۇ يازمىنىxahla91 2012-05-05 03:03قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1745
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1745دانە
ئۆسۈش: 8090 %
مۇنبەر پۇلى: 23682 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-05-10
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 21:35

مانا ،،،،،،،،،،،،،،،كلون تېخنىكىسىنى چەكلەشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئەمدى تېخىمۇ ئېنىق ھىس قىلغانسىلەر بۇرادەرلەر،،،،،،،