查看完整版本: [-- كۇۋرۇك قىرى كەڭسايغا سالام ئىيتتى....^+^ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> يۇمۇر لەتىپىلە -> كۇۋرۇك قىرى كەڭسايغا سالام ئىيتتى....^+^ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

رەسسام 2012-04-30 14:27
[attachment=16431]

ئۈرۈمچىدە <دوڭ كۆۋرۈك>قەشقەردە< ھىيتكاھ>خوتەندە <چوققا بازىرى>داڭلىق بولغاندەك غۇلجىدا خەنزۇ بازىرى داڭلىق ،ھىرىپ چارچىغان ۋاقىتلاردا بازارنى بىر ئايلىنىپ چىقسىڭىز ،ھەر خىل ھەر ياڭزا كىشىلەر كاۋاپچىلار ،باققاللار ،مارۇژنچىلار ،مايلامچىلار ئىشىقىلىپ ئاشخانىلار بەس -بەستە قويۇۋالغان يۇقۇرى ئاۋازلىق ناخشا ئاۋازى ۋە بۇ ئاۋازنى بىسىپ چۈشۈش ئۈچۈن ئۆز ماللىرىنى ماختاپ ۋاقىراۋاتقان ئۇششاق تىجارەتچىلەرنىڭ ئاۋازىمۇ كىشىگە بىر خىل ھوزۇر بىغىشلايدۇ ،ھاياتلىق تىرىكچىلىك ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان كىشىلەرگە قاراپ ھاياتقا تۇرمۇشقا بۇلغان ئىشەنچىڭىز تېخىمۇ كۈچۈيدۇ ..!
كۇنا ئادىتىم بۇيىنچە خەنزۇ بازىرىدا ئايلىنىپ يۈردۈم ،بىر تىلىمى ئىككى سوملۇق لېكىن ناھايىتى نىپىز تىلىنغان تاۋۇزدىن چىداپ تۇرۇپ ئۈچ تىلىم يەۋەتتىم ،تەمى ھەر ھالدا بۇلىدىكەن ،پورتمىلىمدىن ئالتە سومنى چىقىرىپ بىرەي دەپ تۇرسام ھە،،
-رەسسامجان تاۋۇز يىگىلى كەپسىزدە!؟ .
دىگەن ئاۋاز بىلەن يىنىمغا قارىسام كەڭساي مۇنبىرىدە تونۇشۇپ قالغان كۆۋرۈك ئاكاممۇ تاۋۇز يەپ بولۇپ يانچۇقىنى ئاختۇرۋىتىپتۇ .
-بۇلدى كۆۋرۈك ئاكا مەن تۆلىۋىتەي!
دىدىم يانچۇققا سىلىۋەتكەن پورتىمىلىمنى يەنە قولۇمغا ئىلىپ،
- بولدى ئۆزەم تۆلەيمەن ،
دىدى كۆۋرۈك ئاكام ،
-ياق مەن تۆلەي ،
دىدىم ۋە تاۋۇزچىغا قانچە تىلىم يىدى دىدىم، ئۇ ئۈچ تىلىم دىگەندەك ئۈچ بارمىقىنى كۆرسەتتى ،مەن ئالتە سوم پۇلنى بىرىۋەتتىم، چۈنكى كۆۋرۈك ئاكام تېخىچە يانچۇقىنى كولاۋاتاتتى ...
-ۋۇي ئۇكام سەت بۇلدى، ئۆزەم تۆلەيتىم ئەمەسمۇ!، دىدى ئۇزىرىخالىق ئېيتىپ ،،،
-ھە! كۆۋرۈك ئاكا يوقاپ كەتتىڭغۇ؟ مۇنبەرلەرگە كىرمەس بولۇپ كەتتىڭ ؟سامان يولى بىلەن ئانچە -مۇنچە سوقۇشۇپ تۇراتتىڭ، ھازىر سەن يوق ،سامان يولى سوقۇشىدىغان ئادەم يوق، ئىچى پۇشۇپ يۈرەرمىش دىدىم .
-ئالدىراش شۇ دىدى -كۆۋرۈك ئاكام،  تاۋۇز ساتىدىغان كىشىنىڭ يىنىغا قويۇپ قويغان قول ھارۋىنى سۆرەپ ماڭدى، ئۈستىدە لىق سىن پىلاستىنكىسى بار ئىدى ،
-ۋۇي كۆۋرۈك ئاكا، ياخشى تىجارەت تىپىۋاپتىققۇ؟
دىدىم ،ھارۋىسىنىڭ يېنىدا تەڭ مىڭىپ،
-شۇنداق بۇرۇن پېنىسيە مۇئاشىغا قاراپ، مۇئاش چىققان زامان، قاۋاققا كىرىپ كەتسەك، يانچۇقتا پۇل قالمىغىچە كەيىپ يۈرەتتۈق ،كەڭساي مۇنبىرىگىمۇ تولا كەيپىم يېشىلمەيلا كىرەتتىم ،مانا قېرىغاندا بولسىمۇ  ئەمدى ئەقلىمىزنى تاپتۇق ،ھاراق شاراپنى تاشلىدۇق، ئۆيدە بىكار ئولتۇرسام زىرىكىپ قالىمەنكەن، مۇشۇ ئۈن-سىن پىلاستىنكىسى سېتىشى تىجارىتىنى تىپىۋالدىم،تۈركىيەنىڭ پۈتۈن كىنولىرى بار . بىر دانە لىنتىنى بىر كويدىن ئالىمەن، ئۈچ كويدىن ساتىمەن،  بۇ ھايات ھەقىقەتەن <<ئاچچىق ھايات >>ئىكەن.بۇرۇنقى ئەل ئاغىنىلەر مىنى< <ئالدامچى شابان >>دەيدۇ .مەن ئۇلارنى <ناتىۋانلار >دەۋالدىم.
دىدى كۆۋرۈك ئاكام خىقىراپ كۈلۈپ تۇرۇپ.-تۇرۇپ خۇددى <ئاخىرلاشمىغان سۆيگۈ>دەك ئۇلارنى ئەسلەپ قالىمەن  .بەزىدە ئۇ ئۈلپەتلەرگە،- نەگە ماڭدىڭلار! دىسەم <كورىتلار ۋادىسىغا >دەپ قويىدۇ ،ھەي بالىلار <چەكلەنگەن سۆيگۈ>دەك بۇ ھاراقنى چەكلىسەڭلار بولمامدۇ! دىسەم. ئۇ خەق ھاراققا <ئاشىق>دەك قىلىپ كېتىدۇ، ئۇلار ھامان <جازا >تارتىدۇ ،مەن ئۇ خەققە تەربىيە قىلسام  ماڭا ئۆچ بولۇپ، مېنى <قىساسكار ئاشىق >دەك كۆرىدىغان بولۇپ كەتتى، مەنمۇ ئۇ گۇيلارنى <يىتىشكەن 11ئۇغرى >دەۋالدىم، دىدى.
كۆۋرۈك .اكام تىخىمۇ كۈلۈپ .
ئۇ خەق مېنىڭ نەسىھىتىمدىن  <قاچقۇن ئاشىقلار>>دەك قىچىپ يۈرىدۇ، تېخى ئاخىرى بالا چاقىسىدىن ئايرىلىپ <قىزىم سەن نەدە >دەپ يىغىلاپ قالىدۇ كوچىدا .ئۇ خەق ھاراق ئىچىلسا <سەلتەنەت >بىشىغا كېلىدىغاندەك قىلىپ كىتىدۇ ،ككۋۈك ئاكامنىڭ قىززىق گەپلىردىن تازا ھوزۈرلىنىپ كۈلىۋاتسام كۆۋۈك ئاكام ھارۋىسىنى سۆرەپ ئالدىراپ ماڭدى ۋە رەسسام ئۇكام بازار باشقۇرۇشنىڭ كەلدى، مەن كەتتىم، كەڭساي مۇنبىردىكىلەرگە سالام ئېيىت دىدى.
مەنبە:رەسسام
--ئىملا خاتالىق ۋە ئۇرۇنلارنىڭ ئىسىم  خاتالىقىنى تۈزەش سىلەرگە قالدى باشقۇرغۇچىلار ،،،^+^

ئىزباسار 2012-04-30 14:47
ئۆزى يېقىپ ئۆزى يىگەن ناۋاي     

تاھىربەگ 2012-04-30 14:55
كۆرۈك كىرمەس بولدى ئەمدى.  ماۋۇ رەسسام دىگەن ئاداش سامان يولى ئىككىمىزگە سەي بولمايدۇ.  چىقىدىغانلار باما؟

رەسسام 2012-04-30 15:26
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى تاھىربەگ نىڭ 2012-04-30 14:55 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
كۆرۈك كىرمەس بولدى ئەمدى.  ماۋۇ رەسسام دىگەن ئاداش سامان يولى ئىككىمىزگە سەي بولمايدۇ.  چىقىدىغانلار باما؟

--تۇغرا كوۋرۇككام ئەمدى مۇنبەرگە كىرەلمەيمەن ،<<قاشقالىق >>لارغا ھەرگىز بۇزەك بۇلما مىنىڭ ئىزىمنى باس دىدى ،،

paris 2012-04-30 15:44
باللارنىڭ چاقچاقلىرى جايىدىغۇ...   

gherip 2012-04-30 17:37
كۆۋرۈك ئاخىرى سامانيولىدىن قورقۇپتىدە

samanyoli 2012-04-30 21:35
مانا ،،،،،،،،،،،،،،،كلون تېخنىكىسىنى چەكلەشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئەمدى تېخىمۇ ئېنىق ھىس قىلغانسىلەر بۇرادەرلەر،،،،،،،   

dulbarqin310 2012-05-01 12:46
تېخمۇ تىرىشڭ رەسسام، سىزگە مەدەتكارلار چوقۇم با...

end 2012-05-02 14:24
سىز مەدەتكار بولاي دەمسىز...

xahla91 2012-05-05 03:04
قايتا يازدىم دىسەم يالغان ئەمەس باللا!
رەسسام رومان يوللىسا چانىۋىتىمەن.

amanxa 2012-05-05 08:27
نىمىشقا ئەمدى؟     

xahla91 2012-05-05 11:47
ئاشۇ ئىملاسىدا رومان يازسا ،تەھرىرلەپ بولغىچە جېنىم چىقىپ كەتكىدەك،ئۇنىڭدىن رەسسامنى چاناپلىۋەتسەم ،مەن ساق قالمامدىم.

شاۋقۇن0999 2012-05-05 19:56
[attachment=16491]
[attachment=16492]

xahla91 2012-05-05 19:58
ساۋادىڭلار بولغانكىن،خەت يېزىڭلار قونچاق رەسىم ئوينىماي!


查看完整版本: [-- كۇۋرۇك قىرى كەڭسايغا سالام ئىيتتى....^+^ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.046043 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us