باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2900 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىسمىڭىزنىڭ مەنسىنى بىلىۋىلىڭ !!!
ئىبراھىمجان ئىرپانى   qq;1806537111
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7630
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 176
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە176دانە
ئۆسۈش: 2550 %
مۇنبەر پۇلى: 3611 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-28
ئاخىرقى: 2012-08-27
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-29 21:54

ئىسمىڭىزنىڭ مەنسىنى بىلىۋىلىڭ !!!

بىزنىڭ ئىسىملىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمى ئەرەپچە بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسمىمىزنىڭ مەنىسىنى بىلمەيمىز .
مەلۇم بىر مەكتەپتىكى مەلۇم بىر سىنىپ ئەدىبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆز ئىسمىنىڭ ئىپادىلگەن مەنىسىنى ئىيتىپ بىرىشنى تەلەپ قىپتۇ .
ئۆزلىرىگە ئۇيغۇرچە ياكى تۇركى ئىسم قۇيۇلغان ساۋاقداشلار ئۆز ئىسمىنىڭ مەنىسىنى ئىيتىپ بىرىپتۇ . لىكىن ئەرەپچە ئىسىم قۇيۇلغان ساۋاقداشلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆز ئىسمىنىڭ مەنىسىنى ئىيتىپ بىرەلمەپتۇ .
شۇڭا مەن ئىسمىڭلارنىڭ مەنىسىنى بىلىۋالسۇن دەپ تۆۋەندىكى ئىسىملار ۋە ئۇنىڭ مەنىسىنى ئىلىپ كەلدىم . پايدىلنارسىلەر ...

ئادەم : بۇغداي ئۆڭلۈك، ئادەم ئاتا، ئادەم ئىبرانىيچە قىزىل، ئىنسان، ئىنسانىيەت دېگەن بولىدۇ.
ئىبراھىم : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ، مەنىسى ئاممىنىڭ ئاتىسى دېگەن بولىدۇ.
ئەجۋەد : سېخى، ئېسىل، ئۇلۇغ.
ئېھسان : ياخشىلىق قىلىش، ياخشىلىق، ياخشى ئىش قىلىش.
ئەھمەد : مەدھىيىلەشكە تېگىشلىك، قەدىرلەشكە لايىق.
ئىدرىس : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.
ئەدھەم : قارا، ئىشكەل.
ئەدىب : يازغۇچى، ئوقۇتقۇچى، ئەدەپ- ئەخلاقلىق.
ئىرشاد : يېتەكلىمەك، توغرا يولغا باشلىماق.
ئۇسامە : يولۋاس.
ئىسھاق : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى، كۈلىدۇ دېگەن بولىدۇ.
ئەسەد : قەھرىمان.
ئىسلام : بويسۇنماق، ئىتائەت قىلماق، باش ئەگمەك.
ئىسمائىل : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى، ئاللەنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدۇ دېگەن بولىدۇ.
ئىقبال : كەلمەك، باشلىماق، يېقىنلاشماق، بەخت، راۋاج تاپماق.
ئەكرەم : مەرد، سېخى.
ئىلياس : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.
ئىمام : مۇسۇلمانلارنىڭ رەئىسى (خەلىپە)، نامازنى باشلاپ ئوقۇيدىغان كىشى، چوڭ يول.
ئەمىر : شاھزادە، پادىشاھ، قوماندان، باشلىق، رەئىس.
ئەمىن : ئىشەنچلىك، سادىق، ۋاپادار، بىخەتەر، تىنچ، راستچىل، سەمىمىي، دوست، ساقلىغۇچى.
ئەنەس : مۇلايىم بولماق، ئىناق ئۆتمەك، ئۈنسى- ئۈلپەت ئالماق، بىر ساھابەنىڭ ئىسمى.
ئەنۋەر : ناھايىتى نۇرلۇق، بەك چۈشىنىشلىك، چىرايلىق.
ئەييۇب : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى، تەۋبە قىلغۇچى دېگەن بولىدۇ؛ بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى
باسىت : مۇلايم.
باكىر : ئەتىگەن، دەسلەپكىسى، بالدۇر كەلگەن.
بىلال : نەملىك، سۇ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇئەززىنىنىڭ ئىسمى.
سابىت : مۇستەھكەم،مۇقىم، قەھرىمان.
ھافىز : ساقلىغۇچى، قۇرئان كەرىمنى يادلىغان كىشى.
ھامىد : ھەمد ئېيتقۇچى، ئاللەنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلغۇچى.
ھەسەن : چىرايلىق ۋە ئەخلاقلىق.
ھۇسەين : ھەسەننىڭ كىچىكلىتىلگەن شەكلى.
ھەمزە : يولۋاس.
ھەيدەر : يولۋاس.
خالىد : باقىي، مەڭگۈ.
خەلىل : دوست، نەسىھەت قىلغۇچى، سادىق، سەمىمىي، ئورۇق(ئاۋاق)، پېقىر.
داۋۇد : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى قەدىردان (سۆيۈملۈك) دېگەن بولىدۇ.
زاكىر : ئاللەغا زىكىر- تەسبىيھ ئېيتقۇچى، ئېسىدە تۇتقۇچى، زېرەك.
زۇلفىقار : ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىلىچىنىڭ نامى.
رەجەب : ھىجرىيىنىڭ 7- ئېيى.
رۇستەم : پارىسچە جەسۇر، باتۇر، قەھرىمان دېگەن بولىدۇ.
رەشاد : توغرا، توغرا بولماق، ھىدايەت تاپماق، بىر خىل ئۆسۈملۈك.
زاھىر : نۇرلۇق، يۈزى يورۇق، رەڭگى چىرايلىق.
سالىم : قۇتۇلغۇچى، بېجىرىم.
سەئىد : تەلەيلىك، خۇشال.
سەلام : تەبرىك، تىنچلىق، ئامانلىق.
سۇلتان : پادىشاھ، قابىلىيەت، ھۆكۈمرانلىق قىلماق، ھۆججەت.
سۇلەيمان : قۇتۇلغۇچى، ساغلام.
سەييىد : باشلىق، داھىي، خوجايىن.
سىراج : پانۇس، كۈن، چىراغ.
شاكىر : شۈكۈر قىلغۇچى، تەشەككۈر بىلدۈرگۈچى، رەھمەت ئېيتقۇچى.
شەرەف : ئالىيجاناب بولماق، ئېسىل بولماق، شان- شەرەپ، پەخىر، ئىگىز جاي.
شەرىف : ئېسىل، ئالىيجاناب، مۇنەۋۋەر، ئاقسۆڭەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادى.
شەئبان : ھىجرىيىنىڭ 8- ئېيى.
شەۋكەت : كۈچ- قۇۋۋەت، شەۋكەت، جۈرئەت.
سابىر : چىداملىق، ئىرادىلىك.
سادىر : سۇدىن قايتقۇچى، نەتىجە.
سادىق : ئىخلاسمەن، راستچىل.
سالىھ : ياخشى، مۇۋاپىق، ئۇبدان، لايىق، تۈز.
تارىق : كېچىسى كەلگەن مېھمان، چولپان يۇلتۇزى.
تالىب : ئىزدەنگۈچى، تەلەپ قىلغۇچى، ئوقۇغۇچى.
تاھا : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى.
تاھىر : پاك، پاكىز. تازا (كىر ئەمەس).
تەلئەت : مەنزىرە، سىرتقى كۆرۈنۈش، سىرتقى قىياپەت.
ئابىد : ئىبادەت قىلغۇچى، چوقۇنغۇچى، داۋاملىق ئىبادەت قىلغۇچى.
ئادىل : ئادىل، ھەققانىي، توغرا، ئىنساپلىق.
ئارىف : ئالىم، تونۇغۇچى، چىداملىق، مەرىپەتلىك، تونۇپ يەتكۈچى.
ئاسىم : ساقلىغۇچى، قوغدىغۇچى، توسقۇچى.
ئاكىف : ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلگۈچى، باش چۆكۈرۈپ ئىشلىگۈچى، بىر يەردە تۇرغۇچى.
ئابباس : قوشۇمىسىنى كۆپ تۈرگۈچى، چىرايىنى بەك پۈرۈشتۈرگۈچى، قەھرىمان.
ئوسمان : ياۋا غاز، ئەجدىھا.
ئەرەفات : زۇلھەججە (ھىجرىيىنىڭ 12- ئېيى) نىڭ 9- كۈنى ھاجىلارنىڭ تۇرۇشى پەرز بولغان جاينىڭ ئىسمى.
ئىرفان : ياخشىلىق، ئىلىم، بىلىم، مەرىپەت،
ئەززام : ئىرادىلىك، قەھرىمان.
ئىززەت : غۇرۇر، كۈچ- قۇۋۋەت، غەلىبە، شان- شەرەپ.
ئىسمەت : گۇناھسىزلىق، مۇكەممەل بولۇش، قانائەتلىنىش، خاتالىقتىن يىراق تۇرۇش.
ئەلىي : ئۈستۈن، ئالىي، يۇقىرى، ئۇلۇغ.
ئاممار : كۆپ ئىمارەت سالغۇچى، ئىمانى كۈچلۈك، ئېغىر- بېسىق، سالماق، ھاياتى بويىچە ئىش باشقۇرغۇچى
غازىي غازات قىلغۇچى، جەڭ قىلغۇچى.
غالىب : غەلىبە قىلغۇچى، كۈچلۈك، زەپەرگە ئېرىشكۈچى.
فاتىھ : پەتىھ قىلغۇچى، ئاچقۇچى، باشلىغۇچى، جەڭدە غەلىبە قىلغۇچى، كۈچلۈك.
فارۇق : ھەق ناھەقنى ئايرىغۇچى، ئىككىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ لەقىمى.
فەرھات : خۇشال، شادلانغۇچى، سۆيۈنگۈچى.
فەيسەل : ئۆتكۈر قىلىچ، توغرا ھۆكۈم چىقارغۇچى، قازى، گۇۋاھچى.
قاسىم : تەقسىم قىلغۇچى.
كەرەم : سېخىلىق، مەردلىك، مەرەھمەت، خەير- ئېھسان.
كەرىم : سېخى، مەرد، شەپقەتلىك، مېھماندوست، ھۆرمەتلىك، ئېسىل، پەزىلەتلىك.
كەمال : مۇكەممەل بولماق، تولۇق بولماق، كۆڭۈلدىكىدەك بولماق، كامالەت.
مۇھەممەد : مەدھىيىلەشكە ئەرزىيدىغان، نۇرغۇنلىغان يۈكسەك خىسلەتلەرگە ئىگە زات.
مەھمۇد : مەدھىيىلەنگۈچى.
مۇختار : تاللانغان.
مۇراد : مەقسەت، مۇددىئا، ئارزۇ.
مەسئۇد : بەختلىك، بەرىكەتلىك، تەلەيلىك، خۇشال.
مەئسۇم : خاتالىق ۋە رەزىللىكتىن يىراق، ساقلانغۇچى.
مەنسۇر : غالىب، يەڭگۈچى، غەلىبە قىلغۇچى.
مۇئمىن : ئىمانلىق، ئىشەنگۈچى، ئاللەغا ئېتىقاد قىلغۇچى.
ناسىر : ياردەم بەرگۈچى.
نايىف : ئىگىز.
نەزىر : ئوخشىغۇچى.
نىئمەت : نازۇنېمەت، مەرھەمەت، ئىلتىپات.
نىيازىي : پارىسچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى مەشۇق، مەھبۇب دېگەن بولىدۇ.
ھاشىم : شورپىغا نان چىلىغۇچى، بۇزغۇنچى، تارمار قىلغۇچى.
ياسىر : ئاسان، يۇمشاق، مۇلايىم، قاسساپ.
ياسىين : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىلىرىدىن بىرى.
يەقۇب : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.
يۇسۇف : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.
يۇنۇس : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.
يەھيا : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.
جامال : گۈزەللىك.


قىزلارنىڭ ئىسمىنىڭ مەنىسى << بىر مىسقال ئىقتىسات تورى >> غا بىرلدى .
مۇنبەردىكى ئۆز ئىسمىنىڭ مەنىسىنى بىلىشنى خالايدىغان قىزلار << بىر مىسقال ئىقتىسات تورى >> غا كىرىپ كۆرىۋىلىڭلار .
                                            www.1miskal.com

<< بىرمىسقال بىلوگى >> يىڭىدىن قۇرۇلدى .
www.1miskal.com
سەن كىم ئىدىڭ كىم بولدۇڭ يەنە كىم بولماقچى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1695
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1264
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1264دانە
ئۆسۈش: 930 %
مۇنبەر پۇلى: 13833 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-09
ئاخىرقى: 2012-09-11
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 01:55

ئەپسۇس مىنىڭ ئىسمىم يوق ئىكەن ئىسمىم ئابدىللا ئىدى
سەن كىم ئىدىڭ كىم بولدۇڭ يەنە كىم بولماقچى