erpan.0998 |
2012-04-29 21:54 |
بىزنىڭ ئىسىملىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمى ئەرەپچە بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسمىمىزنىڭ مەنىسىنى بىلمەيمىز . مەلۇم بىر مەكتەپتىكى مەلۇم بىر سىنىپ ئەدىبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆز ئىسمىنىڭ ئىپادىلگەن مەنىسىنى ئىيتىپ بىرىشنى تەلەپ قىپتۇ . ئۆزلىرىگە ئۇيغۇرچە ياكى تۇركى ئىسم قۇيۇلغان ساۋاقداشلار ئۆز ئىسمىنىڭ مەنىسىنى ئىيتىپ بىرىپتۇ . لىكىن ئەرەپچە ئىسىم قۇيۇلغان ساۋاقداشلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆز ئىسمىنىڭ مەنىسىنى ئىيتىپ بىرەلمەپتۇ . شۇڭا مەن ئىسمىڭلارنىڭ مەنىسىنى بىلىۋالسۇن دەپ تۆۋەندىكى ئىسىملار ۋە ئۇنىڭ مەنىسىنى ئىلىپ كەلدىم . پايدىلنارسىلەر ...
 ئادەم : بۇغداي ئۆڭلۈك، ئادەم ئاتا، ئادەم ئىبرانىيچە قىزىل، ئىنسان، ئىنسانىيەت دېگەن بولىدۇ. ئىبراھىم : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ، مەنىسى ئاممىنىڭ ئاتىسى دېگەن بولىدۇ. ئەجۋەد : سېخى، ئېسىل، ئۇلۇغ. ئېھسان : ياخشىلىق قىلىش، ياخشىلىق، ياخشى ئىش قىلىش. ئەھمەد : مەدھىيىلەشكە تېگىشلىك، قەدىرلەشكە لايىق. ئىدرىس : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. ئەدھەم : قارا، ئىشكەل. ئەدىب : يازغۇچى، ئوقۇتقۇچى، ئەدەپ- ئەخلاقلىق. ئىرشاد : يېتەكلىمەك، توغرا يولغا باشلىماق. ئۇسامە : يولۋاس. ئىسھاق : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى، كۈلىدۇ دېگەن بولىدۇ. ئەسەد : قەھرىمان. ئىسلام : بويسۇنماق، ئىتائەت قىلماق، باش ئەگمەك. ئىسمائىل : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى، ئاللەنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدۇ دېگەن بولىدۇ. ئىقبال : كەلمەك، باشلىماق، يېقىنلاشماق، بەخت، راۋاج تاپماق. ئەكرەم : مەرد، سېخى. ئىلياس : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. ئىمام : مۇسۇلمانلارنىڭ رەئىسى (خەلىپە)، نامازنى باشلاپ ئوقۇيدىغان كىشى، چوڭ يول. ئەمىر : شاھزادە، پادىشاھ، قوماندان، باشلىق، رەئىس. ئەمىن : ئىشەنچلىك، سادىق، ۋاپادار، بىخەتەر، تىنچ، راستچىل، سەمىمىي، دوست، ساقلىغۇچى. ئەنەس : مۇلايىم بولماق، ئىناق ئۆتمەك، ئۈنسى- ئۈلپەت ئالماق، بىر ساھابەنىڭ ئىسمى. ئەنۋەر : ناھايىتى نۇرلۇق، بەك چۈشىنىشلىك، چىرايلىق. ئەييۇب : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى، تەۋبە قىلغۇچى دېگەن بولىدۇ؛ بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى باسىت : مۇلايم. باكىر : ئەتىگەن، دەسلەپكىسى، بالدۇر كەلگەن. بىلال : نەملىك، سۇ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇئەززىنىنىڭ ئىسمى. سابىت : مۇستەھكەم،مۇقىم، قەھرىمان. ھافىز : ساقلىغۇچى، قۇرئان كەرىمنى يادلىغان كىشى. ھامىد : ھەمد ئېيتقۇچى، ئاللەنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلغۇچى. ھەسەن : چىرايلىق ۋە ئەخلاقلىق. ھۇسەين : ھەسەننىڭ كىچىكلىتىلگەن شەكلى. ھەمزە : يولۋاس. ھەيدەر : يولۋاس. خالىد : باقىي، مەڭگۈ. خەلىل : دوست، نەسىھەت قىلغۇچى، سادىق، سەمىمىي، ئورۇق(ئاۋاق)، پېقىر. داۋۇد : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى قەدىردان (سۆيۈملۈك) دېگەن بولىدۇ. زاكىر : ئاللەغا زىكىر- تەسبىيھ ئېيتقۇچى، ئېسىدە تۇتقۇچى، زېرەك. زۇلفىقار : ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىلىچىنىڭ نامى. رەجەب : ھىجرىيىنىڭ 7- ئېيى. رۇستەم : پارىسچە جەسۇر، باتۇر، قەھرىمان دېگەن بولىدۇ. رەشاد : توغرا، توغرا بولماق، ھىدايەت تاپماق، بىر خىل ئۆسۈملۈك. زاھىر : نۇرلۇق، يۈزى يورۇق، رەڭگى چىرايلىق. سالىم : قۇتۇلغۇچى، بېجىرىم. سەئىد : تەلەيلىك، خۇشال. سەلام : تەبرىك، تىنچلىق، ئامانلىق. سۇلتان : پادىشاھ، قابىلىيەت، ھۆكۈمرانلىق قىلماق، ھۆججەت. سۇلەيمان : قۇتۇلغۇچى، ساغلام. سەييىد : باشلىق، داھىي، خوجايىن. سىراج : پانۇس، كۈن، چىراغ. شاكىر : شۈكۈر قىلغۇچى، تەشەككۈر بىلدۈرگۈچى، رەھمەت ئېيتقۇچى. شەرەف : ئالىيجاناب بولماق، ئېسىل بولماق، شان- شەرەپ، پەخىر، ئىگىز جاي. شەرىف : ئېسىل، ئالىيجاناب، مۇنەۋۋەر، ئاقسۆڭەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادى. شەئبان : ھىجرىيىنىڭ 8- ئېيى. شەۋكەت : كۈچ- قۇۋۋەت، شەۋكەت، جۈرئەت. سابىر : چىداملىق، ئىرادىلىك. سادىر : سۇدىن قايتقۇچى، نەتىجە. سادىق : ئىخلاسمەن، راستچىل. سالىھ : ياخشى، مۇۋاپىق، ئۇبدان، لايىق، تۈز. تارىق : كېچىسى كەلگەن مېھمان، چولپان يۇلتۇزى. تالىب : ئىزدەنگۈچى، تەلەپ قىلغۇچى، ئوقۇغۇچى. تاھا : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى. تاھىر : پاك، پاكىز. تازا (كىر ئەمەس). تەلئەت : مەنزىرە، سىرتقى كۆرۈنۈش، سىرتقى قىياپەت. ئابىد : ئىبادەت قىلغۇچى، چوقۇنغۇچى، داۋاملىق ئىبادەت قىلغۇچى. ئادىل : ئادىل، ھەققانىي، توغرا، ئىنساپلىق. ئارىف : ئالىم، تونۇغۇچى، چىداملىق، مەرىپەتلىك، تونۇپ يەتكۈچى. ئاسىم : ساقلىغۇچى، قوغدىغۇچى، توسقۇچى. ئاكىف : ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلگۈچى، باش چۆكۈرۈپ ئىشلىگۈچى، بىر يەردە تۇرغۇچى. ئابباس : قوشۇمىسىنى كۆپ تۈرگۈچى، چىرايىنى بەك پۈرۈشتۈرگۈچى، قەھرىمان. ئوسمان : ياۋا غاز، ئەجدىھا. ئەرەفات : زۇلھەججە (ھىجرىيىنىڭ 12- ئېيى) نىڭ 9- كۈنى ھاجىلارنىڭ تۇرۇشى پەرز بولغان جاينىڭ ئىسمى. ئىرفان : ياخشىلىق، ئىلىم، بىلىم، مەرىپەت، ئەززام : ئىرادىلىك، قەھرىمان. ئىززەت : غۇرۇر، كۈچ- قۇۋۋەت، غەلىبە، شان- شەرەپ. ئىسمەت : گۇناھسىزلىق، مۇكەممەل بولۇش، قانائەتلىنىش، خاتالىقتىن يىراق تۇرۇش. ئەلىي : ئۈستۈن، ئالىي، يۇقىرى، ئۇلۇغ. ئاممار : كۆپ ئىمارەت سالغۇچى، ئىمانى كۈچلۈك، ئېغىر- بېسىق، سالماق، ھاياتى بويىچە ئىش باشقۇرغۇچى غازىي غازات قىلغۇچى، جەڭ قىلغۇچى. غالىب : غەلىبە قىلغۇچى، كۈچلۈك، زەپەرگە ئېرىشكۈچى. فاتىھ : پەتىھ قىلغۇچى، ئاچقۇچى، باشلىغۇچى، جەڭدە غەلىبە قىلغۇچى، كۈچلۈك. فارۇق : ھەق ناھەقنى ئايرىغۇچى، ئىككىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ لەقىمى. فەرھات : خۇشال، شادلانغۇچى، سۆيۈنگۈچى. فەيسەل : ئۆتكۈر قىلىچ، توغرا ھۆكۈم چىقارغۇچى، قازى، گۇۋاھچى. قاسىم : تەقسىم قىلغۇچى. كەرەم : سېخىلىق، مەردلىك، مەرەھمەت، خەير- ئېھسان. كەرىم : سېخى، مەرد، شەپقەتلىك، مېھماندوست، ھۆرمەتلىك، ئېسىل، پەزىلەتلىك. كەمال : مۇكەممەل بولماق، تولۇق بولماق، كۆڭۈلدىكىدەك بولماق، كامالەت. مۇھەممەد : مەدھىيىلەشكە ئەرزىيدىغان، نۇرغۇنلىغان يۈكسەك خىسلەتلەرگە ئىگە زات. مەھمۇد : مەدھىيىلەنگۈچى. مۇختار : تاللانغان. مۇراد : مەقسەت، مۇددىئا، ئارزۇ. مەسئۇد : بەختلىك، بەرىكەتلىك، تەلەيلىك، خۇشال. مەئسۇم : خاتالىق ۋە رەزىللىكتىن يىراق، ساقلانغۇچى. مەنسۇر : غالىب، يەڭگۈچى، غەلىبە قىلغۇچى. مۇئمىن : ئىمانلىق، ئىشەنگۈچى، ئاللەغا ئېتىقاد قىلغۇچى. ناسىر : ياردەم بەرگۈچى. نايىف : ئىگىز. نەزىر : ئوخشىغۇچى. نىئمەت : نازۇنېمەت، مەرھەمەت، ئىلتىپات. نىيازىي : پارىسچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى مەشۇق، مەھبۇب دېگەن بولىدۇ. ھاشىم : شورپىغا نان چىلىغۇچى، بۇزغۇنچى، تارمار قىلغۇچى. ياسىر : ئاسان، يۇمشاق، مۇلايىم، قاسساپ. ياسىين : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىلىرىدىن بىرى. يەقۇب : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. يۇسۇف : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. يۇنۇس : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. يەھيا : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. جامال : گۈزەللىك.
قىزلارنىڭ ئىسمىنىڭ مەنىسى << بىر مىسقال ئىقتىسات تورى >> غا بىرلدى . مۇنبەردىكى ئۆز ئىسمىنىڭ مەنىسىنى بىلىشنى خالايدىغان قىزلار << بىر مىسقال ئىقتىسات تورى >> غا كىرىپ كۆرىۋىلىڭلار . www.1miskal.com
|
|