باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1122 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىران نىفىت باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جازالىشىغا قارشى
دوستلىشىش
ئۆركەش
تارىم ئۆركىشى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6241
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 945
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە945دانە
ئۆسۈش: 3310 %
مۇنبەر پۇلى: 11842 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-24
ئاخىرقى: 2012-05-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-29 14:19

ئىران نىفىت باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جازالىشىغا قارشى

       
ئىران نىفىت باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جازالىشىغا قارشى تۇرماقچى بولىۋاتىدۇ    
    جۇڭگو خەۋەر تورى 28-ئاپرېل تېلگراممىسى : چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئىران دۆلەتلىك نىفىت شىركىتى خەلقئارا ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇخسىن 27-ئاپرېل ، غەربنىڭ ئىران نىفىتىغا بولغان جازالىشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ، ئىران بازار باھاسىدىن ئەرزان بولغان باھادا نىفىت ئېكسپورت قىلىپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى .
    خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، مۇخسىن مۇنداق دېگەن : ‹‹ ئامېرىكا نىفىت باھاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئورۇنۇۋاتقان ۋاقىتتا ، نىفىتنىڭ ئېكسپورت باھاسىنى تۆۋەنلىتىش بىزنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىران نىفىتىغا بولغان جازالىشىغا قارشى تۇرۇشتىكى ئەڭ ئاقىلانە پىلانىمىز . دۇنيا نىفىت بازىرىدا ، ئەرزان نىفىت باھاسى باشقا رىقابەتچىلىرىمىزنى يېڭىپ چۈشۈپ ، تېخىمۇ كۆپ خېرىدار چاقىرالايمىز .››. بىراق مۇخسىن ئىران نىفىتىنىڭ ئېكسپورت باھاسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچە بەرمىگەن .
   ئۇ يەنە مۇنداق دېدى : ‹‹ئىران يادرو مەسىلىسى كېيىنكى قېتىملىق سۆھبىتى 23-ماي ئېلىپ بېرىلىدۇ ، ئەگەر سۆھبەت ئوڭۇشلۇق بولمىسا ، خەلقئارا نىفىت باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەيدۇ ، نىفىت باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ . غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىرانغا بولغان جازالىشى شۇبھىسىزكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ ، لىكىن ئىراننىڭ نىفىت باھاسىنى تۆۋەنلىتىشى چوقۇم قارشى ئېلىنىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جازالىشىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمايدۇ .››

مەنبە : news.xinhuanet.com      
ئۈمىدلىك بولۇڭ ، غەلبە ئالدىڭىزدا ...
مەسجىد ئەقسا,ئۇمۇسۇلمانلارنىڭ بىرىنچى قىبلىسى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1240
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1240دانە
ئۆسۈش: 2750 %
مۇنبەر پۇلى: 14579 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-30
ئاخىرقى: 2012-05-08
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-29 17:52

ئىرندا پۇقرالار ئاچ،قىلۋاتسا ماۋۇ پۇقباشلار نىمە،قلۋاتقاندۇ