查看完整版本: [-- ئىران نىفىت باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جازالىشىغا قارشى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> خەلىقئارا خەۋەرلىرى -> ئىران نىفىت باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جازالىشىغا قارشى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئۆركەش 2012-04-29 14:19
       
ئىران نىفىت باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جازالىشىغا قارشى تۇرماقچى بولىۋاتىدۇ    
    جۇڭگو خەۋەر تورى 28-ئاپرېل تېلگراممىسى : چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئىران دۆلەتلىك نىفىت شىركىتى خەلقئارا ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇخسىن 27-ئاپرېل ، غەربنىڭ ئىران نىفىتىغا بولغان جازالىشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ، ئىران بازار باھاسىدىن ئەرزان بولغان باھادا نىفىت ئېكسپورت قىلىپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى .
    خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، مۇخسىن مۇنداق دېگەن : ‹‹ ئامېرىكا نىفىت باھاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئورۇنۇۋاتقان ۋاقىتتا ، نىفىتنىڭ ئېكسپورت باھاسىنى تۆۋەنلىتىش بىزنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىران نىفىتىغا بولغان جازالىشىغا قارشى تۇرۇشتىكى ئەڭ ئاقىلانە پىلانىمىز . دۇنيا نىفىت بازىرىدا ، ئەرزان نىفىت باھاسى باشقا رىقابەتچىلىرىمىزنى يېڭىپ چۈشۈپ ، تېخىمۇ كۆپ خېرىدار چاقىرالايمىز .››. بىراق مۇخسىن ئىران نىفىتىنىڭ ئېكسپورت باھاسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچە بەرمىگەن .
   ئۇ يەنە مۇنداق دېدى : ‹‹ئىران يادرو مەسىلىسى كېيىنكى قېتىملىق سۆھبىتى 23-ماي ئېلىپ بېرىلىدۇ ، ئەگەر سۆھبەت ئوڭۇشلۇق بولمىسا ، خەلقئارا نىفىت باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەيدۇ ، نىفىت باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ . غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىرانغا بولغان جازالىشى شۇبھىسىزكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ ، لىكىن ئىراننىڭ نىفىت باھاسىنى تۆۋەنلىتىشى چوقۇم قارشى ئېلىنىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جازالىشىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمايدۇ .››

مەنبە : news.xinhuanet.com      

جەڭچى 2012-04-29 17:35
زىدىيەت  كۈچىيىپ  كەسكىنلەشسە  ھىچكىمگە پايدا تەگمەيدۇ ...بىچچارە ئىرانلىقلار

zero903 2012-04-29 17:52
ئىرندا پۇقرالار ئاچ،قىلۋاتسا ماۋۇ پۇقباشلار نىمە،قلۋاتقاندۇ

era13 2012-04-29 17:57
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى zero903 نىڭ 2012-04-29 17:52 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئىرندا پۇقرالار ئاچ،قىلۋاتسا ماۋۇ پۇقباشلار نىمە،قلۋاتقاندۇ

ئۇلارمۇ شۇ پۇقرالارنى ئويلاپ بۇ پىلاننى تۇزىۋاتىدۇ!

urkax5 2012-04-29 18:16
بىكارغا بەرسىمۇ خەق ئالمايدۇ ،ئامىرىكا ئېران نېفىتىنى بىر پارچە ئوتقا ئايلاندۇرۇپ قويدى ،كىم تۇتسا شۇنىڭ قولى كۆيىدۇ،ئېران ئامال يوق قۇربان بەرگۈچى ،لىكىن ئامىرىكىنىڭ مەقسىتى باشقىدەك قىلىدۇ،ئامىرىكىنڭ نېفىت باھاسىنى بۇنداق  ئۆرلىتىۋىتىشتىكى مەقسىتى زادى نېمىدۇ؟

turmux.net 2012-04-29 18:53
ئىران بىلەن سۈرىيىنىڭ قالايمىقانچىلىقى بەزىلەرگە خىلى ئوبدانلا كۈنلۈك بولۇپ، دەستۇرخانغا ۋىلكا، پىچاق، قوشۇقلارنى سەزدۈرمەي تەق قىلدى... ئەمدى زىياپەتنى ساقلايمىشتەك قىلىدۇ

ئىنسان. 2012-04-29 20:11
نىفىتنىڭ باھاسىنى چۈشۈرسە دۆلىتىمزىگە پايدىسى تىگىدۇ

نارات 2012-04-29 22:07
مېنىڭچە بۇ بىر ئويۇن

qiqak119 2012-05-01 14:40
ئامرىكا باشقىلارغا رەزىل قولىنى سۇنمىسا  ، كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمەيدىغان ئوخشايدۇ .  مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەنلا قالىدىكەن .

قارگۇلى 2012-05-02 11:42
ئىش قىلىپ قىيامەت يېقىنلاشتى!!!!! بۇنىڭدا شەك يوق!!!!   مەيلى كىم بولسا   -بولسۇن ئاللاھنىڭ ئالدىدا سوراققا تارتىلىدۇ!!!      نىممەت(دۇنيادا ئېرىشكىنى ) قانچە كوپ بولسا ھىساۋات بەرمەت شۇنچە تەس!!!  


查看完整版本: [-- ئىران نىفىت باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جازالىشىغا قارشى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.068632 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us