ئىران نىفىت باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جازالىشىغا قارشى تۇرماقچى بولىۋاتىدۇ
جۇڭگو خەۋەر تورى 28-ئاپرېل تېلگراممىسى : چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئىران دۆلەتلىك نىفىت شىركىتى خەلقئارا ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇخسىن 27-ئاپرېل ، غەربنىڭ ئىران نىفىتىغا بولغان جازالىشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ، ئىران بازار باھاسىدىن ئەرزان بولغان باھادا نىفىت ئېكسپورت قىلىپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى .
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، مۇخسىن مۇنداق دېگەن : ‹‹ ئامېرىكا نىفىت باھاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئورۇنۇۋاتقان ۋاقىتتا ، نىفىتنىڭ ئېكسپورت باھاسىنى تۆۋەنلىتىش بىزنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىران نىفىتىغا بولغان جازالىشىغا قارشى تۇرۇشتىكى ئەڭ ئاقىلانە پىلانىمىز . دۇنيا نىفىت بازىرىدا ، ئەرزان نىفىت باھاسى باشقا رىقابەتچىلىرىمىزنى يېڭىپ چۈشۈپ ، تېخىمۇ كۆپ خېرىدار چاقىرالايمىز .››. بىراق مۇخسىن ئىران نىفىتىنىڭ ئېكسپورت باھاسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچە بەرمىگەن .
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى : ‹‹ئىران يادرو مەسىلىسى كېيىنكى قېتىملىق سۆھبىتى 23-ماي ئېلىپ بېرىلىدۇ ، ئەگەر سۆھبەت ئوڭۇشلۇق بولمىسا ، خەلقئارا نىفىت باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەيدۇ ، نىفىت باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ . غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىرانغا بولغان جازالىشى شۇبھىسىزكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ ، لىكىن ئىراننىڭ نىفىت باھاسىنى تۆۋەنلىتىشى چوقۇم قارشى ئېلىنىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جازالىشىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمايدۇ .››
مەنبە : news.xinhuanet.com