1945-يىلى 4-ئاينىڭ 8 -كۈنى غۇلجىدا ئون مىڭدىن ئارتۇق كىشى يىغىلىپ،مىللىي ئارمىيەنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەن-تەنە بىلەن جاكارلىدى ۋە "8-ئاپرىل"نى ئارمىيە قۇرۇلۇش كۈنى دەپ بېكىتتى. ئۇ چاغدا مىللىي ئارمىيەنىڭ سانى 15 مىڭغا يەتكەن ئىدى.
يېڭى ماش رەڭ كىيىملەرنى كىيىپ،پاگونلارنى تاقىغان كوماندىر -جەڭچىلەر پاراتتىن ئۆتتى.پاراتتا ھەر خىل زەمبىرەك ،پىلۇمۇت،تانكا ئاتارلاردىن باشقا،ئولجىغا چۈشكەن بىر-قانچە ئايرۇپىلانلار يىغىن مەيدانىنىڭ ئاسمىنىدا ئايلىنىپ ئۇچتى.
ئارمىيە تۆۋەندىكىدەك 7 پولىك بولۇپ تەشكىللەندى.
غۇلجا پىيادىلەر 2-پولكى.
غۇلجا زاپاس 4- پولكى
تىكەس ئاتلىق 1- پولكى
تىكەس ئاتلىق 2-پولكى
سۈيدۇڭ پىيادىلەر 1-پولكى
كەڭ ساي ئاتلىق 3-پولكى
تۇققۇستارا ئاتلىق پولكى
ئۇنىڭدىن باشقا مۇستەقىل 5 باتالىئون بولۇپ:
تۇڭگان ئاتلىق باتالىئونى
مۇڭغۇل ئاتلىق باتالىئونى
زەمبىرەكچىلەر باتالىئونى
مۇھاپىزەتچىلەر باتالىئونى
مۇستەقىل ئاتلىق باتالىئون.دەپ رەسمىئىي تەشكىللەندى.
ئىلى ۋىلايىتىدىن باشقا يەرلەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان پارتىزانلاردىن ،دەلىلقان باشچىلىغىدىكى ئالتاي ئەترىتى،موللا ئىسلام باشچىلىغىدىكى جىمىنەي ئەترىتى،تارغاباتايدىكى غۇجا ئىسلام ئەترىتى، تولىدىكى مايلى ئەترىتى،قازىخان مۇناپبايىف ،دېنسوۋ پارتىزان ئەترەتلىرى شىخودىن،ئايغىر بۇلاقتىكى نايخىل پارتىزان ئەترىتى،نىكتىن پارتىزان ئەترىتى يۇلتۇز ۋە تاشقورغان پارتىزان ئەترەتلىرى بولۇپ جەمى 2500 دىن ئارتۇق پارتىزان ئەترەتلىرى بار ئىدى.