查看完整版本: [-- مىللىي ئارمىيەنىڭ  تەشكىللىنىش ئەھۋالى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> ئۇيغۇر تارىخى -> مىللىي ئارمىيەنىڭ  تەشكىللىنىش ئەھۋالى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

duxman 2012-04-29 10:55
    1945-يىلى 4-ئاينىڭ 8 -كۈنى غۇلجىدا ئون مىڭدىن ئارتۇق كىشى يىغىلىپ،مىللىي ئارمىيەنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەن-تەنە بىلەن جاكارلىدى ۋە "8-ئاپرىل"نى ئارمىيە قۇرۇلۇش كۈنى دەپ بېكىتتى. ئۇ چاغدا مىللىي ئارمىيەنىڭ سانى 15 مىڭغا يەتكەن ئىدى.
يېڭى ماش رەڭ كىيىملەرنى كىيىپ،پاگونلارنى تاقىغان  كوماندىر -جەڭچىلەر پاراتتىن ئۆتتى.پاراتتا ھەر خىل زەمبىرەك ،پىلۇمۇت،تانكا ئاتارلاردىن باشقا،ئولجىغا چۈشكەن بىر-قانچە ئايرۇپىلانلار يىغىن مەيدانىنىڭ ئاسمىنىدا ئايلىنىپ ئۇچتى.
ئارمىيە تۆۋەندىكىدەك 7 پولىك بولۇپ تەشكىللەندى.
غۇلجا پىيادىلەر 2-پولكى.
غۇلجا زاپاس 4- پولكى
تىكەس ئاتلىق  1- پولكى
تىكەس ئاتلىق 2-پولكى
سۈيدۇڭ پىيادىلەر 1-پولكى
كەڭ ساي ئاتلىق 3-پولكى
تۇققۇستارا ئاتلىق پولكى
ئۇنىڭدىن باشقا مۇستەقىل 5 باتالىئون بولۇپ:
تۇڭگان ئاتلىق باتالىئونى
مۇڭغۇل ئاتلىق باتالىئونى
زەمبىرەكچىلەر باتالىئونى
مۇھاپىزەتچىلەر باتالىئونى
مۇستەقىل ئاتلىق باتالىئون.دەپ رەسمىئىي تەشكىللەندى.
ئىلى ۋىلايىتىدىن باشقا يەرلەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان پارتىزانلاردىن ،دەلىلقان باشچىلىغىدىكى ئالتاي ئەترىتى،موللا ئىسلام باشچىلىغىدىكى جىمىنەي ئەترىتى،تارغاباتايدىكى غۇجا ئىسلام ئەترىتى، تولىدىكى مايلى ئەترىتى،قازىخان مۇناپبايىف ،دېنسوۋ پارتىزان ئەترەتلىرى شىخودىن،ئايغىر بۇلاقتىكى نايخىل پارتىزان ئەترىتى،نىكتىن پارتىزان ئەترىتى يۇلتۇز ۋە تاشقورغان پارتىزان ئەترەتلىرى بولۇپ جەمى 2500 دىن ئارتۇق پارتىزان ئەترەتلىرى بار ئىدى.


eltabir9 2012-04-29 14:25

zero903 2012-04-29 15:29
.شۇچاغدا ھازىر قى غولجا ۋاڭقادىر  بېغىدا ھەربى پارات ئۆتكۈزۈپتىگەن. قايسى يىلى ۋاڭقادىرنىڭ بېغىغا كىرسەم .كۇممۇنىتسلارنىڭ ئالاھىدە ساقچىللىرى .زوراۋانلىققا قارشى ساقچىلار مەشىق قىلۋىتىپتۇ.مەن ئويلاپ قالدىم ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇ يەردە ئەجداتلىرىمىز ھربى پارات قىلغان يەر.ئەمەسمۇ

natsist 2012-04-29 17:02
ھۆكۈمەت نىمىشقا مىللى ئارمىيەدىن يەنە بىرنى قۇرمايدىغاندۇ مىللىلارنىڭ جەڭگىۋارلىقى كۈچلۈك كىلىدۇ ھىندىستان بىلەن ئۇرۇش بوپ قالسا تازا ئەسقاتاتتۇق ئەمەسمۇ بىزمۇ دۆلەت مۇداپىيەسى ئۈچۈن كۈچ قوشساق نىمىشقا بولمايدىغاندۇ

جەڭچى 2012-04-29 17:27
ئاچچىق  

turmux.net 2012-04-29 19:25
تارىخنىڭ تىگىدە ئىچىلمىغان سىر تولا...

abdul 2012-04-29 21:47
مىنىڭ ئاشۇ ۋاقىتقا بەكلا قايتقۇم بار بىراق نىمە ئامال

نارات 2012-04-29 22:03
تارىخنىڭ بىر مەزگىل بىزنى ئويناتقان ئويىنى خالاس

رەسسام 2012-04-30 11:48
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى zero903 نىڭ 2012-04-29 15:29 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
.شۇچاغدا ھازىر قى غولجا ۋاڭقادىر  بېغىدا ھەربى پارات ئۆتكۈزۈپتىگەن. قايسى يىلى ۋاڭقادىرنىڭ بېغىغا كىرسەم .كۇممۇنىتسلارنىڭ ئالاھىدە ساقچىللىرى .زوراۋانلىققا قارشى ساقچىلار مەشىق قىلۋىتىپتۇ.مەن ئويلاپ قالدىم ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇ يەردە ئەجداتلىرىمىز ھربى پارات قىلغان يەر.ئەمەسمۇ

----ھا،،ھا،،،،،مارىستىن كىلىپ مارىسقا كىتىدىغان  ئادەمدەكلا گەپ قىلدىغان زۇرۇ كەن مۇنۇ.....

boxluk 2012-05-02 23:33
ھەي!!!!!!


查看完整版本: [-- مىللىي ئارمىيەنىڭ  تەشكىللىنىش ئەھۋالى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.063054 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us