باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1421 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ئالمىلىق قەدىمكى شەھىرى خارابىسىدىن تېپىلغان قەدىمكى پۇللار
ھايات -كۆرەش،پۇرسەت،نەتىجە دىمەكتۇر.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 191
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 875
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە875دانە
ئۆسۈش: 2782 %
مۇنبەر پۇلى: 9183 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-04-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-28 21:50

ئالمىلىق قەدىمكى شەھىرى خارابىسىدىن تېپىلغان قەدىمكى پۇللار

ئالمىلىق قەدىمكى شەھىرى خارابىسىدىن تېپىلغان قەدىمكى پۇللار

ئاپتور: مۇھەممەد تۇراپ    


    ئالمىلىق قەدىمكى شەھىرى قورغاس ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىن 15 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قورغاس مازار دېگەن يەرگە جايلاشقان. قەدىمكى شەھەر ئالمىلىق ئۇزاق ئەسىرلىك تارىختا يۈز بەرگەن تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ شاھىدى سۈپىتىدە تارىخ ۋە ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ مۇھىم تەتقىقات نۇقتىسىغا ئايلاندى.

    20–ئەسىرنىڭ 50–، 60–يىللىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، ئالمىلىق قەدىمكى شەھىرى خارابىلىكىنىڭ ساقلىنىپ قالغان قىسمىنىڭ شىمالى تەرىپى كېگەن تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، جەنۇبى تەرىپى كېگەن سېيىغا، شەرقى تەرىپى تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرىغا، غەربى تەرىپى قارا ئويغا تۇتاشقان بولۇپ، پۈتۈن ئايلانمىسى 20 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ئالمىلىق قەدىمكى شەھىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى، قايسى دەۋردە بىنا قىلىنغانلىقى ۋە قايسى خانلىقنىڭ پايتەختى قىلىنغانلىقى توغرىسىدا خىلمۇ خىل قاراشلار بار. بىراق، تارىخىي پاكىتلار ۋە بۇ شەھەر خارابىسىدىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئالمىلىق شەھىرىنىڭ مىلادىيە 5–ئەسىردىن تارتىپ قۇرۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.

    ئالمىلىق شەھىرى 12–ئەسىردىن 14–ئەسىرگىچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەشھۇر شەھەر بولغان. ئالمىلىق شەھىرىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىك تارىخى چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ھەربىي يۈرۈش قىلىش تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ شەھەر چاغاتايخان ۋە تۇغلۇق تۆمۈرخان زامانىسىدا تازا گۈللەنگەن. مىلادىيە 1262–يىلى قۇبلايخاننىڭ ئىنىسى ئارىخ بۇقىنىڭ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن ئالمىلىق شەھىرى ئېغىر ۋەيران بولۇپ، 16–ئەسىرگە كەلگەندە خارابىلىككە ئايلانغان.

    ئالاقىدار تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، 19–ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ ئېلىمىز ئارخېئولوگلىرى ئالمىلىق قەدىمكى شەھىرى خارابىسىنى تەكشۈرۈپ، قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تاپقان ۋە بۇ يادىكارلىقلار ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك تەتقىقات ئېلىپ بارغان.

    چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئالىم شۈ سۇڭ قەدىمكى ئالمىلىق شەھەر خارابىسىنى تەكشۈرۈش ۋە قېزىش داۋامىدا فارفۇر قاچىلار ۋە رەڭلىك كاھىشلارنى تاپقان. 1958–، 1959–يىلى ئارخېئولوگ خۇاڭ ۋېنبى ئەپەندى ئالمىلىق قەدىمكى شەھىرى خارابىسىنى تەكشۈرۈش ۋە قېزىش داۋامىدا تۆشۈكسىز كۈمۈش پۇلدىن تۆت دانە، خىرىستىيان دىنىغا ئائىت شام (سۈرىيە) يېزىقى چۈشۈرۈلگەن ئۈچ ئابىدە قاتارلىق قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تاپقان. خۇاڭ ۋېنبى ‹‹تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئارخېئولوگىيە خاتىرىسى›› ناملىق ئەسىرىدە، بۇ پۇللارنىڭ چاغاتاي دەۋرىگە ئائىت پۇللار ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن. كېيىن يەنە ئالمىلىق قەدىمكى شەھەر خارابىسىدىن پالتا، خەنجەر، پىچاق، تىللا ۋە كۈمۈش پۇل قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تېپىلغان. بۇ قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئالمىلىق قەدىمكى شەھىرىنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك، مېتالچىلىق، سودا مۇئامىلىسى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ئاساس ھېسابلىنىدۇ. ئارخېئولوگلار يەنە قەدىمكى شەھەر خارابىسىنى تەكشۈرۈش داۋامىدا ئىسلام دىنى شىنجاڭغا كىرىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن ئىشلىتىلگەن ئەينى زاماندىكى پادىشاھلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن كۈمۈش پۇل ۋە مىس پۇللارنى قېزىۋالدى. بۇ پۇللارنىڭ نۇسخىلىرى قەشقەردىكى خان ئۆي قەدىمكى شەھەر خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان قاراخانىلار دەۋرىگە ئائىت پۇللارنىڭ نۇسخىلىرىغا ئوخشاش بولۇپ، مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە يەرلىك خۇسۇسىيەت جانلىق نامايان قىلىنغان.

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ ئارخېئولوگلىرى 1975–، 1977–يىللاردا ئالمىلىق قەدىمكى شەھىرى خارابىسىنى قېزىش ۋە تەكشۈرۈش داۋامىدا چاغاتاي دەۋرىگە تەۋە ئالتە دانە كۈمۈش پۇل، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە بىر تال مىس پۇل ۋە باشقا ماددىي نەرسىلەرنى تاپقان. بۇنىڭدىن شۇنى بىلەلەيمىزكى، ئالمىلىق قەدىمكى شەھەر خارابىسىدىن تېپىلغان بۇ قەدىمكى پۇللار ئەينى ۋاقىتتا يۈەن سۇلالىسى بىلەن چاغاتاي خانلىقى ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئالمىلىق قەدىمكى شەھەر خارابىسىدىن تېپىلغان چاغاتاي خانلىقىغا ئائىت پۇللار ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئارخېئولوگىيە تەتقىقات يۇرتىدا، دالىيەن شەھىرىدىكى لۇشۈن مۇزېيىدا ساقلانماقتا...


مەنبە: شىنجاڭ پەلسەپە _ئىجىتمائىي پەنلەر تورى

توردىكى مەنبە: http://munber.elqut.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=175
پۇرسەت سىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ، لىكىن پۇرسەت سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا پەرۋانىدەك چۆرگۈلەپ تۇرىدۇ، گەپ سىزنىڭ بايقشىڭىزدا. تىرىشچانلىق، سەمىمىيلىك، ئىشەنچ سىزگە بايلىق ئاتا قىلىدۇ. كۈنىڭىز مەنىلىك، ئەھمىەتلىك،خوشال ئۆتىدۇ.
دوستلىشىش
نارات
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10153
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 333
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە333دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 3395 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-22
ئاخىرقى: 2012-05-02

ياخشى تارىخكەن
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4797
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 947
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە947دانە
ئۆسۈش: 830 %
مۇنبەر پۇلى: 5786 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-14
ئاخىرقى: 2012-05-02
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-29 00:11

رەسىم:
ئالمىلىق قەدىمكى شەھىرى خارابىسىدىن تېپىلغان قەدىمكى پۇللار
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11486
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 10
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 100 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-04-28
ئاخىرقى: 2012-04-29
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-29 00:15

رەسىم:
بىزنىڭ تارىخمىز  كۇپ ئىشلانى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ ماۋۇ پۇل بەك چىرايلق كەن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8045
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 81
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە81دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 910 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-27
ئاخىرقى: 2012-04-29
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-29 01:21

ئەتە ئۆگۈن تەكلىماكانغا بېرىپ كولىسا بىر بىر يەلپىگۈچ چىقدۇ...شۇنىڭ بىلەن قارىسا بۇ يەلپىگۈچ يۇۋەن سۇلالىسىنىڭ ...ھە ئەسلى پادىشاھ تەكلىمىكانغا قۇمغا كۈمەلگلى كەلگەندە چۈشۈپ قالغان ..بۇ شۇ چاغدىكى قول ھۈنەر سەنئەتنىڭ نەقەدەر ۋايىغا يەتكەنلىكىنى ،شۇ چاغلاردا ھەتتا جىمنەي چىگرا ئېغىزلىرىدا كولىسا چقققانلىقىنى ...شۇ چاغدىلا باردى كەلدىنىڭ يامان قۇيۇقلىقىنى بىلۋالىمىز ...
پۇرسەت غەنىمەت ....
ئاللاھ ھەممىمىزنى ئىسلامدا مۇستەھكەم قىلسۇن.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2078
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 20
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە20دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 220 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-19
ئاخىرقى: 2012-05-02
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-29 09:10

ئالمىلىقتىن يۈەن سۇلالىسىگە ئائىت بويۇملارنىڭ بايقىلىشى بۇ زېمىنلارنىڭ تارىختىن بۇيان ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىرقىسمى ئىكەنلىكىنىڭ پولاتتەك ئىسپاتى،دۆلىتىمىزنىڭ بايرىقى قادىغانلىكى ئارال دۆلىتىمىزنىڭ بولغىنىدەك يۈەن سۇلالىسىگە ئائىت بويۇملار قېزىۋېلىنغان ئالمىلىقمۇ دۆلىتىمىز زېمىنى ئىكەنلىكىگە شەك كەتمەيدۇ.(بۇنىڭغا شىنجاڭ ناھايىتى ياخشى مىسال)
دوستلىشىش
dulbarqin310
توۋا دەيمەن، دۇنيادىكى ئىشلارغا.........
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1196
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1196دانە
ئۆسۈش: 570 %
مۇنبەر پۇلى: 12753 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-05-02
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-29 12:57

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى aral52 نىڭ 2012-04-29 01:21 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەتە ئۆگۈن تەكلىماكانغا بېرىپ كولىسا بىر بىر يەلپىگۈچ چىقدۇ...شۇنىڭ بىلەن قارىسا بۇ يەلپىگۈچ يۇۋەن سۇلالىسىنىڭ ...ھە ئەسلى پادىشاھ تەكلىمىكانغا قۇمغا كۈمەلگلى كەلگەندە چۈشۈپ قالغان ..بۇ شۇ چاغدىكى قول ھۈنەر سەنئەتنىڭ نەقەدەر ۋايىغا يەتكەنلىكىنى ،شۇ چاغلاردا ھەتتا جىمنەي چىگرا ئېغىزلىرىدا كولىسا چقققانلىقىنى ...شۇ چاغدىلا باردى كەلدىنىڭ يامان قۇيۇقلىقىنى بىلۋالىمىز ...

ما ئىنكاسنى...
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
دوستلىشىش
مەيمۇنە
ئولۇم دەھشەتلىك ھەقىقەتتۇر،نامازۋەئەمەل بىردىن ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11211
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 50
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە50دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 480 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-21
ئاخىرقى: 2012-05-02
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-29 15:10

ئولۇم دەھشەتلىك ھەقىقەتتۇر،نامازۋەئەمەل بىردىنبىر چارىدۇر
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1400
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1400دانە
ئۆسۈش: 1190 %
مۇنبەر پۇلى: 15298 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-05-02
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-29 17:15

شىنجاڭ تارىختىن بېرى مەملىكىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بوپ كەلگەن  ئەشۇ تېپىلغان مىتال پۇللارمۇ بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ
مىنىڭ بارلىقىم مىللەت ئۈچۈن .
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1758
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 57
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە57دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 850 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2012-05-01
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-29 17:37

ئالمىلىق شەھىرى قەدىمدىن تارتىپلا ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى