
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار!
جۇڭگو تور ئىشلىرى2011-يىللىق جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 10شەخىسنىڭ بىرى،يېتىملارنىڭ غەمگۈزارى،ھالال نىيەتلىك مەرىپەتپەرۋەر ئانا كامىلە مۇھەممەت بۇ قېتىم يەنە ‹‹شىنجاڭدىكى ئون مېھرىبان ئانا››نى سايلاپ چىقىشتىكى نامزاتلار قاتارىغا كىردى.بۇ قېتىمقى پائالىيەت‹‹تەڭرىتاغ تورى››دا ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ بېلەت تاشلاش رەسمى باشلاندى.بېلەت تاشلاش ئۇسۇلىمۇ شۇنداق ئاددى،كەڭ تورداشلارنىڭ بۇ مېھرىبان ئانىنى قوللاش يۈزىسىدىن بېلەت تاشلاپ قويۇشىنى سورايمەن.
كامىلە مۇھەممەتنىڭ قىسقىچە ئىش-ئىزلىرى: كامىلە مۇھەممەت. پارتىيە ئەزاسى. 1962-يىلى 4- ئايدا ئىلى ئوبلاستى قورغاس ناھىيىسى لەڭگەر يېزىسى قۇشئېرىق كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 17 ياشقا كىرگەن يىلى دادىسىنىڭ تۈگەپ كېتىشى بىلەن قىيالماسلىق ئىلكىدە مەكتەپ ھاياتى بىلەن خوشلىشىپ، ئاپسى بىلەن بىرلىكتە ئا ئىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداشقا باشلىغان. ئۇ ئۆزىگە ئوخشاش يتىملىك كوچىسىدا سەرسان بولۇپ، مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان ئىككىنچى، ئۈچىنچى... كامىلەلەرنىڭ پەيدا بولۇشنى خالىمايدۇ. ئۇ گەرچە ئانا بولۇپ باقمىغان بولسىمۇ، پاكىز نىيەت بىلەن جاپاغا چىداپ ئىشلەپ 63نەپەر نامرات بالىنىڭ " ئانا " سىغا ئايلاندى. 20 يىل مابەينىدە ئۇ گازىر سىتىش، كىچىك تىجارەت قىلىش قاتارلىقلارغا تايىنپ كىرىم قىلىپ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئا ئىلە ئىقتىسادى ياخشى ئەمەس 63 نەپەر بالىغا ياردەم قولىنى سۇندى. ھازىر ئۇ ياردەم قىلغان بالىلارنىڭ چوڭى توي قىلىپ، ئەڭ كىچىكى باشلانغۇچ 2-يىللىقتا ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇ ياردەم قىلغان بالىلارنىڭ ھەممىسى بىردەك چەكسىز مىھىر - مۇھەببەت بىلەن ئۇنى " ئانا ! " دەپ چاقىرىدۇ. بىلەت تاشلاش ئادرىسى: http://u.xjts.cn/vote/vote.php?vid=24 بىلەت تاشلاش ئۇسۇلى:كامىلە مۇھەممەتنىڭ رەسىمىنى تاپقاندىن كىيىن 投票 نى چەكسىڭىز بولىدۇ.