查看完整版本: [-- مېھرىبان ئانىمىزغا بېلەت تاشلايلى!!! --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> ئەتراپىمىزدا -> مېھرىبان ئانىمىزغا بېلەت تاشلايلى!!! [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئەسەبىي 2012-04-28 20:56
[attachment=16413]    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار!
جۇڭگو تور ئىشلىرى2011-يىللىق جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 10شەخىسنىڭ بىرى،يېتىملارنىڭ غەمگۈزارى،ھالال نىيەتلىك مەرىپەتپەرۋەر ئانا كامىلە مۇھەممەت بۇ قېتىم يەنە ‹‹شىنجاڭدىكى ئون مېھرىبان ئانا››نى سايلاپ چىقىشتىكى نامزاتلار قاتارىغا كىردى.بۇ قېتىمقى پائالىيەت‹‹تەڭرىتاغ تورى››دا ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ بېلەت تاشلاش رەسمى باشلاندى.بېلەت تاشلاش ئۇسۇلىمۇ  شۇنداق ئاددى،كەڭ تورداشلارنىڭ بۇ مېھرىبان ئانىنى قوللاش يۈزىسىدىن بېلەت تاشلاپ قويۇشىنى سورايمەن.
    كامىلە مۇھەممەتنىڭ قىسقىچە  ئىش-ئىزلىرى:
     
    كامىلە مۇھەممەت. پارتىيە  ئەزاسى. 1962-يىلى 4- ئايدا  ئىلى ئوبلاستى قورغاس ناھىيىسى لەڭگەر يېزىسى قۇشئېرىق كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 17 ياشقا كىرگەن يىلى دادىسىنىڭ تۈگەپ كېتىشى بىلەن  قىيالماسلىق  ئىلكىدە  مەكتەپ ھاياتى بىلەن خوشلىشىپ، ئاپسى بىلەن بىرلىكتە  ئا ئىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداشقا باشلىغان. ئۇ  ئۆزىگە  ئوخشاش يتىملىك كوچىسىدا سەرسان بولۇپ، مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان ئىككىنچى، ئۈچىنچى... كامىلەلەرنىڭ پەيدا بولۇشنى خالىمايدۇ. ئۇ گەرچە ئانا بولۇپ باقمىغان بولسىمۇ، پاكىز نىيەت بىلەن جاپاغا چىداپ  ئىشلەپ 63نەپەر نامرات بالىنىڭ " ئانا " سىغا  ئايلاندى. 20 يىل مابەينىدە  ئۇ گازىر سىتىش، كىچىك تىجارەت قىلىش قاتارلىقلارغا تايىنپ كىرىم قىلىپ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئا ئىلە ئىقتىسادى ياخشى ئەمەس 63 نەپەر بالىغا ياردەم قولىنى سۇندى. ھازىر ئۇ ياردەم قىلغان بالىلارنىڭ  چوڭى توي قىلىپ، ئەڭ كىچىكى باشلانغۇچ 2-يىللىقتا  ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇ ياردەم قىلغان بالىلارنىڭ ھەممىسى بىردەك چەكسىز مىھىر - مۇھەببەت بىلەن  ئۇنى " ئانا ! " دەپ چاقىرىدۇ.
  بىلەت تاشلاش ئادرىسى: http://u.xjts.cn/vote/vote.php?vid=24
  بىلەت تاشلاش ئۇسۇلى:كامىلە مۇھەممەتنىڭ رەسىمىنى تاپقاندىن كىيىن 投票 نى چەكسىڭىز بولىدۇ.  

ئىنسان. 2012-04-28 21:53
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام بىلەت نەتىجىسى چىقمايدىكىنە

نارات 2012-04-28 22:58
بېسىپقويدۇم نەتىجىسى چىقمىدى

paris 2012-04-29 10:36
بىلەت تاشلايلى قېرىنداشلار!!!!!!!!!

بىز2411 2012-04-29 15:33
تاشلىدىم،نەتىجسىنى بىلگىلى بولمايدىكەن.

ئەسەبىي 2012-04-29 22:39
بىلەت سانى ئىنىق چىقمايدىكەن لېكىن، بېلەت تاشلاپ بولغاندىن كىيىن خەنزۇچە  بېلەت تاشلىشىڭز مۇۋاپىققىيەتلىك بولدى دەپ چىقىدىكەن. تاشلىغىنىمىز بىكار كەتمەيدۇ قېرىنداشلار. قېنى داۋاملىق تاشلايلى!!!

ئۆركەش 2012-05-01 09:58
مەن 5-6 نى تاشلىدىم .

dulbarqin310 2012-05-02 16:33
بىر بىلەت كەتتى...

خوۇشچيراي 2012-05-03 21:40


查看完整版本: [-- مېھرىبان ئانىمىزغا بېلەت تاشلايلى!!! --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.045005 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us