غۇلجا بەيتۇللاھ مەسچىتى ئىلى رايونىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر مەسچىتى . ئورنى غۇلجا شەھىرى شىنخۇا جەنۇبىي يولىدا . 1760 - يىلى سېلىنىپ ، 1865 - يىلى بىر قېتىم كېڭەيتىلگەن ، 1981 - يىلى ھۆكۈمەت مەبلەغ ئاجرىتىپ بىر قېتىم رېمونت قىلدۇرغان . يەر كۆلىمى 6325 كىۋادىرات مېتىر . خىش - ياغاچ قۇرۇلمىلىق ، دەرۋازا راۋىقى ئۈچ قەۋەتلىك مۇنارسىمان راۋاقتىن ئىبارەت .
مۇسا گۇڭ 1766- يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتپ ئۇنىڭ پەرزەنتى بولمىغاچقا، ئىنىسى ئۇرانزىپ گۇڭ ھاكىمبەگ بولغان.
ئۇرانزىپ گۇڭ ھاكىم بەگ بولغان زاماندا ئىقتىسات يار بەرمىگەنلىكتىن شەھەر ئىچى، ئوردا مەھەللىسى ئەتراپىدا ئۇيغۇرلارنىڭ جۈمە ۋە ھېت نامىزىنى ئوقۇيدىغان چوڭراق جامە-مەسچىتى سېلىنمىغان (كىچىكرەك مەسچىتلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا). چىڭ خاندانلىقىنىڭ خانى چىيەنلوڭ خان بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىنى مۇھاپىزەت قىلىشنى ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسىگە بۇيرىدى. جياڭجۈن مەھكىمىسى خاننىڭ بۇيرىقىنىڭ روھىغا ئاساسەن ھاكىمبەگ ئۇرانزىپ گۇڭغا غۇلجىدا چوڭ ھەم كۆركەم جامە قۇرۇش ئۈچۈن بىر تۈمەن سەر كۈمۈش بەردى. ئۇرانزىپ گۇڭ مەزكۇر پۇل ۋە ھەر يۇرتتىن يىغىلغان يىمەك-ئىچمەك، ئەمگەك كۈچى بىلەن ھازىرقى <<بەيتۇللا>> نىڭ ئالدىدىكى پەشتاق، ئىچكى مەسچىت مۇرانارىنىڭ ئاستىدىكى ناماز ئوقۇيدىغان چوڭ زال (ھازىر دەرۋازا-پەشتاق ئارقىسىدىكى بۇ جايلار چېقىۋېتىلىپ، يېڭى زامانىۋىي كاتتا جامە سېلىندى) قاتارلىقلارنى 1773- يىلى (ھېجىرىيىنىڭ 1186- يىلى) ياساپ چىقتى.
