查看完整版本: [-- غۇلجا بەيتۇللاھ مەسچىتى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> ساياھەت -> غۇلجا بەيتۇللاھ مەسچىتى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

sirik 2012-04-28 19:55

غۇلجا بەيتۇللاھ مەسچىتى ئىلى رايونىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر مەسچىتى . ئورنى غۇلجا شەھىرى شىنخۇا جەنۇبىي يولىدا . 1760 - يىلى سېلىنىپ ، 1865 - يىلى بىر قېتىم كېڭەيتىلگەن ، 1981 - يىلى ھۆكۈمەت مەبلەغ ئاجرىتىپ بىر قېتىم رېمونت قىلدۇرغان . يەر كۆلىمى 6325 كىۋادىرات مېتىر . خىش - ياغاچ قۇرۇلمىلىق ، دەرۋازا راۋىقى ئۈچ قەۋەتلىك مۇنارسىمان راۋاقتىن ئىبارەت .
مۇسا گۇڭ 1766- يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتپ ئۇنىڭ پەرزەنتى بولمىغاچقا، ئىنىسى ئۇرانزىپ گۇڭ ھاكىمبەگ بولغان.
ئۇرانزىپ گۇڭ ھاكىم بەگ بولغان زاماندا ئىقتىسات يار بەرمىگەنلىكتىن شەھەر ئىچى، ئوردا مەھەللىسى ئەتراپىدا ئۇيغۇرلارنىڭ جۈمە ۋە ھېت نامىزىنى ئوقۇيدىغان چوڭراق جامە-مەسچىتى سېلىنمىغان (كىچىكرەك مەسچىتلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا). چىڭ خاندانلىقىنىڭ خانى چىيەنلوڭ خان بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىنى مۇھاپىزەت قىلىشنى ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسىگە بۇيرىدى. جياڭجۈن مەھكىمىسى خاننىڭ بۇيرىقىنىڭ روھىغا ئاساسەن ھاكىمبەگ ئۇرانزىپ گۇڭغا غۇلجىدا چوڭ ھەم كۆركەم جامە قۇرۇش ئۈچۈن بىر تۈمەن سەر كۈمۈش بەردى. ئۇرانزىپ گۇڭ مەزكۇر پۇل ۋە ھەر يۇرتتىن يىغىلغان يىمەك-ئىچمەك، ئەمگەك كۈچى بىلەن ھازىرقى <<بەيتۇللا>> نىڭ ئالدىدىكى پەشتاق، ئىچكى مەسچىت مۇرانارىنىڭ ئاستىدىكى ناماز ئوقۇيدىغان چوڭ زال (ھازىر دەرۋازا-پەشتاق ئارقىسىدىكى بۇ جايلار چېقىۋېتىلىپ، يېڭى زامانىۋىي كاتتا جامە سېلىندى) قاتارلىقلارنى 1773- يىلى (ھېجىرىيىنىڭ 1186- يىلى) ياساپ چىقتى.

[attachment=16412]


natsist 2012-04-28 20:49
ئەجەپ چىرايلىق مەسچىتكەن

ئەلمۇسلىم 2012-04-28 21:37
ئۆتكەن يىلى مەن غولجىغا سايەھەتكە بارغاندا بۇ مەسچىتكە كىرگەن، ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ھەۋىسى كىلىدۇ، ھەممىدىن بەكرەك ياخشى يىرى، بۇ مەسچىتنىڭ شەھەرنىڭ ئاۋات يىرىدە ئۇنىڭ مۇنارلىرىنىڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقى، شەھەرگە ھەقىقى ئىسلامى مەنزىر ئاتا قىلىدۇ، بىراق بىز بۇ مەسچىتنىڭ شۇنچە كۆركەملىكى ۋە پاكىزلىقى جەلىپ قىلارلىقى بولغان بىلەن، بەك ئەپسۇس، بىز بۇ مەسچىتتە 2-3 نامازنى ئوقۇدۇق ناماز ئوقۇيدىغانلار بەكلا ئازكەن، مەسچىتتە ناماز ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئاساسلىقى قېرىلار ئىكەن، ياشلار بەكلا ئاز ئىكەن، بولغاندىمۇ ئاساسەن يوق دىيەرلىككەن، سەۋەبىنى بىلەلمىدۇق، غولجىلىق قېرىنداشلار بولسا چۈشەندۈرۈپ قويارسىلەر ھە!

يۇرتىمىز خوتەندە مەسچىتلەرنى شۇنداق سېلىشقا رۇخسەت قىلسىچۇ كاشكى، خوتەندىكى مۇسۇلمانلار قانچىلىك خۇشال بولاتتۇق ھە! ئەمما ساپاسى تۆۋەن باشقا شەھەرلەرنى ساياھەت قىلىپ باقمىغان قىلسىمۇ تەسىرات ئالالمىغان يەرلىك كادىرلىرىمىز ئۇنداق قىلسا بولمايدۇ، بۇنداق قىلسا بولمايدۇ دەپ نۇرغۇن چەكلىمىلەرنى قويىۋالغاچقا، ئىقتىزادىمىز بولسىمۇ سالالمايمىز، ئاللاھ ئاسانلىق بەرگەي!

paris 2012-04-28 21:41
بۇ زامانىۋىي ئۇسلۇپتا سېلىنغان كاتتا مەسچىت  ...

ئىنسان. 2012-04-28 21:56
يىراقتىن كۈرنىشى بەك ھەيۋەتلىك ئىكەن

zero903 2012-04-28 22:07
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى ئەلمۇسلىم نىڭ 2012-04-28 21:37 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئۆتكەن يىلى مەن غولجىغا سايەھەتكە بارغاندا بۇ مەسچىتكە كىرگەن، ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ھەۋىسى كىلىدۇ، ھەممىدىن بەكرەك ياخشى يىرى، بۇ مەسچىتنىڭ شەھەرنىڭ ئاۋات يىرىدە ئۇنىڭ مۇنارلىرىنىڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقى، شەھەرگە ھەقىقى ئىسلامى مەنزىر ئاتا قىلىدۇ، بىراق بىز بۇ مەسچىتنىڭ شۇنچە كۆركەملىكى ۋە پاكىزلىقى جەلىپ قىلارلىقى بولغان بىلەن، بەك ئەپسۇس، بىز بۇ مەسچىتتە 2-3 نامازنى ئوقۇدۇق ناماز ئوقۇيدىغانلار بەكلا ئازكەن، مەسچىتتە ناماز ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئاساسلىقى قېرىلار ئىكەن، ياشلار بەكلا ئاز ئىكەن، بولغاندىمۇ ئاساسەن يوق دىيەرلىككەن، سەۋەبىنى بىلەلمىدۇق، غولجىلىق قېرىنداشلار بولسا چۈشەندۈرۈپ قويارسىلەر ھە!

يۇرتىمىز خوتەندە مەسچىتلەرنى شۇنداق سېلىشقا رۇخسەت قىلسىچۇ كاشكى، خوتەندىكى مۇسۇلمانلار قانچىلىك خۇشال بولاتتۇق ھە! ئەمما ساپاسى تۆۋەن باشقا شەھەرلەرنى ساياھەت قىلىپ باقمىغان قىلسىمۇ تەسىرات ئالالمىغان يەرلىك كادىرلىرىمىز ئۇنداق قىلسا بولمايدۇ، بۇنداق قىلسا بولمايدۇ دەپ نۇرغۇن چەكلىمىلەرنى قويىۋالغاچقا، ئىقتىزادىمىز بولسىمۇ سالالمايمىز، ئاللاھ ئاسانلىق بەرگەي!

سىز ،ياشلار كىرمىكىن ۋاقىتتا كىرىپ قاپسىز .سەۋەبى

eltabir9 2012-04-28 22:11
بەيتۇللا

نارات 2012-04-28 23:16
بۇ مەسچىتىمىز ھەقىقەتەن چىرايلىق. پۇختا سېلىنغان.

oguzhan 2012-04-28 23:41
2-قەۋەت ئەلمۇسلىمنىڭ ئىنكاسىغا
...........................
خوتەننىڭ قەدىمى جاماسى ياقۇپ بەگ بېدەۋلەتنىڭ زامانىسىدا  ئۇيغۇرلار ئۆز خىراجىتى بىلەن ئۇيغۇر بىناكار
 ئۇستاملار ئۆزقولى بىلەن سالغان يۇز نەچچە يىللىق تارىخىقا ئىگە جامە نەگە كەتتى ئۇنى قوغدىماي نىمە
قىلدىڭلار  مەن كۆرگەن چېغىمدا ئۇ جامەنىڭ قۇرلۇش بىناكارلىق ئۇسلۇبى ئەجەپ چىرايلىقتى ئۇيغۇر بىناكارلىق
سەنئىتىنى دۇنياغا نامايەندى قىلىپ تۇراتتى ئۇ جامەنىڭ كىسەكلىرى شى ئەندىكى سېپىلنىڭ قىشلىرىغا
ئۇخشاشكەن كىيىن بۇ جانىڭ تارىخنى كۆرسەم بۇ قىشنى پۇشۇرغان يەر خوتەن شەرىدىن 50 كىلومىتىر
يىراقلىقتكى بىر سېغىزلىقتا پۇشۇرغان ئىكەن تۇگرىكلىرىنمۇ تارشىلىق دىگەن بىر جاڭگالدىكى توغراقلاردىن
شۇ جايدا ياساپ ئاتقا سورىتىپ ئەچىقىپ تىكەن شۇندەق ھەيۋەتلىك تۇگرۇكلەركەن   مەن ئون يىلدىن
كىيىن بارسام بۇ جامە ئۆزگۇرۇپ  بىر يىڭى ھازىرقى زاماندىكى بىنالاردەك سەت سېلىنىپتۇ ھەي بۇ خەخلە
 نىمىشقا قوغداپ قالماي يىقىۋاتقاندۇ دەپلام قالدىم  مەن شىنجاڭنىڭ ئىچىدە ئۇنداق بىناكارلىق ئۇسلۇبتا
سېلىنغا مەسجىدنى كۆرمۇدۇم خوتەن خەلقى قەدىمى مەدەنى يادىكارلىق بىنالارنى توت كونىنى يوقۇتۇشتا
 ھەممىنى چېقىېۋىتىپتىكەن بىراق جاماسىغىنا قەپتىكەن بۇنىمۇ 95-يىلى ئەتراپىدا يىڭىلاش باناسى بىلەن يوق قىپتۇ

قاراخان0998 2012-04-28 23:47



ئۆتكەن يىل 7-ئايدىكى غۇلجا ساياھىتىمدە مۇشۇ مەسچىتتە جۈمە نامزى ئۇقۇغاندىم .
خۇددى قەشقەر ھيىتگاھ  مەسچىتىدەك مىھرى ئىسسىق ئىكەن .
ئۇ كۈنى چوڭ- كىچىك جامائەت مەسچىت ئىچى ۋە ھويلىسىغا ئاران پاتقان . 
تىما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت . 

oguzhan 2012-04-28 23:57
مەنمۇ بۇلتۇ يىڭى تاقى سېلىنغاندىن كىيىن ئىككىنجى قېتىم ناماز ئوقۇشىم ئىلگىر راۋاق تاقىسى با
چاغدا بىر قېتىم ئوقۇغان  ئەسىر نامازىنى ئوقۇۋاتسام بىر ئىكى ياش بالا نامازنى باشتاق ئوقۇۋاتىدىكەن
ئىمام ئاچچىقلاپ كەتتى ئۇباللامۇ گەپ قىلماي چىقىپ كەتتى جامائەتمۇ سەل ئازكەن غۇلجىلىق
قېرىنداشلىرىمنىڭ مەسجىدنى تاشلىماسلىقىنى ئۆتۇنىمەن

ئۈنچىلەر 2012-04-29 00:24
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 10قەۋەتتىكى oguzhan نىڭ 2012-04-28 23:57 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مەنمۇ بۇلتۇ يىڭى تاقى سېلىنغاندىن كىيىن ئىككىنجى قېتىم ناماز ئوقۇشىم ئىلگىر راۋاق تاقىسى با
چاغدا بىر قېتىم ئوقۇغان  ئەسىر نامازىنى ئوقۇۋاتسام بىر ئىكى ياش بالا نامازنى باشتاق ئوقۇۋاتىدىكەن
ئىمام ئاچچىقلاپ كەتتى ئۇباللامۇ گەپ قىلماي چىقىپ كەتتى جامائەتمۇ سەل ئازكەن غۇلجىلىق
قېرىنداشلىرىمنىڭ مەسجىدنى تاشلىماسلىقىنى ئۆتۇنىمەن

ئەسسالامۇئەلەيكۇم!!
ئەرلەر مەسجىدگە باشتاق كىرسە بۇلمامدا،،چوقۇم باش كىيىم كىيش پەرزما؟

ئەلمۇسلىم 2012-04-29 11:52
ئۇ يەردە مەسچىتكە ياشلار ناماز ۋاقتىدا كىرمەي قانداق ۋاقىتتا كىرىدۇ؟
مەنغۇ بامدات، پىشىن، ئەسىرلەرنى شۇ مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئوقىغان، مەسچىت چوڭ بولغاچقا كۆرەلمەي قالدىممۇ يا؟

gherip 2012-04-29 12:00
بەلكىم 1-نامازغا كىرمەي ،2-نامازغا كىرىدىغاندۇ  

ئەلمۇسلىم 2012-04-29 12:02
خوتەننىڭ قەدىمى جاماسى ياقۇپ بەگ بېدەۋلەتنىڭ زامانىسىدا  ئۇيغۇرلار ئۆز خىراجىتى بىلەن ئۇيغۇر بىناكار
ئۇستاملار ئۆزقولى بىلەن سالغان يۇز نەچچە يىللىق تارىخىقا ئىگە جامە نەگە كەتتى ئۇنى قوغدىماي نىمە
قىلدىڭلار  مەن كۆرگەن چېغىمدا ئۇ جامەنىڭ قۇرلۇش بىناكارلىق ئۇسلۇبى ئەجەپ چىرايلىقتى ئۇيغۇر بىناكارلىق
سەنئىتىنى دۇنياغا نامايەندى قىلىپ تۇراتتى ئۇ جامەنىڭ كىسەكلىرى شى ئەندىكى سېپىلنىڭ قىشلىرىغا


نىمىسىنى دەيسىز قېرىندىشىم، مەن ئۇ چاغلاردا كىچىك ئىدىم، بۇ ئىشلارنى تازا بىلمەيمەن، ئاڭلىشىمچە چوڭ جامەنى تەستىقلايدىغان يىلى خوتەنگە ۋالى ئالمىشىپتۇ يىڭىدىن قۇيۇلغان ۋالىنىڭ سىياسىتى بەكلا چىڭ بولغاچقا كۆپ مۇنازىرلەشكەن بولسىمۇ ئامال بولماي كىيىن مۇشۇنداقلا سېلىۋىرىپتىكەن،
ئاللاھ خالىسا جامەنى قايتا سېلىشقا تۇتىشىۋاتىدۇ، ئاڭلىسام ئەسلىدىكى قۇرلىشىنىڭ پاسونىدا مىللىيچە ئۇسلۇپتا سېلىپ، قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىگە ئوخشاش ساياھەت ئورنى قىلارمىش، ئاللاھ ئىشلىرىمىزنى ئاسان قىلغاي!

ئەلمۇسلىم 2012-04-29 12:08
بەلكىم، بوپتۇ خاتا چۈشەنمەي ھە!

atuxboy 2012-04-29 12:08
بىرىپ بىر قىتىم جۈمە نامزىنى ئوقۇش پۇرسىتى بولسا، ئەجەپ ياخشى بولاتتىدە ،،،
بارامىز، ئاللا خالىسا ...

newruz 2012-04-29 13:37
ئاۋۇ ئالدىدىكى راۋاق نىمە ئەمدى بۇرىتى ئەمەستۇ....

!adiyat 2012-04-29 15:28
ئالدىدىكى  راۋاق ..بۇرۇنقى مەسجىتنىڭ   قالدۇقى..بەلكىم  بۇرۇنقى  مەسجىت  قۇرلۇشىغا  تۇڭگانلارمۇ  ئارلاشقان  بولۇشى  ئىھتىمال..
تۇڭگانلارمۇ   باشقا  مىللەتلەرگە ئوخشاش مەسجىت  قۇرلۇشىدا  ئۆزلىرىنىڭ بىناكارلىق  ئۇسلۇبىنى  نامايەن  قىلىدۇ..تۇڭگان  مەسجىتلىرىگە قارىسىڭىز  بۇنى  بىلەلەيسىز...ئىشقىلىپ  بۇ راۋاقسىمان قۇرلۇشنىڭ  بەلكىم  بەزى  بىر  ئۆزگىچە  مەنالىرى  بولۇشى
مۈمكىن..بۇ  ھەقتە  ئىنىق  مەلۇماتلارنى  بىلەممىدۇق..

جەڭچى 2012-04-29 17:57
ئىشقىلىپ ئالدىدىكى راۋاق  غەلىتە كۆرۈندى ،،،،،اللاھ ئاسانلىق بەرگەي

kizilkowruk 2012-04-29 18:57
    ئالدىدىكى راۋاق بۇرۇنقى مەسچىتنىڭ ئەزەن سۇپىسى. بۇرۇنقى مەسچىت خەنزۇ بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا ياسالغان. «ئىلى دەرياسى» ژورنىلىنىڭ سەكسەن نەچچىنچى يىللىق بىر سانىدا ئېلان قىلىنغان سەۋېت ئۇيغۇر يازغۇچىسى خىزمەت ئابدۇللىننىڭ «بىناكارلار» ناملىق پوۋىستىدا غۇلجا بەيتۇللا مەدرىس بىلەن ياركەنت بەيتۇللا مەدرىسىنى بىر خەنزۇ بىناكارنىڭ لايىھەلىگەنلىكى،ئۇنىڭغا ئىشلىگەنلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى ،ئۇنى ئۆز ۋاقتىدىكى چوڭ باي ۋېلىباي يولداشېۋنىڭ خىراجەت چىقىرىپ ياساتقانلىقى بايان قىلىنغان.يەتتەسۇدىكى ياركەنتتىمۇ شۇ راۋاققا ئوخشاش بىر مەسچىت بار،ئاڭلىشىمچە، ھازىر ئۇ مەسچىت ئىشلىتىلمەي،موزېي قىلىنىپتۇ.

zero903 2012-04-29 20:24
ئۇ راۋقتا. بىلال نازىمى، غازات دەرمۈلكى چىننى يېزىپ چىققان،

uygar 2012-04-29 20:26
    ئالدىدىكى راۋاخلىق قۇرۇلۇش بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتتتىن بۇرۇنقى مىمارچىلىق ئۇسۇلىنىڭ مەھسۇلى .تارىخى خاتېرىلەردە ئېيتىلىشىچە بېيجىڭدىكى راۋاخنىمۇ بىر ئۇيغۇر بىناكار لاھىيلىگەن شۇنىڭدىن قارىغاندا ئۇخىل بىناكارلىق ئۇسۇلىمۇ ئەسلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ ئىجادىيىتى تۇڭگان ياكى خەنلەرنىڭ ئەمەس .

udunbay 2012-04-29 21:14
بىر بارمىسام

!adiyat 2012-04-29 21:24
ئۇ قۇرلۇش ئۇسلۇبى قانداقتۇر دىننى  بولماستىن  بەلكى يامغۇر كۆپ ياغىدىغان ئوتتۇرا  تۈزلەڭلىك،شەرىق خەلىقلىرىنىڭ تەبىئى  شارائىتىغا ئاساسەن شەكىللەنگەن،كاھىشنى ئاساس  قىلغان قۇرلۇش  ئۇسلۇبى..بۇنىڭدا  يامغۇر ئۆتۈپ  كىتىشتىن ساقلانغىلى  بولىدۇ.. تۇڭگانلارنىڭ  مەسجىتلىرىنىڭ شۇنداق  سىلىنىشى-ئۇلارنىڭ  ئوتتۇرا  تۈزلەڭلىك  خەلىقى  ئىكەنلىكىدىن..
يۇقىردىكى تورداش  ئىيتقاندەك ئىلگىركى مەسجىت قۇرلۇشىنى  لايھىلىگەن خەنزۇ كىشى مەسجىت قۇرلۇشىنى لايھىلىگەندە بەلكى  غۇلجىنىڭ كۆپ يامغۇرلۇق  تەبىئى  شارائىتىنى كۆزدە  تۇتقان  بولىشى  مۈمكىن..
(كىچىك  ۋاقلىرىمىزدا  قاتتىق  يامغۇر  يېغىپ  ئۆيلەردىن  يامغۇر  ئۆتۈپ،  بەزى  ئۆيلەرنى  ئۆرىۋىتەتتى..)

oguzhan 2012-04-29 23:51
11-قەۋەت ئۈنچىلەرنىڭ ئىنكاسىغا
ئەرلەر مەسجىدگە باشتاق كىرسە بۇلمامدا،،چوقۇم باش كىيىم كىيش پەرزما؟
.............................................................................................................................................................................
ئەرلەرنىڭ بېشى ئۆرەت ئەمەس باشتاق ئۇقۇسىمۇ بولىدۇ  لىكىن باشتاق كىرگەنلەرگە
ئاچچىقلاپ قالغان ئىمامنىڭ ئىلمىسىنىڭ نە قەدەر تۇۋەنلىكىنى دىننىڭ ئاساسى رۇكنىلىرىنى
چۈشەنمەيدىغانلىقىنى مۇتەئەسىپ لىكىنى ئىسپادىلەيدۇ

muzepper 2012-04-30 04:50
ئۆزگىچە كۆرۈنۈشلۈك، ھەيبەتلىك مەسچىت ئىكەن.
    بۇ 73- يىلى چىڭ پادىشاسى ياردەم قىلىپ سالدۇرغان دەپتۇ. ئۇ ۋاقىتلاردا يەنى 1862-1878- يىللاردا ياقۇپبەگ بەدۆۋلەت ھۆكۈمىتى يەنى قەشقەرىيە دۆۋلىتى يوقمىتى؟.

رەسسام 2012-04-30 11:07
بەيتۇللا مەسچىت (غۇلجىلىقلار مەدرىسى دەپ ئاتايدۇ) ،،نىڭ ئەسلىدىكى خەنزۇ بىناكارلىق ئۇسلوبىدىكى قۇرلوشنى ئەينى ۋاقىتلاردا چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى قايتۇرۋالغاندىن كىيىن ئىلىدىكى خەلىقنىڭ كۇڭلىنى ئۇتۇش ۋە ئۇرۇش مالىمانچىلقىدا سەردان بۇلوپ كەتكەن خەلىقنى بىر يەرگە يىغىپ ،ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۇچۇن يەرلىك خەلىق ئىچىدىن چىققان دىنىي زاتلارنىڭ تەلىۋى بۇيىچە ئەسلىدىكى ئاددى ناماز ئۇقۇش ئۇرنىغا ئىچكىرى ئۇلكىدىن بىناكارلىق ئۇستىلىرىنى ئەكىلىپ بۇ مەسچىتنى ياساتقان ئىكەن شۇڭا ئەسلىدىكى مەدرىسى مەسچىت قۇرلوشى خەنزۇ بىناركارلىق ئۇسلۇبىدا سىلىنغان ،يۇقارقى ئىسلام بىناكارلىق قۇرلوشى ئاساسىدىكى مەسچىتنى يىقىنقى زاماندا دۇلەتنىڭ زۇر مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن سلىندى ...
ۋە مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن شائىر دۇلقۇن رۇزىنىڭ <ئەسسىلام بەيتۇللا غۇلجام يۇرىكى>><<بەيتۇللا ئالدىدىن مەسىت ئۆتمىسەم بۇلاتتى>>دىگەن شىئىرلىنى ئۇقۇغانلارنىڭ بۇ شىئىرنى يۇللاپ قۇيۇشنى ئۇمۇد قىلىمەن ،،مەن يۇللاپ قۇياي دىسەم تاپالمىدىم...

kizilkowruk 2012-04-30 11:15
    ھازىرقى مەسچىت قۇرۇلۇشىنى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىر،كاتتا باي مەرھۇم ئابدۇغوپۇر ھاجىمنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئوغلى ئەمىن ھاجى مەبلەغ چىقىرىپ ياساتقان. جانابىي ئاللاھ ئۇلارغا كاتتا ئەجرىلەرنى بەرگەي!

رەسسام 2012-04-30 11:45
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 28قەۋەتتىكى kizilkowruk نىڭ 2012-04-30 11:15 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
    ھازىرقى مەسچىت قۇرۇلۇشىنى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىر،كاتتا باي مەرھۇم ئابدۇغوپۇر ھاجىمنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئوغلى ئەمىن ھاجى مەبلەغ چىقىرىپ ياساتقان. جانابىي ئاللاھ ئۇلارغا كاتتا ئەجرىلەرنى بەرگەي!

----يۇقارقى كىشىلەرنىڭ ياخشى كۇڭلىگە ھۇكۇمەت رەھمەت ئىيتىپ ،ھۇكۇمەت خىراجەت چىقىرىپ ياساتقان دەپ ئاڭلىغان ئىدىمغۇ؟

مۇبارەك1 2012-04-30 13:50
مەنمۇ  غۇلجىغا بارسام كىرەمەن ، ئىنشا اللە  

ئۈنچىلەر 2012-05-01 00:29
ئەسسالامۇئەلەيكۇم!
جاۋاپ قايتۇرغىنىڭزغا رەخمەت قېرىندىشىم،،
ئۇلۇغ ئاللا ھەممىمىزگە ھەقنى بىلدۇرگەي

nida0998 2012-05-02 13:57
ھەقىقەتەن چىرايلىق مەسجىت  ........


查看完整版本: [-- غۇلجا بەيتۇللاھ مەسچىتى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.052567 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us