باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3031 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: غۇلجا بەيتۇللاھ مەسچىتى
ياخشى ئادەم كۆپ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 900
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 6
ئومۇمىي يازما: 558
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە558دانە
ئۆسۈش: 8600 %
مۇنبەر پۇلى: 10956 سوم
تۆھپىسى: 17 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
گۇرۇپپا: kangsay
تىزىملاش: 2010-08-08
ئاخىرقى: 2012-05-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-28 19:55

غۇلجا بەيتۇللاھ مەسچىتى

غۇلجا بەيتۇللاھ مەسچىتى ئىلى رايونىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر مەسچىتى . ئورنى غۇلجا شەھىرى شىنخۇا جەنۇبىي يولىدا . 1760 - يىلى سېلىنىپ ، 1865 - يىلى بىر قېتىم كېڭەيتىلگەن ، 1981 - يىلى ھۆكۈمەت مەبلەغ ئاجرىتىپ بىر قېتىم رېمونت قىلدۇرغان . يەر كۆلىمى 6325 كىۋادىرات مېتىر . خىش - ياغاچ قۇرۇلمىلىق ، دەرۋازا راۋىقى ئۈچ قەۋەتلىك مۇنارسىمان راۋاقتىن ئىبارەت .
مۇسا گۇڭ 1766- يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتپ ئۇنىڭ پەرزەنتى بولمىغاچقا، ئىنىسى ئۇرانزىپ گۇڭ ھاكىمبەگ بولغان.
ئۇرانزىپ گۇڭ ھاكىم بەگ بولغان زاماندا ئىقتىسات يار بەرمىگەنلىكتىن شەھەر ئىچى، ئوردا مەھەللىسى ئەتراپىدا ئۇيغۇرلارنىڭ جۈمە ۋە ھېت نامىزىنى ئوقۇيدىغان چوڭراق جامە-مەسچىتى سېلىنمىغان (كىچىكرەك مەسچىتلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا). چىڭ خاندانلىقىنىڭ خانى چىيەنلوڭ خان بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىنى مۇھاپىزەت قىلىشنى ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسىگە بۇيرىدى. جياڭجۈن مەھكىمىسى خاننىڭ بۇيرىقىنىڭ روھىغا ئاساسەن ھاكىمبەگ ئۇرانزىپ گۇڭغا غۇلجىدا چوڭ ھەم كۆركەم جامە قۇرۇش ئۈچۈن بىر تۈمەن سەر كۈمۈش بەردى. ئۇرانزىپ گۇڭ مەزكۇر پۇل ۋە ھەر يۇرتتىن يىغىلغان يىمەك-ئىچمەك، ئەمگەك كۈچى بىلەن ھازىرقى <<بەيتۇللا>> نىڭ ئالدىدىكى پەشتاق، ئىچكى مەسچىت مۇرانارىنىڭ ئاستىدىكى ناماز ئوقۇيدىغان چوڭ زال (ھازىر دەرۋازا-پەشتاق ئارقىسىدىكى بۇ جايلار چېقىۋېتىلىپ، يېڭى زامانىۋىي كاتتا جامە سېلىندى) قاتارلىقلارنى 1773- يىلى (ھېجىرىيىنىڭ 1186- يىلى) ياساپ چىقتى.


تور بەت ئادرىسىنى بىۋاستە بىسىپ كىرىڭ !
مەسجىد ئەقسا,ئۇمۇسۇلمانلارنىڭ بىرىنچى قىبلىسى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1240
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1240دانە
ئۆسۈش: 2750 %
مۇنبەر پۇلى: 14579 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-30
ئاخىرقى: 2012-05-08
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-28 22:07

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى ئەلمۇسلىم نىڭ 2012-04-28 21:37 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئۆتكەن يىلى مەن غولجىغا سايەھەتكە بارغاندا بۇ مەسچىتكە كىرگەن، ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ھەۋىسى كىلىدۇ، ھەممىدىن بەكرەك ياخشى يىرى، بۇ مەسچىتنىڭ شەھەرنىڭ ئاۋات يىرىدە ئۇنىڭ مۇنارلىرىنىڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقى، شەھەرگە ھەقىقى ئىسلامى مەنزىر ئاتا قىلىدۇ، بىراق بىز بۇ مەسچىتنىڭ شۇنچە كۆركەملىكى ۋە پاكىزلىقى جەلىپ قىلارلىقى بولغان بىلەن، بەك ئەپسۇس، بىز بۇ مەسچىتتە 2-3 نامازنى ئوقۇدۇق ناماز ئوقۇيدىغانلار بەكلا ئازكەن، مەسچىتتە ناماز ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئاساسلىقى قېرىلار ئىكەن، ياشلار بەكلا ئاز ئىكەن، بولغاندىمۇ ئاساسەن يوق دىيەرلىككەن، سەۋەبىنى بىلەلمىدۇق، غولجىلىق قېرىنداشلار بولسا چۈشەندۈرۈپ قويارسىلەر ھە!

يۇرتىمىز خوتەندە مەسچىتلەرنى شۇنداق سېلىشقا رۇخسەت قىلسىچۇ كاشكى، خوتەندىكى مۇسۇلمانلار قانچىلىك خۇشال بولاتتۇق ھە! ئەمما ساپاسى تۆۋەن باشقا شەھەرلەرنى ساياھەت قىلىپ باقمىغان قىلسىمۇ تەسىرات ئالالمىغان يەرلىك كادىرلىرىمىز ئۇنداق قىلسا بولمايدۇ، بۇنداق قىلسا بولمايدۇ دەپ نۇرغۇن چەكلىمىلەرنى قويىۋالغاچقا، ئىقتىزادىمىز بولسىمۇ سالالمايمىز، ئاللاھ ئاسانلىق بەرگەي!

سىز ،ياشلار كىرمىكىن ۋاقىتتا كىرىپ قاپسىز .سەۋەبى
مەسجىد ئەقسا,ئۇمۇسۇلمانلارنىڭ بىرىنچى قىبلىسى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1240
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1240دانە
ئۆسۈش: 2750 %
مۇنبەر پۇلى: 14579 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-30
ئاخىرقى: 2012-05-08
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-29 20:24

ئۇ راۋقتا. بىلال نازىمى، غازات دەرمۈلكى چىننى يېزىپ چىققان،