ئۆتكەن يىلى مەن غولجىغا سايەھەتكە بارغاندا بۇ مەسچىتكە كىرگەن، ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ھەۋىسى كىلىدۇ، ھەممىدىن بەكرەك ياخشى يىرى، بۇ مەسچىتنىڭ شەھەرنىڭ ئاۋات يىرىدە ئۇنىڭ مۇنارلىرىنىڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقى، شەھەرگە ھەقىقى ئىسلامى مەنزىر ئاتا قىلىدۇ، بىراق بىز بۇ مەسچىتنىڭ شۇنچە كۆركەملىكى ۋە پاكىزلىقى جەلىپ قىلارلىقى بولغان بىلەن، بەك ئەپسۇس، بىز بۇ مەسچىتتە 2-3 نامازنى ئوقۇدۇق ناماز ئوقۇيدىغانلار بەكلا ئازكەن، مەسچىتتە ناماز ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئاساسلىقى قېرىلار ئىكەن، ياشلار بەكلا ئاز ئىكەن، بولغاندىمۇ ئاساسەن يوق دىيەرلىككەن، سەۋەبىنى بىلەلمىدۇق، غولجىلىق قېرىنداشلار بولسا چۈشەندۈرۈپ قويارسىلەر ھە!
يۇرتىمىز خوتەندە مەسچىتلەرنى شۇنداق سېلىشقا رۇخسەت قىلسىچۇ كاشكى، خوتەندىكى مۇسۇلمانلار قانچىلىك خۇشال بولاتتۇق ھە! ئەمما ساپاسى تۆۋەن باشقا شەھەرلەرنى ساياھەت قىلىپ باقمىغان قىلسىمۇ تەسىرات ئالالمىغان يەرلىك كادىرلىرىمىز ئۇنداق قىلسا بولمايدۇ، بۇنداق قىلسا بولمايدۇ دەپ نۇرغۇن چەكلىمىلەرنى قويىۋالغاچقا، ئىقتىزادىمىز بولسىمۇ سالالمايمىز، ئاللاھ ئاسانلىق بەرگەي!