ئاھ !!!!!!!!!!!!!! ئۇيغۇرۇم !
كاللامدا يەنىلا شۇ خىيال، ئۇ ئىشنى شۇنچە ئويلىماي دەپمۇ ئۆزۈمنى شۇ خىيالدىن تارتالمايۋاتىمەن، ئەجەبا راستىنلا شۇنداقمىدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
كاللامنى ئايىغى يوق خىياللار قاپلىۋالدى، بۇ خىيالنىڭ سەۋەبى تۈنۈگۈنكى ئىشتا ئىدى.
بىر تۇققىنىمىز يېزا بازىرىدا بىر دۇكان ئاچماقچى بولدى، دۇكانغا چۇقۇم بىر ئامبار لازىم بولاتتى، شۇنچە ئىزدەپمۇ ئامبارى بار بىرەر دۇكان تېپىلمىدى، ئاخىرى بازاردا، ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇدۇلىغا جايلاشقان بىر بىنانىڭ يەر ئاستىنى ئامبار قىلىپ ئۈستىدىكى بىر دۇكاننى ئاچىدىغانغا كىلىشىپ، شۇ دۇكاننى ئىجارىگە ئالدۇق، تۈنۈگۈن شۇ دۇكاننى تازلاشقا چىققان ئىدىم، بۇ بىنانىڭ يەر ئاستى قەۋىتىنى ئىلگىرى بىرسى بىليارتخانا ئاچقان ئىكەن. كىيىنچە دۇكاننىڭ ئىگىسى بىليارتخانا ئېچىشقا قۇشۇلماي دۇكاننى تاقىۋىتىپتىكەن، شۇ سەۋەپتىنمۇ يەر ئاستىغا كىرىشىمگىلا بۇرنۇمغا دۈپۈلدەپ تاماكا ئىسى پۇرىدى، كۆڭلۈم شۇنداق ئېلىشىپ كەتتى، ئامال قانچە، ئاخىرى بۇرنۇمنى تېڭىپ كىرىپ، ئۇ يەرگە سۇ چېچىپ، دەرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرغاندىن كىيىن تازلاشقا كىرىشتىم. قەيەرگە قارىسا تاماكا قېپى، بىليارت توپ...........................
بىر نەچچە سائەت تازىلىغاندىن كىيىن، يەر ئاستىنىڭ ھاۋاسى خېلى ساپلاشتى، ئەڭ ئاخىرىدا، ئۈستىگە چىقىدىغان پەلەمپەينىڭ ئاستى قاپتۇ، ئۇ يەر بەك قاراڭغۇ بولغاچقا، قولۇمغا قول چىراقنى ئېلىپ كىردىم، ئۇيەر بەك پاكار بولغاچقا بېشىمنى ئۈستۈنمۇ كۆتۈرەلمىدىم، كىيىن بىر قارا دىگەندەك بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۈستۈمگە قاراپ قول چىراقنى ئۇ يەرگە تۇتتۇم، نىمى كۆردۈم دىمەمسىز! ئۇ يەر قاپقارا ئىس قاپلىغان ئۆمۈچۈك تورلىرى بىلەن تۇلۇپ كىتىپتۇ،،،،،،،،،،،،،
چىشىمنى چىشلەپ، ئۇيەرنى سۈپۈرىۋىتىپ بۇلۇپ يەرنى سۈپۈرۈشكە باشلىدىم، تۇيۇقسىز كۆزۈمگە بىر نەرسە چېلىقىپ يۈرۈگۈم قارت قىلىپ قالدى،،،،،،
ئۇ يەردە ھېلىقى دوختۇرلار بىماردىن قان ئالغان ۋاقىتتا يارا ئېغىزىغا بېسىپ قۇيىدىغان پالىكۇچتىن بىرسى تۇراتتى، يەنە تېخى قان يۇقى...................
كاللامدىن چاقماق تىزلىكىدە بىر خىيال كىزىپ ئۆتتى، يە بۇ دوختۇرخانا بولمىسا، ئەجەبا بىرەرى بۇ يەردە قولىغا يىڭنە سانجىغانمىدۇ؟ !!!!!!!!!!!!!!
ئادەتتە كىنولاردا خىروئىننى تۇمۇرىغا ئۇكۇل قىلىدىغانلارنىڭ مۇشۇ نەرسە بىلەن قېنىنى توختاتقىنىنى كۆرەتتىم، ھازىر شۇ نەرسە كۆز ئالدىمدا تۇرۇپتۇ، كەينىمگە بۇرۇلغان پېتى چاقماق تىزلىكىدە ئۇ يەردىن چىقىپ كەتتىم.
مانا ھازىر مەن ئۆيدە ئۇخلاش ئالدىدا كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلدۈرەلمەيۋاتىمەن، مەن ئۇ نەرسىلەرنى تېخى بىزنىڭ يۇرتىمىزغا كەلمىدى دەپ ئويلايتتىم، ئەجەبا بۇ نەرىسنى ساتىدىغان نىجىسلار بىزنىڭ يۇرتنىمۇ بۇلغاپ بولغانمىدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئىلگىرى رادىيودىن « ئىسىت مەن تېخى 18 ياش ئىدىم » دىگەن بىر ئەسەرنى ئاڭلاتقان، شۇ ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان قىزلارنىڭ ئىپپەت نۇمۇسىنى دەپسەندە قىلىدىغان شۇنداق يەرلەرنىڭ بىزنىڭ يۇرتتىمۇ بار ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان ئىكەن، ئەجەبا بۇ ھىكايە راستمۇ ياكى بىر توقۇلمىمۇ؟ مەن بۇنى بىر توقۇلما بولسا كىرەك، دەپ ئويلاپ يۈرەتتىم، مانا ئەمدى بۇ ئىشقا نىمە دەي؟!!!!!!!
يېقىندا مەھەللىمىزدە بىر توي بولدى، تويغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى بۇ تويدىن نارازى، بۇنىڭ سەۋەبى قىز تەرەپ توينى رەسمى خەنزۇ پەدىسىدە ئۆتكۈزۈپتۇ، ئوغۇل تەرەپقۇ خېلى ئىمانلىق كىشىلەر ئىدى، بۇ توينى پەقەت ئىككى ياشنىڭ تەلىپى بويىچىلا ئۆتكۈزۈپتۇ. ھازىر ھېچكىم ئۇنداق توي قىلمىسا يە! گەرچە مەن توينى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىسەممۇ لىكىن كۆرگەن كىشىلەرنىڭ ھېچ بىرىنىڭ بۇ توينى ياخشى بوپتۇ دىگىنىنى ئاڭلىمىدىم. مانا بۇ بىزنىڭ يوقىلىپ كىتىۋاتقان زامانغا يۈزلەنگەن مەدەنىيىتىمىز!!!!!!!!!!!!!!!!
ھازىر رادىيودا ياش يازغۇچى ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇتنىڭ « ئازغان كۆڭۈل » ناملىق رومانىنى ئاڭلىتىۋاتىدۇ، بۇ روماندا ئەنە شۇ زەھەر چىكىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىشلىرى سۆزلەنگەنىكەن، ئۇنىڭدا خىروئىن ساتىدىغانلار مۇزدوز ، رەسىمچى دىگەندەك ئادەمنىڭ ئەقلىگە كەلمەيدىغان كىشىلەردەك ياسىنىدىكەن، بۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە تېخى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ بار ئىكەن!!!!!!!!!
يەنە تېخى ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن ئۆزىگە ئەيدىزنى يۇقتۇرۋالغانلارمۇ نۇرغۇن ئىكەن، بەزى قىزلار ئەيدىزنى ئۆزىگە يۇقتۇرغاننى ئاز دەپ، ئۆز چىرايى، زىلۋا بويىغا تايىنىپ نۇرغۇن كىشىلەرنىمۇ شۇ كىسەلگە گىرىپتار قىلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن شەخسى دوختۇرخانىلارغا بېرىپ بالا ئالدۇرۇپ، بىگۇناھ نارىسىدىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىكەن. بەلكىم شۇ سەۋەپتىن بولسا كىرەك ئاللاھ تەئالانىڭ بەندىلىرىگە غەزىپى تېشىپ، بەزى ئاياللار بالا يۈزى كۆرەلمەيدىغان ئېغىر كىسەل بىلەن ئازاپلانماقتا، ئۇلارغا ھەر خىل يامان داۋاسى يوق كىسەللەرنى ئەۋەتمەكتە، بۇنىڭغا كىم سەۋەپچى؟ شۇ ئىشنى قىلىۋاتقان ئازغۇن ئىنسانلارمۇ ياكى شۇلارنى ئاشۇنداق يولغا يىتەكلەۋاتقان مۇناپىقلارمۇ؟ ۋە ياكى شۇ قىزلارغا ئىگە بولالمايۋاتقان، ئاتا ئانا، ئاكا ھەدىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىمۇ؟ بۇ زادى كىمنىڭ مەسئۇلىيىتى؟ بۇ ئىشلاردا بىزنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىمىز بارمۇ يوق؟
بۇ ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ئويلاپ بېقىشقا تىگىشلىك مەسىلە، قىزلار مىللەتنىڭ ئانىسى، بىر مىللەتنىڭ قىزلىرى ۋەيران بولىدىكەن ئۇ مىللەت ھامان زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ، مانا ھازىر بىزنىڭ مىللىتىمىزنى ئانىلىرى بولغان قىزلار نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ؟ ئەگەر مۇشۇنداق بولىۋەرسە بىزنىڭ كەلگۈسىمىز نىمە بولۇپ كىتەر؟
ئاھ ئۇيغۇرۇم! ھۇشۇڭنى تاپ! ئىلگىركى شان شۆھرىتىمىزنى قايتۇرۇپ كىلىش ئۈچۈن تىرىشقىن! دۇنيا ئۇيغۇر دەپ نىدا قىلماقتا!