باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1948 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قانداق ئەرلەر ئولتۇرۇپ قالىدۇ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 615
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 6
ئومۇمىي يازما: 704
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە704دانە
ئۆسۈش: 2315 %
مۇنبەر پۇلى: 9013 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-16
ئاخىرقى: 2012-09-04
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-25 00:11

قانداق ئەرلەر ئولتۇرۇپ قالىدۇ

1 .نامرات ئەر
---بىر ئەر تۇغۇلىشىدىن نامرات بولىشى مومكىن،لېكىن ئەرلىككە يەتكەندىمۇ شۇ پېتى ئۆزىنى تاشلاپ يۈرىۋەرسە، قىزلارنىڭ نەزىرىگە ئىلىنماسلىقى شەكسىز.ئەرلەرنى ئۆزىنىڭ تايانچسى ھېسابلاش-ئاياللارنىڭ تەبىئىتى.ھېچقانداق ئايال ئۆزىنى باقالمايدىغان ئەرنى لاياقەتلىك ئەر ھېسابلىمايدۇ.بولۇپمۇ پۇل ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان ھازىرقى زاماندا تېخىمۇ شۇنداق.شۇنداق ئەرلەرمۇ باركى،10يۈەن بىلەن قىزبالىنىڭ كۆڭلىنى تاغدەك ئۆستۈرەلەيدىغان:پۇل بولماسلىقلا نامراتلىق ئەمەس،پۇل خەجلەشنى بىلمەسلىكمۇ نامراتلىقتۇر.

2.سەت ئەرلەر.
---بىزدە ئەرنىڭ سەتى يوق دەيدىغان ماقال بار.چىراينىڭ سەت بولۇشى چوڭ مەسىلە ئەمەس،بەلكى سەت كۆرۈنۈپ قېلىش ئەڭ چوڭ مەسىلە.سەت چىراينى باشقىلارنى قورقۇتۇشقا ئىشلەتسە،ئەلۋەتتە تېخىمۇ بولمايدۇ.

3.نىپىز ئەرلەر.
---ئەلۋەتتە،تىببى ئىلىمدا تىرىنىڭ قېلىن-نىپىزلىكنىڭ پەرقى چوڭ ئەمەس.بۇ يەردە دىيىلگىنى تارتىنچاق(خۇددى قىزلاردەك)لىق.مەيلى تۇرمۇشتا بولسۇن ،مەيلى كېنو-ھېكايىلەردە بولسۇن،بىز ھامان قىزلارنىڭ ئۆزى سۆيگەن يىگىتنى قېلىن! دەپ ماختايدىغانلىقىنى ئۇچۇرتىپ تۇرىمىز.سۆيگەن قىزىنىڭ ئالدىدا شۇ قىزدىنمۇ يۈزى نىپىز بولۇپ كەتسە،مۇھەببەت قانداقمۇ كامالىغا يەتسۇن؟!...ئەرلەرنىڭ يەنىلا ئەرلەردەك بولغىنى تۈزۈك.

4.ھاماقەت ئەرلەر.
---قىز بالىنىڭ مۇھەببىتىنى ئىپادىلىشى ئەرلەردەك ئوچۇق بولمايدۇ.ئۇلار ھامان مەلۇم ئىما-ئىشارەتلەر بىلەن كۆڭلىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنچىلىك نازاكەتنىمۇ چۈشەنمەيدىغان ئەرلەر ھەقىقى ھاماقەتتۇر.

5.قوپال ئەرلەر.
---زامان ئۆزگەردى،قىزلارنىڭ تەلىپىمۇ ئاشتى.شېرىن مۇھەببەت سۆزلىرىنى قىلىپ ،قىزنىڭ يۈرىكىنى شۇررىدە ئېرىتىشنىمۇ بىلمەيدىغان،يۈمۈرىستىك تۇيغۇسى يوق ،مۇنداقچە ئېيىتقاندا‹‹بىر شاپلاق بىلەن يىغلىتىپ،بىر سۆيۈش بىلەن كۈلدۈرۈشنى ئۇقمايدىغان ئەرلەر قىزلارنىڭ ئۆلچىمىگە چۈشمەيدىغان بوپ قالدى.

6.ساددا ئەرلەر.
---ھەممە ئىشتا ھەددىدىن زىيادە راسىتچىل بولۇپ،ئىچ-باغرىنى تۆكۈۋىتىغان ئەرلەردىن قىزلار ئاسانلا بىزار بولۇپ قالىدۇ.ئاياللارنىڭ تەبىئىتى بەزى ئىشلارنىڭ ھەقىقى ماھيىتىنى بىلىشىتىن،ئالداپ-سىيپاپ ئۆتكۈزىۋىتىشكە مايىلراق بولىدۇ.

7.توخۇ يۈرەك ئەرلەر.
---باھادىرلىق،مەرىتلىك،جۇرئەتلىك بولۇش- ئەرلەرنىڭ ھەقىقى سۈپىتى.داۋاملىق باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچىراش،ھە دېسىلا يول قويۇش،ئىككىلىنىش...قىزلارنى ئۈمۈدسىزلەندۇرۇپ قويىدۇ.ئەڭ ئاددىيىسى،قىزغا كۆڭلىنى ئىزھار قىلىپ بولۇپ،قىزنىڭ سۈكۈتىگە ھەمراھ بولۇپ تۇرۇش يارىمايدۇ.ئەگەر قىز بىر شاپىلاق سالمىغان،كەينىگە قارىماي كېتىپ قالماي،يەرگە قاراپ تۇرغان بولسا،ئىككىلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق.كۆڭلىنى توق قىلىپ،قىزنى قوچاقلاپ باغرىغا بېسىش كېرەك.



مەنبە ،،، مەن ئەمەس
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 42
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە42دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 424 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-04-21
ئاخىرقى: 2012-09-01
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-25 01:53

3-قەۋەت (samanyoli) نىڭ يازمىسىغا

ھىلىمۇ تەلەيلىككەنلا ... ......
[ بۇ يازمىنىbende 2012-06-24 03:32قايتا تەھرىرلىدى ]
ئەلھەمدۇلىللاھ.....