查看完整版本: [-- قانداق ئەرلەر ئولتۇرۇپ قالىدۇ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> تاغدىن-باغدىن -> قانداق ئەرلەر ئولتۇرۇپ قالىدۇ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

xahla91 2012-04-25 00:11
1 .نامرات ئەر
---بىر ئەر تۇغۇلىشىدىن نامرات بولىشى مومكىن،لېكىن ئەرلىككە يەتكەندىمۇ شۇ پېتى ئۆزىنى تاشلاپ يۈرىۋەرسە، قىزلارنىڭ نەزىرىگە ئىلىنماسلىقى شەكسىز.ئەرلەرنى ئۆزىنىڭ تايانچسى ھېسابلاش-ئاياللارنىڭ تەبىئىتى.ھېچقانداق ئايال ئۆزىنى باقالمايدىغان ئەرنى لاياقەتلىك ئەر ھېسابلىمايدۇ.بولۇپمۇ پۇل ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان ھازىرقى زاماندا تېخىمۇ شۇنداق.شۇنداق ئەرلەرمۇ باركى،10يۈەن بىلەن قىزبالىنىڭ كۆڭلىنى تاغدەك ئۆستۈرەلەيدىغان:پۇل بولماسلىقلا نامراتلىق ئەمەس،پۇل خەجلەشنى بىلمەسلىكمۇ نامراتلىقتۇر.

2.سەت ئەرلەر.
---بىزدە ئەرنىڭ سەتى يوق دەيدىغان ماقال بار.چىراينىڭ سەت بولۇشى چوڭ مەسىلە ئەمەس،بەلكى سەت كۆرۈنۈپ قېلىش ئەڭ چوڭ مەسىلە.سەت چىراينى باشقىلارنى قورقۇتۇشقا ئىشلەتسە،ئەلۋەتتە تېخىمۇ بولمايدۇ.

3.نىپىز ئەرلەر.
---ئەلۋەتتە،تىببى ئىلىمدا تىرىنىڭ قېلىن-نىپىزلىكنىڭ پەرقى چوڭ ئەمەس.بۇ يەردە دىيىلگىنى تارتىنچاق(خۇددى قىزلاردەك)لىق.مەيلى تۇرمۇشتا بولسۇن ،مەيلى كېنو-ھېكايىلەردە بولسۇن،بىز ھامان قىزلارنىڭ ئۆزى سۆيگەن يىگىتنى قېلىن! دەپ ماختايدىغانلىقىنى ئۇچۇرتىپ تۇرىمىز.سۆيگەن قىزىنىڭ ئالدىدا شۇ قىزدىنمۇ يۈزى نىپىز بولۇپ كەتسە،مۇھەببەت قانداقمۇ كامالىغا يەتسۇن؟!...ئەرلەرنىڭ يەنىلا ئەرلەردەك بولغىنى تۈزۈك.

4.ھاماقەت ئەرلەر.
---قىز بالىنىڭ مۇھەببىتىنى ئىپادىلىشى ئەرلەردەك ئوچۇق بولمايدۇ.ئۇلار ھامان مەلۇم ئىما-ئىشارەتلەر بىلەن كۆڭلىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنچىلىك نازاكەتنىمۇ چۈشەنمەيدىغان ئەرلەر ھەقىقى ھاماقەتتۇر.

5.قوپال ئەرلەر.
---زامان ئۆزگەردى،قىزلارنىڭ تەلىپىمۇ ئاشتى.شېرىن مۇھەببەت سۆزلىرىنى قىلىپ ،قىزنىڭ يۈرىكىنى شۇررىدە ئېرىتىشنىمۇ بىلمەيدىغان،يۈمۈرىستىك تۇيغۇسى يوق ،مۇنداقچە ئېيىتقاندا‹‹بىر شاپلاق بىلەن يىغلىتىپ،بىر سۆيۈش بىلەن كۈلدۈرۈشنى ئۇقمايدىغان ئەرلەر قىزلارنىڭ ئۆلچىمىگە چۈشمەيدىغان بوپ قالدى.

6.ساددا ئەرلەر.
---ھەممە ئىشتا ھەددىدىن زىيادە راسىتچىل بولۇپ،ئىچ-باغرىنى تۆكۈۋىتىغان ئەرلەردىن قىزلار ئاسانلا بىزار بولۇپ قالىدۇ.ئاياللارنىڭ تەبىئىتى بەزى ئىشلارنىڭ ھەقىقى ماھيىتىنى بىلىشىتىن،ئالداپ-سىيپاپ ئۆتكۈزىۋىتىشكە مايىلراق بولىدۇ.

7.توخۇ يۈرەك ئەرلەر.
---باھادىرلىق،مەرىتلىك،جۇرئەتلىك بولۇش- ئەرلەرنىڭ ھەقىقى سۈپىتى.داۋاملىق باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچىراش،ھە دېسىلا يول قويۇش،ئىككىلىنىش...قىزلارنى ئۈمۈدسىزلەندۇرۇپ قويىدۇ.ئەڭ ئاددىيىسى،قىزغا كۆڭلىنى ئىزھار قىلىپ بولۇپ،قىزنىڭ سۈكۈتىگە ھەمراھ بولۇپ تۇرۇش يارىمايدۇ.ئەگەر قىز بىر شاپىلاق سالمىغان،كەينىگە قارىماي كېتىپ قالماي،يەرگە قاراپ تۇرغان بولسا،ئىككىلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق.كۆڭلىنى توق قىلىپ،قىزنى قوچاقلاپ باغرىغا بېسىش كېرەك.



مەنبە ،،، مەن ئەمەس

xahla91 2012-04-25 00:14
بايا قارىسام ئا بىر تېمىدا قانداق قىزلارنىڭ ئولتۇرۇپ قالدىغانلىقىنى تەھلىل قىلىپ كېتىپتىكەن ما كەڭساينىڭ  قېرى بويتاقلىرى ،يەنە تېخى قانداق ئەرلەرنىڭ ئولتۇرۇپ قالدىغانلىقىنى تېپىش قىزلارغا قالدى دەپ جەڭ ئېلان قىپتۇ ،سەت تۇرمۇسۇن دەپ يوللاپ قويدۇم ،قېنى ئۆزەڭلەرنى بىر تەكشۈرۈپ باقامسىلەر!

ahlak 2012-04-25 00:57
ماۋۇ تىمىنى كۆرۇپ بىشىم تاشدەك قاتتىغۇ ئەمدە...   

samanyoli 2012-04-25 01:16
ھەنىم بوسا خوتۇن ئېلىۋاپتىكەنمەن،،،،،،،،،بولمىسا بىر قانچە ماددىسىغا چۈشۈپ كېتەركەنمىز جۇما،،،،،،،،،     

bende 2012-04-25 01:53
ھىلىمۇ تەلەيلىككەنلا ... ......

alpacino 2012-04-25 07:03
ئالامەت  گەپلەركەنغۇ  ماۋو .....

بىخ 2012-04-25 08:01
تېخى بىرنىلا ئالغانىدىم....

ئىنسان. 2012-04-25 08:40
مەن ئۈر تۈرۈپ قالغىلى تېخى ئەمدىلا ئىككى يىل بولغان ئىدى  

imam 2012-04-25 09:02
ئولتۇرۇپ قالىدىغان ئەركەك ئايپاتەملەرنىڭ گېپىكەنغۇ-بۇ.
نامرات ،سەت،نىپىز ،ساددا ئەرلەر دىگنىگە مەن چۈشكىدەكمەن،ئۇنغاقتا مەن بىر ئۆمۈر ئولتۇرۇپ قالىدىغان ئوخشايمەن،مېنىڭغۇ "ئايپاتەم" بولغۇم يوق بولمىسا.
شۇ مەنغۇ  ئەخلاقلىق چوڭ بولىمەندەپ سەل نېپىز چوڭ بولۇپ قاپتىكەنمەن،ئەمدى قانداق قىلارمەن.
مەن تېخى ئەر كىشىنىڭ سەتى يوقمىكىن دەيمەن،قايسى بىر ئېتوتتا "تېرەكنىڭ تۈزى يوق،ئەر كىشىنىڭ سەتى"دەۋاتاتتى بولمىسا.
مەن تېخى يېقىندا بىر قىزبالىنىڭ بىر ئوغۇل بالىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان،ئۇ ئوغۇل قىزدىن سەۋەبىنى سوراپتىكەن،قىز ناھايىتى ئاددىي قىلىپتا سىز مۇلايىم ۋە ساددا بولغاچقا دەپتۇ.بولمىسىغۇ ياۋاش،ساددا ئوغۇللارنىمۇ ياخشى كۆرۈدىغان قىزلار باركەن بولمىسا.

maslakdax 2012-04-25 10:39
7.توخۇ يۈرەك ئەرلەر.
......................................................

..........كۆڭلىنى توق قىلىپ،قىزنى قوچاقلاپ باغرىغا بېسىش كېرەك.

ھاي-ھاي.قۇچاقلىمىسىمۇباشقا  ئۇسۇلدا باتۇرلۇقنى نامايەن قىلغىلى بولار؟

قارگۇلى 2012-04-25 12:05
شەھلا نىڭ بۇ تېمىسىدىن ئوبدان پايدىلانسام بولغۇدەك!!!!!ئەرلەر ئۇچۇن ئەڭ مۇھىمى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى... ئۆزىنىڭ ئەركەكلىكىنى تونۇيدىغان.. مەسئۇلىيەتچان ئەرلەر ھەر دائىم ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۇشىىگە........شۇنداقلا .قىزلارنىڭ ياخشى كۆرۇشىگە ئېرىشىدۇ!!!!  مەن ئىككى ئوغلۇمنى ھايالىق،لىكىن دادىل، ساددا لىكىن ھىلىگەر ئەمەس. سەزگۇر لىكىن ھاماقات ياكى دۆت ئەمەس.  قاپ يۇرەك ئەمەس  لىكىن  جۇرئەتلىك قىلىپ تەربىيلەش يولىدا ئىزدىنىۋاتىمەن!!! ئاللاھ خالىسا!!!!

    

boran114 2012-04-25 12:13
مەن ئاللىبۇرۇن ئولتۇرۇپ قالغانتىم

تاھىربەگ 2012-04-25 12:26
قارىسام مەن ھىچقايسىسىغا چۈشمىگىدەكمەن.  توي قىلىدىغان ۋاقىت كەلگەندە دەرھال قوپۇپ كەتكىدەكمەن.

uysat 2012-04-25 14:09
مەن ھىچقايسىسىغا چۈشمەيدىكەنمەن .

مېھمان 2012-04-25 18:48
ئوقۇپ يېرىمىغا كەلگەندە دەرھال ئۆرە تۇرىۋالدىم . بۇ ئىكاسىنى ئولتۇرمايلا يېزىۋەتتىم .

رەسسام 2012-04-25 20:38
ئولتۇرۇپ  قالدىغان ئەرلەر ئولتۇرۇپ قالدىىغان ئاياللاردىن كوپ ئاز ،،ئولتۇرۇپ قىلىشى ئاياللاردا كوپ كۇرۇلىدۇ...

albax 2012-04-25 20:40
  مىنى تالاپ كىتەمدۇ نىمە ئەمىسە ؟       

samran 2012-04-26 13:19
  قىز - ئاياللار ئەرلەرنڭ قوش بىسلىق بولىشىنى ياقتۇردۇ. بۇ دىگەنلىك ئۇسسىغاندا  سۇ، توڭلىغاندا ئوت  بولۇش ، قىزلارنى خاپمۇ قىلالايدىغان خۇشمۇ قىلالايدىغان بولۇش، قىسقىسى كىسەلگە قاراپ دورا بىرەلەيدىغان بولۇش دىگەنلىكتۇر.


查看完整版本: [-- قانداق ئەرلەر ئولتۇرۇپ قالىدۇ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.052742 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us