باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 704 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1745
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1745دانە
ئۆسۈش: 8090 %
مۇنبەر پۇلى: 23682 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-05-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-24 22:10

ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال

ئۆيدە ئولتۇرغان ئايال

ئاپتورى: چىندىل

دىدى بىر ئاخماق زىيالى خوتۇنىڭ نە ئىش بىلەن
خوتۇنۇم ئۆيدە دىسەم كۈلدى پاراڭ ئەسناسىدا
دىدى ئىشسىز ئولتۇرامدۇ ئۆيدە كۈننى كەچ قىلىپ
ئۆتكۈزۈپ گۈلدەك ئۆمۇرنى بالىلار غەۋغاسىدا

بالا باققان ئەرنى كۈتكەن ئىش ئەمەسمىش ئاڭلىسام
ئالمىسا خەقتىن مائاش بىكارچىمىش ئويلاشىدا
خوتۇنۇڭ پۇل تاپمىسا قانداق تۇتارسەن ئۆي دىدى
مەن دىدىم قانداق ياشارسەن خوتۇنۇڭ ساياسىدا

ئۆيدە ئولتۇرغان ئايالنى دىمە ئاقنانچى خوتۇن
دەۋرىمىزنىڭ ئۈلگىسى ئۇ ئائىلە بەرپاسىدا
ئۇ بالاڭنىڭ ئانىسى ئۈممەت ئۈچۈن ئالتۇن بۆشۈك
ئەر ئۈچۈنلا ئاققۇچى ئۆمرى ۋاپا دەرياسىدا

ئىتقادنىڭ پاسىبانى ئۆرپىمىز قورغانى ئۇ
كەلگۈسى مىللەت ئۈچۈنلا ياشىغاي دۇنياسىدا
شەخسىيەتسىز،جان پىدا ئۇ دىينىمىزغا يار يۆلەك
بالىمىزغا تۈنجى ئۇستاز مەرىپەت سەيناسىدا

سورىماس شۆھرەت مۇكاپات ئەرنى دەپ قىلسا ئەجىر
ئانىلىق خىسلەتمۇ دەل شۇ بالىلار ئىنكاسىدا
كۆكلىگەي بەختىڭ سىنىڭ ھاردۇق ئىېشىدا تەرلىسەڭ
پاك تائام ئالى ئوزۇق بەركەت ئۇنىڭ سۇپراسىدا

قارىساڭ كۆڭلۈڭ خۇشال ،شۇنچە مۇلايىم بۇيرۇساڭ
قالغۇسى باغرىڭ پۇتۈن چىقساڭ سەپەر ئورتاسىدا
كۈتكۈسى كىرسەڭ قاچان باغىرىدا ئاتەشدان يىقىپ
بۇلغىماس نامىڭنى دوس دۈشمەن ۋايا ئەل قاشىدا

بوي تالاشماس ئەر بىلەن ،ھەمدەم ئاڭا بار يوقىدا
ئەرگە بەرگەي زور ئىشەنچ باققاندا ھەر شەھلاسىدا
ئەرنى ئەر قىلغاي خوتۇن روھىنى كۆككە ئۆستۈرۈپ
پادىشاھنىڭ ئىززىتىنى كۆرسىتىپ سەھراسىدا

ئائىلەڭنىڭ بەركىتى ئۇ تۇرمۇشۇڭغا پاسىبان
تاپمىغايسەن ئۇنچە سادىق دوس جاھان مىقياسىدا
تونىمايدۇ ئىزلىمەيدۇ بىر سىنىڭدىن باشقىنى
چولپىنى سەن ، باتۇرى سەن قەلبىنىڭ ئورداسىدا

تۇرمۇشۇڭنى قىلسا خەندان خۇش تەبەسسۇمدا بىقىپ
كۆرسىتەر جەننەت ئۈمىيدى  ئىتقاد ئىخلاسىدا
ئاددى ساددا پاك ياشاشتۇر رىغبىتى دائىم ئۇنىڭ
كۈنلىرى ئۆتمەس بىھۇدە مودىنىڭ  سەۋداسىدا

خوتۇنۇڭ زاۋۇت قۇرارمىش ئۆينى تاشلاپ قاغجىراق
چاقنىتىپ ئەرلەر كۆزىنى پول  ھوقۇق شولاسىدا
چىن ئايال ئادەم تۇغار ، ئادەم باقار ، ئادەم قۇرار
بۇ ھاياتتا قايسى زاۋۇت تەڭ ئاڭا چاقناشىدا

پۇل تىېپىشقا ئىشچى ياللا پايدىلان پۇل تاپتۇرۇپ
قۇيمىغىن پۇل مەنپەئەتنى ئەر خوتۇن چىگراسىدا
ساڭا چىندىلدىن نەسىھەت ئاڭلا ئۇيغۇر ئەركىگى
قالمىغىن خاتۇن بىلەن شۇ پۇل پۈچەك ماجراسىدا

ساقىيە چۈش تەبىرى تورىدىن ئېلىندى
[ بۇ يازمىنىsamanyoli 2012-04-24 22:57قايتا تەھرىرلى ]
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1745
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1745دانە
ئۆسۈش: 8090 %
مۇنبەر پۇلى: 23682 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-05-09
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-25 01:27

شۇنداق تەقۋادار پەزىلەتلىك ئەرلەر بار،،،،،،،،،لېكىن يامان يېرى،ئۇنداق ئەرلەر خىزمەت قىلىدىغان قىزلارغا نەزەر كۆزىنىمۇ سېلىپ قويمايدۇ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،ھەيييييييي،،،،،،،قانداق قىلارمىز بۇ ئىشلارنى،،،،،،،