باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 669 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 2/2     Go
تېما: كىرىڭلار ھېكايە ئېيتىپ بېرىمەن
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 615
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 605
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە605دانە
ئۆسۈش: 1995 %
مۇنبەر پۇلى: 7728 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-16
ئاخىرقى: 2012-05-10
10-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-25 05:24

ئادەم دىگەن قىززىق نىمە ،بىر قارىسا بۇ دۇنيا پەقەت بىردەك،يەنە ياخشى زەن سېلىپ قارىسا بىز بىرنى بىر دەيمىز دەپ تۇرىۋالدىغان يىگانە دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەر بىر ئادەمدە بىردىن دۇنيا باردەك،مۇشۇنداق ئىنچىكىلىسەك،ساناقسىز دۇنيالار بۇ دۇنياد لەيلەپ يۈرگەندەك،مېنىڭ دۇنيارىمغا ،سېنىڭ دۇنيارىڭ ھەرگىز ئوخشىمايدۇ،ئۇنداق بولسا ئوخشىمايدىغان بۇ دۇنيالار قانداق قىلىپ بىرلىشىپ ئورتاق گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەندۇ؟!
مەنمۇ ئۆزەمنىڭ دۇنياسىنى بۇ دۇنيا دەپ بىلىمەن،مېنىڭ بۇ دۇنيارىم بىر تۇرۇپ ھېچ نىمىنى سىغدۇرمايدۇ،بىر تۇرۇپ بۇ دۇنياغا پاتمايلا قالىدۇ،پات-پات ئىسسىقىم ئېشىپ قالدىغان ئوخشايدۇ،جىسىم دىگەن ئىسسىقتا كېڭىيىپ سوغاقتا تارىيىدۇ ئەمەسمۇ.
بەلكىم بوران قۇرۇق ئىسسىق كەلدىمۇ،كۈننىڭ ئوچۇق بولىشىغا قارىماي،نېرۋىلارنى چارچىتىپ،تېرىلارنى يېرىپ چىقىۋاتقان بوران كەيپىمنى تۇراقسىزلاشتۇرۇپ قويدى،ئۆزەمدىكى دۇنيانى ھەر قانچە قىلىپمۇ بۇ دۇنياغا قوشالمىدىم، قۇرۇق ئىسسىقتا بەك قۇرۇپ كېتىپ يۇقۇشمايدىغان بۇلۇپ قالغان ئوخشايدۇ.
ئالدىمغا كەپ-كېتىپ تۇرغان خېرىدارلا شۇنداق يىقىمسىز كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ ،ئۇلارنىڭ يېنىدىن چىقىپ مېنىڭ چۆنتىكىمگە كىردىغان ماۋزىدۇڭنىڭ يۈزىدىن خوش-خوشلىماي ئامالىم يوق.
بىزنىڭ دۇكان بازانىڭ كۆزىدە،قاتار-قاتار گۈرۇپىۋاي قىلىپ ئۆزىمىزنى ياسىتىپ،يەنە ئايدا كاتتا بازارنىڭ ھەشەمەتلىك بىزەلگەن سىتار كۆچىسىدىكى مەخسۇس تۈركىيە كىيىملىرىنى ساتىدىغان دۇكانلاردىن قېلىشمىغۇدەك ھەق تۆلىتىدىغان بۇ لاپاس دۇكانلارغا قارىسىڭىز ئاچچىق كۈلىسىز.
قانداق قىلىمىز!ھەممە ئادەم بېرىپ كاتتا بازاردا دۇكان ئاچسا،كۆكتاتنى كىم ساتىدۇ،يەنە كېلىپ تۈركىيەنىڭ كىيىملىرىنى بۇ لاپاسلارغا تىزىپ قويسا بازىرى چىقمىغاندەك،كۆكتاتلارنى سىتار كۆچىسىغا ئاپىرىۋالساق تېمپىراتورا تەبىئىي بولماي قېلىپ،ئون كۈن ساقلىغىلى بولدىغان كۆكمۇچ-شوخلىلار سېسىپ كېتىدۇ،بىراق شۇ سودىنى قىلىۋاتقان سودىگەرلەرنىڭ خارەكتىرى ئوخشاش ،ئوخشاشلا رىقابەتلىشىدۇ،خېرىدار تالىشىدۇ،باھا پەرقى ،خىلمۇ خىل ۋاستىلەر بىلەن مۇئامىلىدارىمىزنى يۇلغىنىمىز يۇلغان.
مۇئاش ئۆسىۋاتىدۇ،ھەر خىل تەمىنات تولۇقلىمىلار يۇقۇردىن تۈۋەنگە ئايمۇ-ئاي مۇكەممەللىشىپ ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ،شۇنداق بولسىمۇ كىشىلەر دەيدۇ،كىيىم دىگەننى بارنى كىيىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولغان بىلەن،قورساققا ئامال يوق ،يىمەي بولمايدۇ،يىمەك-ئىچمەك تىجارىتى ئىستىقباللىق تىجارەتلەردىن،ھەي نىمىدىن بۇنچە قاقشايدىغاندىمىز،يا بولغانسىرى بولغىسى كەپتۇ دەپ،يانچۇققا پۇل توشقانسىرى پىخسىقلىشىپ كېتىۋاتامدىكىن بۇ ئادەملەر.
80-يىللىرى ئېسىمدە قېلىشىچە بەش تىيىنغا ئۈچ بېكەت يول ماڭغىلى بولاتتى،ھازىر بولسا بىر سومغا شەھەرنىڭ ئا بېشىدىن ما بېشىغا بارالايمىز،يەنە تېخى دەل شۇ چاغلاردىكى ئاپتۇبۇسلارغا ئوخشايدىغان چاتما ئاپتۇبۇسنى2011 -يىلى شەھەرلىك ھۆكۈمەت چوڭ داغدۇغا بىلەن قاتناش لىنىيىلىسىگە سالدى،ئەسلىدىمىغۇ ئۈرۈمچى شەھرى چىرايلىق شەھەر ئىدى،ئەپقاچتى ئىگىسى يوق گەپلەرگە قارىغاندا دانىسى مىليون يۇەندىن ئاشىدىغان بۇ BRTدەيدىغان ئوقەت چىرايلىق شەھرىمىزگە تېخىمۇ ھوسۈن قوشىۋەتتى،ھەر بىر قېتىم بۇ ئېسىل ئوقەتنى كۆرگەندە ھەۋەسلىنىپ ،تەرەققىياتنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن ئەۋزەللىكلىرىدىن ھاياجان بىلەن تىتىردۇق،يولنىڭ تەڭ يېرىمىنى ئىگەللەپ خانلىق قوشۇننىڭ ھەيۋىتىدە ماڭدىغان بۇ زامانىۋى قاتناش ۋاستىسى،يان يولدىكى قىستىلىشىپ ئۆمىلەۋاتقان ھەر-خىل ھەر ياڭزا ،ئېسىللىرى ئايغا قونغان ئالەم كېمىسىدەك ،پاخاللىرى قويغا ھەلەپ بېرىدىغان ئەسكى داستەك ئاپتۇموبىللارغا مەڭسىتمەسلىك بىلەن نەرە تارتىپ ئۆتكەندە ،ئىچىدىكى يولوچىلارنىڭ غادىيىپ تۇرۇپ،ئىچىدە ئۇلارغا:-ئاخماقلار ،كاللاڭ ساق بولسا شەھەر يولىدا ئۆچرەت تۇرماي ،ساي يولىدا ماڭ!تاشقى ئايلانمىدا ماڭ !دىمەيدۇ دىيەلمەيمەن.
يان يولدىكى ماشىنلارمۇ بۇنى بىلمىگۈدەك يەردە ئەمەس،ئۇلارمۇ تۇيغۇندە،مىليون -مىليون خەلىق پۇلىنى ھۆكۈمەتئاكام تاراسسىدە ساناپ ئا BRTنى ئالغاندەك،ئۇلارنىمۇ ئىگىلىرى بانكا-بانكىغا قەرىز بۇلۇپ يۈرۈپ،ئىچىدە روزا تۇتۇپ،تېشىدا قالتىس مەرتلىك بىلەن غادىيىپ تۇرۇپ سېتىۋالغان،ئۇمۇ سۇدا ماڭمايدۇ،ئاپتول،بېنزىن ،مايدا ماڭىدۇ،گازنىمۇ ئەرزان دەپ قالمىسۇن ! تولۇقلىما ئالدىغان تاكسىلاردىن باشقىلىرى ئاشۇ مايدىن پەرقى قالمىغىلى تۇرغان گازنى يەنىلا شۇ ماۋزىدۇڭنى ساناپ قاچىلايدۇ.
شۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ،نەچچە موچەن پەرىقنى دەپ كۆكتاپ بازىرىغا كېلىشتىن يالتايمايدۇ-يۇ،ئېشەك -ئېشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس ! دىگەندەك ئۆي بېسىپ ماشىنا ئېلىشىدۇ،ئۇ ماشىنا سەندىمۇ بار ،مەندىمۇ بار،كىم -كىمدىن قالغان جاھان بۇ ،رولغا ئولتۇرۇپلا ئاچقۇچنى بۇراپ مايغا دەسسەيدۇ،تازا بىر گۆكىرەپ قۇۋۋىتى ماتوردىن ئايلىنىپ كىلاپاندىن چىقىپ بولغىچە ئالدىدا ئۆچرەت ،يا ئۇچۇپ ئۆتكىلى بولمىغا ،يا سوقۇپ، مىجىپ دەسسەپ ئۆتكىلى بولمىغان ،  ماشىننىڭ سۈرئىتى ئاتمىشقا چىققىچە .شوپۇرنىڭ سەپىرايى 200 نى كۆرسەتكەن،ئادەم دىگەن گۆش نەرسە ،بېسىمغا تۆمۈر چىدىغان بىلەن يۇمشاق گۆش چىدىمايدۇ،داۋاملىق شۇنداق بېسىمدا تۇرىۋەرسە چاتاق چىقمايدۇ دەپ ھۆددە قىلغىلى بولمايدۇ.
ئېسىمنى بىلسەم ئۈرۈمچىدە تىكىپ-سۆكۈپ يەنە تىكىپ يەنە سۆكىۋىتىپتىكەن،شۇنداقلا يازنى كۆرگەنكىن بېشىڭىزدا غەم،بىكەت-بىكەتتە،قىزىل چىراقتا بۇيۇن قىسىپ تۇرغان ماشىنلارغا قاراپ ئىككى پۇتقا زۇلۇم قىلسىمۇ ماڭغان ياخشى دەپ قالىسىز،ماڭسىڭىز ھېچ بولمىسا تاق لېنىيىلىك يوللارغا تەتۇر كىرىپ قالسىڭىزمۇ ھېچ كىم ھېچ نىمە دىمەيدۇ،جەرىمانە يىمەيسىز،خالىغان يەردىن تۇمشىقىڭىزنى بۇراپ قايتىپ چىقالايسىز،يەنە كېلىپ بۇ سالامەتلىككە پايدىلىق،ھەممە ئادەم سىزدەك تېتىك بۇلىشى ناتايىن ،بولمىسا ماشىنلارغا،تاكسىلارغا،ئاپتۇبۇسلارغا چىقىۋالغان ئادەملەر ماڭغىلى تۇرسا ،ئۇ چاغدا ئاقىۋەتنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن،قاتناشنىڭ پەللە ۋاقىتلىرىدا زور بىر قىسىم ئادەملەرنى ماشىنلار ئىچىگە قاچىلاپ تۇتۇپ تۇرمىسا ،ئىشتىن چۈشكەن ،ئىشقا ماڭغان،ھەر خىل مەقسەتلەردە ئۇيىدىن چىقىۋالغان ئادەم كەلكۈنى ئىچىدە دەسسىلىپ كېتىسىز،ماشىنلار ئۆزلىرىنى ئاياپ تۇرغان بىلەن ،ئادەمنىڭ جېنى ئۇنچە قىممەت بولماي قالىدۇ بەزىدە،ئەڭ ياخشىسى يەنىلا شۈكرى قىلىش كېرەك!
مەن بۇ يىل 36 ياشقا كىردىم،مەن تۇغۇلغاندا خەلىق دوختۇرخانىسىنىڭ تۇغۇت بۇلۇمىدە رەتلەش،قايتا ياساش خىزمىتى ئىشلىنىۋىتىپتىكەن،ئاپام بىچارە كارىدوردىكى ۋاقىتلىق تۇغۇت ئۇيىدە مېنى بوشۇنۇپتىكەن،مانا شۇنىڭدىن بېرى خۇددى ناشتىلىقىڭغا نىمە يىسەڭ ،بىر كۈن كەچكىچە شۇ دىگەندەك ،رەتلىگەننى ياسىغاننى كۆرۈپلا كېلىۋاتىمەن،ئاللاھ خالىسا يەنە 36 يىللاردىن كىيىن ئۈرۈمچىمۇ دۇنياۋى مودا شەھەرلەرنىڭ قاتارىغا كىرىپ قالار،شۇ چاغدا ئۆينى پاكىز تازلاپ ئۇخلىغىلى تەمشەلگەن ئادەمدەك ،ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىنى مودا ،زامانىۋى،پاكىز شەھەردە خاتىرجەم ئۆتكۈزىۋالارمەن.
[ بۇ يازمىنىxahla91 2012-04-25 05:30قايتا تەھرىرلىدى ]
http://pakdiyar.com
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10915
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 319
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە319دانە
ئۆسۈش: 1150 %
مۇنبەر پۇلى: 6280 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-23
ئاخىرقى: 2012-05-03
11-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-25 19:17

ئىچىڭلارنى بوشىتىۋېلىڭلار
ئىلىم قاراڭغۇلۇقنىڭ چىرىقى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7564
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 544
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە544دانە
ئۆسۈش: 1150 %
مۇنبەر پۇلى: 6325 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-24
ئاخىرقى: 2012-05-07
12-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-25 19:52

مەن قاچقان كۈن كۈن كەلدى ئاخرى،
كەلگەن بىلەن مەن ئاشىق كۈنمۇ،
بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرى غەلەت،
بىللە ئىكەن تىكەنمۇ،گۇلمۇ
(مەھەمەتجان راشىدىن شئىرلىردىن )
دوستلىشىش
مەيمۇنە
ئولۇم دەھشەتلىك ھەقىقەتتۇر،نامازۋەئەمەل بىردىن ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11211
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 50
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە50دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 480 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-21
ئاخىرقى: 2012-05-06
13-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-25 23:06

12-قەۋەت (رەسسام) نىڭ يازمىسىغا

    
ئولۇم دەھشەتلىك ھەقىقەتتۇر،نامازۋەئەمەل بىردىنبىر چارىدۇر
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 615
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 605
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە605دانە
ئۆسۈش: 1995 %
مۇنبەر پۇلى: 7728 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-16
ئاخىرقى: 2012-05-10
14-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-26 00:49

ھامان ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىمنى ئويلىسام،بىر تۇرۇپ ياشىغىم كەلمەي قالىدۇ،ئەزەلدىن خىزمىتىم يوقلىقىدىن ئۆكۈنۈپ باققان ئەمەسمەن،ئىشلەۋاتقان ئاياللارنىڭ ئىچكى تۇيغۇلىرىنى ئانچە چۈشەنمەيمەن ،بىراق ئۇلارنىڭ مەندەك جاپا تارتمايدىغانلىقىنى بىلىمەن،ئۇلار ھېچ بولمىسا تۇيۇقسىز ۋەيران بۇلۇشنىڭ قانداق بولدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ،كېچە سائەت ئىككىدە تۇرۇپ ئەسكى چاپاننى كىيىپ مال ساتىمەن دەپ چاپمايدۇ.ھېچ بولمىسا ئۇيقىسىنى قېنىپ ئۇخلاپ بالىلىرى بىلەن تەڭ ئويغۇنۇپ،قىشتا ئىسسىق،يازدا سالقىن خىزمەت ئورنىدا تۇردۇ.
مەندەك مىجەزى تەرسالىشىپ،ئادەم توپلاشقان جايلاردا ئاۋازىنى بولىشىغا قويىۋىتىپ بىرەرسى بىلەن جىدەللىشىشتىن خىجىل بولىدۇ،بەلكىم ئۇلارنىڭمۇ ئىچ پۇشۇقلىرى باردۇ ،ئىش قىلىپ تۈتۈننىڭ ئاچىقىنى مورا بىلگەندەك،ھەر كىم ئۆز دەردىنى ئۆزى تارتىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.
مەن شۇ 2009-يىلدىن بۇرۇن ،خىزمەتتىكى ئاياللار دىسە ،شۇندىقىراق ئىشخانىلاردا جاپادىن يىراق ياشايدىغان ئاياللارنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەتتىم،ئۇلارنىڭ ئايدا قەرەللىك  قولىغا تىگىدىغان مۇئاشى بولغاندىن سىرت ،يەنە ياشانغاندا ئالدىغان پېنسىيە پۇلىمۇ ،ئانچە –مۇنچە ھەۋەس قىلىشىمغا بانا بوپمۇ قالاتتى،يەنە تېخى ئىدارىسىدىن ئېرىشەلەيدىغان بىر يۈرۈش ئۆيمۇ يوق ئەمەس،ئاغرىپ قالسىمۇ ،داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ سايىسىدا ئاسان كېسەلگە بوزەك بولمايتتى.
بىراق 2009-يىلدىن كىيىنكى تۇيۇقسىز كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولغان زەڭگەر فورمىلار،دىققىتىمنى تارتتى،بۇرۇنمىغۇ تازلىق ئىشچىلىرى بار ئىدى،بىراق بۇنداق جىق ئەمەس ئىدى،ئاغزىمىزدا تازلىق ئىشچىلىرى شەھەرنىڭ ھوسۇن تۈزەش ئۇستىلىرى دەپ قويغىنىمىز بىلەن ،يەنىلا كۆڭلىمىزنىڭ بىر يەرلىرىدە ئۇلارنى كۆزگە ئىلمايتۇق،ئۇلارمۇ تاڭ يورىماستا چىقىپ ۋەزىپىسىنى تۈگۈتۈپ ،خەقنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەسلىككە تىرىشاتتى.
يا ئۇچاغلاردا كىشىلەر تازلىققا بەك ئەھمىيەت بېرەتىمىكىن ،تازلىق ئىشچىلىرى ئاز ھەم سازمىتىكىن،ئىش قىلىپ شەھەر كۆچىلىرى،ئۇنچە مەينەتمۇ ئەمەس ئىدى،ھازىر قارسىڭىز يولدىكى تازلىق ئىشچىلىرى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك ساناقسىز،بۇ يۇلتۇزلار يەنە تېخى گۇرۇپىلارغا ئايرىلغان،ھەر بىر گۇرۇپىدا بىردىن بىرىنچى قول يەنە بىر نەچچە مۇئاۋىنلىرىمۇ بارمىكىن،ھەممىسىنىڭ قولىدا سىمسىز سۆزلىشىش ئاپپاراتتى،سىگىناللىرى شۇنداق جىددى،يەنە تېخى ئاق كۆك سىرلانغان مەخسۇس ئاپتۇمۇبىللاردا ئۇلاردىنمۇ چوڭ باشلىقلىرى چارلاپ يۈرىشىدۇ،قولىغا سۈپۈرگە-ئەخلەت چىلىكى ئېلىشقان زەڭگەر فورمىلىق ئىشچىلار ھەر ۋاقىت يۈكسەك جىددى ھالەتتە،ناۋادا مەلۇم بىر يول بۈلىكىدە بىر تال تاماكا قالدۇقى ،شىمىشكا شۆپىكى چاغلىق نەرسە بولسا،ماشىندىكى ئەڭ چوڭ باشلىق دەرھال سىمسىز سۆزلىشىش ئاپپاراتىدا،يولدىكى بىرىنچى قولغا سىگىنال يوللايدۇ،ئۇ بولسا مۇئاۋىنىغا،مۇئاۋىنى بولسا شۇ يول بۆلىكىدىكى مەسئول ئىشچىغا خەۋەر قىلىدۇ،بىر تال ئەخلەت ئەنە شۇنداق داغ-دۇغا بىلەن ئەخلەت چىلىكىگە كىرىدۇ،مۇشۇ بىر جەرياندا يەر شارىدىكى بىر ئەخلەت قاتمۇ قات زەنجىرسىمان ئالاقە تونىلى ئارقىلىق ،سامان يولىدا ئەگىپ يۈرگەن سۈنئىي ھەمرانى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ يۇقۇتۇلدۇ.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولدۇكى،دۆلىتىمىز پۇقرالىرى،بىر تال يىرگىنىچلىك ئەخلەتكە شۇنچە ھوشيارلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرغان يەردە،بىزگە كۆز ئالايتىشقا پېتىنغان دۇشمەنلەر ئۈچۈن جاننى تىكىپ قويىدۇ،بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن يانمايدۇ،تۇيۇقسىز شۇنداق پەخىرلىنىپ كەتتىم، ئۆزەمنىڭ مانا مۇشۇنداق بىر ئالاھىدە تارىخى دەۋىردە ياشاۋاتقانلىقىمغا ھەيران قالدىم،مەن ھەم دەۋىرداشلىرىم شۇنچىلىك بەختىيار ئىكەن.
مۇنتىزىملاشقان بۇ كۆللىكتىپنىڭ تىنىمسىز ھەركەتلىرىنىڭ بەركىتىدە ،مۇھىتىمىز كۈندىن كۈنگە باغ-ۋارانلىق ،پاكىز ھالغا كېلىۋاتىدۇ،يازدىكى تىرىشچانلىقلارغا كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ،بىراق قىشتىكى خىزمەتلەرمۇ يازدىكىدىن ئېشىپ چۈشسە چۈشىدۇكى ،ھەرگىز كام قالمايدۇ،ئىشەنمىسىڭىز قاراپ بېقىڭە!
ئاسماندىن قار يەرگە چۈشۈپ دېمىنى ئېلىپ بولغىچە گۈرجەكلەپ بارا جايىغا يەتكۈزىۋىتىدۇ،سىز قار ياغمىغاندەك بۇلۇپ كەتكەن يولغا دەسسەپ ئىشىڭىزغا ماڭىسىز،   ئۆتكەن بىر يىلى،سوغاق قىش كۈنلىرىنىڭ بىرسى ئىدى،ئۆيگە كۇچاردىن مېھمان كەلدى،تاماقتىن بۇرۇن قولىغا سۇ بېرىشكە توغرا كەلدى،ھاۋانىڭ سوغاقلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ،ئىلمان سۇ تەييارلىدىم،مېھمان قولىنى چايقاپ بۇلۇپ ،مەندىن مىنەتدار بولغانلىقىنى قايتا –قايتا تەكەللۇپ قىلىپ دەپ كەتتى،يېزا يېرىدە ياشاپ،تۇرمۇشقا ئارتۇق شەرت قويماي،تۈۋەنچىلىك بىلەن ياشاۋاتقان بۇ مېھمان دېھقىنىمنىڭ مىنەتدارلىقىنى،قولىغا قۇيغان ئىللىق سۇدىن كەلگەن دەپ چۈشۈنۈپ،ئۆزەممۇ ئازادە بۇلۇپ قالدىم.
قول يىقىنچىلىقنى ئىپادىلەشنىڭ يەنە بىر خىل ۋاستىسى بۇلىشى مۇمكىن،قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش،قول بىلەن بېشىنى سىلاش،مەڭزىنى چىمداپ قويۇش،
قول بىلەن قىلغىلى بۇلدىغان ئىشلار ،ھەم قولدىن قۇبۇل قىلدىغان سىگىناللار خېلى كۆپكەن.
قىشنىڭ سۇغىقى بىلەن قىزارغان قول،ئوپكىدىن چىقىۋاتقان ئاجىز ھور بىلەن ھورداپ ئىششىقلاشلار،ئىسسىق ماشىندا كېتىۋىتىپ،يول بۇيىدىكى تۆمۈر رېشاتكىنى سوغاق ئېقىمدا مۇز بولغىلى تۇرغان سۇغا لۈڭگىنى چىلاپ سۈرتىۋاتقان تازلىق ئىشچىلىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ،ئۇ يەر-بۇ يەرنىڭ پاكىز سۈرتۈلمىگىنىنى ئەسكەرتىشلەر...تىنماي گاژىلداپ سايراتقان سۆزلىشىش ئاپپاراتلىرى...
قىپ قىزىل مارجاندەك بۇلۇپ كەتكەن قولىدا يەنە شۇ ئاجىز ھور ،يەنە شۇ تۆمۈر رىشاتكا...
شەھەر ئاسمىنىنى قاپلىغان جىددىچىلىك،قىزارغان قولدىكى قىزىل پۇل،سانى 1200.
تېرىقسىز قالغان ئېتىز،غېرىپلىق باسقان كۈلبە...
ئەمگەك كۈچلىرى...ئەمگەك كۈچلىرى
-شوخلاڭ قانچە پۇل؟!
دۇكانغا قايتىپ كەلدىم،قىش ئەمەس ياز بولغىلى تۇرۇپتۇ،بوران تېخى تىنجىماپتۇ،بېشىمنى كۆتەردىم،ئالدىمدا بىر ئۇيغۇر ئايال.بىراق ماڭا خەنزۇچە سۆزلەۋاتاتتى.
-ئالتە سوم.
-ۋۇي،ئۇيغۇرمىدىڭىز،مەن تېخى ...ھى ھى ھى...كۆكتات ساتىدىغاننىڭ ھەممىسى مۇشۇ خەق بولغاچقا دىققەت قىلماپتىمەن كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ-ھە!
كۈلۈپ قويدۇم،گەپ قىلغۇم كەلمىدى،دۇكانغا كۈندە توك قاچىلاپ ئەچىقىۋالدىغان كىچىككىنە ياڭراتقىدىن چىقىۋاتقان پەرھات تۇرسۇننىڭ «قەسىدە« سىنى دېكىلماتسىيە قىلغان ئاۋازى، يايمىدىن يېرىپ ئۆتۈپ بورانغا ئەگىشىپ نە-نەلەرگە كېتىۋاتاتتى،بەلكىم ئۇ ئايال ھەقىقەتەن دىققەت قىلمىغاندۇ.
ئۇ غۇدۇراپ قويدى،بىلىمەن ئۇنىڭغا بىر يەشىك شوخلىنى كۆتەرتىپ قويسام،ئۇيىگە بېرىپ بولغىچە چىدىمايدۇ،ئاپىرىپ بۇلۇپ يەشىكتىن چىقىرىپ تېخىمۇ ئۈمۈدسىزلىنىدۇ،پارچە ئېلىۋەرسەم بوپتىكەن دەپ ۋايسايدۇ،ئاچچىقى كەلسە، ئېرىنمىسە قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بېرىشى مۇمكىن،يۈزى بىر قەۋەت دانلىق ھەم قېپ قىزىل،ئاستىدا يەنە بىر قەۋەت چانمىغۇدەك شوخلا،ئەڭ ئاستىدىكىسىگە مەن كېپىل ئەمەس،چۈنكى مەنمۇ بۇنى خەقتىن ئالدىم،خەقمۇ ئۇنى دېھقاندىن ئالىدۇ،ئاللاھنىڭ زىمىنىدىن ھەر نىمە ئۈنىدۇ،بىر شاختىن چۈشكەن مىۋىنىڭ ياخشسىمۇ بولىدۇ ،ناچىرىمۇ بولىدۇ،پارنىك ياساپ،تەر تۆككەن دېھقان ھەممىنى پۇلغا ئايلاندۇرمىسا،ياپقان يۇپۇق ،چاچقان ئوغۇت،يەر پۇلى ،سۇ پۇلى،يەنە بىر مۇنچە پۇللارغا قەرىز بۇلۇپ دېھقان بولغانغا تويدۇ،بىراق باللىرى ئاچ قالىدۇ،يەنە بىر يىلى ئېشەكتەك ئىشلەپ قەزرىزنى قايتۇردۇ.
بىزدىن ئېلىپ ،پارچە ساتىدىغانلار بۇنى بىلىدۇ،بىز بىرسىمىزنى توغرا چۈشۈنشۈپ ،ئاۋازىمىزنى چىقارماي بۇ چەمبىرەكتە چۆرگىلەيمىز.چەمبىرەكنىڭ سىرتىدىكىلەرگە ئېغىز ئۇپۇرتۇپ دەپ يۈرمىسەكمۇ بولىدۇ.
دوستلىشىش
firdawis1
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11135
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 48
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە48دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 480 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-15
ئاخىرقى: 2012-05-08
15-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-26 14:29

ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم  شەھلا  ھەدە ،  بۇ  ھىكايىڭىز  بەك  ياخشى  يىزىلىپتۇ .
يۇمۇرستىك  ،  ئىبىرەتلىك  ،  مىغىزلىق  ،  مەنىلىك  مۇكەممەل  بىر  ھىكايىكەن .
رەھمەت  سىزگە.  بولسا  يەنە  يوللاپ  تۇرۇڭ  .  
بىزمۇ  ئوقۇپ   دەم  كۈلۈپ  دەم  ئويلىنىپ  ئولتۇرايلى .   
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 615
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 605
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە605دانە
ئۆسۈش: 1995 %
مۇنبەر پۇلى: 7728 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-16
ئاخىرقى: 2012-05-10
16-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-26 16:05


كۈندە ئالدىمدىن نۇرغۇن ئادەم ئۆتىدۇ،ئادەملەر نىمە ئويلاۋاتقىنىنى ئۆزلىرى بىلىدۇ،مەن دۇنيارىمنى دۇنيادىن ئايرىۋىلىپ،ئاسمانغا قاراپ باقىمەن،ئوخشاشلا بىر قوياش،بىر ئاسمان،ئۈرۈمچىدە چىققان بوران ھەممە يۇرتلاردا تەڭ چىقىۋاتىدۇ،تۇرپاندا بوراننىڭ كاساپىتىدىن بىر قىسىم ئۆيلەرگە ئۆت كەتتى،توخسۇندىكى يۈقىرى سۈئەتلىك تاش يولدا ماشىنا ئۆرۈلۈپ قاتناش ئۈزۈلۈپ قالغانلىق خەۋىرى كەلدى،تۇرپان-توخسۇن تاش يولى ئۈرۈمچىنىڭ مۇھىم كىرىش ئىغىزلىرىدىن بىرى،ئەتىياز پەسلى بولغاچقا دىيارىمىزدا تېخى يازلىق تېرىم مەھسۇلاتلىرىدىن ھوسۇل كۈتۈشكە بالدۇر،90-يىللارنىڭ ئاخىرى 2000-يىللارنىڭ باشلىرى دىيارىمىزدا پارنىك بارلىققا كېلىشكە باشلىغان بولسىمۇ،بىراق يەنىلا قىشلىق كۆكتات تەمىنلىنىشىدە يەنىلا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تايىنىپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن،بۇ مەزگىلدە يەرلىكتىن ئۈمۈت كۈتۈش مۇمكىن ئەمەس،
ئىچكىردىكىلەر بىزنى ئەخلەت كۆكتات يەيدۇدىيىشىدۇ،3-ئاينىڭ ئاخىرلىشىشغا ئەگىشىپ تۇرپان-توخسۇندىكى پارنىكلاردىن سادا چىققىلى تۇردۇ،بىراق يەنىلا بازار ئىگەللىيەلمەيدۇ،سەۋەبىي ئوراپ –قاچىلىنىشى تەلەپكە لايىق ئەمەس،ھازىر كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا مۇنداق بىر ئاتالغۇ بار(يېشىل كۆكتات)،بۇ يېشىل كۆكتات قانداق نەرسە،بۇلغانمىغان ئەڭ تەبىئىي كۆكتات (يېشىل كۆكتات)بۇلىشى كېرەك،بىراق بىزنىڭ يەرلىكتىن چىققان كۆكتاتلار ئاشۇ يەرلىكتىكى دېھقانلارغا ئوخشايدۇ،ماشىنغا رەتسىز بېسىلىپ ،تەكشى باغلانمىغان پالەك ھەم كۈدە توپ تارقىتىش بازىرىغا كىرىپ بىر كېچە-كۈندۇز تۇرغاندىن كىينلا چىدىمايدۇ،قۇلاقلىرى سارغىيىپ ،سۈيى قاچىدۇ،ئىچكىردىن كەلتۈرۈلگەنلىرى بولسا ئۇنداق ئاسان ئەل بولمايدۇ،چۈنكى ئۇلارغا كۆپ ھەشەمەت قىلىنغان، سىمۇنىت قۇيۇلۇپ ياسالغان يەشىك،يولنىڭ سېلكىشىدىن مىجىلىپ كەتمەيدۇ،ئارىسىغا ئىككى كېلودىن تۆت كېلوغىچە مۇز قوشۇلغان،مۇز كۆكتاتلارنىڭ يېڭى ،سۇلۇق ساقلايدۇ،ئاخىرىدا يەشىك،مۇزلارنىڭ باھاسىمۇ شۇ كۆكتات بىلەن ئوخشاش ھېساپلىنىدۇ،بىراق ئەڭ مۇھىمى ئوراش ئالدىدا كۆپ مىقداردا چىرىشتىن ساقلاش دورىلىرى ئىشلىتىلىدۇ،مۇشۇنداق سېلىشتۈرۈپ كەلسەك ھەقىقىي قىممەت ئەخلەت دەل ئاشۇ قوشنىمىزنىڭ قوينىدىن بىزگە تۆكۈلگىنى،شوخلىغا چېچىلغان قىزاتىش دورىسىنى ئويلىسام،ئاشقا سالغۇممۇ كەلمەيدۇ،شۇنداق بولسىمۇ (يېشىل كۆكتات)ئاتالغان بەزى نىممەتلەرگە سۈكۈت قىلماي ئامالىمىز يوق.
قېرىشقاندەك بۇ بوران بىلەن يول توسۇلۇپ كۆكتات بىدىكلىرى جىددىلىشىپ قالدى،ھەر نىمە بولسا ئاشۇ تۇرپان-توخسۇننىڭ ئەخلەتلىرى بولسىمۇ كىرىپ تۇرغىنى ياخشى ئىدى، باھا ئۆسسە بازارنى مۆلچەرلىمەك تەس،ئالدىراشلىقتا دىققەت قىلماپتىمەن،سومىكىغا پۇل پاتمىغىلى تۇرغاندىن كىيىن،ئەقلىمگە كەلدىم،ئامبار قۇرۇقدىلىپ قاپتۇ، يول تېخى تاقاق،ئاخشام ماڭدىم دەپ خەۋەر قىلغان كاساپەتمۇ ،توسالغان جايىدا خۇدا بەردى دەپ يېتىپتۇ.
نىمە دىگەن جىق قارا باشلار بۇ،خۇددى چۆلدەرەپ كەتكەن چىل بورىدەك ،كالپۇكلىرىنى ساڭگىلتىپ تېمىسقىلاپ يۈرشىدۇ،يېرىم كۈن بولسىمۇ ئوپكىسىنى باسسا بولمامدۇ دەيمەن،ئۆتكەن يىلمۇ مۇشۇ كەيپىياتتا بىر-بىرسىنى دەسىشىپ تۈز شېركىتىنىڭ تۆمۈر دەرۋازىلىرىنى ئۆرىۋەتكەن خەق ئىدى بۇلار،مانا ھازىرمۇ ئاز قېلىۋاتىدۇ،جاھاندا بارىنى يالماپ يۇتۇپ ئېغىلىغا بېسىۋالغىلى،ئالدىنقى كۈنى بېسىپ قويغان ئازراق شوخلا بار ئىدى،ئاناڭ-بازا داداڭ بازا،سەن خەققە ھازىر ساتمىساق قاچان ساتىمىز دىيىشىپ دۇكانغا يۈتكىدۇق،باشقىلارنىڭ قولىدا ئۇنچە جىق مالنىڭ يوقلىقىنى كۆرۈپ ،كۆزنى يۇمۇپلا كېلو بېشىغا ئەللىك تىيىندىن چاپلىۋەتتىم،ھەر نىمە بولسا ئازراق دەم ئېلىپ تاماق يىگۈدەك ۋاقىت چىقىپ قالدى،تېخى تويغانى بىلگۈدەك بولمىغان،يەنە ئولاشقىلى تۇردى،بىر بىرسىدىن قىزغىنىپ ،كالدىرلىشىپ مېڭەمنى ئوچاق قىلىۋەتتى،ئالە مانا دەپ يەنە ئەللىك تىيىن چاپلىدىم،بولمىدى،بۇلار ئالسىلا بۇلىدىغان ئوخشايدۇ،ئىككى سائەتكە قالماي ،دۇكاندا شوخلىنىڭ قۇرتىمۇ قالمىدى،بىزمۇ پۇخادىن چىقتۇق،بىلىمدىكى كونا يېڭى ئىككى سومكا ،يانچۇق-پانچۇقتىكى پۇرلەپ تىقىلغان پۇللارنى يەشىككە تۆكۈپ سانىغىلى تۇرغاندا،خەۋەر كەلدى،يول ئېچىلىپتۇ،مانا ئەمدى ئۇياننى كۆرۈڭ! مىڭ شۈكرى جۇمۇ.
باياتتىن بېرى نە سالقىن بولسا شۇ يەردە پاراڭلىشىپ سەگىدىشىپ تۇرغان بىز خەقتىن بىر نەچچىسى .ئىشتانغا يۇققان توپىنى قېقىۋىتىپ شاپتۇللۇققا قاراپ يول ئالدى.
ئايغا چىقىپ سىركە سېتىپتىكەن ئاتۇشلۇقلار،بىر خوتەنلىكنى تىك ئۇچار سېتىۋالىمەن دەپ تاغاردا پۇل يۈدۈپ بېرىپتىكەن ،قورقاپ كېتىپ سېتىپ بەرمەپتۇ دىگەن گەپنىمۇ ئاڭلىغاندەك قىلغانتتىم،ئىتىپاق گۈللىكىنىڭ قىيپاش ئۈدۈلدىكى ھېلىقى بىنانى تولا تارتىش قىلىپ ئاخىرى بىر يۈرەكلىك باشلىقتىن بىرسى(شىڭ) دەۋىتىپتىكەن،بىر چىرايلىق بېزىلىپ ئىشلىرى يۈرۈشۈپ قالغاندەك قىلىدۇ.
تۈز ۋەقەسىدىمۇ ،پارتىيەگە ئىشىنىپ ،تۆمۈر دەرۋازىنى ئۆرۈشكە ئارلاشماي ،جىم تۇرغانتۇق،توننىلاپ قىممەت باھادا تۇزنى ئۆيىگە ئەكىرۋىلىپ،جاھان ئوڭشالغاندا قۇيرىقىنى چىشلىيەلمەي ،گۆشىنى يىيەلمەي پىقىراۋاتقانغا قاراپ پۇخادىن چىققىچە كۈلدۇق،
زادى ئادەم جىق بولسا ئېشەك ھارام بۇلدىكەن،ھەممىز بىر يەرگە توپلىشىۋالماي،سەل تارقاقلاشساق بولاتتى،تەكلىماكاندىكى قۇملارنى پاكىز يۈتكىۋىتىپ ،سۈ تارتىپ باقساق .ئادەمنىڭ ياشىشىغا شارائىت ھازىرلىغىلى بۇلارمۇ؟ئاينى ئامرىكىلىقلار ئىگەللىۋالغاندەك قىلىدۇ،قىيامەتتە ئىشلىتەرمىش.ئۇلار بىلەن جاي تالاشقىلى بۇلامتتى،ئەڭ ياخشىسى قولدا بارنى چىڭ تۇتايلى!تەكلىماكاندىكى قۇمنى تېنىچ ئوكيانغا تۆكىۋىتىپ،ئاۋال كەپە ئۆي سېلىپ.ئاندىن چاقتۇرۇپ بىنا ئۆي ئالساق بۇلاتتى.
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1369
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1369دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 15530 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-05-10
17-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-26 16:40

تەكلىماكاندىكى قۇمنى تېنىچ ئوكيانغا تۆكىۋىتىپ،ئاۋال كەپە ئۆي سېلىپ.ئاندىن چاقتۇرۇپ بىنا ئۆي ئالساق بۇلاتتى.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،،
يوقارقى قورنى كورۇپ سەت كۇلىۋىتىپتىمەن ،،  ئەمدى باشتىن ئوقوي ،، مەن ئوقوپ ئولگۇرتەلەرمەنمۇ ھە
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 615
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 605
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە605دانە
ئۆسۈش: 1995 %
مۇنبەر پۇلى: 7728 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-16
ئاخىرقى: 2012-05-10
18-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-28 09:46

مۇنداق بىر گەپ بار،كېسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ،ياراتقۇچى ياراتقاندىلا ئېغىزنى يىرتىپ قويۇپتىكەن،كېسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ دەپ ئاچماي يۈرەيلى دىسە،ئەسلى ئېچىلىپ كۆنگەچكە يۇمىۋالغىلى بولمىغان،ئادەم ئادەم بولغاندىن بېرى ياشايمىز دەپ تالىشىپ قىلمىغىنى قالمىدى،ياشايدىغان يەر تالىشىپ باشتا قېلىچ-نەيزىدە ئۆلدۇق،بارا-بارا ئوق-مىشەكتە ئۆلدۇق،ئۆلگەنلەرنىڭ ئورنىنى يېڭى تۇغۇلغانلار تولدۇرۇپ،قاراپ تۇرىۋىدۇق،تېخىمۇ يامانلىرى ئۆلتۈرگىلى تۇردى،ئادەم دىگەن بەركەتلىك نىمىكەن،ھەر قانچە قىلسىمۇ ئازايماي،تېخىمۇ جىقلاپ كەتتۇق،ياپۇن دىگىنىمۇ تايىنلىقكەن،شۇنچە چوڭ شەرقى شىمالدا بىكار تۇرماي تەجىربە قىلىشىپ،باكتىرىيە قۇراللىرىنى ياسىۋالغان،دولىتىگە ئاپىرىپ نەرىگە تىقىۋالدىكىن،ئۇلارمۇ جىم،بىراق مۇشۇ يېقىنقى كەشپىيات ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئوخشايدۇ،قاراپ باقمامسىز!بۇلار ئىشنى ئېغىزدىن باشلىۋالدى،نىمىلا يىىسىڭىزتەركىۋىدە بىرەر زەھەر ھەرگىز كام ئەمەس،توخو ئۆلتۈرۈپ ،مايمۇنغا كۆرسەتكەندەك،زەھىرى بار بىر نىمىلەرنى ياسايدىغان بىر قانچە چوڭامنى تۇتقانمۇ بولدى،نەتىجىدە دىققىتىمىز ئاشۇ تۇتۇلغانلارغا مەركەزلىشىپ،ياخشى تۇتتى،جاجىسىنى بەردى دىيىشتۇق.
بىراق ھەممىمىز جاپادىن قېچىپ شەھەرلىشىۋالغان تۇرساق،نەدىمۇ ئۆزىمىزنى تەمىنلەيدىغان ھويلا دېھقانچىلىق مەيدانىمىز بولسۇن،ھەممىنى باشقىلار ياساپ بېرىدۇ،يەيدىغان نىمە دىگەن ۋاقتىدا تۈگىمىسە بۇزۇلدىغان نىمە،كۈنلىكى كۈندە تۈگىمىسە،كۈندە مۇشۇنداق ئېشىپ قېلىلىۋەرسە ياسىغان ئادەممۇ بىكارغا ئىشلەيدىغان لېيفىڭ بولمىسا –يا!كاللىسىنى ئىشلىتىپ ياسىغان نىمىسىنى بۇزۇلمايدىغان قىلىدۇ،بۇزۇلمىسۇن دىسە،چىرىشتىن،ئېچىشتىن،سېسىشتىن ساقلايدىغان بىر نىمىلىنى سالمىسا قانداق بۇلدۇ،بىر قانچە يۇغانلىرىنى تۇتقان بىلەن ،جۇڭگودا ئادەمنىڭ جىقلىقىدا .پارتىزانچە ياساۋاتقانلىرىنى تۇتۇپ تۈگىتەلەمتتى،
بىرلىرى پايدا ئالغان بىلەن يەنە بىرلىرىمىز،زەھەرنى سۈمۈرۋىلىپ ،ئەجەللىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولدىكەنمىز.
كېسەل بولساق داۋالانماي بولمايدۇ،داۋالىنىش ئۈچۈن دوختۇرغا بارىمىز،كىچىك كېسەل دىگەنلەرنى بۇرۇن كىچىك ئامبۇلاتۇرىيەلەردە ئىشنى ئوڭشاپ چىقاتتۇق،مۇشۇ يۇقۇملۇق كېسەل ئاۋۇپ قالغاندىن كىيىن ئۇ يەرلىگىمۇ يېقىن يولىغىلى بولمايدىغان بولدى،
-ھەي مۇشۇ كېسەل بولمىساق.دەپ تىلەپ تۇرساقمۇ كۆڭلى قالمىسۇن دىگەندەك بۇ كېسەل چاپلىشىپلا تۇردۇ،بىزغۇ مەيلى،ئەمدى بىر چوڭ بۇلۇپ قولىمىز ئىشقا تىگىپ.يانچۇقىمىز پۇل كۆرۈپ،پاتاڭدىكى قەرىزھەم پەرىزنى ئادا قىلىلى دەپ تۇرغاندا،ئاتا-ئانا نىمجان بۇلۇپ يېقىلغان،ئەسلىدە تاپقىنىمىزغا گۈل كەلتۇرۇپ بۇلارنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى خوشال ئۆتكۈزۈپ بېرىپ،دۇئاسىنى ئالايلى دىيىشىۋاتساق،بالنىستقا كىرىپ قالغان.
ۋاي بىر ئۆيدە بىرمۇنچە بالا ،كېلىن كىيئوغۇل بۇلۇپ چاپراقشىپ چاپقىلى تۇرىمىز،دوختۇرنىڭ ئىشىكىدىن ئاتلىسىلا،ئاغزىنى ئەجدىھارنىڭ ئاغزىدەك ئېچىۋالغان،ئانامتى-دادامتى دەپ ھېچنىمە كۆزگە كۆرۈنمەي بەس تالىشىپ ،يېنىمزدا بارىنى ئاتىغىلى تۇرغان،يوق بولسا قەرىز ئېلىشمۇ يىراق ئەمەس.
بۇنداق پاراكەندىچىلىكلەرنى مەنلا تارتىپ كەتكەن بولسامتى دەيمەن.
ئاپام بىر ئوبدان مېڭىپ ساقلا يۈرگەن ،تېتىكلىكىگە قاراپ ئەسلا ئاغرىپ قالىدۇ دىمەيتۇق،بىر كۈنى سەھەردە ھېلىقى جىن قىزىم تېلفۇن قىلىدۇ،ئالدىراپ ئالسام چوڭۇلداپ سۆزلەپلا كەتتى،
-ئانام كېچىچە ئۇخلىمىدى دەيدۇ،بىردەم قورسىقى يۇغان بوپ قاپتۇ دەيدۇ،بىردەم ماڭا بۇباق تۇغۇپ بېرەمۇ يا دەيدۇ،قالايماقانچىلىقتا بېشىم قېيىپ كەتتى،ئالدىراشتىم سەھەردە،زادى ئالتۇن سۈپۈرۋاتقان بولساممۇ تاشلاپ بىر باراي دىدىم،چوڭ ئۆيگە كەلسەم،ھېچ ئىش بولغاندەك ئەمەس،ئاپام يېتىپتۇ،سەل مىجەزى يوق چىراي،
-زىيان قىلدىغان بىرنىمە يىدىممىكىن ،قورسۇقۇم كۆپىۋالدى،چوڭ ئىش يوق ،ئىگىر دەملەپ ئىچسەم ئوڭلۇنۇپ قالىمەن دەيدۇ.
كۆڭلۈم ئۇنىماي،يالۋۇرۇپ يۈرۈپ دوختۇرخانىغا ئەپچىقتىم،نومۇر ئېلىپ پىرافىسور ۋىراچنىڭ يېنىغا كىرگىچە ئاتام ئېيتقان ھېلىقى بولدى،زادى نىمە بولدى ،ئېنىق ھالىنى بىر بىلەي،دەپ ئارتۇق ھېساۋات قىلىشنى لايىق تاپمىدىم،قېرى قازاق دوختۇر بىردەم ئۇنداق ،بىردەم بۇنداق تەكشۈرۈپ،بىر تالاي قەغەز يېزىپ بەردى،تۆشۈكمۇ-تۆشۈك دوقۇرۇپ يۈرۈپ يېرىم تەكشۈرۈشنى چۈشكىچە ئاران تۈگەتتۇق،بۇ ئاپام دىگەن ئالدىراپ تۇردۇ،ۋاي بالا قالدى ئۆيدە دەيدۇ،چۈشتە تاماق قىلىمىز دەيدۇ،بىردەم كىر باتتى يېيىپ قويغان ،سىرتتا قاپتۇ دەيدۇ،بوشلا تۇرسام ،ئالدى –ئارقىغا قارىماي ئۆيگە قاچىدۇ،ئاندىن بىر چۆگۈن ئېگىر چاينى دەملەپ ،قىززىق-قىززىق ئىچىپ ئولتۇرۋالدۇ،چۈشتىن كىيىن ئاپامنى باغلاپمۇ قايتا دوختۇرغا ئەكىرگىلى بولمايدۇ.
كىچىكىمدىن بەك گەپ ئاڭلايدىغان،قۇلىقى يۇمشاق بالا بولغانتتىم،ئاپام نىمە دىسە ياق دەپ باقمىغانمەن،بىراق تەكشۈرۈشلەردىكى جىددىلىق،بىردەم –بىردەم دوختۇرلارنىڭ ئۆيدىكى چوڭلار كەلسۈن!سېنىڭ گېپىڭ ئاقمايدىغاندەك قىلىدۇ دىيىشلىرىدىن،ئاپامنىڭ بوش كېسەل ئەمەسلىكىنى بىلىپ قالغاچقا،مەيلىگە قويماي چىڭ تۇردۇم،تازا چىڭقى چۈش بولغاندا،ئەڭ چوڭ پىچىقى كېسىدىغان ئاچام .ئىشتىن چۈشۈپ ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ بىزنى تېپىۋالدى،ئۇ چاغدا مەن ئاپامنى بالنىستقا ئالغۇزۇپ بولغان ئىدىم،
قالغان قېرىنداشلىرىممۇ كەينى كەينىدىن بىزنى تاپتتى،ھەممىزىنىڭ بېشى ساڭگىلاپ چوڭىراق تىنغىدەكمۇ ھالىمىز يوق،سۇس سالاملىشىپ كىرىپ چىقىپ يۈردۇق،
ھاۋا ئوچۇقتەك قىلغان،بىراق ئۇ كۈنى ئۇ ئۇچۇقلۇقنى ھېچ قايسىمىز ئەسلىيەلمەيمىز،شۇم خەۋەرنى بىز بىلدۇق ،ئاپام بىلمىدى،ئۇنى-بۇنى دەپ كېكەچلەپ ئاپامنى ياتاقتا ياتقىلى قائىل قىلغان بولدۇق.
شۇ كۈندىن كىيىن بۇ دوختۇر تەكشۈردىيا-تەكشۈردى،ھېلى قورسىقىدىن سۇ ئالىدۇ،ھېلى ئاشقازىنىدىن ئەۋرىشكە ئالىدۇ،نەق بىر ئاي خاس تەكشۈرۈش بىلەن ئۆتۈپ كەتتى،ئاپامنى تەكشۈرۈپ باقمىغان تېرە كىسەل ،ئاياللار بۇلۇملىرىمۇ قالمىدى،ھەممىسى ئۆزىگە لازىملىق ئەۋرىشكىلىرىنى ئېلىپ ،ئىمپورىت قىلغان ئەڭ ئىلغان ئۈسكۈنىلىرىنى بىر قۇردىن ئىشلىتىشقا مۇيەسسەر بولدى،بىراق ئاپامغا پالانچى كېسەلكەن دەپ بىر ئوكۈل ئۇرمىدى،بىر تابلىتكا سۇنمىدى،ھەممىسى ئەڭ دەسلەپتە قولىدا تۇتۇپ ،كۆزىدە كۆرۈپ(جىگەر راك)تەك قىلىدۇ،يەنە تېخى ئاخىرقى باسقۇچمىكىن،دىگەن قازاق دوختۇرنىڭ ئاشۇ دىئاگىنۇزىنى ئىسپاتلىماقچى ياكى ئاغدۇرماقچى بولىدۇ،بۇ جەرياندا مېڭىپ كىرگەن ئاپام ،چاقلىق ئورۇندۇققا چۈشتى،چۈشلۈك تاماق ئېتىمەن دەپ غەلۋە قىلغان ئاپام ،تاماقتىن قالدى،ئاخىرى چىدىمىدىم،باشقىلارنىڭ توسقىنىغا ئۇنىماي دوختۇرنىڭ ئىشخانىسىغا ماڭدىم،ھەي ئۆزەمنى باساي،يولسىزلىق قىلماي دەپ قۇلىقىمنى بۇراپ تۇرۇپ ،يامان تەستە ئاۋازىمنىڭ چاستوتىسىنى تۈۋەنلىتىپ سورۇدۇم:
-ئاپام نىمە كېسەلكەن؟
دوختۇر خېنىم ئالدىراشكەن،مەندەك ئالدىدا پۈتلۈشۈپ قالغانلار ،بوينىنى قىسىپ تۇرۇپتۇ،ئاغزىنىڭ ئۈچىدىلاجاۋاپ بەردى،
-ئالدىرىما! ئا ئونمىڭلىق تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسى چىقسا ئايدىڭلىشىدۇ،شۇ چاغدا قالدى گەپنى دىيىشىمىز،ئىدىيەرىڭلاردا تەييارلىق بولسۇن!
گەپ تامام بولدى،ئەزمەنى ئېزىشىمنىڭ ئورنى قالمىدى،كانىيىنى سىقساممۇ شۇنىڭدىن نېرىغا جاۋاپ چىقمايدىغىنىغا كۆزۈم يېتىپ سالپىيىپ يېنىپ چىقتىم،
ئاپامنىڭ كۈندىلىك خىراجىتى ئىككى مىڭنىڭ يۇقۇرسىدا چۆرگىلەۋاتىدۇ،ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئالتە بالىمۇ تەڭ چۆرگىلەۋاتىمىز،ئاپام رەسمى داۋالىنىشقا چۈشمەي تۈرۈپ ئاكاممۇ يەنە بىر راك بۇلۇپ يەنە بىر دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى،بىر جاننى ئىككىگە بولمەك لازىم بولدى،شەھەرنىڭ ئىككى بېشىغا چايقىلىپ داۋالغۇيمىز،ئۈچ ئاينىڭ قارىسىنى ئالغىلى تۇرغاندا،ئاپام ياتقان دوختۇرخاندىكىلەر،ھېلىقى قازاق دوختۇرنىڭ دىئاگىنۇزىنى توغرا دىيىشىپ،كېسەل پىشىپ ئۈزۈلۈپ كېتىپتۇ،ئەپ چىقىپ ياخشى بېقىۋىلىڭلار! دەپ يولغا سەپ قويدى.
ئاپاممۇ مانا مۇشۇنداق ھاياتنىڭ ئاجىز تىنىقلىرىدىن خىش .بالىلارنىڭ ۋاپادارلىق ھېسياتىدىن لاي ئېتىپ ئاسمان پەلەك غادايغان ،تاملىرى مۇزبالنىستىن جاق تويۇپ،60 يىللىق روزىغارىغا ئىنتىلىپ كەتتى،
ئامالىمىز نەچچە،ئۈچ ئايدىن بېرى قانداق يۇلۇنغانلىقىمىزنى بىلىپ تۇرساقمۇ،تەغدىرگە تەن بەردۇق،قايتىپ چىقتۇق.
بىراق ئاپامنىڭ قورسىقىدىن تۆشۈك ئېچىپ زارداپ يىغىدىغان خالتىنى ئېسىپ قويۇشتى،
تاماقتىن قالغان ،ئاقسىل،قۇۋۋەت ئوزۇقلۇقى ئۇرۇلدىغان ھالدا ئۆيدە باقالمىدۇق،
يەنە ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا تونۇشلارغا يالۋۇرۇپ ياتاققا ئالغۇزدۇق،ئۇلار داۋالىمايتتى ھەم   تەكشۈرمەيتتى،كۈندىلىك تىببىي پەرۋىشىنى قىلىپ بەرسىلا بولاتتى،ئاپام شۇ يەرگە كىرىپ ھەپتە-ئون كۈن بولماي ئاكام كېتىپ قالدى،
باشتىن ئاخىرى ئاقنى باغلاپ ھازىدار بولدۇق.
ھېلىمۇ ياخشى ھەمىمىز پىلان ئەمىللەشمىگەندە تۇغۇلۋاپتىكەنمىز،پىلانسىز تۇغۇلۇپ قالغانلىقىمىز مۇشۇ كۈنلەردە تازا ئەسقاتتى،بىرسىمى ئاقنى تاشلاپ گىرىمىمىزنى ئوڭشاپ،ھازىر تويدىن قايتقاندەك چىرايىمىزنى گۈلدەك ئېچىلدۇرۇپ ئاپامنىڭ يېنىغا ماڭساق،قالغان تۆتىمىز بەش كىشلىك ھازىنى ئېچىپ پەتىچىلەرنىڭ ئالدىغا چىقتۇق،
كۆز قارچۈقىدەك بىر ئوغۇلنىڭ قىرىق يېشىدا ئالدىدا كەتكىنىنى ئانىغا قايسى ئۇسۇلدا يەتكۈزۈش مۇمكىن،
ئاينى ئېتەكتە ياپقىلى بولمىدى ،ھامىنى ئاشكارا بولدۇق،ئاكامنىڭ قىرىق نەزىرىگە ئاپامنىڭ يەتتە نەزىرىنى قوشۇپ قىلىپ يىللاپ قارلىق تۇتۇپ ،تەغدىرنىڭ پۇتمۇشلىرىگە رىزا بولدۇق،
بۇرۇن دوختۇرخانىلاردا ئۇنداق ئىلغار ئۈسكىنىلەرنىڭ ياردىمىسىزمۇ دوختۇرلار كېسەللەرنى تېپىۋالدىكەنتۇق،دوختۇرخانىلارمۇ بەك جىق قەۋەتلىك بولمىغاچقا ،ياتاق يېتىشمەيدۇ دەپ ئەنسىرەمتىكىن،داۋالىسا ساقىيدىغانلىرنى ئەپ قىلىپ ،ئامال يوقلىرىنى قايتۇرۋىتەتتىكەن،زۇكام بۇلۇپ ياتاقتا ياتقان ئادەمنى كۆرۈش تۈگۈل ئاڭلىماقمۇ تەسكەنتۇق،يا ئۇ چاغلاردا ئەۋلىيالار دوختۇر بولىۋالغانمىتىكىن،ھازىر شۇنچە زامانىۋىلىقنىڭ ئىچىدىمۇ كېسەل ئېنىقلىماق بەك تەسكەن،سېستىرا خېنىملىمۇ ئەتىۋالىشىپ كېتىپتۇ،بىر قارىشى مانچە پۇل،تېرمومىتىرنى قىستۇرۇپ قويسا پۇل،ئەھۋالىڭنى سوراپ قويسا پۇل،ئىشىكتىن ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ قاراشلىرىمۇ پۇل،پۇل.پۇل....پۇل.
بىر ئۆمۈر ئىشلەيدىكەنمىز،قىممەت يارتىدىكەنمىز،باج تۆلەيدىكەنمىز،كېسەل كۆرمەي جىممىدە بىر كېچىدە جېنىمىز چىقىپ كەتسە بىزگە پايدا،دوختۇرغا زىيان زامانلار بوپتۇ،
ياشايمىز دەپ تىرىشىپ-تىرمىشىپ تىپىرلايىدىكەنمىز،بىرنى ئىككى قىلىپ ،ئىككىنى ئۈچ قىلىپ يىغىدىكەنمىز،يىمەي-ئىچمەي يىغىپ قويساق ئاخىرىغا كېلىپ بولغۇلۇق مانا.
بۇلارمۇ غەزىنىدىن پۇلنى تېپىۋال دەپ چېچىۋىتىپ.ئاغزىمىزدىن كېسەلنى كىرگۈزىۋىتىپ ،ئاندىن دوختۇردىن بىرنى چىقىرىپ بەرگىنىنى ئېلىۋالدىكەن.
دوختۇرخانىنىڭ ھەيۋەت بىنالىرى،ھالى ئۈستۈن دوختۇرلىرى،يەرگە سىڭىۋاتقان خىمىيىۋى ئوغۇت،بۇلغانغان ھاۋا،ساختىلاشقان يىمەكلىكلەر.
بۇقىنى چىمداپ ئۆلتۈرگەندەك قىززىق ئىشلار-ھە!
نىمىشقىمۇ نەيزە-قېلىچ،ئوق-مىشەكلەردە ئۆلىدىغان جاھانلاردا ياشاپ قالمىغان بولغۇيتۇم.