باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1739 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: باللارنى ئەخلەت يېمەكلىكتىن يىراق قىلايلى !
دوستلىشىش
مۇھەممەد(0998)
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11383
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 27
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە27دانە
ئۆسۈش: 910 %
مۇنبەر پۇلى: 941 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-04-20
ئاخىرقى: 2012-05-15
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-24 18:32

باللارنى ئەخلەت يېمەكلىكتىن يىراق قىلايلى !

باللارنى ئەخلەت يېمەكلىكتىن يىراق قىلايلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ، قېرىنداشلار !  
بۈگۈن كۆڭلۈم ناھايىتى يېرىم بولدى ، بىر قېرىندىشىمىزنىڭ 2 يىرىم ياشلىق قىزى ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقتىن كۆپچىلىكتىن ياردەم سوراپ ئىشخانىمىزغا كەپتىكەن ، ماتىرياللارنى رەتلەپ ئېلىۋالغاچ بۇ ئاكىمىزنىڭ كۆز ياشلىرى ۋە سۆزلىرى يۈرۈكۈمنى ئېزىۋەتتى ، تىلى بالدۇر چىققان ئۆزىمۇ ناھايىتى ئوماق بىز قىز تولىمۇ ئېچىنىشلىق بىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ ھەر كۈنى كېسەل ئازاۋىنى تارتىۋىتىپتۇ .   
مەن بىر سوئالنى شۇنچىلىك تەستە سورىدۇم .
- ئاكا ، مۇشۇ كېسەلنىڭ مەنبەسى ياكى كېلىپ چىقىش سەۋەبى زادى نېمىكەن ؟ ، ئاكىمىز بىر ئۇف تارتىۋىتىپ جاۋاب بەردى ،    
- دوختۇرلارمۇ ئېنىق دېمىدى ، لېكىن كۆپچىلىكنىڭ ئىيتىشىچە (ئوخشاش كېسەللەر بىلەن شۇ دوختۇرخانىغا كىرىپ داۋالىنىۋاتقانلارنى كۆرسىتىدۇ) ئاساسلىق سەۋەبى ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى جىق يېيىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن .  
... كېسەلنى ئاللاھ بېرىدۇ ، سەۋەبىنىمۇ ئاللاھ قىلىپ بېرىدۇ ، سەۋەپسىز ئىش بولمىغاندەك ، ئۆزىمىزدىنمۇ ئۆتىدىغان يەرلىرى بولىدۇ ، شۇڭلاشقا باللىرىمىزنىڭ ساغلام ، ئەقىللىق چوڭ بولىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە باللىلارنى پاكىزە چوڭ قىلايلى ، ئەخلەت يېمەكلىكلەردىن يىراق قىلايلى !
مەمەتيۇسۇپ