查看完整版本: [-- باللارنى ئەخلەت يېمەكلىكتىن يىراق قىلايلى ! --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> ئۇيغۇر تارىخى -> باللارنى ئەخلەت يېمەكلىكتىن يىراق قىلايلى ! [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

مۇھەممەد(0998) 2012-04-24 18:32
باللارنى ئەخلەت يېمەكلىكتىن يىراق قىلايلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ، قېرىنداشلار !  
بۈگۈن كۆڭلۈم ناھايىتى يېرىم بولدى ، بىر قېرىندىشىمىزنىڭ 2 يىرىم ياشلىق قىزى ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقتىن كۆپچىلىكتىن ياردەم سوراپ ئىشخانىمىزغا كەپتىكەن ، ماتىرياللارنى رەتلەپ ئېلىۋالغاچ بۇ ئاكىمىزنىڭ كۆز ياشلىرى ۋە سۆزلىرى يۈرۈكۈمنى ئېزىۋەتتى ، تىلى بالدۇر چىققان ئۆزىمۇ ناھايىتى ئوماق بىز قىز تولىمۇ ئېچىنىشلىق بىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ ھەر كۈنى كېسەل ئازاۋىنى تارتىۋىتىپتۇ .   
مەن بىر سوئالنى شۇنچىلىك تەستە سورىدۇم .
- ئاكا ، مۇشۇ كېسەلنىڭ مەنبەسى ياكى كېلىپ چىقىش سەۋەبى زادى نېمىكەن ؟ ، ئاكىمىز بىر ئۇف تارتىۋىتىپ جاۋاب بەردى ،    
- دوختۇرلارمۇ ئېنىق دېمىدى ، لېكىن كۆپچىلىكنىڭ ئىيتىشىچە (ئوخشاش كېسەللەر بىلەن شۇ دوختۇرخانىغا كىرىپ داۋالىنىۋاتقانلارنى كۆرسىتىدۇ) ئاساسلىق سەۋەبى ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى جىق يېيىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن .  
... كېسەلنى ئاللاھ بېرىدۇ ، سەۋەبىنىمۇ ئاللاھ قىلىپ بېرىدۇ ، سەۋەپسىز ئىش بولمىغاندەك ، ئۆزىمىزدىنمۇ ئۆتىدىغان يەرلىرى بولىدۇ ، شۇڭلاشقا باللىرىمىزنىڭ ساغلام ، ئەقىللىق چوڭ بولىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە باللىلارنى پاكىزە چوڭ قىلايلى ، ئەخلەت يېمەكلىكلەردىن يىراق قىلايلى !

تاھىربەگ 2012-04-24 21:31
  بىزنىڭ ناھىيىدە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالدىدا بەش ئالتە تەتەي ھارۋىغا لىق ئەخلەت يىمەكلىك بېسىۋىلىپ ساتىدۇ.  تەنەپپۇزغا چىققاندا كىچىك بالىلار دۆۋلىشىپ كىتىدىكەن.   قارىسام كۆپۈنچىسى ئۇيغۇر بالىلار، بەش مولۇق خالتىنىڭ ئىچىدىن چىقىدىغان لازىنى بەك جىق يەيدىكەن.  

chayan 2012-04-24 21:53
مۇشۇ كەڭساينىڭ باشقۇرغۇچىلىرىغا سەل ئاچچىقىم كېلۋاتىدۇ....تېمىنى تەستىقىلىمىساڭلار  ،،تەستىقلىمىغان سەۋەبىنى دەپ قۇيۇڭلار
نىمانداق بۇ يەرمۇ بازىرىدىن قالاي دەپتۇ

paris 2012-04-24 21:57
ئاتا-ئانىلار دىقەت قىلايلى ! ئەۋلاتلارغا ئىگە بولايلى! ئولارنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى سۈرۈشتە قىلايلى!

买买提明 2012-04-24 21:57
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

ئىنسان. 2012-04-24 23:09
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام

دىمىسىمۇ شۇ ھازىر كىچىك بالغا قوروقماي بىر نەرسە ئىپ بەرگىلىمۇ بولمايدىغان بۇپ قالدى .

samanyoli 2012-04-24 23:12
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى chayan نىڭ 2012-04-24 21:53 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مۇشۇ كەڭساينىڭ باشقۇرغۇچىلىرىغا سەل ئاچچىقىم كېلۋاتىدۇ....تېمىنى تەستىقىلىمىساڭلار  ،،تەستىقلىمىغان سەۋەبىنى دەپ قۇيۇڭلار
نىمانداق بۇ يەرمۇ بازىرىدىن قالاي دەپتۇ

سىز يوللىغان بىر تىمىنى مەن ئۆچۈرگەندەك يادىمدا بار،،ئۇچۇر قىلغان ئىدىمغۇ،،،،،،،،،،،

chayan 2012-04-25 00:55
شۇ سەۋەبىنى دېمەپسىز

bende 2012-04-25 02:02
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ..
  يا ئاللاھ..... مىنىڭ بىر نەچچە نەۋرە ئۇكىلىرىم بار يىمە دىسە دۈم يېتىپ يەيدۇدە....

قارگۇلى 2012-04-25 12:20
مېنىڭ بالىلىرىم ئۇنداق نەرسىلەرنى ھەرگىز يېمەيدۇ!!بىڭگۇرنىمۇ يېمەيدۇ!!!!!!بىز چوڭلارمۇ ئۇنداق غەيرى نەرسىلەرنى يېمەيمىز!!!!  خوگو...مالاچۇېرنى مەن ئۆيدە قىلىپ بېرىمەن!!! پاكىزە ھەم ئىشەنچىلىك!!!! ئۇنىڭ ئۇستىگە بالىلىرىم لازىنى ياخشى كۆرمەيدۇ!!!! چوڭ بولغاندىمۇ مۇشۇنداق بولسا بولاتتىغۇ!!!!  

pakdiyar 2012-04-25 18:47
مەنمۇ بالىللىرىمىزدىن ئەنسىرەپ قالدىلم  ئاللاھ  بالىللرىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي  

yusuf 2012-04-26 18:54
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى 买买提明 نىڭ 2012-04-24 21:57 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇلۇپمۇ ئۇيغۇرچە ئىسىملىك ،يالغان بىزنىڭ كۆزىمىزنى بۇيايدىغان ،ناچار نەرسىلەردىن بەك ئىھتىيات قىلايلى ،.ئۇنداق يىمەكلىكنىڭ  ماتىريالىدا ئېنىق ھېلقى ياغ بار.


ھازىرقى بالىلار مۇسىلمانچە دېسەلا ئېلىپ يەۋىرىدىغان بۇلۇپ كەتتى بۇ ئەخلەتنى.

ئۇنىڭ ئۇستىگە مۇسۇلمانچە دەپ ئسمى بار ھاراقمۇ چىقىپتۇ. سۇبھەنە ئاللاھ.

مەيمۇنە 2012-04-26 21:51
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،          ئۇ مەينەت نەرسە ھەم باللارنىڭ ئەقلىنى بۇلغايدۇ


查看完整版本: [-- باللارنى ئەخلەت يېمەكلىكتىن يىراق قىلايلى ! --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.063184 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us