بىز رايونىمىزدا مەخسوس گىلەم ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش كەسپى بىلەن شوغۇللىنىدىغان بىر شىركەت قۇرۇماقچى، نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىمىز شىركىتىمىزنىڭ نامىنى تاللاش مەسىلىسى بولۇپ ، قايسى نامنى قوللانساق مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەي بېشىمىز قاتتى.شىركەتنىڭ نامى بىر ئاڭلىغان كىشى بۇ شىركەتنىڭ شىنجاڭدا ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدىغان بولۇشى (ئالاھىدە خاسلىققا ئىگە بولغان بولۇشى كېرەك) بولۇپمۇ ئىشكىردىكى خەنزۇ يولداشلارمۇ بۇ شىركەتنىڭ شىنجاڭدا ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. نۇرغۇن ناملارنى ئويلاشقان بولساقمۇ لېكىن ئۇ ناملارنى باشقىلار ئىلتىماس قىلىپ بولۇپتۇ.ھازىر شىركەتنىڭ بارلىق تەييارلىقلىرى ئاساسەن پۈتۈپ قالدى، پەقەت نامىنى تاللاشقىلا قاراپ قالدۇق، شۇڭا سىلەردىن جىددىي ياردەم سورايمىز.
كۆپنىڭ ئەخلى كۆپ بولىدۇ، قېنى قېرىنداشلار ياردىمىڭلارنى ئايىمىغان بولساڭلار.