"ئاجىزلار بىرلەشسە كۈچلۈك بولىدۇ!" بۇ ھېكمەتلىك سۆزنى كىمنىڭ دىگەنلىكى ئېسىمدە يوق، لىكىن بۇ سۆزنى ئويلىنىپ بېقىشقابولىدۇ. قانداق ئادەم ئاجىز بولىدۇ؟ قىلىمەن دىگەن ئىشىغا قۇربى يەتمىگەن ئادەم ئاجىز بولىدۇ. قانداق ئادەم كۈچلۈك بولىدۇ؟ قىلىمەن دىگەن ئىشىنى قىلالىغان ئادەم كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇنداقتا مۇشۇ ماقالىنى ئوقۇۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى قانداق ئادەملەردۇر؟ مېنىڭچە مۇتلەق كۆپچىلىكى ئاجىزلار، كۈچلۈكلەرنىڭ بۇيەرگە كىرىپ بۇ ماقالىنى ئوقۇشقا ۋاقتى يوقمىكىن دەيمەن !
ئەمدى دىمەكچى بولغان گېپىمگە كەلسەم، ھازىر كۆپلىگەن ياخشى تور بېكەتلەر قۇرۇلۇپ، نۇرغۇن ئاجىزلار توپىغا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش سەھنىسى ھازىرلاپ بەردى، لىكىن ئەڭ مۇھىم بولغان بىر ئىشقا ھەممەيلەن سەل قاراۋاتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ زادى مۇشۇ سەھنىلەر قانچىلىك ئاجىزلارنى كۈچلۈكلەرگە ئايلاندۇرالىدى؟ زادى مۇشۇ سەھنىلەر بىزگە ئەمەلىي نەپ بېرىۋاتامدۇ؟ ....قاتارلىقلار. ئەمدى مەن نىمە دىمەكچى دىگەندە : ئەگەر مۇمكىن بولسا، مۇشۇنداق ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە ئۇچۇر سەھنىلىرى نىمىشقا ئاشۇ ئاجىزلارنى بىر يەرگە توپلاپ كۈچەيتمەيدۇ؟ نۇرغۇن ئاجىزلار ئۆزى يالغۇز ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان بىلەن، كۆپلىگەن ئاجىزلار بىر يەرگە توپلانسا ئۇ ھالدا ناھايىتى زور بىر كۈچ(ئىقتىساد، ئادەم كۈچى، تېخنىكا) ھاسىل بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئەگەر مۇمكىن بولسا مۇشۇنداق بىرئۇيۇشما قۇرۇلسا، ئاجىزلار ئەزا بولسا، پۇلى بارلار پۇل، تېخنىكىسى بارلار تېخنىكا، ئىقتىدارى بارلار ئىقتىدار چىقارسا، ئارىمىزدىكى باشقۇرۇش تالانتى يۇقۇرى ئىقتىسادى كۈچى يوق، ئارمانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرالمايۋاتقان باشقۇرغۇچىلار بۇ بايلىقلارنى بىر يەرگە توپلاپ تەشكىللىسە، ئاشۇ داڭلىق شىركەتلەرنى بىزمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرىپ كۈچلۈكلەردىن بولىمىز ئەمەسمۇ !
ھازىر يېزىلاردا دېھقانلار كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىۋى دەيدىغان يېڭىچە بىر كارخانا شەكلى بارلىققا كەلدى، بۇ خىل كارخانا شەكلى ناھايىتى مۇكەممەل بولۇپ، ھەم شىركەتلەردە بولىدىغان قانۇنى ئىگە سالاھىتىگە، ھەم كارخانىلاردا بولىدىغان ھەمكارلىشىش ئۇسۇلىغا چەك قويۇلماسلىقتەك ئالاھىلىدىلىككە ئىگە، بىزمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانساق تامامەن بولىدۇ. پەقەت قائىدە تۈزۈملەرنى ياخشى تۈزۈپ، باشقۇرۇش ھەيئىتىنى ياخشى تاللاپ، ياخشى نازارەت قىلساق، ئۇزىماي بىزمۇ كۈچلۈك كارخانىنىڭ پاي چېكلىرىدىن بوپ قالىمىز ئەمەسمۇ !
كۆپچىلىكنىڭ ۋە مۇنبەرلەردىكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ ھەقتە مۇلاھىزە قىلىپ بېقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن، مېنىڭچە بۇ دۇنيادا تىرىشسىلا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق، ھەرقايسى مۇنبەرلەردىكى ئەزالار بىردىن ئىككىدىن بىر يەرگە توپلىنىپ، مۇنبەر باشلىقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ياخشى بىر باشقۇرۇش كوللىكتىۋىنى تەشكىللەپ، ئاندىن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۇيۇشمىسى نامىدا بىر ئۇيۇشمىنى قۇرۇپ چىقساق نىمىشقا بولمىغىدەك ؟ بىز قاچانغىچە ئاجىزلاردىن بولۇپ ياشايمىز، ئۆزىمىزنىڭ كۈچلۈك بولۇشقا قۇربى يەتمىگەندىكىن بىرلەشسەك بولمامدۇ، بىز نىمىشقا كۈچلۈك بولالمايمىز !
ئەگەر مۇشۇنداق ئىشنى پىلانلاۋاتقان ياكى قىلىشنى خالايدىغانلار بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ ! ھەممە ئىش نۆلدىن باشلىنىدۇ. تاما - تاما كۆل بولار دىگەن گەپ بار، ھەممە ئىش بىر كۈندىلا بولمايدۇ، ئەڭ مۇھىمى باشلاش ، باشلىۋالغاندىن كېيىن جاپالارنى چىكىپ، مىقلارغا ئۈسۈپ يۈرۈپ چوقۇم ھۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ . ماۋۇ مۇنبەردىكى بىر قىسىم بىكار -تەلەپ، قولىدىن ھىچ ئىش كەلمەيدىغان ، كۈندە باشقىلارنىڭ قىلغان ئىشىدىن قۇسۇر چىقىرىپ يۈرۈيدىغان ئەخمەقلەر، ماۋۇ تېمىغا چاقچاق قىلماڭ !
qq : 1394915184
تېلفۇن :18699177397