باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 394 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بىر مىنۇت ۋاقتىڭىزنى قەدىرلەڭ!!!!!!
دوستلىشىش
مۇھەممەد(0998)
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11383
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 23
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە23دانە
ئۆسۈش: 650 %
مۇنبەر پۇلى: 681 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-04-20
ئاخىرقى: 2012-05-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-22 22:30

بىر مىنۇت ۋاقتىڭىزنى قەدىرلەڭ!!!!!!

بىر مىنۇت ۋاقتىڭىزنى قەدىرلەڭ!!!!!

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اللەنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ئەلھەمدۇ لىللەھى رەببىلئەلەمىين، ۋەئەقىبەتۇ لىلمۇتتەقىين، ۋەسسالەتۇ ۋەسسەلەمۇ ئەلە راسۇۋلىھى مۇھەممىدىۋۋەئەلىھى
ۋەئەسخەبىھى ئەجمەئىين.
جىمى ھەمدۇ – سانا گۈزەل ماختاشلار پۈتۈن ئالەمەلەرنى ياراتقۇچى ۋە پەرۋىش قىلغۇچى بولغان ئاللاھقا بولسۇن. ئاللاھنىڭ سالىمى ۋە رەھمىتى پۈتۈن ھاياتلىقىنى ياخشىلىق ئۈچۈن ئىشلەتكەن ۋە شۇنىڭغا چاقىرغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولسۇن.
ۋاقىت بولسا ئىنساننىڭ ھاياتى، ئۇنى ھەرگىز زايا قىلماسلىق كېرەك ۋە پايدىسىز ئىش – ھەرىكەتلەرگە سەرىپ قىلىپ بىھۇدە ئىشلار بىلەن تۈگەتمەسلىك كېرەك. ۋاقىتنى زايە قىلماي تىجىگەن كىشى ئەقىللىق، سائادەتلىك ھېسابلىنىدۇ. ۋاقىتنى يامان ئەمەل ۋە ناچار سۆز –ھەرىكەتلەر بىلەن ئۆتكۈزمەستىن بەلكى ئۆمۈرنى ئاللاھ رازى بولىدىغان، ئىنسانلارغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئاۋات قىلىش كېرەك. ئۆمرىڭىزنىڭ ھەر بىر مىنوتىدا ئىززەت – ھۆرمىتىڭىز ۋە ئابرۇيىڭىزنىڭ ئۈستۈن بولۇشىغا ، قەدەممۇ – قەدەم يۇقىرى ئۆرلىشىگە ئاساس قويالايسىز. ئەگەر سىز ئاللاھنىڭ ئالدىدا بۈيۈك بەخت ۋە ئالىي مەرىۋەم بولسۇن دېسىڭىز راھەت- پاراغەتنى ۋە بىھۇدە ئۇيۇن تاماشىلىرىڭىزنى تاشلاڭ. ۋاقتىڭىزنى زايە قىلماڭ. بىر مىنوت ۋاقتىڭىز ئارقىلىق كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلىشىڭىز مۇمكىن. ئۇ ئارقىلىق دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بۈيۈك ئەجىرگە ئېرىشىسىز. بىر مىنوتتا قىلغان ياىشىلىغىڭىز بىلەن ئۆمرىڭىز زىيادە بولىدۇ. ئاللاھنىڭ سىزگە قىلغان ئاتاسى كۆپ بولىدۇ. دىنى چۈشەنچىڭىز زىيادە بولىدۇ. ھەر مىنۇتىڭىزنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلسىڭىز، ياخشىلىق دەپتىرىڭىزگە نۇرغۇنلىغان ياخشىلىقلار يېزىلىدۇ. ئۆتكۈزگەن ۋاقتىلار ھەققىدە ئاللاغا بېرىدىغان جاۋابىڭىز ئاسان بولىدۇ.
تۆۋەندە بىر مىنوتتا قولغا كېلىدىغان كۆپ ساۋاپلىقنى ۋە ئۇنىڭ يوللىرىنى بايان قىلىمەن. ئاللاھ بىزنى ۋە سىزنى چەكلىك ھاياتىمىزدا ئاللاھ رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىۋېلىشىمىزغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. ئەمين !
1. بىر مىنوتتا«سۇرە فاتىھە» نى 5 قېتىم ئوقۇيالايسىز. بىر قېتىم ئوقۇسىڭىز 1400 ساۋاب، 5 قېتىم ئوقىسىڭىز 7000 ساۋابقا ئېرىشىسىز. قېنى ئويلاپ كۆرۈڭ؟
2. بىر مىنوتتا « ئىخلاس» (قۇلھۇۋەللاھۇ ئەھەد) سۇرىسىنى 10 قېتىم ئوقۇيالايسىز. بىر قېتىم ئوقىسىڭىز قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئوقۇغاننىڭ ساۋابىنى تاپىسىز. دېمەك 3 قېتىم ئوقۇسىڭىز قۇرئاننى بىر قېتىم ئوقۇپ تۈگەتكەننىڭ ساۋابىنى ئالىسىز.(بۇخارى)
3. بىر مىنوتتا بىر بەت ياكى يېرىم بەت قۇرئان ئوقۇيالايسىز. بۇنىڭ ھەر بىر ھەرىپىگە 10 ساۋاب بېرىلىدۇ. (تېرمىزىي)
4. بىر مىنوتتا قۇرئاندىن بىر ئايەتنى ئۆگىنەلەيسىز ياكى يادلىيالايسىز، بىر ئايەتنى ئۆگەنسىڭىز ياكى يادقا ئالسىڭىز، ئاللاھ جەننەتتە بىر دەرىجىڭىزنى ئۈستۈن قىلىدۇ.(تىرمىزىي)
5. بىر مىنوتتا « لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لەشەرىكەلەھۇ، لەھۇلمۇلكۇ ۋەلەھۇلھەمدۇ ۋەھۇۋە ئەلەكۇللى شەيئىن قەدىر»
مەنىسى: « يالغۇز بىر ئاللاھدىن باشقا ھېچ مەبۇد يوق، ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق. بارلىق مەخلۇقاتلار ئاللاھنىڭ ئىلكىدە، جىمى مەدھىيە ئاللاھقا مەنسۈپ، جىمىكى نەرسىگە ئاللاھنىڭ تولۇق قۇدرىتى يېتىدۇ» نى 10 قېتىم ئوقۇيالايسىز. ئۇنىڭ ساۋابى تۆت قۇل ئازات قىلغاننىڭ ساۋابى بىلەن ئوخشاش. (بۇخارى)
6. بىر مىنوتتا « سۇبھانەللاھى ۋەبىھەمدىھى » يەنى(ئاللاھ ھەممىە نوقساندىن پاكتۇر، ئاللاھنى مەدھىيەلەيمەن) نى 100 قېتىم ئوقۇيالايسىز. بۇ سۆزنى 100 قېتىم ئوقۇغان كىشىنىڭ گۇناھلىرى ئازات قىلغاننىڭ ساۋابى بىلەن ئوخشاش.(بۇخارى)
7. بىر مىنوتتا « سۇبھانەللاھى ۋەبىھەمدىھى سۇبھەنەللاھىلئەزىم » يەنى ( ئاللاھ ھەممە نوقساندىن پاكتۇر. ئاللاھنى مەدھىيەلەيمەن، ئاللھ ھەممىدىن بۈيۈك ۋە مۇقەددەستۇر) نى 40 قېتىم ئوقۇيالايسىز. بۇ سۆزنى 40 قېتىم ئوقۇيالايمىز. بۇ كەلىمە تىلغا يەڭگىل، ئاللاھنىڭ تارازىسىدا ئېغىر كىلىدىغان ۋە ئاللاھ ياخشى ككرىدىغان سۆزلەردۇر. بۇ سۆزلەرنى بىر قېتىم دېسىڭىز جەننەتتە سىز ئۈچۈن بىر تۈپ كۆچەت تىكىلىدۇ. (بۇخارى)
8. بىر مىنوتتا « سۇبھەننەللاھى، ۋەلھەمدۇلىللەھى ۋەلە ئىلەھە ئىللەللەھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر» يەنى ( ئاللاھ مۇقەددەستۇر، جىمى ھەمدۇ – سەنا ئاللاھقا بولسۇن، ئاللاھ ھەممىدىن بۈيۈك، بىر ئاللھدىن باشقا ئىلاھ يوق) نى 10 قېتىمدىن كۆپرەك ئوقۇيالايسىز. بۇ كەلىمە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئەڭ سۆيۈملۈكتۇر، ئەڭ ئەۋزەلدۇر، تارازا – مېزانغا ئەڭ ئېغىردۇر.(مۇسلىم)
9. بىر مىنوتتا « لاھەۋلە ۋەلە قۇۋۋەتە ئىللە بىللە» يەنى ( كۈچ – قۇۋۋەت پەقەت ئاللاھ بىلەندۇر) نى 30 قېتىم ئوقۇيالايسىز. بۇ كەلىمە جەننەتنىڭ خەزىنىلىرىدىن چوڭ بىر خەزىنە، غەمدىن خالاس بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ.( بۇخارى)
10. بىر مىنوتتا « لائىلاھە ئىللەللاھۇ » يەنى ( بىر ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق) نى 40 قېتىم ئوقۇيالايسىز. بۇ ئەڭ ئۇلۇغ كەلىمە بولۇپ، تەۋھىد كەلىمىسى، ئەڭ پاك ۋە ئىمان سۆزى بولۇپ، بىر ئادەمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سۆزى بولسا ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ.( بۇخارى)
11. بىر مىنۇتتا « سۇبھەنەللاھى ۋەبىھەمدىھى ئەدەدە خەلقىھى ۋەرىزا نەفسىھى، ۋەزىنەتە ئەرىشىھى، ۋە مىدادە كەلىمەتھى» يەنى ( ئاللاھ ھەممە نۇقساندىن پاكتۇر، ئاللھنى مەدھىيەلەيمەن، ئاللاھ ياراتقان مەخلۇقاتلارنىڭ سانىچە ۋە ئۆزى رازى بولغانغا قەدەر ۋە ئەرشىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە چىڭلىقى باراۋىرىدە ئاللاھنى ھەممە نۇقساندىن پاك دەپ مەدھىيەلەيمەن) نى 15 قېتىم ئوقۇيالايسىز. بۇ كەلىمىلەرنىڭ ساۋابى باشقا زىكرى – نەسىھەتلەرنىڭ ساۋابىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق. (مۇسلىم)
12. بىر مىنوتتا « ئەستەغفىرۇللاھ » يەنى ( ئاللاھدىن مەغفىرەت تىلەيمەن» نى 100 قېتىم ئوقۇيالايسىز. ئىستىغفارنىڭ پەزىلىتى ھەممىگە مەلۇم. ئىستىغفارنىڭ پەزىلىتى بىلەن گۇناھكار كەچۈرۈلىدۇ. جەننەتكە كىرىشكە ئاساس بولىدۇ، قۇۋۋەت زىيادە بولىدۇ، بالا ۋە مۇسبەت كۆتۈرىلىدۇ، يامغۇر كۆپ چۈشىدۇ. ئاللاھ ئىقتىساد ئاتا قىلىدۇ، ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ. دۇنيادا تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئىنشائاللاھ . بۇ ئىشلارنىڭ ھەمىسى قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان.
13. بىر مىنوتتا رەسۇلۇللاھقا 20 قېتىم دۇرۇد ئوقۇيالايسىز، ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ سىزگە 200 قېتىم رەھمەت قىلىدۇ.
14. بىر مىنوتتا ئاسمان – زىمىننىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە تەپەككۈر قىلالايسىز.
15. بىر مىنوتتا دىلىڭىز ئاللاھقا تەشەككۈر ئىيتىشقا ۋە ئاللاھنىڭ بەرگەن مول نېمەتلىرىدىن مەمنۇن بولۇپ ئاللاھقا رەھمەت ئىيتىشقا ۋە ھەمدى ئېيتىشقا ئىنتىلىشى مۇمكىن.
16. بىر مىنوتتا قولىڭىزنى كۆتۈرۈپ مەزمۇنى بولغان دۇئالاردىن خالىغىنىڭىزچە ئوقۇپ ئاللاھدىن مەغفىرەت تىلىيەلەيسىز.
17. بىر مىنوتتا توققان ياكى دوستلىرىڭىزغا تېلېفۇن ئارقىلىق ياخشى خەۋەرلەرنى يەتكۈزۈشىڭىز مۇمكىن.
18. بىر مىنۇتتا بىر نەچچە مۇسۇلمانغا سالام بېرىشىڭىز مۇمكىن.
19. بىر مىنوتتا بىر يامان ئىشنى توسۇيالىشىڭىز مۇمكىن.
20. بىر مىنوتتا ئائىلىڭىزدىكىلەرنى بولسىمۇ ياخشى ئىشقا بۇيرىشىڭىز مۇمكىن.
21. بىر مىنوتتا بىر قېرىندىشىڭىزغا بولسىمۇ نەسىھەت قىلىشىڭىز مۇمكىن.
22. بىر مىنوتتا بىرەرسىگە بىر ياخشىلىق قىلىپ قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن.
23. بىر مىنوتتا غەمگە چۆمگەنلەرنىڭ بىرەرسىگە غەمخۇرلۇق قىلالايسىز.
24. بىر مىنوتتا مۇسۇلمانلارنىڭ يولىدىن ئەرزىيەتلىك نەرسىنى ئېلىۋېتەلەيسىز.
دېمەك، ھەر كۈنى بىھۇدە زايە بولىۋاتقان ، پايدىسىز ئىشلار بىلەن ئىسراپ
بولىۋاتقان بىر نەچچە مىنۇت ۋاقتلىرىڭىزنى ياخشى يوللارغا سەرپ ئەتسىڭىز ئايلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن نۇرغۇنلىغان ياخشىلىقلارنى يىققان بولىسىز. ھەر بىر مىنۇتلىرىڭىزنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ئادەتلەنسىڭىز تەبىئيكى سائەتلىرىڭىزنى، كۈنلىرىڭىزنى ۋە ئايلىرىڭىزنى بىھۇدە سۇدەك ئېقىپ كېتىشىدىن ساقلاپ قالالايسىز.
قېرىندىشىم! بۇ ئىشلار سىزنىڭ ئىخلاسىڭىزغا ، جەننەتكە ھېرىسلىغىڭىزغا باغلىق. ئاخىرەت دەسمايىڭىزنىڭ كۆپ بولۇشىغا قارىتا قىزغىنلىقىڭىزغا باغلىق. قېرىندىشىم بۇ ئىشلارنى قىلماق تەس ئەمەس، ئۆگەنمەك ھەم
تەس ئەمەس. ئاللاھ سۆيگۈسى بولغان قەلىبدە بۇ ئەمەللەر قىزغىنلىق بىلەن ئورۇندىلىدۇ.
ئى قېرىندىشىم! بۇلاردىن سىز ئائىلىڭىزدىكىكەرگە، يار – بۇرادەرلىرىڭىزگە ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىڭىزگە تەلىم بېرىڭ، چۈنكى قانچە ئادەم سىزنىڭ تەلىمڭىز بىلەن بۇ ئىبادەتلەرنى قىلسا، قىلغان ئىبادەتلىرىنىڭ ساۋابى سىزگىمۇ ئوخشاش ساۋاب بولۇپ يېزىلىدۇ
مەمەتيۇسۇپ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10796
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 77
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە77دانە
ئۆسۈش: 160 %
مۇنبەر پۇلى: 771 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-14
ئاخىرقى: 2012-05-02

رەھمەت قېرىندىشىم ، ھەقىقەتەن ئويلاندۇردىڭىز ،
دوستلىشىش
زەبىييە
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11391
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 7
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە7دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 110 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-04-21
ئاخىرقى: 2012-04-23
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-23 14:12

اللە رەھمەت  قىلسۇن! بۇ تېمىنى يوللاپ ياخشى قىلىپسىز،
بۇ تېمىنى  ئىككى ئۈچ يىل ئىلگىرى مەن تەرجىمە قىلغان، ھازىر ھەممە مۇنبەرلەردە دىگۈدەك كۆرۈپ قالىمەن.
ھەر كۆرسەم خوشال بولىمەن، مۇشۇ كىچىككىنە ئەمگىكىمنى ياقتۇرغانلىقتىنلا بۇ تېمىنى يوللايدىغۇ دەپ مەمنۇن بولىمەن.
مەيلى مەنبەسىنى ئەسكەرسۇن ئەسكەرتمىسۇن،مېنىڭ تېمامتى ،مەنبەسىنى ئەسكەرتمەپسىز، ئۆزىڭىزىنىڭ قىلىۋاپسىز دېمەيمەن.
پەقەت باشقىلار ئازغىنە بولسىمۇ مەنپەئەت ئالالىسىلا بولدى.........
بىر كۈن كىلەر باھار، ئاچىلەر گۈللەر........
دوستلىشىش
مەيمۇنە
ئولۇم دەھشەتلىك ھەقىقەتتۇر،نامازۋەئەمەل بىردىن ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11211
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 50
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە50دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 480 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-21
ئاخىرقى: 2012-05-06
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-26 21:43

اللە رەھمەت قىلسۇن
ئولۇم دەھشەتلىك ھەقىقەتتۇر،نامازۋەئەمەل بىردىنبىر چارىدۇر
ئەسسەلەمۇ .ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4073
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 159
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە159دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 1360 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2012-05-05
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-26 22:00

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى زەبىييە نىڭ 2012-04-23 14:12 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
اللە رەھمەت  قىلسۇن! بۇ تېمىنى يوللاپ ياخشى قىلىپسىز،
بۇ تېمىنى  ئىككى ئۈچ يىل ئىلگىرى مەن تەرجىمە قىلغان، ھازىر ھەممە مۇنبەرلەردە دىگۈدەك كۆرۈپ قالىمەن.
ھەر كۆرسەم خوشال بولىمەن، مۇشۇ كىچىككىنە ئەمگىكىمنى ياقتۇرغانلىقتىنلا بۇ تېمىنى يوللايدىغۇ دەپ مەمنۇن بولىمەن.
مەيلى مەنبەسىنى ئەسكەرسۇن ئەسكەرتمىسۇن،مېنىڭ تېمامتى ،مەنبەسىنى ئەسكەرتمەپسىز، ئۆزىڭىزىنىڭ قىلىۋاپسىز دېمەيمەن.
پەقەت باشقىلار ئازغىنە بولسىمۇ مەنپەئەت ئالالىسىلا بولدى.........

ئاللاھ سىزگە سەبىر ۋە تېخىمۇ كۆپ ئەجىرلەر بەرسۇن ھەمشىرەم

تېما ئىگىسىگە رەھمەت!
ئارزۇيۇم:
                يا شەرىئەت يا شاھادەت.
دوستلىشىش
مېھرىبان
ئاللاھ ھەممىگە قادىر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11312
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 18
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە18دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 180 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-29
ئاخىرقى: 2012-05-10
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-26 22:28

رەھمەت قىرىندىشىم، كۆپ بىلىملەرگە ئىگە  بولدۇم  .ئاللا ئەجر  بەرسۇن!