ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەڭساي ئەھلى، سالامەتمۇسىزلەر!
كەڭساي مۇنبىرى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىش بىلەن بىرگە، قېرىنداش مىللەتتىكى تورداشلىرى ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغاپ كەلمەكتە، جۈملىدىن قازاق، ئۆزبېك، تاتار قاتارلىق تۈركىي قېرىنداشلىرىمىز ھەققىدىكى نادىر تېمىلار، يېڭىلىقلار، خەۋەرلەر ئۆز ۋاقتى قەرەلىدە يوللىنىپ، تور ئەھلىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن قازاق قېرىنداشلىرىمىزمۇ مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ كىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىسىل تېمىلىرى بىلەن مۇنبەرداشلار بىلەن ئورتاقلاشتى، شۇ ئەسنالاردا يوللانغان تېما-ئىنكاسلار سەۋەبى بىلەن بەزىدە ئازدۇر-كۆپتۈر ئۇقۇشماسلىقلارمۇ پەيدا بولۇپ تۇردى، لىكىن يۈرىكى، قەلبى، يىلتىزى بىر تۇتاش مىھىرلىك دىللار ئۆزئار چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش يولىدا ئىللىق ماكانىمىز بولغان << كەڭساي>> باغرىدا قېرىنداشلىق، دوستلۇق موھەببىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئابىدىسىنى تىكلەش ئارزۇسىدا تىنىمىسىز ئالغا ئىلگىرلىمەكتە.
مەقسەتكە كەلسەك، ئۇزۇندىن بېرى كەڭساي مۇنبىرىدە تۈركىي قېرىنداشلارنىڭ تىلىنى ئۈگىنىش سەھىپىسىنىڭ ئېچىلىشىنى ئارزۇ قىلىش ئىستىكىدە بولۇپ، تور دۇنياسىدىن بۇ ھەقتىكى ماتىرىياللارنى ئىزدىگەن بولساممۇ قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئېرىشەلمىگەن ئىدىم. كەڭساي مۇنبىرىنىڭ ئەزىز مىھمىنى بولغان قازاق قېرىنداشلىرىمىز قازاق تىلىنى ئۈگىنىشكە ھەۋەس قىلغۇچىلارنىڭ ئۇستازى بولالايدۇ دىگەن قاراشتا، مۇنبىرىمىزدىكى تولە قاتارلىق ئۇيغۇر تىلىغا پىشىش مۇنبەرداشلىرىمىزنىڭ تېما يوللاش شەكلى بىلەن ھەۋەسكارلىرىغا قازاق تىلىدىن ساۋات بەرسە دىگەن ئۈمىدتە ئۇشبۇ تەكلىپنى مۇنبەرداشلارغا سۇندۇم. مۇنبەرداشلار بۇ تەكلىپىمگە قانداق قارايدىكىن؟
تىل-- روھنى ئويغاتقۇچى قەلىب كۆۋرۈكى. تىل ئۈگىنىش- ئىناقلىق، يۈكسىلىش ۋە گۈللىنىشنىڭ ئاچقۇچى.
ئاخىرىدا ھوزۇرۇڭلارغا تۆۋەندىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق كۈيىنى سۇندۇم: