بىز نۇرغۇن كىتاپخانىلارنى ئارىلاپ كۆرۈپ ئانا تىلىمىزدا نەشىر قىلىنغان ،ئاپتۇنۇم رايونىمىزدىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خادىم قوبۇل قىلىش ئىمتاھانىغا ئالاقىدار ماتىريالنىڭ يوقلىقىنى، خىزمەت كويىدا يۈرگەن نۇرغۇنلىغان ياشلىرىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزدا نەشىر قىلىنغان مۇشۇنداق ماتىريالغا ئىنتايىن ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتۇق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىشىپ «ش ئۇ ئا ر كەسپىي ئورۇنلارغا خادىم قوبۇل قىلىش ئىمتاھانى ئۇنۋېرسال بىلىملەردىن ئاساس» ۋە ئۇنىڭ يانداشما مەشىقلەر توپلىمىنى نەشىر قىلدۇردۇق. مەزكور ماتىريال كەسپىي ئورۇنلار ئىمتاھانى تەتقىقات گۇرۇپىسى تۈزۈپ چىققان «2012- يىللىق ش ئۇ ئا ر كەسپىي ئورۇنلارغا خادىم قوبۇل قىلىش ئىمتاھانى ئۇنۋېرسال بىلىملەردىن ئاساس ۋە ئۇنىڭ يانداشما مەشىقلەر توپلىمى» نىڭ خەنزۇچىسىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلىپ نىشىر قىلدۇرۇلدى. بۇ ماتىريال ھەر قايسى يۇرتلارنىڭ مەھەلە باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا خادىم قوبۇل قىلىش ئىمتاھانىغىمۇ ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا مەمۇرلۇق ئىمتاھانى ماتىريالى بىلەن 80% ئورتاقلىققا ئىگە. قالدىسىنى قولۇڭلارغا ئېلىپ كۆرگەندىن كېيىن باھالاپ باقارسىلەر. بىزنىڭ ئەمگىكىمىزدە روياپقا چىققان بۇ ماتىرياللار ئوغۇل- قىزلىرىمىزنىڭ بۇ يىلقى ئىمتاھانلاردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن ياخشى ۋاستە بولالىسا بىزمۇ قىلغان ئەمگىكىمىزدىن رازى بولاتتۇق.18999257440