ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئەزىز قېرىنداشلار، بەلكىم بۇرۇن سىلەر مەرىپەت، كەڭساي مۇنبەرلىرىدە تارقىلىپ، نادىرلاغان "مەن بەك يالغۇز' دېگەن نەسىرنى ئوقىغان بولىشىڭلار مۇمكىن. ھەقىقەتەن ئۇ تېما كىشىنىڭ يۈرەك باغرىنى تىترىتىدۇ، رەببىمىزگە بولغان ئۈمۈتۋارلىغىمىزنى كۈچەيتىدۇ.
بەلكىم ھەممەيلەن ئۇنى "ئىسيانكار: دېگەن قېرىندىشىمىز يازغان دەپ بىلىشىمىز مۇمكىن.
ئەسلى ئۇنى يازغۇچى گېرمانلىق فىلىز. ئۇ تەرجىمە ئەسەر بولۇپ، ئۇنى گېرمانچىدىن بىزنىڭ مەلۇم بىر قېرىندىىشمىز تەرجىمە قىلىپ ئىشلىگەن.
فىلىز ھەققىدە ئۇ ماڭا ئازراق نەرسە سۆزلەپ بەرگەنتى.
فىلىز ئەسلى تۈرىك. يولدىشىنىڭ ئىسمى فغتىس گىرمان.
تۈرىك بالىلارنىڭ دەۋىتىدە مۇسۇلمان بولغان. ئاتا - ئانىسى تەقۋادار خىرىستىيان بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقارغان.
ئۇ ئىككىسى توي قىلىپ ئىككىنچى كۈنى ئۇلارنى تىرورلىقنى پىلانلىدى دەپ تۈرمىگە سولىغان. بىر ھەپتىدىن كېيىن فېلىز قويۇپ بېرىلگەن، يولدىشى بولسا ھازىرغىچە تۈرمىدە ئىكەن.
فىلىز بولسا كېيىن يەنە تۈرمىگە سولغانغان. ھازىر بەلكىم تۈرمىدە.
ئۇلۇغ اللەدىن ئاشۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ئېنىق تەرجىمھالىنى ئۆزى خالىغان بەندىسى ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزۈپ،ئۇ ئارقىلىق بىزگە مەنپەئەت ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن!
اللە ئۇلارنى دۇنيا-ئاخىرەتتە ئەزىز قىلسۇن! ئەجرىنى زىيادە قىلسۇن!
تۆۋەندە ئۇ تېمىنىڭ سۆرەتلىكىنى ھوزۇرىڭلارغا سۇناي.
ئۇلۇغ اللە ئىسلام ئۈچۈن ئۈنسىز، نامسىز، رىياسىز خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارغا دۇنيا-ئاخىرەتتە كۆپلەپ ئەجىر، ياخشىلىق، رەھمەت قىلسۇن!
بۇ فىلىمنى تور بەتلەرگە يوللىسام تەستىقلىمغاندىن كېيىن 56 تورىغا كىرىپ ئۆزى خالىغان مۇزىكىغا ،خالىغان رەسىمنى كىرىشتۈرۈش ئىقتادىرىن پايدىلىنىپ قايتا ئىشلىدىم.
چىقىۋاتقان مۇزىكا ناخشا ئەمەس، پاكىستانچە نەشىد، بەك مۇڭلۇق. بۇ تېمىغان ماس كەلگەچ مۇشۇ نەشىدنى تاللاپ قىستۇردۇم.
ياقتۇرغانلار بولسا چۈشۈرۈش ئادرىسى بىلەن تەمىنلەيمەن.......
تۆۋەندىكى قايتا ئىشلەنگىنى:
