باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 791 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: زەمزەم سۇينىڭ ئالاھىدلىكىنى بىلەمسىز  ؟
دوستلىشىش
مۇھەممەد(0998)
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11383
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 23
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە23دانە
ئۆسۈش: 650 %
مۇنبەر پۇلى: 681 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-04-20
ئاخىرقى: 2012-05-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-21 15:13

زەمزەم سۇينىڭ ئالاھىدلىكىنى بىلەمسىز  ؟

زەمزەم سۇينىڭ ئالاھىدلىكىنى بىلەمسىز  ؟         
                         زەمزەم سۈيىنىڭ تەركىبىدىكى ئالاھىدىلىك دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئالىملار ھەيئىتى زەمزەم سۈيى ئۈستىدە ئۇزۇن مەزگىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە باشقا سۇلاردا تېپىلمايدىغان ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىغان. سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج تەتقىقات مەركىزى ھەم زەمزەم سۈيى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، زەمزەم سۈيىنىڭ باشقا سۇلارغا ئوخشىمايدىغان ئاجايىب سۇ ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ھەج تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى ئىنژېنېر سامى ئەنقاۋى مۇنداق دەيدۇ: ھەرەم شېرىپنى يېڭىدىن كېڭەيتىش خىزمىتى جەريانىدا زەمزەم بۇلىقىنى قېزىپ، ئۇنىڭ سۈيىنى تارتقانسىرى ئۇنىڭ سۈيى تېخىمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى، ئۇنىڭ ئۇلىنى قۇيۇش ئاسان بولسۇن، دەپ ئۈچ دانە سۇ تارتىش ماشىنىسىنى ئىشقا سالغانىدۇق. ئاندىن ئەسلى مەنبەدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان زەمزەم سۈيىدىن ئېلىپ، ئۇنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ئۇنىڭدا ھېچقانداق مىكروب ۋە بۇلغىنىشلارنىڭ يوقلۇقىنى، بەلكى زەمزەم سۈيىدە باشقا سۇلاردا تېپىلمايدىغان سۈزۈكلۈك، پاكىزلىق ۋە ئۇنىڭ تەركىبىدە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بارلىقىنى تاپتۇق. ئەگەر زەمزەم سۈيىدە بۇلغىنىش تېپىلسا چوقۇم ئۇنى قاچىلاش جەريانىدا تۇڭ ياكى تۇربىلارنىڭ پاكىزلىقىغا دىققەت قىلمىغانلىقتىن بۇلغان بولىدۇ.
  
زەمزەم سۈيىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ يەنە بىرى ئۇنىڭ زامانىمىزغىچە ئۈزۈلۈپ قالماي داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىدۇر. زەمزەم بۇلىقىدىن باشقا بۇلاقلار قانچىلىك داۋام قىلار؟! ئەللىك يىل.. يۈز يىل.. زەمزەم بۇلىقىنىڭ سۈيى نېمە ئۈچۈن تۈگىمەيدۇ؟  بۇنىڭدا قانداق سىر بار؟
   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: "زەمزەم سۈيى نېمە مەقسەتتە ئىچىلسە شۇ مەقسەت ھاسىل بولىدۇ". [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].

شەيخ ئابدۇلمىجىت زىندانى مۇنداق دەيدۇ: يەمەندە ياشىنىپ قالغان بىر دوستۇم بار بولۇپ، ئۇ داۋاملىق كىچىك قۇرئانىنى يانچۇقىغا سېلىپ يۈرۈپ ئوقۇيتتى، كېيىن ئۇنىڭ كۆزى ئاجىز بولۇپ قېلىپ، يانچۇقىغا سېلىپ يۈرىدىغان بۇ كىچىك قۇرئاننى ئوقۇيالمايدىغان بولۇپ قالغانىدى. كېيىن ئۇنى زىيارەت قىلىپ بارغىنىمدا ئۇ ھېلىقى كىچىك قۇرئانىنى ئوقۇۋېتىپتۇ، مەن ھەيران قىلىپ ئۇنىڭدىن قانداق داۋالانغانلىقىنى سورىغىنىمدا، ئۇ: مەن زەمزەم سۈيىنىڭ نېمە مەقسەتتە ئىچىلسە شۇ مەقسەت ھاسىل بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ھەرەم شېرىپكە بېرىپ، زەمزەم سۈيىدىن ئىچىپ، ئاللاھ تائالادىن كۆزۈمگە شىپالىق بېرىشنى تىلىگەنىدىم، ئاللاھ تائالا دۇئايىمنى ئىجابەت قىلدى، دەپ جاۋاپ بەرگەنىدى.

قېرىنداشلار بۇ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدۇر. دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشنىڭ بىر شەرتى دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىغا جىن ئىشىنىشدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا (ئۇلارغا ئېيتقىنكى)، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى، سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىمەن)، ماڭا دۇئا قىلسا, مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىمان ئېيتسۇن (يەنى ھەمىشە ئىمان بىلەن بولسۇن)}. [بەقەرە سۈرىسى 186- ئايەت].

   شەيخ ئابدۇلمىجىت زىندانىنىڭ " قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىكى ئىلمىي مۆجىزىلەر ھەققىدە سىز سوراڭ، شەيخ زىندانى جاۋاپ بېرىدۇ" دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.

***

يۇسرىيە ئابدۇراخماننىڭ كۆزىنىڭ زەمزەم سۈيىنى ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن شىپا تاپقانلىقى

   ھەرەمدىن پەرز ھەجنى ئادا قىلىپ قايتقان قېرىنداشلارنىڭ بىرى مۇنداق دەيدۇ: سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج مىنىستىرلىكىنىڭ مېھمىنى بولۇپ بىز بىلەن بىرگە ھەج قىلغان يۇسرىيە خانىم بىزگە، ئۇزۇن يىللاردىن بىرى سول كۆزىگە قىزىل چاقا پايدا بولۇش نەتىجىسىدە كېچە ۋە كۈندۈز بېشىنىڭ يېرىمى ئاغرىش كېسىلىگە مۇپتىلا بولغانلىقىنى، ئاغرىق پەسەيتىش دورىلىرىنىڭمۇ كار قىلمىغانلىقىنى، نەتىجىدە كۆزىگە ئاق چۈشۈپ، كۆزىدىن تۇلۇق  ئايرىلىشقا تاس قالغانلىقىنى، ئەڭ مەشھۇر كۆز دوختۇرلىرىنىڭمۇ بۇ كېسەلنى داۋالاشتىن ئاجىز كەلگەنلىكىنى ۋە دوختۇرلارنىڭ باش ئاغرىقىنى ئوكۇل ئۇرماي توختىتىش مۇمكىن ئەمەس دېگەنلىكىنى، ئوكۇل سالغاندا يېرىم كۆرىدىغان بۇ كۆزىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ ئىنتايىن قورققانلىقىنى شۇنداقتىمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدۋار بولۇپ، ھەرەم بەيتۇللاھقا بېرىپ، ئاللاھ تائالادىن شىپالىق تەلەپ قىلىشنى ئويلاپ، مەككە – مۇكەررەمەگە كېلىپ، كەبە شېرىپنى تاۋاپ قىلىپ، ھەجەر ئەسۋەدنى سۆيۈپ، ئاغرىق كۆزىنى ئۇنىڭغا سۈرتكەندىن كېيىن زەمزەم سۈيى بىلەن يۇغانلىقىنى، ئاندىن كېيىن ساپا – مەرۋە ئارىسىدا سەيى قىلىپ، ئۆزى چۈشكەن مېھمان كۈتۈشكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇشتۇمتۇت ئاغرىق كۆزىنىڭ ساقىيىپ، قىزىل چاقىنىڭ ئىزناسىمۇ قالمىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇنىڭغا كېچە ۋە كۈندۈز ئارام بەرمىگەن باش ئاغرىقىنىڭمۇ ئۈزۈل - كېسىل يوقالغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن.

ئەڭ ئۇستا دوختۇرلارمۇ  داۋالىيالمىغان بۇ كېسەل نەگە غايىب بولغاندۇ؟

بۇ ۋەقەنى ئاڭلىغان دوختۇرلار مۇنداق دېيىشتى: ئاللاھ ھەممىدىن كاتتىدۇر، دوختۇرلار داۋالاشتىن ئاجىز كەلگەن بۇ بىمارنى ئەڭ كاتتا دوختۇر بولغان ئاللاھ تائالا ئۆزى داۋالاپتۇ، ھەقىقەتەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: زەمزەم سۈيى نېمە مەقسەتتە ئېچىلسە، شۇ مەقسەت ھاسىل بولىدۇ، ئەگەر سىز ئۇنى شىپالىق تىلەپ ئىچسىڭىز ئاللاھ سىزگە شىپالىق بېرىدۇ، قوساق تويغۇزۇش ئۈچۈن ئىچسىڭىز ئاللاھ قورسىقىڭىزنى تويغۇزىدۇ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىچسىڭىز، ئاللاھ ئۇسسىزلۇقىڭىزنى قاندۇرىدۇ، زەمزەم سۈيى  ئاللاھ ھەزرىتى جىبرىئىل ئەلەيھسسالام ئارقىلىق ھەزرىتى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى سۇغارغان مۇبارەك سۇدۇر" دېگەن. [ئىمام دارقۇتنى رىۋايىتى].
   بۇ ھېكايە ۋە زەمزەم سۈيى ھەققىدە بىز ئاڭلاۋاتقان باشقا ھېكايىلەر ئەگەر بىر شەيئىگە دالالەت قىلىدىغان بولسا چوقۇمكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ مۇبارەك زەمزەم سۈيى ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ راستلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
   ئاخىرىدا د. فارۇق ئەنتەرنىڭ ھېكايىسى بىلەن بۇ ھەقتىكى سۆزىمىزىمىزنى ئاخىرلاشتۇرىمىز.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن بىر قانچە يىلدىن بىرى سۈيدۈك يولىغا تاش چۈشۈش كېسىلىگە مۇپتىلا بولغانىدىم، دوختۇرلار ئۇنى ئوپراتسىيسىز چىقىرىش مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئاخىرى ئوپېراتسىيە قىلىشنى قارار قىلدى، مەن قەستەن ئىككى قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىش ۋاقىتىنى ئارقىغا سۈردۈم ۋە مەككە – مۇكەررەمەگە بېرىپ، ئۆمرە قىلىپ، ئاللا تائالادىن بۇ تاشنى ئوپېراتسىيە قىلماستىن چىقىرىپ بېرىشنى تىلەش نىيىتىگە كەلدىم.  

مەن مەككە – مۇكەررەمەگە يىتىپ كېلىپ، ئۆمرە پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ بولۇپ، زەمزەم سۈيىدىن ئىچىپ، ھەجەر ئەسۋەدنى سۆيۈپ، ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ، ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ، ئۇ زاتتىن شىپالىق تىلىدىم. مەن تېخى ھەرەمدىن چىقماستا سۈيدۈك يولىدا ئۆزگىرىش بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، دەرھال تاھارەتخانىگە يۈگۈردۈم، ئۇشتۇمتۇت بىر مۆجىزە پەيدا بولدى، ئوپراتىسىيىخانىگە كىرمەستىن ھېلىقى يوغان تاش چىقىپ كەتتى!
   ھەقىقەتەن بۇ تاشنىڭ ئوپراتسىيسىز چىقىپ كېتىشى د. فارۇق ئەنتەرنى ۋە ئۇنىڭ ئەھۋالىنى كۈزۈتۈپ، ئۇنى داۋالاۋاتقان دوختۇرلارنى ھەيران قالدۇردى.


   ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى.

   مۇھەممەد كامىل ئابدۇسەمەتنىڭ "ئىسلام ۋە ھەدىس شېرىپلەردىكى ئىلمى مۆجىزىلەر" دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.
[ بۇ يازمىنىsamanyoli 2012-04-21 20:19قايتا تەھرىرلى ]
مەمەتيۇسۇپ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11177
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 17
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە17دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 170 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-05-10

ئۇلۇغ ئاللاھ بىزلەرنىمۇ ھەرەمگە بىرىشكە نىسپ قىلغاي . ئامىن . ھازىر غۇلجىدا ( دوبەي مەھسولاتلىرى) نى ساتىدىغان بىر دۇكان ئىچىلىپتۇ . شۇ يەردە زەمزەم سۇيى بار ئىكەن . مەن بىر بۇدۇلكا سىتىۋالغان ئىدىم . شۇ زەمزەم سۇيىمۇ راستىنلا ھەرەمدىن كەلگەنمىدۇ؟
ئې ئاللا! ياشايدىكەنمەن ئىسمىڭنى زىكىر قىلىپ ياشايمەن. ئۆلىدىكەنمەن ، ئىسمىڭنى زىكرى قىلىپ ئۆلىمەن .
دوستلىشىش
dulbarqin310
توۋا دەيمەن، دۇنيادىكى ئىشلارغا.........
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1210
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1210دانە
ئۆسۈش: 570 %
مۇنبەر پۇلى: 12893 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-05-11
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-21 17:58

تاس قالدىم كۆزۈمدىن كەتكىلى. بىزمۇ بىلۋالدۇق.
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1404
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1404دانە
ئۆسۈش: 1190 %
مۇنبەر پۇلى: 15338 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-05-08
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-21 20:00

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى insap نىڭ 2012-04-21 17:09 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئۇلۇغ ئاللاھ بىزلەرنىمۇ ھەرەمگە بىرىشكە نىسپ قىلغاي . ئامىن . ھازىر غۇلجىدا ( دوبەي مەھسولاتلىرى) نى ساتىدىغان بىر دۇكان ئىچىلىپتۇ . شۇ يەردە زەمزەم سۇيى بار ئىكەن . مەن بىر بۇدۇلكا سىتىۋالغان ئىدىم . شۇ زەمزەم سۇيىمۇ راستىنلا ھەرەمدىن كەلگەنمىدۇ؟

بىرنى دەيسىزغۇ ما خوتەندە دوقمۇش - دوقمۇشتا بار ئۇنداق دۇكانلار  ئەمما بەك قىممەتچىلىك كىچىككىنە بىر قۇتا مىۋە شەربىتىمۇ ئاز بولسا 7-8 كوي بىرلا كۆتۈرسىڭىز يوق
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ
kalduk ibadat uqun,kaytimiz yisap uqun.mihmanbiz budunyada,ulimiz tirilix uqun.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 961
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە961دانە
ئۆسۈش: 2220 %
مۇنبەر پۇلى: 11257 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-01
ئاخىرقى: 2012-05-11
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-21 23:47

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى dulbarqin310 نىڭ 2012-04-21 17:58 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
تاس قالدىم كۆزۈمدىن كەتكىلى. بىزمۇ بىلۋالدۇق.

نىمە دەيدىغاندۇ ...ياش تۇرۇپ.
دوستلىشىش
ئەستەغفىرۇللاھ
ئانا يۇرتۇمغا ياۋ بېسىپ كىرسە ئانىلىرىمنى قوغداي
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11186
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 25
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە25دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 245 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-20
ئاخىرقى: 2012-05-11
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-22 20:34

      
ئۇ سەن ئۈچۈن ماڭلىيىدىن تەر ئاققۇزدى .سەن ئۇنىڭ ماڭلىيىدىن قان ئاققۇزدۇڭ
دوستلىشىش
مۇسىلىم
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10703
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 240
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە240دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 2395 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-07
ئاخىرقى: 2012-05-06
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-22 21:19

ھەنىم بولسا زەمزەم(ئەرەپچە توختا)بوپقاپتىكەن.
اللاھ ئەزىز قىلغاننى ھېچكىم خار قىلالمايدۇ.....
ئەلھەمدۇلىللا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6299
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 33
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە33دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 345 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-28
ئاخىرقى: 2012-05-04
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-23 16:41

زەم-زەمنىڭ ساقلاش مۇددىتى بارمىدۇ؟
ئۆزۈڭ رازى بولغۇدەك ئۆلۈم بىلەن ئۆلگىلى نىسىپ قىلغىن،ئاللاھىم!
دوستلىشىش
مەلىكەم
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9675
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 55
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە55دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 560 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2012-05-11
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-23 17:15

توڭلاتقۇدا سوغۇق ساقلىسىڭىز قانچىلىك ۋاقىت تۇرسىمۇ تەمى ئۆزگەرمەيدۇ ،مەن سىناپ باققان ....
ياخشىلىق  قىل قولۇڭدىن كەلسە!!!!