باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 844 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قەشقىرىمنىڭ چىرايلىق گەپلىرى
دوستلىشىش
13899196193
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10629
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 274
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە274دانە
ئۆسۈش: 1770 %
مۇنبەر پۇلى: 3138 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-02
ئاخىرقى: 2012-05-05
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-20 18:13

قەشقىرىمنىڭ چىرايلىق گەپلىرى

                                          قەشقىرىمنىڭ چىرايلىق گەپلىرى

باشقا شەھەرلىك بىرسى قەشقەرنىڭ گىلەم بازىرىنى ئارىلاپ قاپتۇ. ئۇ بىر گىلەمنى كۆرۈپ ئۇنىڭ زاۋۇت گىلىمى ياكى قولدا توقۇلغان گىلەم ئىكەنلىگىنى سورىماقچى بولۇپ دەپتۇ:
- بۇ تۇقىغان گىلەممۇ يا ...
- ياق، قۇيغان گىلەم، دەپتۇ گىلەم ساتقۇچى خوجايىن تۇمشۇقىنى ئۆرۈپ.
ئۇ ئادەم( خېرىدار ) يەنە دېمىنى ئىچىگە يۇتۇپ گىلەمنىڭ باھاسىنى سوراپتۇ:
-قانچە پۇل بۇ گىلەم؟
-600 كوي.
- 300 كويغا بېرەملا؟  
-ماۋەگە كەسىلە ئۇكام ، ئى يولدىن ئوڭغا بۇرۇلۇپ شۇندا ئۆتسىلە بورا بازىرى بار، شۇ يەرگە بېرىپ باقسىلا، دەپتۇ گىلەمچى خوجايىن خېرىدارنىڭ قولىدىن يىتىلەپ يولنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.
2
بىرسى ماشىنىسىنى ھەيدەپ قىزىل چىراققا كەلگەندە توختاپ ، ئۆزىچە ماي تېجەي جۇمۇ دەپ ماتورنى ئۆچۈرىۋېتىپتۇ. يېشىل چىراق يېنىشىغا ئوت ئالدۇرسا ، قېرىشقاندەك ماشىنا ئوت ئالماپتۇ. قىزىل ،سېرىق ،يېشىل چىراقلار ئالمىشىۋېرىپتۇ. بۇنى كۆرگەن قەشقەلىق قاتناش ساقچىسى ماشىنىنىڭ يېنىغا كېلىپ :«ھاجېېېېېم، قايدا چىراق يانسا ماڭىتىلە؟» - دېگىدەك.
3
   ئىككى قەشقەرلىق ئۈرۈمچىدە «جام» دىگەن ئاشخانىغا كىرىپ ، ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن ئازىراق بۇرۇتۇپ، تاماقنى يەپ بولۇپ: «قانچە پۇل بولدى؟» دىسە، پوكەيدىكى پۇل يىققۇچى:«220 كوي »دىيىشىگە ، يانچۇقىنى كولىغان بىرسى كەينىگە بىر قارىۋىتىپ:«بىز يىگەن تاماقنىڭ پۇلىمۇ يا ئاشخانىدىكى ھەممە ئادەم يىگەن تاماقنىڭ پۇلىمۇ؟» -دىگىدەك.
   4
   بىرئاداش تاماقنى يەپ بولۇپ ئاشخانىنىڭ ئالدىدىكى توختۇتۇپ قويغان بىرسىنىڭ ۋەلسپىتىگە ئولتۇرۇپ بىر تال تاماكىنى ئەمدى تۇتاشتۇرىشىغا ۋەلسىپىتنىڭ ئېگىسى كىلىپ:« ئولتۇراپ بوللىما~~، يەنە پىشكى ئولتۇرۇۋالاملىيا؟» - دەپتىكەن ، ھېلىقى ئاداش ئورنىدىن دەرھال تۇرۇپ: «باشقىغۇ ئىش يوقتى، ئۇبۇرنا نەدىدۇ دەپ ئويلاپ، ئولتۇراپ قاپتىمەن» - دەپتىكەن ، ۋەلسىپىتنىڭ ئېگىسى :«ماڭ قايلىسىلا، ئېۋۇ دوقمۇشتىن ئۈتۈپ باغۇ، ئوڭغا قىيسىلا تۈز يول بار، شۇ يولنى بويلاپ، مېڭىۋەسىلە بۇنىلىرىغا پۇرايدا~، شۇ يەر شۇ » - دىگىدەك.
   5
  قەشقەردىكى بىر مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا ماشىنىلار قاتار قاتار قويۇلغان ئىكەن .
بىر پاسات ماركىلىق ماشىنىنىڭ ئىگىسى ماشىنىنى قوزغىتاي دېسە ئالدىدا سەل كونىراق سېرىق رەڭلىك ئاددى ماشىنا باركەن شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماشىنا دېرىزىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ توۋلاپتۇ :
-ھېيي ، ما سېرىق چۇخەي چىمنىڭ!؟
مىھمانساراي ئىچىدىن تەمبەل سېمىز بىر ئادەم چىقىپ: «ھە، گەپ بامىدى؟» دېيىشىگە:
ـ ھە،غوجام بۇ سانتانا سىلنىڭمىدى؟ خاپومماي پېچكە قوزغاپ بەرگەن بولسىلىرى، دېگىدەك.
6
    تۆت بۇرادەر قەشقەردە بىر ئاشخانىغا كىرىپتۇ. تاماقنى يەپ بولۇپ، پۇل تۆلەشنى ئۇنتۇپ قېلىپ ئاشخانىدىن سىرتقا مېڭىشىغا ،تاڭجاڭ قوپۇپ ئەڭ ئاخىرىدا قالغان بىرىگە:
- ھاجېېېېېېم، ماۋۇ ئاشقان پۇلنى چىمگە قايتۇرىمەن؟ - دەپتىكەن، شۇئان ئۇلارنىڭ ئېسىگە تاماقنىڭ پۇلىنى تېخى تۆلىمىگەنلىگى كەپتۇ.
7
قەشقەردە بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىدا كونا بىر شىيالى ماشىنا توختىتىلغان ئىكەن. تاڭجاڭ بۇنى كۆرۈپ يۈگرەپ چىقىپ ماششىنىغا بىرنى تىپىۋىتىپ :
- ما ئەسكى داس چىمنىڭ؟- دەپ ۋاقىراپتۇ. ماشىنىدىن ساقاللىق،تەمبەل بىرسى چۈشۈپتۇ. تاڭجاڭ دىگۈدەك:
- ئوتقاشتەك سانتانا ئۆزلىرىنىڭمىتى؟
     8
   بازارغا چاپان ئالغىلى چىقىپ بىر چاپاننى ناھايىتى تەستە سودىلىشىپ ئالدىم. ئۆزەم دىگەن باھادىن بىر سىنىتمۇ ئۆرلىمىدىم. سودىگەرمۇ ئاخىرى شۇ باھاغا بەردى. چاپاننى سېتىپ بولۇپ ماڭىدىغان ۋاقتىمدا دىمەسمۇ: - ئۇكام، سىلى خەتنىلىرىنىمۇ ئۆزلىرى قىلغانما؟- ئۇ چاغدا نىمە دىيىشىمنى ئۇقماپتىمەن. ئاپتۇبۇسقا چىقىپ بولغاندا بۇ گەپ ئىچىمگە ئۆتۈپ كەتتى. شۇ گەپنىڭ دەردىدە كىچىچە ئۇخلىيالمىدىم.
9
  بىر كۈنى بىرەيلەن تاماق يېگىلى بىر ئاشپۇزۇلغا كېرىپ خېلى ساقلىسىمۇ چاي بەرمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن توۋلاپتۇ: « ئۇستووووم! ما ئاشخانىلىرىدىن ئېغىز نەمدىگىدەك سۇ تېپىلارما؟؟؟»
10
ئۈرۈمچىدە بىر ئاشخانىدا تاماق يەپ چىققان بىرى پۇل تۆلەۋېتىپ: «بۈگەن سەيماچاڭ(بەيگە مەيدانى)غا چىقامماپسىلە- ھە!؟» دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭقىرىپ بولالماي ھاڭۋېقىپ قالغان خوجايىننىڭ يېنىدىكى بىرسى بۇ گەپنى «تەرجىمە»قىلىپ: «ھەي، ھەي، ئاۋۇلار قەشقەرلىقكەن، قورۇماڭدا گۆش دىدارى يوق، دېگەن گەپ ئاۋۇ» دېيىشىگە، خوجايىننىڭ كاللىسى «تىرىڭ» قىلىپ يىشۇنىڭكىدەك يورۇپ كېتىپتۇ
11
   ئەتىگەندە شەھەرنىڭ سەي-كۆكتاتلارنى توپ تارقىتىدىغان بىر بازىرى بولىدىغان، بىر كۈنى ئەتىگەندە بىر 20 ياشلار چامىسىدىكى يىگىت ئويدىكى نەزرە-چىراققا ئىشلىتىدىغان سەي-كۆكتات ئالغىلى بازارغا بىرىپ، بىر ئوتتۇرا ياش بىر ئايالنىڭ كۆكتات يايمىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ سوراپتۇ:  
-شوخلا قانچە پۇل؟
- xx كوي.
- لازا قانچە پۇل؟
- xx كوي...
- بەسەيچۇ؟
- xx كوي xx مو
يىگىت كۆڭلىدە باشقا يەرلەردىنمۇ سوراپ بېقىپ ئاندىن ئالمايمەنمۇ، دەپ ئويلاپ شۇنداق مىڭىشىغا،  ھىلىقى كۆكتاتچى ئايال سورىغۇدەك:
- ئۇكام، ئاچىلىرى ئەتتىگەندە بازارغا چىقىپ سەينىڭ باھاسىنى سوراپ چىي دىگەنمىتى؟
12
تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتا ئوقۇيدىغان چېغىمىزدا ، بىز بىر قانچە بۇرادەرلەر داۋاملىق بالىلار باغچىسىنىڭ يېىنىغىراق توغرا كېلىدىغان «دولان تېز تاماقخانىسى» دا تاماق يەيتۇق، بۇ ئاشخانىنىڭ تائاملىرى ياخشى بولغىنى سەۋەبلىك ، بۇ يەرگە كېلىپ غىزالىنىدىغانلار  كۆپ ئىدى. بولۇپمۇ چىڭقى چۈشتە ئورۇن ساقلاش دائىمىي ئىشلار ئىدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىز بىر قانچەيلەن بۇ تاماقخانىغا كىرىپ كەلدۇق ، ئادەم ناھايىتى كۆپ ، بوش ئورۇن يوق ئىدى . بىز ئامالسىز ئىشىك ئالدىدا بىر ئاز تۇرۇپ قالدۇق. قارىسام يېقىنلا جايدىكى 4 مېھمان ( چىرايىدىن ھاكۇۋۇرلىقى چىقىپ تۇرىدىغان ستۇدېنت خېنىملا ) تاماقلىرىنى يەپ بولۇپ ، ھوزۇر بىلەن چاي ئىچىشىپ ئولتۇرۇپتۇ ... قارىسام بىر - ئىككى پىيالىدىن چاينى بىكارلاپمۇ ھېچ ئورنىلىرىدىن تۇرىشىدىغاندەك ئەمەس ... شۇنىڭ بىلەن تاقەت قىلالماي:
-- ئۇستوووووووووم ! ما مېھمانلارغا  دا  قىپ بەرسەك بوپتىكەن ، تاماق يەپ بولغان ئوخشايدۇ ، دىيىشىمگە تاراق-تۇرۇق ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ بىزگە ئالىيىپ قويۇشۇپ چىقىپ كەتتى.
13
     بىر ئاغىنەم بولىدىغان قىززىقچى، بالىسى سەل ياۋاشراق بالا ئىدى. بىر كۈنى پاراڭلىشىپ ئولتۇرساق، بالىسى سىرتتىن يىغلاپ كىرىپ كەلدى:
- نىمە بولدۇڭ؟*
- تۇراخۇنكامنىڭ بالىسى تىللاۋاتىدۇ.
- ھەي بالام، شۇنىڭغىمۇ يىغلامسەن؟ سىنىڭ ئاغزىڭنى ئىشىك قىسىۋالمىغاندىكىن سەنمۇ تىللىساڭ بولمامدۇ؟
بۇ گەپنى ئاڭلاپ بەكلا كۈلۈپ كەتتىم.
14
   خالمۇرات ئۆمەرنىڭ قەشقەرگە بارغان كۈنلىرى تاماق يەي دەپ مۇقام تاماقخانىسغا كىرىپ تاماق بۇيرىتاي دەپ تۇرسا تاڭجاڭ كىلىپ: «نىمە تاماق يەيلا ئەيساجووووون» دېسە، «قارا ماۋۇ گۇينىڭ يامانلىقىنى، مېنى تونىۋاپسەندە»دەپتىكەن ، تاڭجاڭ: «ھېلغۇ سېلكەنلا ،بىر يىل بۇرۇن كىرگەن چىۋىننىمۇ تونىۋالمەن» دىگۈدەك .
15
   بىر كىشى قەشقەرگە بېرىپ ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۆرۈك يىگۈسى كېلىپ قاپتۇ -دە قاتار تىزىلىپ ئۆرۈك سېتىۋاتقان بىر قانچە ئۆرۈكچىلەرنىڭ يېنىغا كېلىپ بىرىنچى ئۆرۈكچىنىڭ ئۆرۈكىدىن بىر تال يەپ بېقىپ قانچە پۇل دەپتىكەن ئۆرۈكچى :بەش كوي دەپتۇ.
ھېلىقى ئادەم بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپلا مېڭىپ ئىككىنچى ئۆرۈكچىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭكىنىمۇ بىر تال يەپ باھاسىنى سوراپ بېقىپلا كېتىپ قاپتۇ.3-ئۆرۈكچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ بىر تال يەپ قانچە پۇل دىيىشىگە باياتىنقى ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرىۋاتقان ئۆرۈكچى باھاسىنىمۇ دىمەيلا:<<مۇشۇنداق يەپ ماڭسىلا ئى باشقا چىققۇچە ئۆرۈك ئالمايمۇ تويۇلا>>دەپتۇ
16
   بىر كۇنى دۇستۇم بىلەن بىللە ناشتا قىللى دەپ بىر ئاشخانغا كىردۇق. بۇ ئاشخاننىڭ بۇلاق مانتىسى ئۇخشىغاچقا خىرىدارمۇ كۆپ ئىدى. بىر خىرىدار پول تۇلگەچ ئۇستامغا :  
   -ئۇستام بۇ مانتىنىڭ گۆشى نىمانداق ئاز؟؟دىيىشگىلا، ئۇستاممۇ:
     -بەش موچەنلىك مانتىنىڭ ئىچىدىن پاقلان مەرەپ چىقسا بۇلامتى ئەمسە؟؟دىگۈدەك  
17
"  بىز 4 بالا قوغۇن ئالماقچى بولۇپ <ئۆستەڭبويى> بازىرىغا چۈشۈپ ، بىر دىھقان ئادەمدىن 3چىلگە قوغۇن سىتىۋالدۇق . بىز بەكلا تۆۋەن باھا قويۇپ تۇرىۋالغاچ ، ئۇ ئادەم رەت قىلدى .شۇنىڭ بىلەن بىز چىلگىلەرنى قويۇپ مىڭىشىمىزغا ، ئۇ بىزنى چاقىرىپ < ماڭ قايلاڭلا ئۇكىلۇرۇم ، ئىلىڭلا بولدى ، ترەكتەك تۆۆۆت .ئوغابالا تۇرۇپ 2تال قۇغۇننى ئالامماي كەتمەڭلا يانا !!!! .....دىگەنىدى  
18
  بىر كۈنى خەلقئارا چوڭ بازارنىڭ ئالدىدا بىر دوستۇم بىلەن كېتىپ بارسام 6-7 ياشلار چامىسدىكى ئىككى مايلامچى بالا ئۇچراپ قالدى.  
-ئاكا ئاياغلىرىنى مايلىۋەتمەيلىما؟
-بولدى رەھمەت ئۇكام
-نەچچە پۇلغا مايلايسەن دېدى-، مېنىڭ دوستۇم قوپال تېگىپ
-ئاكا، بىژ كويغىلا مايلىۋىتەي (ئەسىلدىنلا بىر كويغۇ شۇ)
بىز بولدىلا مايلاتمايلى دەپ تۇرساق، بىر مايلامچى بالا يەنە بىر ھەمراھىغا:
-ئاداش، قارىسام ما ئاكىلرىم ياخشى ئادەمدەك قىلىدۇ. ىەش موچەنگە باي بولۇپ كەتمەيمىز، ئەتىگەنلىك بازادا ئىككىنى بىر كويغىلا مايلىۋەتمەمدۇق-يا؟ دەپ كۆزنىڭ قۇيرۇقىدا بىزگە قاراپ قويدى.
6-7 ياشلىق بالىلارمۇ بوش ئەمەسكەن.  
19  
بىركۈنى ئۈرۈمچىدىن ئىككى خىزمەتداش قەشقەرگە خىزمەت بىلەن چۈشۈپتۇ، كەچ بولغاندا بازار ئايلىنىپ باقايلى دەپ ،ئۆستەڭبويىغا بىرىپ ، پالەك سېتىۋاتقان بىر ياشنىڭ ئالدىغا بىرىپ سوراپتۇ دە : پالەكنى قانداق ساتتىڭىز ؟  
-بىژكويغا 5باغدىن بەردىم.
-10باغدىن ئالمامدۇق؟دىيىشىگە.
-غوجوووم، تايىنلىق بىكاغىلا بەمەيما ...
20
ئەتىسى ھىلىقى ئۈرۈمچىلىك يەنە كەچكە يىقىن بازار ئايلىنىپ ئۆستەڭبويىغا بىرىپ قاپتۇدە ،قارىسا بىر قېرى بوۋاي پالەك سىتىۋاتقان ، شۇنىڭ بىلەن ئويلاپتۇ دە ، قەشقەرلىكنىڭ ياشلىرىغۇ ئاشۇنداق سىسىق گەپ قىلىدىكەن، قىرىلىرىمۇ شۇنداق گەپ قىلامدىغاندۇ؟ دەپ بىر سوراپ باقماقچى بولۇپ :
-تاغا ، پالەكنى قانداق ساتتىڭىز؟  
-بىژكويغا 8دىن بەردىم بالام.
قارىسا بۇ بوۋاي خىلى ئەرزان سىتىۋاتقان ،شۇنىڭ بىلەن بىر باغ پالەكنى ئىلىپ ،ئۇيان ئۆرۈپ ،بۇيان چۆرۈپ سوراپتۇ دە: -تاغا بۇ پالەكنىڭ توپىسى باركەنغۇ؟
ھىلىقى بوۋاي سوراپتۇ دە : بالام سىلە قەشقەرلىك ئەمەس ئوخشىماملا ؟
-شۇنداق ،مەن ئۈرۈمچىدىن .
-سىلىنىڭ ئۈرۈمچىدە پالەكنى يەرگە تىرىماي،گىلەمگە تىرامدا؟؟
21
ئۆستەڭبويىدا دەككىسىنى يىگەن ھىلىقى ئۈرۈمچىلىك كادىر ،يەكشەنبە كۈنى يىڭى بازارغا چىقىپتۇ دە، شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىگە قۇرۇق كەتكۈچە ، بىرەر-ئىككى كىلو بادام ئالغاچ كىتەي دەپ ،بىر قۇرۇق يەل يىمىشچىنىڭ ئالدىغا بىرىپ سوراپتۇ:  
-ئۇستام بادامنى قانداق ساتتىڭىز؟
-ماۋۇ يەكەننىڭ يەرلىك بادىمى ، بادامنىڭ ئەڭ يامىنى مۇشۇ شۇ ،سىلە ئالسىلىرى كىلوسىنى 50كويغىلا بىرەي.
-ئۇستام ئەرزانراق بەرمەمسىز؟ مەن ئۈرۈمچىگە ئالغاچ كىتەي دىگەن، كىلوسىنى 40كويدىنلا ئالمايمۇ دىيىشىگە ،ھىلىقى باققال:
-غوجوووم ،سىلىنىڭ پۇللىرىنىڭ نەچچە تامغىسى بار؟؟؟؟
22
ئاتۇشنىڭ نۇمۇر تاختىسىنى ئاسقان بىر ماشىناقەشقەردە يولنىڭ ئوتتۇرسىدىكى سېرىق سىزىققا دەسسەپ ساپتۇ.
بۇنى كۆرگەن قاتناش ساقچىسى شوپۇردىن - قەشقەنىڭ سېرىق سىزقى ئاتۇشنىڭكىدىن تومراق ئوخشىمامدا ،دەسسەپباققىللىرى كەپتەھە؟ دىگۈدەك.
23
ئۆتكەندە قەشقەرگە قۇربان ھېيتنى سۈرەتكە ئالغىلى بارغاندا مۇنداق بىر ئىش يۈز بەرگەن راس شۇنىمۇ دەپ بېرەي.
شۇ ئىش يۈز بىرىشنىڭ ئالدىدا بىز قەشقەرلىكلە يامان سېسسىق گەپ قىلىدۇ سەل ئېھتىيات قىلىلى.دىيىشكەن ئىدۇق. ئەتىگەنلىك ناشتىغا بىزچۈشكەن مېھمانخانىغا يېقىنراق ھېيتگاھنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر ئاشخانىغا كىردۇق، ئەتىگەندە باشقا تاماق يىمەيلى ،ئىككىدىن مانتا بىلەن بىر تەخسىدىن سەي يەيلى دېيشىپ ،شۇنى بۇيرۇدۇق،بىردەمدىن كىيىن مانتىنى ئەكەلدى ،ئۇنىڭ كەينىدىن سەينى كىچىگرەك چىنىدە قولىدا كۆتۈرۈپلا كەپتۇ،قارىساق چىنىنىڭ گىرۋېكىگە بارمىقىڭ ئىزى چىقىپ قاپتۇ.
بىزمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي-
    -خاپا بولماي قاچىنى تەخسىگە قويۇپ ئەككەلگەن بولسىڭىز،-دېيشىمىزگە ئىشىكنىڭ قېشىدا ئولتۇرغان خوجايىن
   - قايلىسا بەش موچەنلىك مانتىنى پەتنۇستا ئەككەپ بەسەك بولامتى ؟دىمەسما شۇنىڭ بىلەن گەپ قىلماي تاماق يىدۇق .
24
بىر ئاغىنەم بىلەن ئاياق ئالغىلى چىقتۇق،قولىغا ئىلىۋىلىپ سورىدى دە:«ئاكا قانچە پۇل بۇ؟»دىسە«200» دىۋىدى، ئاغىنەم ئۆرۈپ - چۆرۈپ تۇرۇپ كىتىپ:«100كويغا بەسىلە،ئىلىپ كىتەي» دىيىشىگە قەشقەرلىك ئۇستام دەيدىغۇ:«ئۇكام ،بىژ پېيىنىما؟»
25
بىر قېتىم ئاتۇشتا مۇنداق بىر ئىش بوپتۇ : جانابىي ئىسمائىل ئەھمەد رەئىس ئاتۇشقا كەلگەندە داڭلىق ئۆلىما رۇستەم قارىھاجىم ئۇنىڭغا بېغىنى كۆرسىتىپتۇ ، رەئىس : !  
- قارىھاجىم ، بۇ يىل ئەنجۈر بەك كۆپ تۇغۇپتۇ - ھە ؟؟ - دەپتۇ .
رۇستەم قارىھاجىم مۇنداق دەپتۇ :  
- ئەمدى ، ھە ، باشلىق ئالىيلىرى ، ئەنجۈرگە پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويمىغاندىن كېيىن ، كۆپ تۇغدى !! ( پىلانلىق تۇغۇت ئىسمائىل ئەھمەد دەۋرىدە يولغا قويۇلۇپتىكەن .
26
مەدەنىيەت ئىنقىلابىي مەزگىلىدە قەشقەر شەھرى ئەتراپىدىكى بىر يېزىدا بىر زالىم سېكرىتار (كەنت شۇجىسى) ئۆتكەنئىكەن. دائىم دېھقانلارنى قاخشىتىدىكەن. مەلۇم بىر كۈنى كەنت كىشىلىرىگە سياسەت تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن دېھقانلارنى چاقىرغىلى ئۆيمۇ ئۆي كەپتۇ ، ۋە يىغىنغا بارمىسا قاتتىق جازا قوللىنىدىغانلىقىنى دەپتۇ. شۇ ئارىدا بىر ئايال دېھقان دەپتۇ:
-ۋاي سېكرىتار ، سىلى كۈندە بۇنداق ئىتتەك قاۋاپ ، قۇلىقىمىزنى ئاغرىتقىچە ، ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلىپ كەسىلىرىمۇ بوپتىكەن.
27
بىر ئادەم يېڭى بازادا چويلا ئاماقچى بوپ بىر دۇكانغا كىرىپ چويلىنىڭ پۇلىنى سورىسا ئون كوي بەسىلە دەپتۇ،ئۇ ئادەم ياندىكى دۇكاننى كۆرەپ باقاي دەپ ماڭسا:
-غوجوم!!!ئىلىۋەسە!ئۇ يەدە چۆپىنى قوشاپ ساتمايدا.
28
ياز پەسلىدىمۇ، دۇككىنىدىن قىشلىق كىيىملەرنى ئايرىمايدىغان بىر تىجارەتچى بالا بولىدىغان، بىر كۈنى دۇككىنىنىڭ يېنىدا ئولتۇرسا ئىككى قىزچاق خۇرۇم پەلتۇلارغا قاراپ قويۇپ ئۆتۈپ كىتىۋاتسا، ھېلىقى بالا يېنىغا بېرىپ : مۇشۇ قىزچاقلارغا بىردىن ئىككى خۇرۇم ساتىمەنغۇ مانا دىسە، ھېلىقى قىزچاق: ۋىيەي ھازىر دىگەن ياز تۇسا خۇرۇم ئالامدا دىدى ، ھېلىقى بالا دەرھاللا جاۋاپ بېرىپ : ماڭ قايسسا خېنىم، ئا چۈمۈلىمۇ باغووو قىشنىڭ غېمىنى يازدا يەپ ئۇۋىسىغا تاماق توپلايدىكەن، ئىشەنمىسلىرى مەنمۇ قىشنىڭ غېمىنى يەپ ئۆيگە 2 توننا كۆمە چۈشۈرۈپ قويدوم ،،، دەپتى ھېلىقى قىزلا نىمە دىيىشىنى بىلمەي چۈشۈپ كىتىشتى .  
29
رەيھان ئابلىز رول ئالغان "ئانامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى " دىگەن كىنو ھەممىمىزنىڭ ئېسىدە بولسا كىرەك . فىلىم رىژىسورى شىرزات ياقۇپ قەشقەر بۇلاقبىشى كوچىسىنى فىلىم ئىلىش ئورنى قىلىپ بىكىتىپتۇ ، تۇنجى كۈنى بۇلاق بىشى كوچىسىدىكى يەككە تىجارەتچىلەر دۇكانلىرىنى ئىتىپ رىژىسورنىڭ قۇماندانلىقىغا بويسۇنۇپ دىگەندەك شۇنداق ياخشى ماسلىشىپتۇ ، بىر كۈن ئۆتۈپتۇ ، ئىككى كۈن ئۆتۈپتۇ ، ئۇلارمۇ تىجارەت قىلمىسا بولمايدۇ دە ، ئۈچىنجى كۈنى بىر ئادەمنىڭ شۇنداق ئاچچىغى كەپتۇ دە شىرزات ياقۇپقا :  
- ماڭا قايلاشسا ، نىمە ئىش قىلىشۋاتىلا ؟
- كىنو ئىشلەۋەتقان.
- نىمە كىنوكەن ئۇ .
- ئانامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى دىگەن كىنو .
- ئانىسى ما كوچىدا تۇغۇلۇپتىكەنما ؟
30
ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە ساياھەتكە بارغان بىرەيلەن يىڭى بازاردا كىتىپ بارسا بىر باققال ۋاقىراپ تۇرۇپ قوغۇن تىلىپ سىتىۋاتقان ، قوغۇننىڭ يىڭى چىققان ۋاختى بولغاچقىمۇ ئۇ كىشىنىڭ يىگۈسى كەپ كىتىپتۇ .  
بىژ كوي بىژ كوي بىژ كوي بىژ كوي بىژ كوي  
يىقىن بىرىپ دەپتۇ : - بىر تىلىم پىچىۋىتە  
باققال قوغۇننى پىچىۋىتىپ دەپتۇ :- ما ئاكىمىز باشقا يەدىن كەلگەن ئوخشىمامدا  
- ھە ، ئۈرۈمچىدىن كەلدىم .
قوغۇننى يەپ بولۇپ بىژ كوي تەڭلەپتىكەن ، باققال دەپتۇ :- بىژ تىلىمى ئىككى كوي .
- بايا بىر كوي دەۋاتمامتىڭ .
- سىلىگە ئىككى كويلۇق پىچىپ بەدىم .
- نەدە ، ئوخشاش پىچتىڭغۇ .
- ئىككى كويلۇق پىچتىم دەيمەن ، سىلنىڭ مۇشۇ سۆلەتلىرىگە بىژ كويلۇق پىچقىلى بولامدا ؟
بەمەي دىسە تىخى ، ئامالسىز ئىككى كوي بىرىپ كىتىپ قاپتۇ .
31
ياتاقدىشىم بىلەن مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا چىقىپ قوغۇن سىتىۋاتقان باققالنى كۆرۈپ مىنىڭمۇ قوغۇن يىگۈم كەپ قالدى . بىر توپ خەنزۇ ئوقۇزۇچىلار ئورىۋاپتىكەن قىتىلىپ يۈرۈپ سورۇدۇم :  
   - ئاكا قانداق ساتتۇق قوغۇننى .
- تاللىۋىلىڭلا ، بىرسى ئىككى كوي ئۇكام .
- بىزمۇ مۇشۇ باھادا ئالامدۇق .
- ھە بولدى ، ئىككىنى ئۈچ كويغا ئەكىتىڭلا .
ئىككىنى تاللاپ پۇلىنىمۇ بىرىپ بولۇپ باشقىلارنىڭ تىتىپ بىقىشى ئۈچۈن پاچىلاپ قويغان قوغۇنغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى .
- ھەي ئاكا ، ئېنىڭدىن بىژ تىلىم پىچىۋەتسە ، تىتىپ باقاي ، تەمى قانداقراق .
- قوغۇندا سو يوق جۇما ئۇكام ، مەكتىپىڭلىغا ئىچىرىپ خاتىرجەم يەڭلا .
- شۇنداق بوسىمۇ ، پىچسىلا  بىژ تىلىم.
شۇندا يىسەم پەقەت تەمى يوق ، ۋاشاڭغا قالغان قوغۇنكەندە بۇ ..
- ھەي ئاكا ھوي ، نىماداق تەمى يوق قوغۇن بۇ .
- ئۇكاموي ، ناۋاتتا چاي دەملەپ ئىچىپ چىققان ئوخشىماملا ؟
32
بىزنىڭ قورادا دىلشاد دېگەن ئادەم بولىدىغان ،قەشقەردە قايتا تەربىيە ئالغان، شۇ ئادەم بىركۈنى ئۆز ئۆيىگە تېلىفون قىلىپ قەستەن قەشقەر شېۋىسىدە سۆزلەيدىكەن:  
ۋەي، تېژلىقما؟ دىلشاد بامۇيا؟
ئايالى تېلىفوننى ئېلىپ ، ئۆز ئېرىنى تونۇيالماي قالىدىكەن:
ياق دىلشاد يوق، سىز كىم بولىسىز؟
مەن ئاغىنىسى، ئۆزىڭىزچۇ ؟ ئۆزىڭىز چىم بولىسىز؟
مەن ئايالى بولىمەن.
ھە.... شۇنداما؟ قايسى ئايالى ؟  
ۋۇ بېشىڭنى يەيدىغان! قانچە ئايالى بار ئىدى؟
33
بىر كۈنى تاغام قەشقەرنىڭ كوچىلىرىدا ئارىلاپ كېتىۋېتىپ بىر تۇماق دۇكىنىغا كىرىپتۇ دە تۇماق سېتىۋالماقچى بولۇپ قوزۇقتىكى بىر تۇماقنى ئېلىپ كىيىپ بېقىپ ئەينەككە قاراپ دۇكاندارغا دەپتۇ : "
- ئۇستام ، ماۋۇ تۇماق ياراشتىما؟"  
شۇنىڭ بىلەن تۇماقچى تاغامغا قاراپ كېتىپ ...
- ھاجىييييييييييم ،ماڭا قايلىسىلا ...ئاۋۇ قوزۇققا ياراشقان تۇماق سىلىگە ياراشماسما ؟!  دەپتۇدەك .

مەنبە:http://tangsahar.com/bbs/forum.php
ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھىچكىم ئازدۇراممايدۇ،ئاللاھ ئازدۇغان كىشىنى ھىچ كىم ھىدايەت قىلاممەيدۇ.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6326
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 236
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە236دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 2520 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-01
ئاخىرقى: 2012-05-05

راسا  كۇلۋاپتىمەن  .  رەھمەت  .
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2468
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2468دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 30361 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-05-09
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-20 21:14

كۆردۇڭمۇ كۆرۈك قېرى؟  قاشقاغا كەلسەڭ ماشتاق گەپ ئاڭلايسە    
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
13899196193
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10629
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 274
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە274دانە
ئۆسۈش: 1770 %
مۇنبەر پۇلى: 3138 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-02
ئاخىرقى: 2012-05-05
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-20 21:24

2-قەۋەت (تاھىربەگ) نىڭ يازمىسىغا

تاھىربەگ ئۇنى قورقۇتماڭ قەشقەردىسە يۈرىكى چىقىپ كىتىدىغان بوپ قالمىسۇن     
ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھىچكىم ئازدۇراممايدۇ،ئاللاھ ئازدۇغان كىشىنى ھىچ كىم ھىدايەت قىلاممەيدۇ.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11315
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-29
ئاخىرقى: 2012-04-20
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-20 23:31

خېلى بوپتىكەن بۇنچىلىك كۈلۈپ باقمىغىلى.......قەشقىرىمنىڭ قىسقا،ئەمما جانغا تەگككۈدەك مەنىلىك گەپلىرىگە ئادەم ھەقىقەتەن قايىل بولماي تۇرالمايدۇ~~~

ئۇكام، سىلى خەتنىلىرىنىمۇ ئۆزلىرى قىلغانما؟
ئۇستووووم! ما ئاشخانىلىرىدىن ئېغىز نەمدىگىدەك سۇ تېپىلارما؟؟؟
ئۇكام، ئاچىلىرى ئەتتىگەندە بازارغا چىقىپ سەينىڭ باھاسىنى سوراپ چىي دىگەنمىتى؟
ھېلغۇ سېلكەنلا ،بىر يىل بۇرۇن كىرگەن چىۋىننىمۇ تونىۋالمەن
ئىلىڭلا بولدى ، ترەكتەك تۆۆۆت .ئوغابالا تۇرۇپ 2تال قۇغۇننى ئالامماي كەتمەڭلا يانا !!!!
قايلىسا بەش موچەنلىك مانتىنى پەتنۇستا ئەككەپ بەسەك بولامتى ؟
ۋاي سېكرىتار ، سىلى كۈندە بۇنداق ئىتتەك قاۋاپ ، قۇلىقىمىزنى ئاغرىتقىچە ، ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلىپ كەسىلىرىمۇ بوپتىكەن
- ئانىسى ما كوچىدا تۇغۇلۇپتىكەنما ؟

دوستلىشىش
dulbarqin310
توۋا دەيمەن، دۇنيادىكى ئىشلارغا.........
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1207
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1207دانە
ئۆسۈش: 570 %
مۇنبەر پۇلى: 12863 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-05-09
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-21 12:06

تەكرار تېما...
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
دوستلىشىش
ئىنسان.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11414
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 84
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە84دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 840 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-04-22
ئاخىرقى: 2012-05-09
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-22 23:42

ھى  ھى  ھى   تازا بىر كۈلۈپتىمەن مەنغۇ يېزسىدىن شەھەر ئىچىدىن بىر دوستۇم با ئەمما دەششەت گەپ قىلدۇ  
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1468
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1468دانە
ئۆسۈش: 1760 %
مۇنبەر پۇلى: 16624 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2012-05-09
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-22 23:48

لىكىن ئۇلار كۆنۈپ كەتكەندە ئۇنداق سۆزلەرگە
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3277
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 265
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە265دانە
ئۆسۈش: 210 %
مۇنبەر پۇلى: 1610 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2012-05-09
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-23 01:01

بۇ گەپلەر كونىراپ قالدى قىرىندىشىم ، يىڭى گەپلەرئۈلۈكسىز داۋاملاشماقتا !