باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1654 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: سوپاخۇن سوۋۇروف  ھەققىدە ستالىنغا يوللانغان مەلۇمات (2-)
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11381
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
ئۆسۈش: 20 %
مۇنبەر پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-04-20
ئاخىرقى: 2012-04-22
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-20 13:23

سوپاخۇن سوۋۇروف  ھەققىدە ستالىنغا يوللانغان مەلۇمات (2-)

سوپاخۇن سوۋۇروف ھەققىدە ستالىنغا يوللانغان مەلۇمات (2-)
 
" مەن كەچكەنكېچىكلەر" دىكى سوۋېت جاسۇسلىرى

نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)
 

3. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلىغا ئەۋەتكەن دەسلەپكى بەش قوراللىق ئەترىتى
تارىخىي پاكىتلار ئىسپاتلىدىكى، سوۋېت ئىتتىپاق تەرەپ گېنېرال ئېگناروۋ كەلگەندىن كېيىن قوزغىلاڭچىلارغاقورال-ياراق ياردىمى كۆرسىتىشكە كىرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما تېزدىن كۆپ ساندا ئەسكىرىكۈچ ئەۋەتمىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ نىلقا قوزغىلىڭىدىن تارتىپ، 1945-يىلىنىڭباھار ئايلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىلىغا ئەۋەتكەن قوراللىق ئەترەتنىڭ بەش ۋەئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ 600 ئەتراپىدائىكەنلىكى رەسمىي سوۋېت مەخپىي ئارخىپلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلاندى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىنىڭكومىسسارى لاۋرېنتى بېرىيا بىلەن سوۋېتئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى ۋسېۋولود مېركۇلوۋنىڭ 1945-يىلىنىڭ بېشىداستالىن ۋە تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارى ۋىچېسلاۋ مولوتوۋقا يوللىغاندوكلاتىدا مۇنداق مەلۇمات بېرىلگەن ئىدى: " يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ تەلىپىگە بىنائەن قوزغىلاڭچىلارغا ياردەم بېرىشئۈچۈن گېنېرال ئېگناروۋنىڭباشچىلىقىدا كېرەكلىك ئالاقە ئەسلىھەلىرى ۋە پارتلىتىش مۇتەخەسسىسلىرىئەۋەتىلدى. ئىلگىرى تەربىيىلەشتىن ئۆتكەن، ئەسلىدىكى شىنجاڭئاھالىسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىدىن كېلىپ چىققان، سانى 590 ئادەمدىن تەركىپ تاپقان بەش ئاتلىق ئەترەت قوزغىلاڭ پارتلىغان رايونلارغا تاشلاندى"[30].
 
بېرىيا تىلغا ئالغانمەزكۇر بەش قوراللىق ئەترەتنىڭ بەزىلىرىھەققىدە ھازىرچە دەسلەپكى مەلۇماتلار مەۋجۇت. بەلكى، ئۇنىڭ كۆزدە تۇتقانلىرىئارىسىدا نىلقا قوزغىلىڭى ئۈچۈن ئالمۇتىنىڭيېنىدا تەييارلىقتىن ئۆتكەن فاتىخ مۇسلىموف باشلىق ئون نەچچە كىشىدىن تەركىپ تاپقانئەترەتمۇ بولۇشى مۇمكىن. بۇلارنىڭئارىسىدا سەيدۇللا سەيفۇللايېفمۇ بار ئىدى .بىراق، ئۇ يارىلىنىپ قېلىش سەۋەبى تۈپەيلىدىن فاتىخقاتارلىقلار بىلەن بىرگە نىلقا تاغلىرىغا  كەلمىگەن ئىدى(31).
بېرىيا تىلغا ئالغان بۇبەش ئەترەتنى كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇئەترەتلەرگە قاتناشقانلارنىڭ ئەسلىمىلىرى ھەم سوۋېت ئىتتىپاقى ئارخىپلىرى ئارقىلىق دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتتىم. بەلكى بۇ يەنىلا ئارخىپلارنى داۋاملىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق تېخىمۇ ئىشەنچىلىك دەلىللىنىشى ۋە تولۇقلىنىشى مۇمكىن.
 
بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى ئەترەتنى ئالاھىدە ئەسكەرتىش كېرەك. سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ 1944-يىلى، 26-دېكابىرداقىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق ئاتا رايونىدا تەربىيىدىن ئۆتكەن دۈيشەنوغايبايېف، پېتىر ساۋىن ( زاكىر تۆرە)  ۋە قۇتان توگويېف قاتارلىقلارنىڭ كوماندىرلىقىدىكى 67 كىشىلىك " باتۇر" ئەترىتىنى ۋە بىرھەپتىدىن كېيىن ئوش ئەتراپىدا تەربىيىدىنئۆتكەن ئىسساقبەك مۇنونوف، گابىت مۇزىپوۋ ( غۇلجىدىكى ئىسمى ئەلى مەمەتوف ۋە ياكى ئەلى ئەپەندى) ۋە راززاق مەۋلانوف قاتارلىقلارنىڭكوماندىرلىقىدىكى 100 كىشىلىك " بۇيگۇ" ناملىق ئەترەتنى قورغاسئارقىلىق ئىلىغا ئەۋەتتى[32]. باتۇر ئەترىتى سۈيدۈڭ ۋە كۈرەنى ئېلىشقا قاتنىشىپ، 31- دېكابىركۈنىدە لوسىگوڭغا ئورۇنلاشتى ھەمدە غۇلجا ئەتراپىدا جىڭدىن كېلىۋاتقان دۈشمەن قوشۇنلىرىغا قارشى جەڭقىلدى. بۇ چاغدا " باتۇر" ئەترىتى يەرلىك ئۇيغۇر ۋە قازاق قوزغىلاڭچىلار ھېسابىغا كۆپەيتىلىپ، بىردىۋىزيونغا ئايلانغان ئىدى.
 "بۇيگۇ" ئەترىتى بولسا ھەرەمباغ سوقۇشىغا قاتناشتى ھەمدە 1945-يىلى، 17-يانۋاردىن باشلاپ، بىر ئاتلىق پولكقا كېڭىيىپ، ئىسساقبەك مۇنونوفنىڭكوماندىرلىقىدا گېنېرال شې يىفېڭقوماندانلىقىدىكى ئاچال داۋىنى ئارقىلىق غۇلجىغا ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى مازار ۋە چاپقان يوتا قاتارلىق جايلاردا تارمارقىلدى.
 
ئىشەنچىلىك ئېيتىشقابولىدۇكى، 1945-يىلىنىڭ 3-ئايلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭئەۋەتكەن ھەربىي خادىملىرىنىڭ ئادەم سانى تەخمىنەن 600 ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئەسلىدە ئۇيغۇردىيارىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەنلەرئىدى. بۇ 5 ئەترەتنى ھەرگىزمۇ مۇنتىزىم سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى دېيىشكە بولمايتتى. بىراق، جۇڭگودا نەشىر قىلىنغان << ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىتارىخى>> ۋە << ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى>>ھەم باشقا ئەسەرلەردە ھەم ماقالىلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەخسۇس قىزىل ئارمىيە قوشۇنى ئەۋەتىپ، پارتىزانلارنىڭئۇرۇشلىرىغا قاتناشتۇرغانلىقى كۆپتۈرىۋېتىلگەن شۇنىڭدەك بۇبايانلار ئۈچۈن ھېچقانداق پاكىتكۆرسىتىلمىگەن. بۇنىڭدىكى مەقسەت قوزغىلاڭچىلارنىڭرولىنى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى ئاجىز كۆرسىتىش، يەنە بىر تەرەپتىن سوۋېت ئىتتىپاقى بولمىغان بولسا، ئىنقىلابباشتىلا غەلىبە قىلالمايتتى ۋە ياكى ھەممە ئىش سوۋېتنىڭ قولى بىلەن بولغان دېگەنئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت بولساكېرەك. مۇنداق ئىدىيە ئەينى ۋاقىتتىكىمىللىي ئىنقىلابنى باستۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن گومىنداڭ ئوفىتسېرلىرى تەرىپىدىنمۇ كۆپتۈرۈلگەن ھەمدەگومىنداڭ ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتكەسوۋېت ئىتتىپاقى ئىلىدا ۋەقە چىقىرىپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۇجۇم قىلدى،سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنى شىنجاڭغا كىرگۈزدى ،دېگەندەك تەشۋىقاتلارنى يۈرگۈزگەن ئىدى.
ئەمما ، سوۋېتئىتتىپاقىنىڭ بۇ ئىنقىلابقا باشتىن -ئاخىرى ئارىلاشقانلىقى ۋە ياردەملەرنى بەرگەنلىكى ئەمەلىيەت،لېكىن خەلقنىڭ ئەسلىدىن ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنى باشلىغانلىقى، خەلق ئىچىدە جىددىيقارشىلىق ئىدىيىلىرى ھەم ھەرىكەتلىرىداۋاملاشقانلىقى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بولسا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،ياردەم بېرىش ۋە قوللاش سىياسىتى قوللىنىپ، قوزغىلاڭچىلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك غەلىبەقازىنىشىدا بەلگىلىك روللارنىئوينىغانلىقىمۇ ئەمەلىيەتتۇر. ئەگەر خەلق كەڭ كۆلەملىك ئازادلىق كۈرىشىگە ئاتلانمىغان بولسا ، ئۇلار ئەشۇ ئۆزلىرىنىڭئاخىرقى نىشانى بولغان -ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جېنىنى پىداقىلىش نىيىتىگە كەلمىگەن بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقى ھەر قانچە قىلسىمۇ، خەلقنىقوزغىيالمايتتى ھەمدە ھېچ نېمىگەئېرىشەلمەيتتى. بۇ يەردە قورال-ياراقلائەمەس، بەلكى ئازادلىق ئىرادىسى ۋە غايىسى ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىدى.
ئاشكارىلانغان ئارخىپ ھۆججەتلىرىگە تايانغاندا سوۋېتئىتتىپاقى تەرەپنىڭ كەڭرەك ھەربىي ياردىمى ۋە مۇنتىزىم سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭياردەمگە كىرىشى 1945-يىلى، 5-ئايدا ئۈچ يۆنىلىش جېڭى باشلانغاندىن كېيىن بولدى.ئۇنىڭغىچە بولغان ئارىلىقتا پەقەت ئاز ساندىكى ئايرىم ئەترەتلەر شۇنىڭدەك ئايرىمھەربىي ئىنستروكتورلار پائالىيەت قىلدى. ئەترەتلەر بىۋاسىتە جەڭلەرگە قاتناشسا، ھەربىي ئىنستروكتورلار مىللىيئارمىيىنىڭ جەڭچى-ئوفىتسېرلىرىنى مۇنتىزىم ھەربىي مەشق قىلدۇرۇش ۋە تەربىيىلەشبىلەن شۇغۇللاندى.
 سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ 1945-يىلى 1-ئايدىنباشلاپ، قورغاستا مەخسۇس مەكتەپ ئېچىپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە 160 نەپەر تۆۋەن دەرىجىدىكى ئوفىتسېرنى ھەمدە 30 غا يېقىن ھەربىي رادىستنى تەربىيىلىگەندىن تاشقىرى يەنە بىرقىسىم ھەربىي ئىنستروكتورلارنى ئەۋەتىپ، مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيە قۇرۇش ئۈچۈنئەسكەرلەرنىڭ مەشىق قىلىشىغا ياردەم بەردى. مىللىي ئارمىيىنىڭ مۇنتىزىملىشىشجەريانىدا 2-دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقانسوۋېتلىك ئۇيغۇر ئوفىتسېرلاردىن مىرزىگۈلناسىروف ۋە سەيدەخمەت ئۆمەروف قاتارلىقلارمۇ ھەربىي تەلىم-تەربىيە بېرىش ئىشلىرىغا قاتناشقان ئىدى[33].
" ستالىننىڭ ئالاھىدە پاپكىسى" دىكىھۆججەتلەرنىڭ بىرى بېرىيانىڭ ستالىن ۋەمولوتوۋقا يوللىغان گېنېرال ئېگناروۋنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە ۋەزىپىلىرىگە ئائىتدوكلات بولۇپ، بۇنىڭدا " 1945-يىلى،مارتقىچە بولغان ئارىلىقتا قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئەسكەر سانى 8300 گە يەتتى.بەلكى بۇ تېز كۆپىيىپ 12 مىڭغايەتكۈزىلىدۇ. گېنېرال ئېگناروۋقا ئۇلارنىتەربىيىلەپ، جەڭگە يارىغىدەك قىلىش،مەركىزىي جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇررايونغا مۇنتىزىم ئارمىيىنىڭ 70مىڭ ئەسكىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، قورال-ياراقلارنى كۈچەيتىش، لاياقەتلىك ھەربىي كادىرلارنىڭ يېتىشمەسلىكىنى ھەل قىلىشۋەزىپىلىرى يۈكلەندى" [34] دەپ يېزىلغان ئىدى.
 ئەنە شۇ دوكلاتتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ،موسكۋا پارتىزانلارنى تەربىيىلەپ، ئۇنى مۇنتىزىم قوشۇنغا ئايلاندۇرۇشقا جىددىيكۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى باشتىن -ئاخىرى مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيە قۇرۇشئارزۇسىدا بولۇپ، مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيە قۇرۇش پىلانلىرىنى تۈزۈش خىزمىتىگەباشتا پارتىزانلار باش قوماندانى ۋە ھەربىي ئىشلار نازىرى پېتىر رومانوۋىچئالېكساندروۋنى مەسئۇل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ 1945-يىلى، 17-يانۋاردا شېيىفېڭ قوشۇنلىرى غۇلجىغا قىستاپ كەلگەن خەتەرلىك پەيتتە ۋەزىپىسىنى تاشلاپ سوۋېتئىتتىپاقىغا قېچىپ كېتىشكە ئۇرۇنۇشى بىلەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئۇنى ۋەزىپىدىنقالدۇرغان ئىدى . ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئۇزۇنئۆتمەي  ئەخمەتجان قاسىمىنى ھەربىي ئىشلار بۆلۈمىگە مەسئۇل قىلىپ، مىللىيئارمىيە قۇرۇش تەييارلىق خىزمەتلىرىگە سالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەربىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىقىلىق ۋەزىپىسىنىزىممىسىگە ئالغان ئەخمەتجان قاسىمى جىددىيتۈردە مىللىي ئارمىيە قۇرۇلۇش خىزمىتىگە كىرىشىپ، ئالدى بىلەن مىللىي ئارمىيىنىڭ تۈزۈلمە لايىھىسى ۋە باشقامۇناسىۋەتلىك پىلانلارنى تەييارلاپئوتتۇرىغا قويدى. ئەلۋەتتە، بۇ چاغدا 2-دوم ئەخمەتجان قاسىمىغا مەسلىھەتچىلىككە سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرى، سوۋېتلىكئۇيغۇر سەيدەخمەت ئۆمەروفنى تەيىنلىگەن بولۇپ، سەيدەخەمەت ئۆمەروفنىڭ 2-دومگېنېرالى ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋقابىۋاسىتە بويسۇنۇشىدا شەك يوق ئىدى. كەسپىي ھەربىي خادىم سەيدەخمەتئۆمەروفنىڭ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ مىللىيئارمىيە قۇرۇلمۇسىغا ئائىت پىلانلىرىنى تەييارلاشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنىپەرەز قىلىش مۇمكىن.
 
مىللىي ئارمىيىنىڭ ھەربىي ئۇنۋان، پاگون،ھەربىي ئۇستاف ۋە قوشۇن تۈزۈلمىسىنىڭ سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىدىن كۆپدەرىجىدە، سابىق چار رۇسىيە ئارمىيىسىدىنئازراق دەرىجىدە ئۈلگە ئالغانلىقىدا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ 2-دومنىڭ كەسپىي ھەربىيخادىملىرىنىڭ تەكلىپى ۋە تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەسئەمەس. ئەينى ۋاقىتتا جۇمھۇرىيەتۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئەزالىرى مىللىيئارمىيىنىڭ قۇرۇلۇش لايىھىسىنى مۇزاكىرىلەردىن ئۆتكۈزگەندە،مىللىي ئارمىيىنىڭ نامىنى قانداق ئاتاش ھەققىدىمۇ كۆپ تالاش-تارتىش قىلغان.ئەخمەتجان قاسىمى دۇنيادا مەۋجۇتبولغان سوۋېت ئىتتىپاقى ، جۇڭگو ،تۈركىيە ، ئىران قاتارلىق ئەللەرنىڭھەربىي ناملىرى ھەم باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنى مىساللار بىلەن كۆرسىتىپ ، يېڭىدىندۇنياغا كەلگەن بۇ مۇنتىزىم قوشۇننىڭ ھەرمىللەتنىڭ پەرزەنت قوشۇنى ۋە ھەر مىللەتنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدىغان ئارمىيە بولۇشى لازىملىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنەئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىنقىلابنىڭمۇ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكى، شۇڭا ئۇنى << مىللىي ئارمىيە>> دەپ ئاتاش لازىملىقىدىنئىبارەت ئۆز لايىھىسىنى كۈچكە ئىگەقىلىشقا تىرىشقان. گەرچە ، ھۆكۈمەت تەركىبىدىكى بىر قىسىم ئەربابلار تەرىپىدىن مىللىي ئارمىيىنى تۈركىيىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە "مىللىيئوردۇ" دەپ ئاتاپ، تۈركچە ھەربىي ئاتالغۇ ۋە ھەربىي سىستېمىنى ئىشلىتىشتەشەببۇسى ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولسىمۇ، ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە ۋەقوللىشىغا ئېرىشىۋاتقان مىللىي ئازادلىقئىنقىلابنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن سوۋېتئىتتىپاقىنىڭ تېخىمۇ زور ياردەملىرىنى ۋەخەلقئارالىق سىياسىي قوللاشلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تەشەببۇسى توغرا تېپىلغان ئىدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيەقۇرۇش ۋە ئۇنى قوراللاندۇرۇش مەسىلىلىرىدەسوۋېت تەرەپ ، جۈملىدىن موسكۋانىڭ باش مەسلىھەتچىسى ۋلادىمىر ستېپانوۋىچئېگناروۋنىڭ مەسلىھەتىنى قوبۇلقىلماسلىقمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار مىللىي ئارمىيىنىسوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئۈلگىسىدىكى مۇنتىزىم ئارمىيە قىلىپ قۇرۇش چىقىشنىڭ كۆپ جەھەتلەردىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپيەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۆز لايىھىسى ۋە تەشەببۇسىدا چىڭ تۇردى. خۇددى لاۋرېنتى بېرىيا يوسىف ستالىنغا يوللىغان دوكلاتىداكۆرسەتكەندەك ، مىللىي ئارمىيىنى قۇرۇش ۋە تەييارلىقتىن ئۆتكۈزۈش ئىشلىرىغا باش ھەربىي-سىياسىي مەسلىھەتچى ئېگناروۋ بىۋاسىتە ئارىلاشقان ئىدى.
1945-يىلى، 3-ئايدىنباشلاپ، مۇنتىزىم ئارمىيە قۇرۇش ئىشلىرى جىددىي تۇتۇش قىلىنىپ ، پارتىزانئەترەتلىرى ئۆزگەرتىلىپ، پارتىزانلار ۋەپارتىزان كوماندىرلىرى مۇنتىزىم ئارمىيىنىڭ ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرىگەئايلاندۇرۇلدى شۇنىڭدەك جۇمھۇرىيەتۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ 1945-يىلى، 2-فەۋرال كۈنى ئېلان قىلغان 19-نومۇرلۇق ھەربىيئىشلار قارارى بويىچە 20 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان پۇقرالار ئەسكەرگە قوبۇل قىلىنىپ، سوۋېت ھەربىي ئىنستروكتورلىرى ۋە يەرلىك كوماندىرلار تەرىپىدىن مەشىق قىلدۇرۇلدى. قىسقا مۇددەتئىچىدە چىلپەڭزىدە تەربىيىلەنگەن بىر قىسىم تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسېرلار ھەر قايسى قوشۇنلارغا تەقسىم قىلىندى ھەمدەيەنە داۋاملىق تۈردە ئۈچ ئايلىق ئوفىتسېر تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىلدى.
 
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، 1945-يىلى، ئاپرىل ئايلىرىدا سانى تەخمىنەن 15 مىڭ بولغان[35] مۇنتىزىممىللىي ئارمىيىنىڭ يەتتە ئاتلىق ۋە پىيادە پولكى، ئۈچ ئاتلىق ۋە پىيادەمۇستەقىل باتالىيونى ، بىر زەمبىرەكچىلەرباتالىيونى ھەم بىر ئاتلىق مۇستەقىلئېسكادرونىنىڭ جەڭگىۋار ۋە مۇنتىزىم ھالدا جىڭ، شىخو، تارباغاتاي ۋە ئالتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى جايلارغائورۇنلاشتۇرۇلغان گومىنداڭنىڭ ئۈچ دىۋىزىيىگە يېقىن مۇنتىزىم ھەربىيكۈچىنى تارمار قىلىپ، ئۈچ ۋىلايەتنى تولۇق ئازاد قىلىشىدا ھەمدە قوشۇننىڭ1946-يىلى، 6-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا داۋاملىق كۆپىيىپ، تەخمىنەن 30 مىڭ كىشىلىكئارمىيىگە ئايلىنىشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇشقابولمايدۇ. ئۈچ ئايلىق مۇنتىزىملىشىش،قاتتىق ھەربىي مەشىق ۋە ھەربىيتەييارلىق ئۆمرىدە مىلتىق تۇتۇپ باقمىغانئۇيغۇر دېھقان ياشلىرى ۋە قازاقچارۋىچىلىرىنىڭ روھىدىكى قەھرىمانلىقلارغاتېخىمۇ زور كۈچ قوشۇپ، ئۇلارنىڭ گومىنداڭنىڭ ئەڭ ئىلغار قورال-ياراقلىرى بىلەن قوراللانغان، ياپونىيەئارمىيىسى بىلەن جەڭ قىلىپ، تەجرىبىلەرگە ئىگە بولغان مۇنتىزىم قوشۇنلىرىنى،يەنى غەربىي شىمالنىڭ يەرلىك پادىشاھىھېسابلانغان مىلىتارىست خۇ زوڭنەنگە تەۋە 29- گۇرۇپپوۋاي ئارمىيىنىڭ يېڭى 2-كورپۇسىنى بىتچىت قىلىپ تاشلىيالىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. ئەمما، شۇ نۇقتىنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى، ئەگەر باتۇر ئەسكەر بولمىسا، قوماندان قانچەجەڭگە ماھىر ۋە يۇقىرى ھەربىيتەلىم-تەربىيىگە ئىگە بولسىمۇ بىكار. گومىنداڭنىڭ يېڭى 2-كورپۇس قوماندانى گېنېرال لېيتىنانت لى تېجۈن، يېڭى 45-دىۋىزىيە كوماندىرى گېنېرال مايور شېيىفېڭ ۋە گېنېرال مايور گۇچى، زاپاس7-دىۋىزىيە كوماندىرى لى يۈشاڭ، يېڭى 45-دىۋىزىيىنىڭ پولك كوماندىرلىرىدىن خۇ ۋېنسى ۋە باشقا پولكوۋنىكلار ھەمدە باتاليونۋە روتا كوماندىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىخۇئاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن كەسپىي ئوفىتسېرلار ئىدى. بۇلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك جەڭ قىلىش تەجرىبىسى بار بولۇپ،ئۇلارنىڭ بەزىلىرى جاڭ جېشىنىڭ1927-يىلى، شىمالغا يۈرۈش قىلىش ،1928-1937-يىللىرى ئارىسىدا جۇڭگو قىزىل ئارمىيىسىنى قورشاپ يوقىتىش ئۇرۇشلىرىغاھەمدە 1937-يىلىدىن كېيىن ياپونغا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئۇرۇشلارغا قاتناشقان شۇنىڭدەك كۆپلىگەن جەڭلەرگە قوماندانلىق قىلغان كونا ھەربىي كوماندىرلار ۋە گېنېراللار ئىدى. بىراق، ئۇلار ئۇيغۇر، قازاق،قىرغىز، تاتار، موڭغۇل ، تۇڭگان ۋە رۇس پارتىزانلىرى ھەم كوماندىرلىرىنىڭ قولىدا يېڭىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە 1945-يىلى، 5-ئايدىن كېيىن مۇنتىزىممىللىي ئارمىيىنىڭ قولىدىمۇ داۋاملىق مەغلۇپ بولدى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئامالسىزلىقتىن <<ياتلارنى ياتلارنىڭ قولى بىلەنيوقىتىش>> ئەنئەنىسى بويىچە گەنسۇدىكىما بۇفاڭنىڭ قوماندانلىقىدىكى تۇڭگان ۋە سالا قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنى ئاساسقىلغان ئاتلىق 5-كورپۇسنى يۆتكەپ كېلىپ،مۇسۇلمانلارنى مۇسۇلمانلار ئارقىلىق يوقاتماقچى بولدى.
گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىكى پاجىئەلىكمەغلۇبىيەتلىرىدە تۈرلۈك ئامىل مەۋجۇت بار. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب، گومىنداڭ ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرلىرى قورقۇنچاق، ئۆلۈمدىن قورقىدىغانلىقى، ئۇلاردا يەرلىك خەلقلەرنى دۈشمەن ھېسابلاش،ئۇلارنى كەمسىتىش، ھاقارەتلەش خاھىشى كۈچلۈك ئىدى.شۇ سەۋەبتىن ئۇلار بارلىق ئۇرۇشجەريانىدا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەت خەلقىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلمەي، ئارقاسەپسىز قالدى.
گومىنداڭ ئوفىتسېرلىرىتېخىمۇ شۇنداق بولۇپ، ئۆز ئەسكەرلىرىنىڭئۆلە-تىرىلىشىگە قارىماي، ئۆزلىرىنىڭ جېنىنى ساقلاشنى ئويلايتتى. بۇ خىل يەكۈننىئەينى ۋاقىتتىكى گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ئوفىسېرلىرىدىن بىرى دۇ شېزوڭمۇ شۇنداقچىقارغان ئىدى(36).
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يەرلىك مۇھىت ۋە ھاۋاكىلىماتىغا كۆنەلمىگەن گومىنداڭ ئەسكەرلىرى ۋە كوماندىرلىرى ئۆزلىرىدىكى يۇقىرىقى بىر قاتار كەمچىللىكلىرىبىلەن قوشۇلۇپ، پارتىزانلار ۋە كېيىن مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيىنىڭ زەربىلىرىگەمۇتلەق تەڭ كېلەلمىدى. گومىنداڭ ئوفىتسېر-گېنېراللىرى بولسا ئۆزلىرىنىڭ بۇمەغلۇبىيىتىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا دۆڭگەپ، ھە- دېسىلا ئۆزلىرىنى سوۋېت قىزىلئارمىيىسى بىلەن جەڭ قىلغان، ئۆزلىرىنىڭ رەقىبلىرىنىڭ يەرلىك پارتىزانلارئەمەس، بەلكى مۇنتىزىم سوۋېت ئىتتىپاقىقىزىل ئارمىيىسى ئىكەنلىكىنى پەدەزلەپ، ئۆزلىرىدىن يۇقىرى باش قوماندانلىقشىتابلىرىغا مەلۇمات يوللاپ، ئۆزلىرىنى جازاغا تارتىلىشتىن ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇندى.
 
مۇنداق كۆپتۈرمە دوكلاتلار، يالغانمەلۇماتلار، ھەرەمباغنى مۇداپىئە قىلغانگېنېرال مايور دۇ دېفۇدىن تارتىپ، باشتا غۇلجا ئەتراپىدا، كېيىن شىخودا مەغلۇپبولغان يېڭى 45-دىۋىزىيە قوماندانى گېنېرال مايور شې يىفېڭ، كەڭساي ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان زاپاس 7-دىۋىزىيە كوماندىرىگېنېرال مايور لى يۈشاڭ، 45-دىۋىزىيىنىڭ3-پولكىنىڭ كوماندىرى پولكوۋنىك خۇ ۋېنسى، ھەرەمباغنى مۇداپىئە قىلغان پولكوۋنىك ساۋ رىلىڭ، جىڭدا مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن گېنېرال مايورگۇچى ھەتتا مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىباستۇرۇشتىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە باش قوماندانلىققا تەيىنلىنىپ، 1944-يىلى،12-ئايدىن 1945-يىلى، 9-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق ھەربىي ھەرىكەتلەرگەقوماندانلىق قىلغان يېڭى 2-كورپۇس قوماندانى گېنېرال لېيتىنانت لى تېجۈن قاتارلىقلارنىڭ قەلىمى بىلەنمۇ8-ئۇرۇش رايونى قوماندانى جۇ شاۋلياڭ ۋە باشقىلارغا يوللانغان ئىدى.
بۇ خىل كۆپتۈرۈلگەن تېلېگراممىلار ۋە مەلۇماتلار گومىنداڭ تارىخچىسى جاڭ داجۈننىڭ << شىنجاڭدىكى 70 يىللىقبوران-چاپقۇن>> ناملىق كىتابىدىنئورۇن ئالغان.
ھەقىقەتەن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارتىزانلارغا ۋە مىللىيئارمىيىگە ياردەم بەرگەنلىكى راست، ئەممابۇ ياردەملەرنىڭ چەكلىك بولغانلىقى، ھەرگىزمۇ مەغلۇپ بولغان گومىنداڭئوفىتسېرلىرىنىڭ يالغان ۋە كۆپتۈرمە ئۇچۇرلىرىدا ئېيتىلغاندەك بولمىغانلىقىمۇ ھەقىقەت .  سوۋېت ئىتتىپاقى ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭخەلقئارالىق ئابرويى ، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلارغا بەرگەنۋەدىلىرى ئۈچۈن ھەرگىزمۇ ئىلى ئىنقىلابىنىئاشكارا قوللىمىغان بولۇپ، ئۆزياردەملىرىنى مۇتلەق مەخپىي تۈردە كۆرسەتكەن ئىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن موسكۋا زور ساندىكى سوۋېت قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرىنىگومىنداڭ ئارمىيىسى بىلەن بىۋاسىتە جەڭ قىلىشقا ئەۋەتمىگەن بولۇپ، پەقەت ئايرىمئەترەتلەر ۋە ياكى ئوفىتسېرلارنىپارتىزانلار ھەم مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيىنىڭ تەركىبىدە جەڭ قىلىشقا ئەۋەتكەن. بۇلارنىڭ سانىمۇ كۆپ ئەمەس ئىدى. بۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1934-يىلى، ۋە 1937-يىلى مۇنتىزىم قوشۇنلىرىدىن ن ك ۋ د نىڭ ئالمۇتا 13-ئاتلىق پولكى قاتارلىقپولك دەرىجىلىك قوشۇننى بىۋاسىتە ئۆلكىگەكىرگۈزۈپ تۇڭگان ۋە ئۇيغۇر قوشۇنلىرىبىلەن جەڭ قىلدۇرغىنىغا ئوخشىمايتتى.
 ھەتتا مەخپىيەتلىك سەۋەبىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىمەخسۇس ئورگانلىرى ئىلىغا ئەۋەتكەن ئاتلىقپارتىزانلارنىڭ كىيىملىرى، ئىشلەتكەنقوراللىرىغىچە ئالماشتۇرىۋەتكەن ھەمدەخادىملارنىڭ يانلىرىدىكى ئەسلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا مەنسۇپ بولغان كىملىككىنىشكىلىرى ۋە بەلگىلىرىنى يىغىۋالغانبولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەنلىكىنى يەرلىككىشىلەرگە ئېيتىشىمۇ چەكلەنگەن ئىدى. بىراق، مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغاندىنكېيىن، كوماندىرلار تەركىبىدىكى يەرلىك كوماندىرلار كىمنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەنلىكىنى بىلگەن بولسىمۇ،ئەمما ئىنتىزام تۈپەيلىدىن داۋراڭسېلىنمىغانلىقى مەلۇم.
سوۋېت ئىتتىپاقى مەيلى خەلقئارا سورۇنلاردا ۋە ياكى گومىنداڭرەھبەرلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە ھېچقاچان ئۆزىنىڭ ئىلى ئىنقىلابىغا ھەربىي ياردەمبېرىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئەمەس. موسكۋا باشتىن ئاخىرى بۇنى يەرلىك خەلقنىڭ خاتا سىياسەت كەلتۈرۈپ چىقارغان ئازادلىقكۈرىشى ۋە قوزغىلىڭى ئىكەنلىكى ، بۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھېچ بىر ئالاقىسىيوقلۇقىنى تەكىتلىگەن.
بىراق، ئېتىراپ قىلىشلازىمكى، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنى قوزغىلاڭ بىلەن ئالاقىسى يوق دېگەن بىلەن بەرىبىر مەخپىيتۈردە مىللىي ئارمىيىنى چەكلىك دەرىجىدىكى ھەربىي ئىنسترۇكتور،ئوفىتسېر ۋە جەڭ قىلغۇچى خادىملار ھەم قورال-ياراق، ئوق-دورا ۋە ھەربىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەشنى تاكى 1945-يىلى 10-ئايغىچەداۋاملاشتۇردى ھەمدە بىراقلا ئۆز ئادەملىرى، قورال-ياراق ۋە ئوق –دورىلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. بۇ قوراللار ۋە ئوق-دورىلار ھەم خامئەشيالارنىڭ بىر قىسىمى باشتا يېزا ئىگىلىك ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئالماشۇرۇلغان ئىدى. چۈنكى، ئىنقىلاب باشلانغاندا سوۋېت قىزىلئارمىيىسىنى ياۋروپادا جەڭ قىلىۋاتاتتى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئاشلىق، مال-چارۋا،خام ئەشيا قاتارلىق تۈرلۈك مەھسۇلاتلاركېرەك ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى قورال-ياراقلىرىنىڭ بىر قىسىمىنى بىكارغابەرمىدى ھەمدە سودىنى يولغا قويۇپ، ئىلى، چۆچەكنىڭ سودىگەرلىرىنىڭ شۇنىڭدەك<<تەرەققىيات شىركىتى>>نىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلارنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېنىك سانائەت مەھسۇلاتلىرى بىلەنئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن يول ئاچقان ئىدى.
 
مىللىي ئارمىيەئارتىلىرىيە دىۋىزىيونىنىڭ كوماندىرى ئەسىھەت تېيىپوفنىڭ 2004-يىلى سۆزلەپبېرىشىچە، ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرى مىللىي ئارمىيىنىڭئارتىلىرىيە دىۋىزىيونىنى قۇرۇش ئۈچۈنكەڭسايدا 1945-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ رەسمىي تەربىيىلەشكە كىرىشكەن بولۇپ، 3-4ئايلىق تەربىيىدىن كېيىن مىللىي ئارمىيىنىڭ ئارتىلىرىيە دىۋىزىيونى قۇرۇپ چىقىلىپ، جىڭ ۋە شىخو ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقانئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ياردەملىرى ئۈچۈن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت رەئىسى ئەلىخان تۆرە 1945-يىلى مايئېيىدا مەخسۇس موسكۋا خەت يېزىپ، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرسەتكەن ياردەملىرىگە رەھمەتبىلدۈرگەن[37].
 
شۇنىڭدىن كېيىن يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىكومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى 1945-يىلى 6-ئايدا قوزغىلاڭچىلارغا ياردەم بېرىپ، مىللىيئارمىيىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن قىزىل ئارمىيىنىڭ 500 نەپەر ئوفىتسېرى ۋە 2000 نەپەر ئەسكىرىنى ئەۋەتكەن[38]. سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرىنىڭمەسئۇلى لاۋرېنتى بېرىيا مەركىزىي كومىتېتسىياسىي بىيورو ئەزاسى ۋە تاشقى ئىشلار كومىسسارى ۋىچېسلاۋ مولوتوۋقا يازغان دوكلاتىدا " شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قوزغىلاڭ ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن قىزىل ئارمىيىنىڭ ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرلەرنىيەتكۈزۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى" دەپ مەلۇمات بەرگەن[39].
بىراق، بۇ قوشۇنلارنىڭ قايسى جەڭلەرگە قانداق شەكىلدەقاتناشقانلىقى ئېنىق ئەمەس.
لېكىن، ھازىرغىچە مەلۇمبولغان ئۇچۇرلار كۆرسەتتىكى شىخو ۋە جىڭدىكى جەڭلەر مىللىي ئارمىيىنىڭ ئەڭ شىددەتلىك ئۇرۇشلىرىبولۇپ، بۇ ئۇرۇشلارغا مىللىي ئارمىيىنىڭبارلىق كۈچى ۋە بارلىق قىسىملىرى سېلىنغانئىدى. ھازىرغىچە مەخسۇس سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئايرىم بىر باتالىيونى ۋە ياكىبىر پولكىنىڭ جىڭ ۋە ياكى شىخو ئۇرۇش مەيدانىدا ئۆز ئالدىغا جەڭ قىلغانلىقىھەققىدە مەلۇمات يوق.
پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى،مەزكۇر 500 ئوفىتسېر ۋە 2000 ئەسكەر بەلكى مىللىي ئارمىيىنىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرايۆنىلىشتىكى، بەلكى ئاساسلىقى ئوتتۇرا يۆنىلىشتىكى قىسىملىرىنىڭ ئارىسىغاچېچىۋېتىلگەن بولۇشى، ئوفىتسېرلارنىڭ بولسا، ھەر قايسى قىسىملارنىڭ ھەردەرىجىلىك كوماندىرلىق ۋەزىپىلىرىنىئاتقۇرغان بولۇشى ئېھتىماللىققا يېقىن، ئەگەردە سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ئايرىمپولك ۋە ياكى ئايرىم باتالىيون سالاھىتىدە جەڭ قىلغان بولسا بۇنىڭ ئاسانلا سىرتقا بىلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.
 
دېمەك، كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىراز كەڭ كۆلەملىك ياردىمىمىللىي ئارمىيە قۇرۇلۇپ، رەسمىي ئۈچ فرونت بويىچە جەڭ قىلىشقا كىرىشكەندە بولغان.مۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، جىڭ ۋە شىخودىكى ئىككى دىۋىزىيە گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىش ئۈچۈن مىللىي ئارمىيىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش زۆرۈرئىدى. بېرىيا ئۆز دوكلاتىدا گومىنداڭنىڭبۇ ئۆلكىگە <<70 مىڭ كىشىلىك مۇنتىزىم قوشۇنىنىئورۇنلاشتۇرغانلىقى>>نى ئالاھىدە ئەسكەرتىشى تەسادىپىي ئەمەس. بۇ ۋاقىتتامىللىي ئارمىيىنىڭ قوماندانلىق شىتابىدا تۈزۈلىدىغان ھەربىي ھەرىكەت پىلانلىرى، ئۇرۇش خەرىتىلىرى ۋە باشقا ھەربىيئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي خادىملىرىنىڭقاتناشقانلىقى ھەتتا مۇھىم رولئوينىغانلىقى شۈبھىسىز. سوپاخۇنسوۋۇروف ئۆز ئەسلىمىسىدە مىللىي ئارمىيەقوماندانلىق شىتابىدا پۈتۈنلەي دېگۈدەك سوۋېتلىكلەرنىڭ بولغانلىقى ھەققىدىكىئۇچۇرى دەل ئەنە شۇ يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان مەلۇماتلار بىلەنمۇناسىۋەتلىكتۇر. سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ بۇمەلۇماتلىرى مىللىي ئارمىيە شىتاب تەركىبىنى چۈشىنىشتە مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتىگەئىگە.
4. سوپاخۇن سوۋۇروف قەلىمىئاستىدىكى ئاقسۇ ئۇرۇشى ۋە سوۋېتئىتتىپاقى
 
سوپاخۇننىڭ ئەسلىمىسىدە، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ۋە مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابى ئۇنىئاقسۇدا پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىشقا بەلگىلەيدۇ. ئۇ مىللىي ئارمىيە شىتابىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۇ ئاقسۇغا بېرىش يوللىرىنىۋە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن ئىسكەندەر بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئىسكەندەر ئۇنىتېكەس پولكىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ يەردە نوغايبايېف، ئىسكەندەر قاتارلىقلار بىلەنئاقسۇغا بېرىش ھەربىي ھەرىكەتمەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ.
 سوپاخۇننىڭ ئەسلىمىسىدىكى بايانلاردىنكۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سوپاخۇن باشلىق 100 دىن ئارتۇق گومىنداڭنىڭ ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى خىلقورال-ياراقلىرى بىلەن مىللىي ئارمىيەتەرەپكە ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بىر مەزگىل گۇمان بىلەن كۆزىتىلىدۇ. باشقوماندانى ئىۋان پالېنوۋ ئۇلارنىڭ قوراللىرىنى يىغىۋېلىپ، تارقاقلاشتۇرىۋېتىدۇ.ھەتتا شىتابتىكى بىر سوۋېتلىك پولكوۋنىك دەرىجىلىك ئوفىتسېر ئۇنىڭدىن گۇمانلىق سوئال سورايدۇ.
سوپاخۇن سوۋۇروف ئەترىتىنىڭ بىر مەزگىل گۇمان ئاستىدا بولغانلىقىزىيا سەمەدىنىڭ " ئەخمەت ئەپەندى" ناملىق ھۆججەتلىك بىئوگرافىكرومانىدىمۇ ئەسلىتىلىپ ئۆتۈلگەن بولۇپ،ئۇنىڭ يېزىشىچە، قوماندانلىق شىتابىدىكى << ئاق باش>> لەقەملىكسوۋېتلىك مەسلىھەتچى سوپاخۇن ئەترىتىگە ھەمدە ئۇنىڭ پارتىزانلىرىنىڭ جەنۇبقائەۋەتىلىشىگە گۇمانلىق قارايدۇ. مۇنداق گۇماننىڭ ئاساسلىقى سوۋېت ئوفىتسېرلىرى ، بولۇپمۇ 2-دوم تەرىپىدىن بولغانلىقىنىپەرەز قىلىش مۇمكىن.
 شۇنى، ئەسكەرتىش كېرەككى، سوپاخۇن، قاسىمجان قەمبىرى ۋە ئابدۇكېرىمئابباسوف قاتارلىق ئەسلى كېلىپ چىقىشىجەنۇبلۇق بولغان كىشىلەرنىڭ ھەربىي-سىياسىي مەسئۇللىقىدا 200 كىشىلىك پارتىزان ئەترىتىنى ( سىياسىيتەشۋىقات ۋە سودا-ئارقا سەپ خادىملىرىمۇ ئۆز ئىچىدە) ئاقسۇ تەۋەسىگە چۈشۈرۈشى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭلا پىلانى بولماستىنبەلكى مىللىي ئارمىيە شىتابى ۋە 2-دومنىڭپىلانى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا مىللىي ئارمىيىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇمنىشانى جىڭ ۋە شىخودىن ئىبارە ئوتتۇرا يۆنىلىش بولۇپ، ئەگەردە ئوتتۇرا يۆنىلىشتە غەلىبە قىلىنسا، شىمال ۋە جەنۇبىييۆنىلىشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولاتتى. جىڭ ۋە شىخو لىنىيىسىگە گومىنداڭئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئىككى نۇقتا مىللىي ئارمىيىنىڭپۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنى ئازاد قىلىپ، گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى شىڭ شىڭشادىن قوغلاپ چىقىرىشىنىڭ ئاچقۇچى ئىدى. ئەمما، يەنە بىر خەتەر شۇكى، مىللىي ئارمىيە پۈتۈن كۈچىنى شىمال ۋە ئوتتۇرا يۆنىلىشتىكى ئۇرۇشقا سېلىپ،غۇلجىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئارقا سەپلەردە ئەسكەر قالمىغان مۇنداق ئەھۋال ئاستىدائاقسۇ، قەشقەر ۋە كۇچاردىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرى كۈچىنى توپلاپ مۇزداۋانئارقىلىق ئىلىغا ھۇجۇم قىلىپ، مىللىيئارمىيىنىڭ ئارقا سېپىنى بۆسۈپ تاشلىشى مۇمكىن ئىدى. مۇنداق نازۇك ئەھۋال ئاستىدا قوماندانلىق شىتاب سوپاخۇن ئەترىتىنى ئاقسۇغا ئەۋەتىپ، پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىپ، دۈشمەننى ئۆزىگەجەلىپ قىلىپ تۇرۇش ئارقىلىق ئوتتۇرا يۆنىلىش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغاكەلتۈرمەكچى بولدى. مەزكۇر ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى ئىنتايىن يۇقىرىبولغان بۇ ھەربىي ھەرىكەتكە 2-دوم گېنېرالى ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋنىڭئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ موسكۋانى خەۋەردار قىلىشى تەبىئىي ئىدى.
سوپاخۇننىڭ بايانقىلىشىچە، ئاقسۇدىكى پارتىزانلىقھەرىكەتنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى باشقوماندان پالېنوۋ ئۆزى بىۋاسىتەتەكىتلەيدۇ ھەمدە ۋەزىپە تاپشۇرىدۇ.
ئاقسۇدىكى بۇ ھەربىيھەرىكەتنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ ئەنە شۇنداق ناھايىتى مۇھىملىقى تۈپەيلىدىن 2-دوم مەخسۇس تۈردە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىككى ھەربىي خادىم زاكىر تۆرە بىلەن ئىسكەندەر ئەپەندىنى سوپاخۇنئەترىتىگە باش مەسلىھەتچىلىككە تەيىنلىگەن ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ن ك ۋدسى ( خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتى)نىڭ پودپولكوۋنىك دەرىجىلىك مەزكۇر ئىككىئوفىتسېرى بىۋاسىتە گېنېرال ئېگناروۋقا بويسۇنىدىغان بولۇپ، زاكىر تۆرىنىڭ كېيىن يېزىپ قالدۇرغان ئاقسۇئۇرۇشى ھەققىدىكى ئەسلىمىسىدە ئۆزىنىڭ ۋەئىسكەندەرنىڭ بۇ ۋەزىپىگە ۋلادىمىر ستېپانوۋىچتەرىپىدىن تەيىنلەنگەنلىكىنى يازىدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە مىللىي ئارمىيە باش شىتابىئەمەس، بەلكى ۋلادىمىر ئېگناروۋلا مەۋجۇتئىدى. زاكىر ئەسلىمىسىدە يۇقىرىنىڭ سوپاخۇن ئەترىتىنى ئۆزىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىغاتاپشۇرغانلىقىنى شۇنىڭدەك ئەترەتنى ئاقسۇغا ئۇزىتىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دەرھال غۇلجىغا قايتىپ، ئەھۋالنى ۋلادىمىر ستېپانوۋىچقا دوكلاتقىلغانلىقىنى يازىدۇ. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بۇرۇنلا ئاقسۇغا مەخپىي ئادەملەرنى ئەۋەتكەنلىكى، ئەلىخانتۆرىگە تەشۋىقات چاقىرىقلىرىنى يازدۇرۇپ، بۇ تەشۋىقاتلارنى ئاقسۇ تەۋەسىدىكى مەسچىتلەرگە تاشلاتقانلىقىنىبايان قىلىدۇ.
 سوپاخۇن ئۈچۈن ئۆزى بىلەن بىرگە ئاقسۇغا چۈشكەن زاكىر ۋە ئىسكەندەر دېگەن كىشىلەر ئۆز ھەرىكىتىگەئەڭ تەسىر كۆرسەتكەن شەخسلەردۇر.بولۇپمۇ سوپاخۇن بىلەن زاكىرنىڭ بىۋاسىتەھەربىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بولۇپ، ئۇ زاكىر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ھەققىدە بىرقەدەر كۆپرەك بايان قىلىدۇ. ئاقسۇدىنچېكىنىش بۇيرۇقى كېلىپ، پارتىزانلار چېكىنىپ، قورغانغا كېلىپ ، 10 كۈندىن ئارتۇقۋاقىت تۇرۇپ قالىدۇ. زاكىر تۆرە بۇ ۋاقىتتا قورغاندا مەخسۇس رادىئو ئالاقە پونكىتىقۇرۇپ، ئۆزىنىڭ رۇس رادىستى بىلەنتۇراتتى. سوپاخۇن قورغاندا ئۇنىڭدىن ئاقسۇدىن نېمە ئۈچۈن چېكىنگەنلىكنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، ئۇ " بىلمەيمەن" دەپ جاۋاب بېرىپ، بۇ مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇ سوپاخۇندىن ئاقسۇئەتراپىغا ما بۇفاڭنىڭ قوشۇنلىرىنىڭكەلگەن ياكى كەلمىگەنلىك ئەھۋالىنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. سوپاخۇن ئىبرايىماخۇنئىسىملىك كىشىنى ئەۋەتىپ، 5-كورپۇسنىڭتېخى ئاقسۇغا كەلمىگەنلىكى ، ئەمما پات يېقىنداكېلىدىغانلىقى ۋە غۇلجىغا ھۇجۇم قىلىشىمۇمكىنلىكىگە ئائىت ئۇچۇرنى ئىگىلەپ يەتكۈزىدۇ. بۇ ئۇچۇر زاكىرنى ئىنتايىن خۇشال قىلىۋېتىدۇ.
 1945-يىلى، 12-ئايدا سوپاخۇن غۇلجىغا قايتقاندىن كېيىن، زاكىرنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىدە 1946-يىلىنىڭ يېڭى يىلىنى بىرلىكتە كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىغاقاتنىشىدۇ. سوپاخۇننىڭ يېزىشىچە، بۇ يەردىكى سورۇندىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سوۋېتلىكئوفىتسېرلار ۋە گېنېراللار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىسكەندەرمۇ بار ئىدى. ئىسكەندەر ئاقسۇغا بارغان سوپاخۇن،قاسىمجان قەمبىرى ۋە سىدىق ھاجىلار بىلەن بۇ يەردە قۇچاقلىشىپ كۆرۈشىدۇ. مېھماندارچىلىق تازا قىزىپ، ھاراقلار يېتەرلىكئىچىلگەندىن كېيىن، زاكىر سوپاخۇننى ئايرىم خانىغا باشلاپ، ئۇنىڭغا ئۆزلىرىنىڭنېمە ئۈچۈن ئاقسۇدىن چېكىنىشىنىڭ سەۋەبىنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىق شەرتى بىلەن سۆزلەپبېرىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئاقسۇدىكىئۇرۇشنى توختىتىش بىۋاسىتە موسكۋا ئارقىلىق ئىلى باش قوماندانلىق شىتابىدىن كەلگەن. ئىلى شىتابى موسكۋانىڭ تېلېفونىنىتاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئاقسۇدىن چېكىنىشبۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن. زاكىر يەنە ستالىنبىلەن جاڭ كەيشىنىڭ پۈتۈشكەنلىكى، ئەمدى ئۇرۇش بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپبېرىدۇ[40]. سوپاخۇننىڭ يېزىشىچە، مانا بۇئۇنىڭ زاكىر تۆرىنى ۋە ئىسكەندەرنى  ئاخىرقى بىر قېتىم كۆرۈشى بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ زاكىر ۋەئىسكەندەرنى ئىككىنچى قېتىم كۆرمىگەن.
شۇنى ئەسكەرتىشنى مۇۋاپىق تاپتىمكى، پارتىزانلار باينى ئىشغال قىلغاندىنكېيىن، پارتىزان رەھبەرلىرى ئىككى نەپەر سوۋېتلىك ھەربىي مەسلىھەتچى زاكىر بىلەن ئىسكەندەرلەرنىڭ قاتنىشىشىبىلەن ئۇرۇشنى ئاقسۇ شەھىرىئەتراپىغىچە كېڭەيتىش، مۇز داۋان يولىنىئېچىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ. ئاخىرى ئالدى بىلەن قورغاننى ئازاد قىلىپ، مۇز داۋانيولىنى ئېچىش قارار قىلىنىدۇ.
 
زاكىر تۆرە ئاقسۇ ئۇرۇشى ۋە سوپاخۇن ھەققىدە يازغان قىسقا ئەسلىمىسىدە ئەسلىدە پارتىزانلارنىڭ ئاقسۇ ئەتراپىغا بېرىش ۋە ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلىشنىيىتى بولمىغانلىقى، قورغاننى ئازاد قىلغاندىن كېيىن، ئۈمىد تۇغۇلۇپ، ئىنقىلابنىكېڭەيتىش قارارىغا كەلگەنلىكىدىن ئىبارەتپارتىزانلارنىڭ يېڭىدىن چىقارغان بۇ قارارىنى ۋلادىمىر ستېپانوۋىچقايەتكۈزۈپ، ئۆزى ۋە ئىسكەندەرنىڭ غۇلجىدىنياردەم ئېلىش ئۈچۈن كەتكەنلىكىنى يازغان .
بۇ ۋاقىتتا پارتىزان رەھبەرلىرى ئارىسىداكۇچارغا ھۇجۇم قىلىش، قورغانغا ھۇجۇمقىلىش ۋە ئۇچتۇرپانغا ھۇجۇم قىلىش ھەمدە ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت بىر قانچەتاللاش بار بولۇپ، ئۇلار ئۇزاقتالاش-تارتىش قىلغان ھەمدە ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ ئۇچتۇرپاننى ئازاد قىلىپ، بۇيەرنى بازىغا ئايلاندۇرۇش، ئەگەردە مەغلۇپ بولسا ئۇچتۇرپان ئارقىلىق سوۋېتئىتتىپاقىغا چېكىنىش ھەم ئۇ يەردىن ياردەم ئېلىش تەكلىپى مەزكۇر سوۋېت مەسلىھەتچىلىرى تەرىپىدىن سۈكۈت ئىچىدە قارشى ئېلىنمايدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سوۋېت مەسلىھەتچىلىرى ئابباسوفنىڭ بۇ تەكلىپىنى بۇ ئىنقىلابنىڭ سوۋېتئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىك سىرىنى ئاشكارىلاپ قويۇشقا ئېلىپ كېلىدۇ دەپ چۈشەنگەن. سوپاخۇننىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، سوۋېتلىك بۇمەسلىھەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىشىدىن بەك ئەنسىرەيتتى. زاكىر بىلەن ئىسكەندەر پارتىزان قوماندانلىرىنىڭ ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلىشپىلانىنى مۇۋاپىق دەپ قاراپ ، ئالدى بىلەنغۇلجىدىن رۇخسەت سوراش قارارىغا كەلگەن ئىدى. زاكىرنىڭ ئەسلىمىسىدە ئېيتىلىشىچە،ئەسلىدە ئۇلارغا ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلىپ،ئالتە شەھەردە كەڭ ئىنقىلاب قوزغاش ۋەزىپىسى بېرىلمىگەن. ئۇنىڭ يېزىشىچە، بۇنىڭ ئۈچۈن گېنېرال ئېگناروۋنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش كېرەك ئىدى. شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى،ئۇنىڭ ئەسلىمىسىدە بۇ مەسىلىسىنى قارارقىلىدىغان ئادەم يەنىلا ئېگناروۋتۇر. بىراق، ئۇ غۇلجىدىن خەۋەر ئېلىپ كەلگىچە سوپاخۇنلار ئاقسۇ ۋە كونىشەرلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇ جايلارنىئازاد قىلىپ بولدى. ئەمما، ئاقسۇغا قىلغان بىرىنچى قېتىملىق ھۇجۇم مۇۋەپپەقىيەتقازىنالمىدى ھەتتا كونىشەھەردە  ئاقسۇدىكى گومىنداڭ كۈچلىرى بىلەن ئۇچتۇرپاندىنكەلگەن 300 دەك قوشۇننىڭ بىرلىشىپ قىلغان ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. دۈشمەننىڭيالغان تەسلىم بولغانلىق ھىلىيىسىگە ئالدانغان، ئۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە ئەمەس، ياشئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ سوپاخۇننىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپ، دۈشمەنگە ئوق چىقارماسلىق بۇيرۇقى بەرگەن ئىدى.دۈشمەن پارتىزانلارغا يېقىنلىشىۋېلىپ بىراقلا ھۇجۇم قىلدى ،نەتىجىدە، پارتىزانلار ئاقسۇ تەۋەسىگە چۈشكەندىن كېيىنتۇنجى قېتىم ئەڭ ئېغىر بىر زەربىگە ئۇچرىدى. بۇنىڭ خەلق ۋە جەڭچىلەر ئىچىدىكىتەسىرى ناھايىتى يامان بولدى[41]. پارتىزانلار قايتىدىن ئاقسۇ شەھىرىگە كىرىپ،قورشاشنى داۋاملاشتۇردى ۋە يىغىن ئېچىپ، ۋەزىيەتنى مۇھاكىمە قىلدى. بۇ ۋاقىتتائىلىدىكى مىللىي ئارمىيە شىتابى ئاقسۇ شەھىرىنى ئازاد قىلىش جېڭىگە ياردەم بېرىشئۈچۈن كۆلىمى چوڭراق ھېچقانداق ئەسكىرىكۈچ ئەۋەتمىگەن بولۇپ، سوپاخۇن بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق دەپ يازىدۇ:
 " بىزنىڭ كۈچىمىز ئاز، ياردەم تېخى يېتىپكەلمىدى. ياردەمگە كەلمەسلىكىنىڭ سەۋەبى بەلكى بىز ماڭغاندا، سىلەر جەنۇبىيشىنجاڭغا ئۆتۈپ، دۈشمەن قوشۇنلىرىنىڭ ئىلى تەرەپكە ئۆتۈشىنى قاتتىق توسايسىلەر،رازۋېتكا، پارتىزان ئۇرۇشى قىلىپ، دۈشمەننى ساراسىمگە سېلىپ تۇرىسىلەر، دېگەن ئىدى. بىرەر شەھەرنىئالىسىلەر دەپ تاپشۇرمىغان ، شۇڭا ئۇلار بىزنى پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىۋاتىدۇدەپ قاراپ ياردەمگە قىسىم ئەۋەتمىگەن بولۇشى مۇمكىن".[42]
زاكىر ئۆزىنىڭئەسلىمىسىدە " بىز، مەن ۋەئىۋان ئىۋانوۋىچ، بىر قانچە يارىدار ۋە قۇربانجان سوپاخۇننى ئەترەت بىلەن قورغاندا قالدۇرۇپ، مۇزارت داۋىنىئارقىلىق تېكەس ۋادىسىغا كەتتۇق. سوپاخۇنغا ياردەمچى قوشۇن كەلمىگىچە قورغاننى قوغداپ تۇرۇش بۇيرۇقى بېرىلدى" دەپ يازغان[43]. ئۇلار قالماقكۈرەگە كەلگەندىنكېيىن، ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ، ۋلادىمىر ستېپانوۋىچقا مەلۇم قىلماي تۇرۇپلا، شۇيەردىكى كارىلوۋ كوماندىرلىقىدىكى موڭغۇللار پولكىدىن بىر ئېسكادروننى سوپاخۇنغا ياردەمگە ئەۋەتىدۇ. زاكىر سوپاخۇنلارنىڭ بۇ موڭغۇل ئېسكادرونى بىلەن ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنىئەسلەيدۇ. سوپاخۇننىڭ ئەسلىمىسىدىنمەلۇم بولۇشىچە، سوپاخۇن ، بۇ كىچىكئەترەتنى ئىلىدىكى باش شىتاب ئەۋەتتى دەپخاتا چۈشىنىپ قالغان. ئەمەلىيەتتە، بۇلارنى زاكىر بىلەن ئىسكەندەر ئەۋەتكەن بولۇپ، باش شىتاب كېيىن خەۋەر تاپقان.
ئىسكەندەر ۋە زاكىر تۆرەغۇلجىغا قايتقاندىن كېيىن، ئىلى مىللىيئارمىيە شىتابى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بولىدۇ. پەقەت بىر ئېسكادرون ئەسكەرنى تەلەمەت ئارقىلىق باي ئەتراپىغا ئەۋەتىپ، كۇچاردىن كېلىدىغان دۈشمەننىتوسۇشقا سالغان. 9-ئاينىڭ بېشىدا يەنە ئىككى ئېسكادرون ئەلىخان تۆرىنىڭ ئوغلى ئاسىلخان ۋە مىرزىگۈل ناسىروف قاتارلىقلارنىڭ مەسئۇللۇقىدا ياردەمگە كەلگەنبولۇپ، بۇلار تەلەمەت داۋىنى ئارقىلىقئۆتكەن ھەمدە باي ۋە كۇچار ئەتراپىدا جەڭ قىلغاندىن كېيىن.ئۇلارنىڭ بىر ئېسكادرونى شۇ ئەتراپتا قالدۇرۇلۇپ، ئاسىلخان ۋە مىرزىگۇل باشچىلىقىدىكىئەترەت جامغا كېلىپ، ئۇ يەردە سوپاخۇنئەترىتى بىلەن بىرلەشكەندىن كېيىن قايتىدىن كونا شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاقسۇنىقورشاۋغا ئالدى.
 مىرزىگۇل ۋە ئاسىلخان باشچىلىقىدىكى بۇئەترەتنىڭ تەركىبىدىكى ئىككىئېسكادروندا تېگى ئۆزبېكىستانلىق ئۇيغۇرلاردىن، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭئوفىتسېرلىرىدىن قوچقاروف ۋەيەتتەسۇلۇقلاردىن مىرزىگۈل ناسىروف قاتارلىق كوماندىرلار بار ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئازغىنا بۇ ياردەمچى ئېسكادرونلارنى ئەلىخانتۆرە ئاقسۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۆزى بىۋاسىتە بۇيرۇق بىلەن ئەۋەتكەن بولۇپ،ئەمەلىيەتتە بۇ غۇلجىدىكى جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان مۇھاپىزەت باتالىيونىدىنئىبارەت ئىدى. سوپاخۇننىڭ يېزىشىچە، مەزكۇر مۇھاپىزەت ئەترىتىدە كۆپ ساندا ئۆزبېكپەرزەنتلىرى بولغان ئىكەن. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى تەبىئىي.ئەينى ۋاقىتتا غۇلجا شەھىرىدە بۇ باتالىيوندىن باشقا يېتەرلىك كۈچ يوق بولۇپ،ھەممىسى ئالدىنقى سەپتە ئىدى.
شۇ ۋاقىتتا يەنە ئىلى باش شىتابى سوپاخۇنغاياردەم بېرىش ئۈچۈن سوۋېتلىك ئوفىتسېر، پودپولكوۋنىك دىنىسكوفنىڭ باشچىلىقىدا ئون نەچچە رۇس، ئۆزبېك، ئۇيغۇر ۋە قىرغىز ئوفىتسېرلارنى ئەۋەتتى.بۇلارنىڭ بەزىلىرى پارتىزان شىتابىغا ، بەزىلىرى ئېسكادرونلارغا كوماندىر ۋە ياكىمۇئاۋىن كوماندىرلىق ۋەزىپىسىگە ئورۇنلاشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 2-دۇنيا ئۇرۇشىغاقاتناشقانلارمۇ بار ئىدى[44]. ئاقسۇغا كەلگەن بۇ سوۋېتلىك مەسلىھەتچىلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۇنۋانلىقى پودپولكوۋنىكدىسىنىكوف بولۇپ، ئۇ ئىسكەندەر ۋە زاكىر قاتارلىقلارنىڭ ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىۋالغانئىدى. ئەمما، دىسىنىكوفنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە كۆپئۇچۇرلار يوق. بىراق ، پارتىزانلارنى ئاقسۇدىن چېكىندۈرۈشە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوراللىرىنىيىغىۋېلىپ ئېلىپ كېتىشتە ئۇنىڭ رولى چوڭ بولۇشى تەبىئىي. دىسىنىكوف باشچىلىقىدىكى مەسلىھەتچىلەرئەترىتىنىڭ ئاقسۇ جەڭ مەيدانىدا ھېچقانداق كۆرۈنەرلىك رولى بولمىغان بولۇپ، 2-قېتىملىق مەسلىھەتچىلەرنىڭ ئەۋەتىلىشىئەمەلىيەتتە سوپاخۇن، قاسىمجان قەمبىرى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف ۋەكېيىن قوشۇلغان ئاسىلخان ھەم مىرزىگۈل قاتارلىق كوماندىرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىشتىن ئىبارەت بولسا كېرەك. بولۇپمۇ، ئەلىخانتۆرىنىڭ ئۆز ئوغلى ئاسىلخاننى مىرزىگۈل ناسىروف بىلەن قوشۇپ بىۋاسىتە ئاقسۇغا ئەۋەتىشى 2-دومنى بىئارام قىلغان بولۇشى ئېھتىمالللىقا ئۇيغۇن.
 قىسقىسى، مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابىنىڭ ئاقسۇغا چۈشكەن ئاتلىق پارتىزانئەترىتىنىڭ ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى جەريانىدائەۋەتكەن ياردەمچى قوشۇنى ئىلگىرى-كېيىن بىر باتالىيونغايەتمەيدىغان ئەترەتلەر بولۇپ، پارتىزانلار يەرلىك پىدائىيلارنىڭ كۆپلەپ قوشۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرگەنبولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى قورال-ياراق بىلەن تەمىنلەشتە قىينالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگەيەنە ئۇلار ئاقسۇ ئەتراپىدا جەڭ قىلىش ۋە ئاقسۇنى قورشاش جەريانىدا پەقەت گومىنداڭ قوشۇنلىرىدىن ئولجا ئالغانئوق-دورىلارغىلا تايىنىشقا مەجبۇر بولغان بولۇپ، سوپاخۇن قاتارلىق رەھبەرلەرئىلىغا ئادەم ئەۋەتىپ ياردەمچى قوشۇن ۋەئوق-دورا ئەۋەتىشنى بىر قانچە قېتىم تەلەپقىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىلىدىكى قوماندانلىق شىتابى بۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى. شۇسەۋەبتىن پارتىزانلارنىڭ ئوق-دورىلىرىنى ئازلاپ، قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.ئاسىلخان بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ؛
" ئۆزىمىزدىكى بارلىق ئوقلار ساناقلىقلاقېلىپ، ھۇجۇمنى داۋاملاشتۇرالماي ، تەكرار مۇزاراتقا ئوق سوراپ ئادەم ئەۋەتتۇق. ئەۋەتكەن ئادەملىرىمىزنى يەنە قۇرۇق ۋەدىلەرنى قىلىپ قايتۇردى" [45]. ئۇنىڭدىن باشقا يەنەپارتىزانلار شىتابى ئاقسۇ سېپىلىنىڭ ئاستىغا پارتلاتقۇچ دورىسى كۆمۈپ، سېپىلنىپارتلىتىش ئارقىلىق شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىش ئۈچۈن مەخپىي لەخمە كولاپ سېپىل تۈۋىگىچە ئەكىلىپ، غۇلجىدىنپارتلىتىش دورىسى كېلىشىنى كۈتكەن بولسىمۇ، ئەمما پارتلىتىش دورىسى يېتىپ كەلمىگەن. پارتىزان رەھبەرلىرى پارتلىتىشدورىسى ۋە ئوق-دورا تەلەپ قىلىپ، ئاخىرقىقېتىم ئادەم ئەۋەتكەن بولسىمۇ، مۇزارتداۋىنىدا تۇرىدىغان مىللىي ئارمىيە شىتابىنىڭ ۋەكىللىرى غايىپ بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىشمۇ بىكاربولغان[46].
 
مىللىي ئارمىيە باش شىتابى بىر ئاي ئەتراپىدا داۋاملاشقان ئاقسۇنى قورشاپھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىغا بىرەر پولكدەرىجىلىك قوشۇن ۋە ياكى بىرەر مىناميوتچىلار روتىسى ھەم ئېغىر قوراللارنى ئەۋەتمىگەن ئىدى. بۇلاردىنباشقا يەنە زور ساندىكى پۇقرالار پىدائىي بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارغا ئىلىتەرەپتىن قورال-ياراق ۋە ئوق-دورىلار يېتەرلىك دەرىجىدە ئەۋەتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن قوراللىنىش ئەھۋالى ناچار ئىدى. ئەمەلىيەتتە،9-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا مىللىي ئارمىيىنىڭدەرھال قوشۇن ئاجرىتىپ، ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلىش مۇمكىنچىلىكى شەكىللەنگەن بولۇپ،مىللىي ئارمىيە 7-ئاينىڭ 31-كۈنى چۆچەكنى، 9-ئاينىڭ 5-كۈنى ئالتاينى، 9-ئاينىڭ 8-كۈنى شىخونى، 9-ئاينىڭ 8-كۈنى جىڭنىئازاد قىلىپ، ئۈچ ۋىلايەت بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ بولغان ئىدى. مىللىي ئارمىيەشىتابىنىڭ بۇ ۋاقىتتا ئاقسۇنى قورشاپ تۇرغان پارتىزانلارغا بىر ئەمەس، ھەتتا ئىككىپولك ئەۋەتىش مۇمكىنچىلىكى تامامەن بار ئىدى. ئەمما، ئاقسۇنى قورشاپ ياتقان پارتىزان كوماندىرلىرى ۋە ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى، ھەتتا غۇلجىدىكى جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ بۇ ۋاقىتتا ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېتئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيورىسىنىڭ 14-ئاۋغۇست كۈنى سوۋېت-جۇڭگو دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالاپ،ئۆزلىرىنىڭ يالتا كېلىشىمىدە ئېرىشكەن ئىمتىياز-مەنپەئەتلىرى نەنجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كاپالەتكە ئىگەقىلىنغاندىن كېيىن، مىللىي ئارمىيىنىڭھۇجۇملىرىنى توختىتىش ھەم <<شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت>> ھۆكۈمىتىنى نەنجىڭ ھۆكۈمىتىبىلە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قىستاپ، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش قارارىغاكەلگەنلىكىدىن بىخەۋەر ئىدى. ستالىن ھۆكۈمىتى مىللىي ئارمىيە قوشۇنلىرىنىڭ ماناسدەرياسى بويىغا كەلگەندىن كېيىن، بارلىق ھەربىي ھەرىكەتلەرنى توختىتىشىنى بۇيرۇق قىلغاندىن كېيىنلا ئەلىخان تۆرەباشلىق قوزغىلاڭ رەھبەرلىرى ۋەزىيەت ۋە موسكۋانىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىپ يەتكەن ئىدى.ئەلىخان تۆرە مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى ئىۋان پالېنوۋقا ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىشبۇيرۇقى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما پالېنوۋ ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلدىھەمدە ئۆزىنىڭ پەقەت موسكۋانىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى[47].دېمەك، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا مىللىيئارمىيە باش شىتابى ئاقسۇغا قوشۇن ئەۋەتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
ئاقسۇنى ئازاد قىلىش ئەسلىدىنلاباش شىتاب تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئەمەس بولۇپ، كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، موسكۋا باشتىن ئاخىرى پارتىزانلارنىڭ تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭبىرى بولغان ئاقسۇ شەھىرىنى ئىشغال قىلىش، ئارقىدىن پۈتۈن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئازادقىلىنىپ، جەنۇبنىڭ بىر تۇتاش ئازاد رايون بولۇشىنى خالىمىغان. مەيلى، تاشقورغاننىبازا قىلغان قەشقەر تەۋەسىدىكى جەڭلەر ۋە ئاقسۇ تەۋەسىدىكى جەڭلەرنىڭ ھەممىسىپەقەت تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ كۆلەملىكھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئارقا سېپىنى قوغداشرولىنىلا ئۆتىدى خالاس! موسكۋانىڭ چۈشەنچىسى بويىچە ئالغاندا، ئەگەردە پۈتۈنقەشقەرىيە ئازاد قىلىنىپ، بۇ يەردىكى گومىنداڭ ھاكىمىيىتى ۋە قوشۇنىيوقىتىلسا، بۇ رايوننى كونترول قىلىش قىيىن بولاتتى. چۈنكى، مەزكۇر رايوننىڭ جەنۇبىي ئۇلۇغ برىتانىيىنىڭ تەۋەسىدىكى ھىندىستان ھەم مۇستەقىل ئافغانىستان بىلەن چېگرىغا ئىگەبولۇپ، بۇ رايوندا 19-ئەسىردىن تارتىپ، ئەنگلىيە ۋە رۇسىيە مەنپەئەتلىرى قاتتىقتوقۇنۇشۇپ كەلگەن ئىدى. ئەگەر قەشقەرىيىدەخۇددى ئىلىدىكىدەك ئازاد ھاكىمىيەت قۇرۇلسا، بۇ رايون قەدەم-قەدەم غەربلىكلەرنىڭتەسىرى ئاستىغا كىرىپ قېلىپ، موسكۋانىڭ بۇ جايغا چىشى پاتماسلىق ۋەزىيىتى شەكىللىنىشى ، بۇ ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگەتەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىدى. مانابۇ نۇقتىلار ئاقسۇ ئۇرۇشىنىڭ ھەربىي جەھەتتىن غەلىبە قىلالماسلىقى، ھەتتاتاشقورغاندىن باشلانغان ئىنقىلابنىڭمۇغەلىبە قىلالماسلىقىدىكى تاشقى ئامىللارھېسابلىناتتى. ئەمەلىيەتتە، ئىلى مىللىيئارمىيە باش شىتابى ئاقسۇدىكى پارتىزانلارنى چېكىندۈرۈپ چىقىشتىن بۇرۇنلا ئىسساقبەكنىڭ قوماندانلىقىدا بىر برىگادا ئاتلىق قوشۇننى ئاقسۇ يۆنىلىشىگەئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، نوغايبايېف ۋەكورىلوۋ كوماندىرلىقىدىكى پولكلار جىددىيتەييارلىقلاردا تۇرغان ئىدى. بۇ ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلىش ئەمەس، بەلكى مىللىي ئارمىيە باش شىتابىنىڭ ما بۇفاڭنىڭ ئاتلىق 5-كورپۇسىنىڭ ئاقسۇغائورۇنلىشىپ مۇزارت داۋىنى ئارقىلىق ئىلىغا ھۇجۇم قىلىشىدىن مۇداپىئە كۆرۈش پىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.
يەنە بىر تەرەپتىنئالغاندا، 1945-يىلى، 14-ئاۋغۇستتا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭخۇئا مىنگو ھۆكۈمىتى ئارىسىدا ئىمزالانغان شەرتنامە موسكۋانىڭ مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپبولغانلىقى ئۈچۈن مىللىي ئارمىيىنىڭ داۋاملىق ئۇرۇش  قىلىشى ستالىنئۈچۈن ھاجەتسىز ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە 2-جاھان ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ، گومىنداڭمۇ غەلىبەقىلغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىردى ۋە ياپونىيە ئارمىيىسى قورال تاشلاپ، گومىنداڭئارمىيىسىنىڭ جەڭ قىلىدىغان دۈشمىنى تۈگىدى. ئەگەردە گومىنداڭ ما بۇفاڭ قوشۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقاقوشۇنلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، مىللىيئارمىيىگە ھۇجۇم قوزغىسا، ئۇرۇش تېخىمۇ زور دەرىجىدە كېڭىيىشى ۋە سوۋېتئىتتىپاقىنىڭ تېخىمۇ بەكرەك مەيدانغا چىقىشى ۋە ياكى ئاشكارا يوسۇندا يا ئۇ تەرەپتە، يا بۇ تەرەپتە تۇرۇشى لازىمبولاتتى. شۇ سەۋەبتىن موسكۋا ئۇرۇشنىۋاقتىدا توختىتىپ، تىنچلىق سۆھبەت تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ ئۆلكىدىكى ، جۈملىدىن ئىلى ، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىكى تەسىرى كۈچىنىساقلاپ قېلىشنى قارار قىلدى.
 
ما بۇفاڭقوشۇنلىرىنىڭ كېلىش مەسىلىسىگە زاكىر ۋەئىسكەندەرلەر باشتىن ئاخىرى كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، ئۇلار سوپاخۇنغا ما بۇفاڭ قوشۇنلىرىنىڭ كېلىشى مەسىلىسىنى بىرقانچە قېتىم تىلغا ئالغان. سوپاخۇن ئېيتقاندەك، زاكىر تۆرىنىڭ ما بۇفاڭنىڭ ئاتلىق5-كورپۇسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغانلىقىدىن خۇشال بولۇپ كېتىشى تەسادىپىي ئەمەس ئىدى.
 
دوستلىشىش
بىناۋا
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7808
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 301
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە301دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 3234 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-10
ئاخىرقى: 2012-09-07

بىلىۋالدۇق.  ساقلىۋالدۇق،رەخمەت!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10796
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 82
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە82دانە
ئۆسۈش: 220 %
مۇنبەر پۇلى: 901 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-14
ئاخىرقى: 2012-08-26
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-21 17:00

تارىخىي ماتىرياللارنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىمەن ، رەھمەت تېما ئىگىسىگە .
www.quttikin.com
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2188
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 75
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە75دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 845 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-22
ئاخىرقى: 2012-09-06
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-22 20:38

بۇنىڭ قارىسام يەنە ئاخىرى باردەك قىلىدۇ، يوللاپ قويالامسىز orxuntekin
پايدىلانغان ماتېرىياللار دېگەندەك قىسىملىرى قېپ قالغاندەك قىلىدۇ...
www.quttikin.com
دوستلىشىش
مۇسىلىم
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10703
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 345
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە345دانە
ئۆسۈش: 80 %
مۇنبەر پۇلى: 3620 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-07
ئاخىرقى: 2012-09-06
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-22 21:43

بىلىۋالدۇق رەخمەتىسزگە.