باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 957 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەستە تۇتۇش قابىليىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئۇسۇللىرى
دوستلىشىش
كەلپاناھ
ئاللاھ ئەڭ ياخشى ھامىيدۇر!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11379
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 120 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-04-20
ئاخىرقى: 2012-05-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-20 04:51

ئەستە تۇتۇش قابىليىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئۇسۇللىرى

ئەستە تۇتۇش قابىليىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئۇسۇللىرى
 

ئاپتورى: نامسىز
كەلپاناھ تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى
 
ئۇنتۇش بولسا ئىنسان تەبىئىتىدۇر. بۇ ھەقتە بىر ئەرەب شائىرى شۇنداق دەيدۇ:
«ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان دەپ ئاتالدى،چۈنكى ئۇ ئۇنتۇغاقتۇر، ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن قەلب دەپ ئاتالدى، چۈنكى ئۇ دائىم ئۆزگىرىشچاندۇر.»[1]
ئىنسانلار ئىچىدىكى تۇنجى بولۇپ ئۇنۇتقان كىشى ئادەم ئەلەيھىسسەلامدۇر. ئۇنتۇغاقلىق ھەر ئىنساننىڭ تەبىئىتىگە كۆرە پەرقلىقتۇر. تۆۋەندە ئەستە تۇتۇش قابىليىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولغان بىر قانچە خىل ئۇسۇلنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:
1. گۇناھلاردىن يىراق تۇرۇش، چۈنكى گۇناھلارنىڭ يامان تەسىرى ئەستە تۇتۇش قابىليىتىنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشىنى ۋە ئۆگۈنۈشتىكى ئىقتىدارسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. گۇناھتىكى زۇلمەت بىلەن ئىلىمدىكى نۇر بىر ئىنساننىڭ قەلبىدە ئورتاق ھالەتتە مەۋجۇد بولۇپ تۇرالمايدۇ. بۇھەقتە شافىئىي رەھىمۇللاھ شۇنداق دەيدۇ:« مەن شەيخىم ۋاقىيئ غا ئەستە تۇتۇش قابىليىتىمنىڭ تۆۋەنلىكى ھەققىدە شىكايەت قىلدىم. ئۇ ماڭا ھەردائىم گۇناھلاردىن يىراق تۇرىشىمنىڭ لازىملىقنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ بىر نۇر ئىكەنلىكىنى ئۇ نۇرنىڭ گۇناھكارلارنىڭ قەلبىگە بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.»
 ئەلخاتىب ئۆزىنىڭ «ئەلجامىئ»(2-جىلد 387-بەتكە قارالسۇن) كىتابىدا يەھيا ئبن يەھيانىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ:« بىر ئادەم مالىك ئبن ئەنەستىن شۇنداق سورىدى:‹ئەي ئەبۇئەبدۇللاھ، مېنىڭ ئەستە تۇتۇشمنى ياخشىلايدىغان بىر نەرسە بولسا ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭ!› ئۇ شۇنداق دېدى:‹ ئەگەر شۇنداق بىر نەرسە بولىدىغان بولسا ئۇ چوقۇم گۇناھتىن يىراق تۇرۇشتۇر.›»
ئەگەر بىر ئادەم گۇناھ قىلسا، گۇناھ ئۇ ئىنساننى شۇنداق بىر ئىسكەنجىگە ئېلىۋالىدۇكى ئۇ ئۇ كىشىگە ھىچبىر ئاراملىق بەرمەيدۇ ۋە ئۇنى توختىماستىن قىلغان ئىشلىرى ھەققىدە ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىپ قويىدۇ. نەتىجىدە ئۇ ئىنساننىڭ سەزگۈلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ئۇنى ئىلىم ئېلىش، ياخشى ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇشتەك دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلاردىن غەپلەتتە قالدۇرۇپ قويىدۇ.
2. ئاللاھنى دائىم زىكرى قىلىپ تۇرۇش،قۇرئان ئوقۇش، زىكرى-دۇئالارنى ئوقۇش، تەسبىھ(سۇبھانەللاھ دېيىش)،تەھمىد(ئەلھەمدۇلىللاھ دېيىش)، تەھلىل(لا ئىلاھە ئىللەللاھ دېيىش) ۋەتەكبىر(ئاللاھۇ ئەكبەر دېيىش) بىلەن ئاللاھنى مەدھىيلەش. چۈنكى ئاللاھ تەئالاقۇرئان كەرىمدە مەنەن شۇنداق دەيدۇ:« ئۇنتۇپ قالساڭ پەرۋەردىگارىڭنى تىلغا ئالغىن»(سۈرە كەھف 24-ئايەت)
3. قورساققا كۆپ يېمەسلىك، چۈنكى كۆپ يېيىش ئىنساننى كۆپ ئۇخلايدىغان، ئېزىلەڭگۈ ۋە بىخۇد قىلىپ قويىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت كۆپ يېيىش ئىنساننى ھەرخىل جىسمانىي كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا قىلىدۇ. بىز ئاڭلاۋاتقان ۋە كۆرىۋاتقان كۆپىنچە كېسەللىكلەر ئىنسانلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئىستىمالىنىڭ توغرا بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققاندۇر.
4. بەزى ئالىملار بىر قىسىم يېمەكلىكنى ئىستىمال قىلىشنىڭ، مەسىلەن ھەسەل ئىچىش، كىشمىش يېيىش ۋە  دېۋىرقاي(دەرەخ يىلىمى)[2] چايناش ياكى شوراپ بېرىشنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىليىتىنى ئۆستۈرۈشتە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ھەقتە ئىمام ئەلزۇھرىي شۇنداق دەيدۇ:« سەن قۇربىڭ يېتىشىچە ھەسەل ئىستىمال قىل، چۈنكى ئۇ ئەستە تۇتۇشىڭنى ياخشىلاشتا پايدىلىقتۇر.»
ئۇ يەنە شۇنداق دەيدۇ:« كىم ئۆگەنگەن ھەدىسلىرىنى ياخشى ئەستە تۇتۇشنى خالىسا ئۇ كىشمىش يېسۇن.»(ئەلخاتىبنىڭ ئەلجامىئ كىتابىدىن،2-جىلد،396-بەت)
ئىبراھىم ئبن فەلان[3] شۇنداق دەيدۇ:« سەن قۇربىڭ يېتىشىچە دېۋىرقاي چايناپ بەر، چۈنكى ئۇ مېڭىگە ئېنىرگىيە بېرىدۇ ۋە سەندىكى ئۇنتۇغاقلىقنى ئازايتىدۇ.» (ئەلخاتىبنىڭ ئەلجامىئ كىتابىدىن،2-جىلد،397-بەت)
ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغاندەك، كۆپ كىسلاتالىق يېمەكلىكلەرمۇ ئېزىلەڭگۈلۈك ۋە ئەستە تۇتۇشنىڭ ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللاردىندۇر.
 
5. ئەستە تۇتۇشنى ياخشىلاپ ئۇنتۇغاقلىقنى ئازايتىدىغان يەنە بىر ئۇسۇل بولسا كۈنىمىزدىكى تەجرىبىلەر تەرىپىدىن ئىسپاتلىنىپ چىققاندەك باشقا لوڭقا قويۇشتۇر.(بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئبن قەييۇم ئەلجەۋزىيەنىڭ ئەلتىب ئەلنەبەۋىي (پەيغەمبەر تىبابىتى) دېگەن كىتابىغا مۇراجىئەت قىلىڭ.)
 

--------------------------
[1] ئەرەبچىدە ئۇنۇتماق مەنىسىدە كېلىدىغان «نسى» سۆزى بىلەن «انسان» سۆزى يېقىن كېلىدۇ، ۋە بىزدىكى يۈرەك مەنىسىدە كېلىدىغان «قلب» سۆزى بىلەن ئۆزگۈرۈش مەنىسىدىكى «انقلب،ينقلب»سۆزى يېقىن كېلىدۇ. شائىر بۇ يەردە بۇلاردىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ ئىنساننىڭ مەڭگۈلۈك ئاجىزلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان-ت
[2]ئادەتتە تىبابەتتە قارغاي يىلىمى ئىستىمال قىلىشنىڭ كۆرىنەرلىك پايدىسى بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ-ت
[3]فەلان- بۇ يەردە ئاتىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكى كىتابنى يازغان كىشى تەرىپىدىن ئۇنتۇلغاچقا فەلان دەپ ئېلىندى.
رەببىمىز، قىلغان خىزمىتىمىزنى پەقەت ئۆز رازىلىقىڭ ئۈچۈن قىلىپ بەر!
دوستلىشىش
قارگۇلى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8196
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 395
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە395دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 4091 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-18
ئاخىرقى: 2012-05-09

ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن!! ياخشى تېما يوللاپسىز!!  بىزدە ياڭاق   ،، بادام.. مېغىز قاتارلىقلارنى يەپ بەرسە مىڭىنى قۇۋەتلەيدۇ دەيدىغان گەپلەر مۇ بار يەنە..تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى يەپ بېرىش  ھەسەل قاتارلىقلارنىڭمۇ ئۇنۇمى ياخشى..... سىز دېگەن ئۇسۇللار بىلەن يېمەكلىك بىرلەشسە ئۇنۇمى تېخىمۇ ياخشى بولغۇدەك!!!ئاللاھ خالىسا!!!!
ئۇنۇتمايلىكى :  <<بۇ دۇنيا بىر قونالغۇ...........بىز بولساق مىھماندۇرمىز!!!!!>>
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11054
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 10
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 100 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-08
ئاخىرقى: 2012-05-03
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-20 13:09

تىمىڭىزغا  رەھمەت !!!
مەن كۆرگەن دەۋرىقاينى چاينىغىلى بۇلىدىغاندەك ئەمەس ......
دوستلىشىش
ئىلتەرىش
ئازاپلانغان ، قايغۇرغان ۋاقتىڭدا ساڭا تەسەللى ب ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9966
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 7
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە7دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 75 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-09
ئاخىرقى: 2012-05-09
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-20 17:02

رەھمەت قېرىندىشىم !بىلىۋالدىم......
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10539
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 25
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە25دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 250 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-28
ئاخىرقى: 2012-04-30
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-20 23:46

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
« گۇناھ ئۆتكۈزۈشتىن يېراق تۇرۇشمۇ ئەستە تۇتۇشنى ياخشىلايدۇ . »  تەپەككۇر قىلالايدىغان كىشى ئۈچۈن   بۇ بىر بىشارەت ، روھنى يۇيۇپ پاكىزلا  ،  گۇنا - مەسىيەتتىن ،  تەشۋىش ۋە دىلىغۇرلۇقتىن قەتتى يېراق تۇرساق خاتىرىمىز نۇرلۇق بولدۇ  .
      
روھى پەس كىشلە پەس نەرسىلەر گە ئىنتىلىدۇ !!!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10539
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 25
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە25دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 250 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-28
ئاخىرقى: 2012-04-30
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-21 17:59

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
  «  ئاللاھنىڭ ئىلىمىنىڭ بىر نۇر ئىكەنلىگىنى ، ئۇ نۇرنىڭ گۇناھكارلارنىڭ  قەلبىگە بىرىلمەيدىغانلىغىنى ئېيتتى » ، بۇ بىر جۈملە سۆزدىن بەكمۇ ھاياجانلاندىم ، ئاللاھنى مەھدىلەشكە تىلىمنىڭ بەكمۇ  ئاجىز ئىكەنلىگىمنى بىلۋاتىمەن .
كەلپاناھ  تەرجىمە گورۇپپىسىدىكى تەرجىمان قېرىنداشلارغا ئاللاھدىن  ئەجىر تىلەيمەن .
روھى پەس كىشلە پەس نەرسىلەر گە ئىنتىلىدۇ !!!
دوستلىشىش
رۇمەيسا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10995
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 79
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە79دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 850 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-03
ئاخىرقى: 2012-05-08
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-24 19:07

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.