باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 663 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: رەھمەت ۋە ئادالىتى ئالەمشۇمۇل بولغان ئىسلام
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1910
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 44
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە44دانە
ئۆسۈش: 530 %
مۇنبەر پۇلى: 820 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-14
ئاخىرقى: 2012-09-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-19 23:31

رەھمەت ۋە ئادالىتى ئالەمشۇمۇل بولغان ئىسلام

رەھمەت ۋە ئادالىتى ئالەمشۇمۇل بولغان ئىسلام

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ئىسلام فىترىي ۋە ئومۈمىي بىر دىندۇر. ئۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى بەختلىك قىلىدىغان؛ ھوزۇر ۋە ئامانلىققا ئېرىشتۈرىدىغان ئاساسلارغا ئىگە. ئۇ ئىنسانىيەتكە تەلىم بەرگەن مۇقەددەس پرىنسىپلەر پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى قۇچاقلايدۇ؛ بارلىق زامان ۋە ماكانلارنى ئىچىگە ئالىدۇ. ئىسلامنىڭ ئىنسانىيەتنى ھوزۇر ۋە سائادەتكە ئېلىپ بارىدىغان بۇ مۇقەددەس پرىنسىپلىرى زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن كونىراپ قالمايدۇ، ئۇپرىمايدۇ، قىممىتىنى يوقاتمايدۇ، ھېچبىر زامان ۋە ھېچبىر دەۋردە كېرەكسىز بولۇپ قالمايدۇ.

قۇرئان كەرىم بىلدۈرگەن بۇ ھايات بەخش ئاساسلار - ئەمرى پەرمانلار ئومۇمىي ۋە ئىنسان تەبىئىتىگە ئۇيغۇن بولغانلىقى ئۈچۈن، تىنچ ئامان ۋە ھوزۇر ئىچىدە ياشاشنى خالايدىغان شەخس ۋە جەمئىيەتلەر بۇ ئاساسلارنى قوبۇل قىلىپ ئەمەل قىلىشنىڭ زۆرۈر بولغانلىقىنى ئۆزلىگىدىن ھېس قىلىدۇ. چۈنكى ئىنسانىيەتنىڭ ئامانلىق ۋە ھوزرۇلۇق بىر ھاياتقا ئېرىشىشى؛ ھەقىقىي مەنىدە مەدەنىيەتلىك بولۇشى پەقەت مۇشۇ مۇقەددەس ئاساسلارغا رىئايە قىلىش بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. بۇ ئاساسلارنى كۆزگە ئىلمەسلىك جامائەتلەر ۋە مىللەتلەر ئۇچۈن چوڭ پالاكەتلەرنىڭ سەۋىبىدۇر.

ئىسلام بارلىق زامان ۋە ماكانلارغا شامىل بولغان؛ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئىھتىياجلىرىنى قامداپ، دەرتلىرىگە دەرمان بولغان ئىكەن، بۇ دىن ئىنسانلارغا ئېلىپ كەلگەن ۋە ئىنسانلاردىن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىجتىمائىي ئاساسلار نېمىلەردىن ئىبارەت؟

ئىسلامنىڭ بارلىق ھۆكۈملىرى مۇنۇ ئۈچ چوڭ ئاساسقا تايىنىدۇ:

1-           ئادالەت.

2-           پەزىلەت.

3-           مەنپەئەت (يەنى ئىنسانىيەتنىڭ ھەر جەھەتتىكى پايدىسى)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەبلىغى ۋە ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسلىرى دىققەت نەزىرىگە ئېلىنسا، بۈگۈنكى بەختسىز ئىنسانىيەت ئىزدەۋاتقان سائادەت ئاساسلىرىنىڭ مانا مۇشۇ بولغانلىقى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىلىدۇ.

ئىسلام ئىنسانىيەكە سۇنغان ۋە ئىنسانىيەتنى ئۇنىڭغا رىئايەت قىلىشقا بۇيرۇغان قائىدىلەرنىڭ خۇلاسىسى بۇ ئۈچ چوڭ ئاساستۇر.

بۇ ئاساسلارنىڭ بىرىنجىسى ئادالەتتۇر. ئىسلامنىڭ بارلىق ھۆكۈملىرى ئادالەت ئۈستىگە قۇرۇلغاندۇر. ئادالەت بولمىغان يەردە ئىسلامدىن گەپ قىلغىلى بولمايدۇ. قەيەردە ئىسلام بولسا ئۇ يەردە ھەق ۋە ئادالەت ھۆكۈمراندۇر. مۇسۇلمان، كىشىنىڭ ياكى جەمئىيەتنىڭ زىيىنىغا بولغان تەقدىردىمۇ، ئادالەت بىلەن ئىش قىلىشقا مەجبۇردۇر. بۇ ئىنسانلىق ۋە ھايات قائىدىسىدۇر. ئىسلامنى قوبۇل قىلغان كىشى شەخشى ھاياتىدا ۋە باشقا ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇئامىلىلىرىدە، رەسمىي ياكى خۇسۇسىي بارلىق ئىشلىرىدا ئادالەت پرىنسىپىغا بويسۇنۇش ۋە ئۇنىڭغا سەمىمىلىك بىلەن ئەمەل قىلىشقا مەجبۇردۇر. مۇسۇلماننىڭ ئۆزىنى، ئائىلىسىنى ۋە مۇھىتىنى مۇشۇ ئاساسقا كۆندۈرۈشى ئىنسانىي ۋە ئىسلامىي مەجبۇرىيەتتۇر.

قۇرئان كەرىم نۇرغۇن ئايىتىدە بۇ ئاساسنى ئىنسانلارغا ئېلان قىلماقتا ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بۇ ئاساسقا ئەمەل قىلىشىنى ئەمرى قىلماقتا. نەھىل سۈرىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ھەقىقەتەن (كىشىلەر ئارىسىدا) ئادىل بولۇشقا، (جىمى خەلققە) ياخشىلىق قىلىشقا، خىش - ئەقرىبالارغا سىلە - رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، قەبىھ (سۆز - ھەرىكەتلەر) دىن، يامان ئىشلاردىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن توسىدۇ. نەسىھەتنى قوبۇل قىلسۇن دەپ، ئاللاھ سىلەرگە پەند - نەسىھەت قىلىدۇ.»[1]

ئۆلىمالار بۇ ئايەتنى ئىسلام دىنىنىڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ ئومۇمىي ئايەتلەردىن بىرى دەپ قارايدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ بەخت - سائادىتى ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ ھوزۇر ۋە خاتىرجەملىكى ئۈچۈن بۇ دەستۇرنىڭ ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا ئەمىلىلەشتۈرۈلۈشى كېرەك ئىكەنلىكى ئوچۇق - ئاشكارىدۇر.

ئىككىنچى ئاساس: پەزىلەت.

ئىسلام دىنى ۋە شەرىئىتى پەزىلەت ئۈستىگە قۇرۇلغاندۇر. چۈنكى ئۇ مەيلىي ئىنسانىي بارلىق مۇئامىلىلەردە مەيلى ئەخلاقىي قائىدىلىرىدە بولمىسۇن، پۈتكۈل ئىنسانلارغا قارىتا پەزىلەت ئاساسلىرىغا ئەمەل قىلىشنى بۇيرۇيدۇ ۋە بۇ پەزىلەت ئاساسلىرىنى بارلىق ئىنسانلارغا ئومۇمىي قىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ رەڭگى، مىللىتى ۋە ئىرقىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قايسى مەملىكەت ياكى قايسى قىتئەگە مەنسۇپ بولغانلىقىغا قارىماستىن، پۈتكۈل دۇنيانى ئەخلاقىي پەزىلەتلەر ئىچىگە ئالىدۇ. ساغلام ئەقىل ئىختىيارسىز قوبۇل قىلىدىغان بارلىق ئەخلاقىي پەزىلەت پرىنسىپلىرى ئىسلام بۇيرۇيدىغان ئاساسلاردۇر. ئىنسان ھەممە يەردە ئادالەت پرىنسىپىغا باغلىق بولغاندەك، پەزىلەت ئاساسلىرىغا ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇلغاندۇر. ئىسلام ئىنسانلارغا تەلىم بەرگەن ئىككىنچى ئاساس مانا مۇشۇدۇر.

ھەقىقەتەن ئىسلام ئادالەتلىك قانۇن - تۈزۈم دىنىدۇر. ئۇ ھەر يەردە، ھەر زامان ۋە ھەر ئىشتا ئادالەتنىڭ ئەمەلىلەشتۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ قانۇنلار ۋە بۇ ئادالەت پرىنسىپلىرى ئەينى ۋاقتىدا پەزىلەت ئاساسلىرىغا ئۇيغۇندۇر. ئىسلامنىڭ ئادالىتىدە پەزىلەت قائىدىسىگە زىت كېلىدىغان بىرمۇ ھۆكۈم مەۋجۇد ئەمەس. مىسال كەلتۈرۈش لازىم كەلسە، شۇنى بىلىش كېرەككى: مال، جان، ئىپپەت - نومۇس ئىسلام ئادالىتىنىڭ كاپالىتى ئاستىدىدۇر. بۇلارغا زىيانكارلىق ئىلغان كىشى ئىسلام ئادالىتىنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.

شۇنىڭدەك ئىسلام ئېلىپ كەلگەن پەزىلەت پرىنسىپلىرى ئىنسانلارنى مەسخىرە قىلىشنى، ئالداشنى، ئازار بېرىشنى، يالغان سۆزلەشنى، ئىككى يۈزلۈك بولۇشنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يامان قىلىقلارنى قەتئىي مەنئى قىلغان، پەزىلەت ئاساسلىرى ئارقىلىق بۇنداق يامانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالغاندۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن ئىسلام دىنىغا ئىشەنگەن ۋە ئۆزىنى مەن مۇسۇلمان دەيدىغان ھەر قانداق كىشى ھەم ئادالەتلىك ۋە ھەم پەزىلەتلىك ئادەم بولۇشى لازىم. ئەكسى تەقدىردە ئۇنىڭ مۇسۇلمانلىقى قۇرۇق داۋا بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى ھەر ئىككى ئاساسقا ئۇيغۇن ھالدا ئۆزىنى يېتىشتۈرۈش مۇسۇلمان ئۈچۈن ھەم دىنىي ۋە ھەم ئىنسانىي بىر مەجبۇرىيەتتۇر. پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ مۇشۇنداق بولۇشى لازىم.

ئۈچۈنچى ئاساس:

ئىسلام ئېلىپ كەلگەن ھۆكۈملەر تايىنىدىغان چوڭ ئاساسلارنىڭ ئۈچۈنچىسى ئىنسانىيەتنىڭ ياخشىلىقى ۋە مەنپەئىتىدۇر. ئىسلامنىڭ تەشرىئىي ھۆكۈملىرىدە ئىنسانىيەتنىڭ ياخشىلىقى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتلىرىنىڭ ئاساس بولغانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. بىر نەرسە ياخشى ۋە پايدىلىق بولسا، ئۇ ئىسلامدا بۇيرۇلغاندۇر. بىر نەرسە زىيانلىق بولسا ئۇ مەنئىي قىلىنغان - ھارام قىلىنغاندۇر. ياخشىلىقى كۆپ، زىيىنى ئاز نەرسىلەر بۇيرۇلغان ۋە زىيىنى كۆپ پايدىسى ئاز نەرسىلەر چەكلەنگەن. ھېچقانداق پايدا - زىيىنى بولمىغان ياكى ھەر ئىككىسى تەڭ بولغان نەرسىلەر ئىنسانلارنىڭ ئىختىيارىغا قويۇلغاندۇر. قۇرئان ۋە سۈننەت بۇيرۇغان، ئىنسانلارغا «قىلىڭلار ياكى قىلماڭلار» دەپ بىلدۈرگەن بارلىق ھۆكۈملەردە ئىنسانلارنىڭ پايدا - مەنپەئەتلىرى ئاساستۇر. شۇنىمۇ ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، بىر قىسىم ئىنسانلار بۇ ھۆكۈملەردىكى ياكى بۇ ھۆكۈملەر ئۈستىگە قۇرۇلغان ئاساسلاردىكى ياخشىلىقنى، پايدا - مەنپەئەتنى بىلەلمىگەن بولۇشى مۇملىكىن.

مەسىلەن: ئىسلام دىنى «زۆرۈراتى خەمسە» دەپ ئاتىلىدىغان دىن، مال، ئىپپەت، جان ۋە ئەقىلدىن ئىبارەت بولغان بەش ئاساسنى قوغداشنى زۆرۈر دەپ قارايدۇ. چۈنكى ئىسلام ئىنسانلارنىڭ دىنغا ۋە دۇنياغا ئائىت ياخشىلىقىنى ۋە پايدىلىرىنى ئەمەلىلەشتۈرۈش ۋە ئۇلارنى قوغداشنىڭ ھېكمەت ۋە غايىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ بۇ بەش نەرسىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىنى ئاساس قىلىدۇ. ئىسلامنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئۆزئىچىگە ئالغان ئايەت - ھەدىسلەر ۋە كۇللىي قائىدىلەر بۇ ھەقىقەتنى ئوچۇق ئاشكارا كۆرسىتىدۇ. بۇ بەش نەرسىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى شەخسنىڭمۇ ۋە جەمئىيەتنىڭمۇ ھوزۇر ۋە سائادەتلىرىنىڭ ئۇلىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇلارغا ئەھمىيەت بەرمىگەن جەمئىيەتلەرنىڭ ھوزۇرلۇق بىر ھاياتقا ئېرىشىشى ئىمكانسىزدۇر.

ھەرقانداق بىر مىللەتتە ۋە جەمئىيەتتە ھەقىقىي مەدەنىيەتنىڭ بارلىقى، شەخس ۋە جەمئىيەتنىڭ پاراۋان ۋە ھوزۇرلۇق ھايات كەچۈرۈشى بۇ بەش ئاساسنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىغا باغلىق. بۇلارنىڭ بىرى ۋە يا بىر نەچچىسى ئېھمال قىلىنسا، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىنى پالەچ قىلىدۇ، زوراۋانلىققا يول ئاچىدۇ. بۇنداق جەمئىيەت ئۇلى چۈرۈپ كەتكەن بىر بىناغا ئوخشاپ قالىدۇ ۋە يىقىلىپ يوق بولۇشقا مەھكۇمدۇر.

ئەسلىدە بارلىق مەدەنىيەتلىك جەمئىيەتلەر بۇ بەش ئاساسنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن زۆرۈر بولغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇلار بۇ ھەقتە گويا ئىتتىپاقلىشىۋالغاندەك ھەممىسى ئوخشاش قارايدۇ. پۈتكۈل جەمئىيەتلەر دىن، ئەقىل، جان، مال ۋە ئىپپەتنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى توغرىسىدا ھەم پىكىر. جەمئىيەتلەر بۇ ئاساسلارنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىنى ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقى، ھوزۇرى ۋە خاتىرجەملىكى ئۈچۈن زۆرۈر دەپ قارايدۇ.

يېقىنقى زامانلاردا ماددىچى، ئىنكارچى پىكىرلەرنىڭ دۇنيادا بەزىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى بۇ بەش ئاساسنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىنسانغا ۋە ھاياتقا قاراشلىرى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە جەمئىيەت ھاياتىدىكى ئىجرائاتلىرى بۇ بەش ئاساسنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىنىڭ قانچىلىك زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئوچۇق ۋە قەتئىي بىر شەكىلدە ھېس قىلدۇردى. دىننى ئىنكار قىلىش بىلەن ھەممە نەرسىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىنى داۋا قىلىدىغان بۇ ماددىچىلارنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا سالغان زۇلۇملىرى، دىن ھەقىقىتىگە قارشى بولغان جەمئىيەتلەرنىڭ ئىنسانىيەتنى قانچىلىك قورقۇنۇشلۇق زىيانلارغا ئۇچراتماقچى بولغانلىقىنى دەلىللەيدۇ.

بۇنداق جەمئىيەتلەردە ياشايدىغان ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىن ھەقىقىي بەختلىك، دۇنياۋى ئەندىشىلەردىن خاتىرجەم، ھوزۇرلۇق بىر كىشى كۆرۈش - تېپىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ مۇھىتتا ھەر كىشى خەۋپ - ئەندىشە ئىچىدە، ئۆز ئىرادىسى بىلەن ھايات كەچۈرۈش بەختىيارلىقىدىن مەھرۇم ۋە ياشاش ئۈچۈن بۇزۇق پىكىرنىڭ مەجبۇرى بەندىسى بولۇشقا مەھكۇمدۇر. چۈنكى ئىنكارچى - ماددىچى پىكىردە ساغلام ئەقىل ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاساسى - مەنبىئىي يوق سانالغان ۋە يىقىتىلغاندۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇل ئەھەد ھاپىز

«جەمئىيەتنىڭ ئاساسىنى خەتەرگە ئۇچرىتىۋاتقان ئامىللار» ناملىق تۈركچە كىتاپتىن تەرجىمە قىلىندى.                      
دوستلىشىش
قارگۇلى
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8196
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 629
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە629دانە
ئۆسۈش: 210 %
مۇنبەر پۇلى: 6704 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-18
ئاخىرقى: 2012-09-01

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!! بىز يەنىلا شۇ ئىسلامنىڭ گۇزەللىكىنى ئادالىتىنى ھەقىقىي تونۇپ يېتەلمەيۋاتىمىزغۇ!!!!!!!!!!!!!!!!!ئاللاھ  شۇ ئادالەتنى ، شۇ گۇزەللىكنى تونۇيدىغان ئىمان ئاتا قىلسۇن! بىزلەرگە...............(ئامىن)
ئۇنۇتمايلىكى :  <<بۇ دۇنيا بىر قونالغۇ...........بىز بولساق مىھماندۇرمىز!!!!!>>
دوستلىشىش
ق.سىدىق
ئادىللىق - ئەڭ ئالى پىرنسىپ!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10388
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 485
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە485دانە
ئۆسۈش: 2210 %
مۇنبەر پۇلى: 6074 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-18
ئاخىرقى: 2012-09-10
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-20 12:02

بۇ ياخشى تېما ئىكەن.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9873
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 82
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە82دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 858 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-01
ئاخىرقى: 2012-09-10
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-20 13:10

ھەر بىر ئائىلىدىكى ئاتا-ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنى قۇرئان كەرىمنى ئۆگۇتىشكە يېتەكلەپ ئۇنى تەتقىق قىلغاندىلا ئاندىن شۇ نىشانغا يېتىش مۇمكىن.