باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 775 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: كىرىيەنىڭ كىيىم-كىچەك مەدىنىيىتى
دوستلىشىش
13899196193
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10629
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 274
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە274دانە
ئۆسۈش: 1770 %
مۇنبەر پۇلى: 3138 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-02
ئاخىرقى: 2012-05-05
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-19 21:02

كىرىيەنىڭ كىيىم-كىچەك مەدىنىيىتى

                                       كىرىيەنىڭ كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتى



    كېرىيە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى قەدىمىي يۇرت. بۇ يۇرتتا ئەجدادلىرىمىزنىڭ بەزى ئەنئەنىلىرى، مەدەنىيەت ئىزنالىرى خېلى ساقلىنىپ قالغان. بۇلار ئىچىدە كۆزگە ئەڭ كۆپ چېلىقىدىغىنى كېرىيىلىكلەرنىڭ ئۆزگىچە كىيىنىش ئادىتى بولۇپ، بۇ جەھەتتە باشقا رايۇندىكى ئۇيغۇرلاردىن روشەن پەرىقلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تىپىك بولغىنى، كېرىيە ئاياللىرىنىڭ تەلپىكى ۋە پەرىجىسى.

                                              
                                              


      كىچىك تەلپەك كىچىك تەلپەك ئەسلىدە كۇچا كۆرپىسىدە تىكىلەتتى. يەنى كۇچا قويىنىڭ بىر – ئىككى كۈنلۈك بولغان قوزىسىنىڭ ئەڭ نېپىز، مۇيلىرى ئەڭ گۈلدار بولغان ئاشلانغان كۆرپىسى كىچىك تەكپەكنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى قىلىناتتى(بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ خىلدىكى كۆرپىلەر يېتىشمەسلىكتىن، سۈنئىي توقۇلغان كۆرپىلەر ماتېرىيال قىلىنىپ تىكىلىدىغان بولدى).

      تەلپەكنىڭ ئېغىز تەرىپى كەڭ، ئۈستى تەرىپى تار بولۇپ، ئادەتتە ئاستىنقى دىئامېتىرى سەككىز – ئون سانتىمېتىر، ئۈستۈنكى دىئامېتىرى ئۈچ – تۆت سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. سىرتى ئاق، سېرىق، كۆك، قارا رەڭلىك تاۋار رەختلەردە تاشلىنىدۇ. تەلپەكنىڭ قاسقىنى قارا يۇڭ يىپتىن تەكشى قىلىپ توقۇلىدۇ. ئاستى گىرۋىكىگە بىر سانتىمېتىر ئەتراپىدا يۇڭ يىپتىن كىرپىك تۇتۇلىدۇ. تەلپەكنىڭ ئىچىگە ئاشلانغان يۇمشاق تىرىدىن ئەستەرلىك ئېلىنىدۇ. تەلپەك يىڭنە ياكى يىڭنە مىخ بىلەن ئاياللارنىڭ باش ياغلىقىغا قىيپاش ھالدا ئىلىندۇرۇپ مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ. تەلپەكنىڭ تىكىلىش ھۈنەر – سەنئىتى بىر قەدەر ئىنچىكە ھەم مۇرەككەپ بولۇپ، تۇماقچىلارنىڭ ھەممىسىلا تىكەلمەيدۇ. ئۇنى مەخسۇس كىچىك تەلپەك تىكىدىغان تۇماقچىلار تىكىدۇ. كىچىك تەلپەكنى توي قىلىپ سىكىلەك مەۋسۇمىگە كىرگەنلەردىن تارتىپ مومايلارغىچە كىيىدۇ. كىيىش تەرتىپى سورۇنغا قاراپ ئوخشىمايدۇ.

      ئائىلىلەردە ئۆلۈم – يېتىم بولغاندا ئاق. كۈمۈش رەڭ تاشلىقىنى كىيىدۇ. بۇ ھازا تۇتقانلىقىنىڭ بەلگىسى. توي – تۆكۈن، ھېيت – بايراملاردا چاچرەڭ ھەم زەيتۇن رەڭ تاشلىقىنى كىيىدۇ. سىكىلەك مەۋسۇمىگە كىرگەنلەر شوخ چاچرەڭ زەر يىپ تاشلىقىنى كىيىدۇ. جۇۋانلار ۋە ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلەر ئاق، كۈمۈش رەڭ، قارا، سېرىق رەڭلىك تاۋارلاردا تاشلانغانلىرىنى كىيىدۇ. ياتلىق بولمىغان قىزلار كىيمەيدۇ.

                                                        



      پەرىجە پەرىجە گۈللۈك ۋە سىدام تاۋار ( يىپەك) رەختلەردىن تىكىلىدىغان تاشقى كىيىم. بۇرۇن باپكارلار چاق بىلەن ئىگىرىگەن يىپتا توقۇغان يەرلىك چەكمەن (بوز چەكمەن) ۋە مەجنۇن چەكمەنلەر قارا رەڭدە بۇياپ تىكىلەتتى. پەرىجە ئادەتتە ئويما تىكىلىدۇ. پەش، ياقا، ئاياغلىرىغا ھەم يەڭ ئۇچىغا ئۈچ سانتىمېتىر كەڭلىكتە چاچرەڭ پەرداز تۇتۇلىدۇ. پەرىجىگە تۈگمە، بەلۋاغ ئورنىتىلمايدۇ. پەرىجىنىڭ ئوڭ سول كۆكرەك قىسىمىغا يەتتىدىن 14 ياكى توققۇزدىن 18 تارغاقلىق ئۆرنەك چۈشۈرۈلىدۇ. تارغاق يېرىم ئاي شەكىلدە بولۇپ، رەڭگى پەرداز رەڭگىگە باپ چاچرەڭ بولىدۇ. ئوڭ ۋە سول كۆكرەككە تىكىلگەن تارغاقلار بىر – بىرىگە ئۇدۇل بولىدۇ. ئوڭ ۋە سول تەرەپتىكى تارغاقلار سانىنىڭ يەتتە ۋە توققۇردىن بولۇشى ئەجدادلىرىمىزنىڭ <<يەتتە>> ۋە <<توققۇز>> نى خاسىيەتلىك سان، دەپ قارىشىدىن، ئۇنىڭ شەكىلىنىڭ يېرىم ئايغا ئوخشىشى بۇرۇنقى ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۆككە چوقۇنۇش ئېتىقادىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ تەتقىق قىلىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.

      پەرىجىنى ئادەتتە ھازىدار بولغان ئائىلىدىكى بويىغا يەتكەن قىزلاردىن تارتىپ مومايلارغىچە ھەممىسى كىيىدۇ. يېڭىدىن قۇدا بولۇشقان ئىككى تەرەپ توي كۈنى بىر – بىرىگە پەرىجە سوۋغا قىلىشىدۇ. ئاي گۈللۈك خاڭدەندە تىكىلگىنى پەرىجىنىڭ ئەڭ ياخىشسى ھېسابلىنىدۇ. بېشىغا كىچىك ياغلىق ئارتىپ ياكى دوپپا كىيىپ، ئۇزۇن پايپاق كىيىپ پەرىجە كىيىشكە قەتئىي بولمايدۇ. مەيلى چوكانلار بولسۇن ياكى ياشانغان ئاياللار بولسۇن پەرىجىسىنى كىيىش ئۈچۈن چوقۇم بېشىغا ئاق ياغلىق ئارتىپ كىچىك تەلپەك كىيىشى، شىم كىيىشى كېرەك.

                                                  
      


      كېرىيە كىچىك تەلپىكى ۋە پەرىجىسىنىڭ ھازىرغىچە كىيىلىشى كېرىينىڭ ئالاھىدە مەدەنىيەت پۇرىقىنى نامايەن قىلىدۇ.

      ئاق ياغلىق ئاق ياغلىق ئادەتتە ئاق داكا، نىلۇڭ داكا، ئاق گىرىپ ۋە گۈلسىز ئاق يېپەك رەختلەردىن تىكىلىدۇ. شەكلى تۆت چاسا بولۇپ، چۆرىسى تىكىپ پۈكۈلمەيدۇ. ئاق ياغلىق گۈلسىز ئاق ياغلىق، گۈللۈك ئاق ياغلىق دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. گۈلسىز ئاق ياغلىقنى كېرىيە خوتۇن – قىزلىرى ئۆلۈم – يېتىملاردا ئارتىدۇ. ھازا ئىگىسى قولۇم – قوشىنلىرىغا ئارتىپ قويىدۇ. ياشانغان ئاياللار كۆپىنچە مۇشۇ خىل ياغلىقنى ئارتىپ يۈرىدۇ. گۈللۈك ئاق ياغلىقنىڭ تىكىلىشى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇنىڭغا ساپ يېپەكتىن گۈل تىكىلىدۇ. گۈللۈك ئاق ياغلىقنى ياش، ئوتتۇرا ياش ئاياللار توي – تۆكۈن، ھېيت – ئايەملەردە ئارتىدۇ. ياز پەسىلىدە ئۈستىگە مارجان دوپپىسىنى كىيىپ ئارتسا، قىش پەسىلىدە قاما تەلپەك بىلەن ئارتىدۇ، كۆپىنچە ھاللاردا كىچىك تەلپەك بىلەن ئارتىدۇ. گۈللۈك ئاق ياغلىق، گۈلسىز ئاق ياغلىق ئاياللارنىڭ چاچلىرى، يۈز – كۆزلىرىنى توپا – چاڭ ۋە قۇرغاق ھاۋادىن ساقلايدۇ.

                                                      
                                                        


      جۇۋانچە كۆڭلەك جۇۋانچە كۆڭلەك (ئىزمىلىك كۆڭلەك) قىزىل ۋە يېشىل رەڭلەردىن باشقا ھەر قانداق رەڭدىكى سىدام رەختلەردىن تىكىلىدۇ. پاسونى تۈز شەكىلدە بولۇپ، قولتۇق قىسمى كەڭرەك بولىدۇ. كۆڭلەكنىڭ مەيدە قىسىمىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىن 20 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا چاك ئېچىلىپ، ئىككى تەرىپى ئىككى سانتىمېتىر كەڭلىكتە جىگەررەڭ مەشۇت يىپ بىلەن چىرايلىق قىلىپ نەقىشلىنىدۇ. ئوڭ مەيدە تەرەپ قىسىمىغا پورەڭ يېپەك يىپتا توقۇلغان كەڭلىكى ئىككى سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى 20 سانتىمېتىر ئەتراپىدا يەتتە دانە تارغاق ئورنىتىلىدۇ. بىر قارىماققا شەكىل جەھەتتە پەرىجىنىڭ تاقىسىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئومۇمەن ئىككى بالىلىق بولغان، يېشى 30 دىن ھالقىغان، يەنى جۇۋانلىققا قەدەم قويغان ئاياللار، ياشانغان ئاياللار كىيىدۇ.

      ئەرلەر تەلپىكى كېرىيىدە ئەرلەرنىڭ باش كىيىمى ئىچىدە شاپاق دوپپا (بۆك)، چىمەن دوپپا، بادام دوپپىدىن باشقا، ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغىنى سالۋا تەلپەكتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بوز تەلپەك، قارا كۆرپە تەلپەك، قاما تەلپەك، تۈلكە تەلپەك ۋە سەللە تەلپەكمۇ كىيىلىدۇ. ياش ئەرلەر كۆپرەك قاسقىنى چوڭ، كۇچا كۆرپىسىدىن تىكىلگەن سالۋا تەلپەك كىيىدۇ. توي _ تۆكۈن ۋە يىگىتلەر ئولتۇرۇشلىرىدا سالۋا تەلپەك چوقۇم كىلىيىدۇ. ئۇ يىگىتلىك سالاپىتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، دەپ قارىلىدۇ.

      ئەرلەر تەلپىكى تۇغۇلغىنىغا ئانچە ئۇزاق بولمىغان قارا ياكى بوز قوزىنىڭ تېرىسى (كۆرپىسى)دىن تىكىلىدۇ. يەنى قوزىنىڭ يۇمران تېرىسى ئاشلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن قاسقانلىق ئېلىنىدۇ. ئىچىگە يېرىم قىرقىۋېتىلگەن ئاق ياكى بوز قوينىڭ تېرىسىدىن ئەستەرلىك ئېلىنىدۇ. تەلپەكنىڭ ئاستى جىيىكىگە ئىككى سانتىمېتىر ئەتراپىدا تەكشى كىرپىك تۇتۇلىدۇ، تۆپە تەرىپىگە قارا چىبەرقۇتتىن تۆت تالالىق قىلىپ تۆپىلىك تۇتۇلىدۇ. كېرىيە ئەرلىرى تۆت پەسىلدە دېگۈدەك مۇشۇنداق تەلپەكنى كىيىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان.

      يۇقىرى كىيىملەر كېرىينىڭ ئۆزىگە خاس كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتى بولۇپ، ئۇزاق دەۋرلەر داۋامىدا ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن، باشقا رايوندىكى ئۇۇيغۇرلارنىڭ كىيىم – كېچەكلىرىگە ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ. بۇ كىيىملەرنىڭ ئەنئەنىۋى يىلتىزى چوڭقۇر بولۇپلا قالماي، كۈچلۈك يەرلىك پوراققا ئىگە. كېرىيىلىكلەر توي – تۆكۈن، ئۆلۈم – يېتىم ۋە باشقا ھەر خىل مۇراسىم پائالىيەتلىرىدە ھازىرمۇ شۇ كىيىملىرىنى كىيىدۇ، ئەتىۋارلاپ ساقلايدۇ، بىر – بىرىگە سوۋغا قىلىشىدۇ. كېرىيىلىكلەرنىڭ بۇ كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە

مەنبە:شەۋقى مۇنبىرى
ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھىچكىم ئازدۇراممايدۇ،ئاللاھ ئازدۇغان كىشىنى ھىچ كىم ھىدايەت قىلاممەيدۇ.
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4797
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 971
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە971دانە
ئۆسۈش: 950 %
مۇنبەر پۇلى: 6116 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-14
ئاخىرقى: 2012-05-10

رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
تېما ئېگىسىگە كۆپ رەخمەت.
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4797
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 971
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە971دانە
ئۆسۈش: 950 %
مۇنبەر پۇلى: 6116 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-14
ئاخىرقى: 2012-05-10
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-20 03:14

رەسىم:
مىللىي پۇراق ھەقىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 13
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 130 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-19
ئاخىرقى: 2012-04-25
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-20 13:05

كىرىيە  قىز - چوكانلىرى چىرايلىق ،يىگىتلىرى  كىلىشكەن  كىلىدۇ.ئەمگەكچان  باتۇر ھەقىقى  ئۇيغۇر  تۇرۇكلىرى .
سەن كىم ئىدىڭ كىم بولدۇڭ يەنە كىم بولماقچى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1695
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1168
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1168دانە
ئۆسۈش: 650 %
مۇنبەر پۇلى: 12653 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-09
ئاخىرقى: 2012-05-01
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-21 21:14

ئانا يۇرتۇم كېرىيە ئەجەپمۇ سېغىندىمغۇ سنى
سەن كىم ئىدىڭ كىم بولدۇڭ يەنە كىم بولماقچى
سەن كىم ئىدىڭ كىم بولدۇڭ يەنە كىم بولماقچى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1695
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1168
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1168دانە
ئۆسۈش: 650 %
مۇنبەر پۇلى: 12653 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-09
ئاخىرقى: 2012-05-01
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-21 21:15

تېما ئىگىسە تەشەككۈر  
سەن كىم ئىدىڭ كىم بولدۇڭ يەنە كىم بولماقچى
دوستلىشىش
ئەستەغفىرۇللاھ
ئانا يۇرتۇمغا ياۋ بېسىپ كىرسە ئانىلىرىمنى قوغداي
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11186
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 21
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە21دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 205 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-20
ئاخىرقى: 2012-05-08
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-22 19:28

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نىمەدىگەن  گۈزەل مەنزىرە  . سىزىغانلاغا . يوللىغانلاغا رەخمەت
باتۇر بىر قېتىم ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق كۈندە ئۆلىدۇ.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6689
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 757
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە757دانە
ئۆسۈش: 6940 %
مۇنبەر پۇلى: 12647 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-24
ئاخىرقى: 2012-05-10
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-23 04:29

                                             كېرىيە ناھىيىسى

كېرىيە ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى نىيە ناھىيىسىگە، غەرب تەرىپى چىرا ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايونىغا تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى شايار ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 471.7 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى  122  كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 39 مىڭ  500 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە ئىككى بازار،  13 يېزا،  168 ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى  1329 كىلومېتىر.  1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى  191 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار  98.49% نى، خەنزۇلار  1.41%  نى، باشقا مىلللەتلەر 0.1%  نى تەشكىل قىلىدۇ.
   كېرىيە خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇزۇتقات، كېرىيە دۆلەتلىرىنىڭ يېرى ئىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ۋەيا تۇتۇق مەھكىمىسىگە قارىغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە موڭغۇل خانلىرىنىڭ سۇيۇرغاللىق يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 24 - يىلى (1759 - يىلى) تۆتىنچى دەرىجىلىك ھاكىمبەگ تەسىس قىلىنغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 8 - يىلى (1882 - يىلى) قاراقاش شەھىرىنى مەركەز قىلىپ كېرىيە ناھىيىسى قۇرۇلغان. گۇاڭشۈ 11 - يىلى (1885 - يىلى) مەركىزىي كېرىيە شەھىرىگە كۆچۈرۈلۈپ، قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. 1959 - يىلى خەنزۇچە <于> (كېرىيە) دېگەن خەتنى <于田> دەپ ئۆزگەرتىلگەن. خوتەن ۋىلايىتىگە قارىغان.
   يەر تۈزۈلۈشى: جەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەس.  جەنۇبىي كوئىنلون تاغلىق رايونى، ئوتتۇرا، شىمالىي قىسمى تىنما تۈزلەڭلىك ۋە قۇملۇق. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق رايون 31.3% نى، بوستانلىق 6% نى، چۆل - باياۋان  62.7% نى ئىگىلەيدۇ. كېرىيە دەرياسى  قاتارلىق 11 دەرياسى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى بىر مىليارد 114 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارى 595 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن شىمال ئۆچكىسى، تېبەت بۆكىنى، يىلپىز، ياۋا قوتاز، ياۋا تۆگە، قۇلان، سۇغۇر قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن توغراق، يۇلغۇن، قومۇش، توشقان زەدىكى، چاكاندا، چۈچۈكبۇيا، لوپنۇر، كەندىرى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن ئالتۇن، تۆمۈر، مىس، خرۇستال، تاش پاختا، قاشتېشى، چىرىمتال، كۆمۈر، گۈڭگۈرت قاتارلىقلار بار.
   كېرىيە ناھىيىس مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.6℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى  41.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى  - 24.3℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2759.6 سائەت.  10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى  4199.6℃، قىروسىز مەزگىلى  214 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى  44.1  مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2489.6 مىللىمېتىر. يىللىق  ئوتتۇرىچە قاتتىق قۇم ئۇچۇش - بوران چىقىش ۋاقتى 17.8 كۈن.
   ناھىيىنىڭ دېھقانچىلىقى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر 23 مىڭ 800 گېكتار (357 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر. 9100 گېكتار (136 مىڭ 500 مو) ئورمانلىق، يەنە 213 مىڭ 300 گېكتار (3 مىليون 200 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر 42 مىڭ 700 گېكتار (640 مىڭ مو) ئورمان يېتىشتۈرۈشكە باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، كېۋەز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقى ئوتلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى دەپ ئايرىلىدۇ. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار. پىلىچىلىكىمۇ مەلۇم كۆلەمگە ئىگە. سانائىتىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىش، پاختا چىقىرىش، قاشتېشى ئويمىچىلىقى، ئاشلىق - ماي ۋە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.
   كېرىيە ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسىلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ 315 - لىنىيىسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا يوللىرى گىرەلىشىپ كەتكەن. 0002 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت تورىغا كىرگۈزۈلدى.
   مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن قارا دۆڭ خارابىلىكى، قازناق مەسچىت خارابىسى، ئىمامزار خارابىسى قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىلىك جايلىرى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. دەريا بويى  يېزىسى ئۆزىنىڭ ئاجايىپ مەنزىرىسى بىلەن نۇرغۇن جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا.
ھەقىقى دوستۇ سادىق گەر زەھەر سۇنسا شېكەر دەپ بىل،
مەگەر دۈشمەن ساڭا ئەپلەپ شەكەر سۇنسا زەھەر دەپ بىل.
زىيان يەتكۈزسە دوستۇڭ پايدا دەپ بىل كۆڭلى تۈز بولغاچ،
شۇنىڭدەك دۈشمىنىڭ گەر پايدا يەتكۈزسە زەھەر دەپ بىل.
...