بىرىنچى باسقۇچ: 30 يىل ئىلگىرىكى ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋىتىش بىلەن باشلانغان. بۇ يەردە ئىزچىللىق توغرىسىدا ئىككى ئېغىز گەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە يېڭى بىر شۇجى ۋەزىپىگە ئولتۇرسا، ئۇنىڭ تەدبىرلىرى ئالدىنقى نۆۋەتلىك شۇجىنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. بولمىسا سەۋىيىسىنى چىقارغاندەك بولمايدۇ. ئالدىنقى نۆۋەتلىك شۇجىمۇ ئاۋال بار پۇلنى پاكىز خەجلىۋىتىپ ئاندىن بىر نەرسە دەي، مەندىن كېيىنكىسى نېمە بولسا بولمامدۇ دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىياسەتلەرنىڭ ئىزچىل بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لېكىن قاراپ بېقىڭلار، ئامېرىكا جۇڭگوغا تاقابىل تۇرغاندا ھەر نۆۋەتلىك زوڭتۇڭلارنىڭ ھەممىسى ئىزچىللىقنى ساقلايدۇ. بىر ئىلمىي فانتازىيىلىك روماندا ھەر بىر زوڭتۇڭ تەختتىن چۈشكەندە بىر پارچە كۈندىلىك خاتىرىنى كېيىنكى نۆۋەتلىك زوڭتۇڭغا تاپشۇرىدۇ دېيىلگەن. ئامېرىكىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك زوڭتۇڭلىرىنىڭ سىياسەت جەھەتتىكى ئىزچىللىقىدىن قارىغاندا بىزنىڭ بۇ گەپتىن گۇمانلىنىشقا ھەققىمىز يوق. بولۇپمۇ سۆۋىت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگوغا تاقابىل تۇرغاندا ئاجايىپ ئىزچىل! 30 يىل ئىلگىرى ئامېرىكا بىرىنچى باسقۇچنى باشلاپ، خەلقئارالىق ئىش تەقسىماتى دېگەن شوئارنى كۆتۈرۈپ چىققان. بۇ شوئار ئېسىڭلاردىمۇ؟ نەچچە ئون يىلنىڭ ئالدىدا ياساش كەسپىنى قىلىپ باققان بولساڭلار بۇنى بىلىسىلەر. خەلقئارالىق ئىش تەقسىماتى دېگەن نېمە؟ ئېسىڭلاردىمۇ؟ بىزنىڭ جۇڭگونىڭ قىلىدىغىنى نېمە؟ ياساش! بىز ئاخىرى ياساش كەسپى چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندۇق. خەلقئارالىق ئىش تەقسىماتى دېگەن شوئار ئاستىدا بىز ياساش كەسپىنىڭ باشقا غەيرىي ياساش ھالقىلىرىنى ياۋروپا – ئامېرىكىغا ئۆتۈنۈۋەتتۇق. توغرىدۇ؟ بۇلار 1- مەھسۇلاتنىڭ تەتقىق قىلىنىپ لايىھىلىنىشى؛ 2- ئاچقۇچلۇق زاپچاسلار؛ 3- ئەشيا ئوبوروت يولى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوش قوللاپ ياۋروپا – ئامېرىكىغا بېرىۋىتىپ، ئۆزىمىز پەخىرلەنگەن ھالدا ياساش كەسپى چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندۇق. بۇنىڭدا مەسىلە بارمۇ؟ مەسىلە چوڭ. چۈنكى كىم ياساش كەسپىنىڭ باشقا ئۈچ غەيرىي ياساش ھالقىلىرىنى كونترول قىلسا، شۇ ياساش كەسپىنىڭ باھا بېكىتىش ھوقۇقىنى كونترول قىلالايدۇ. شۇڭا بىزنىڭ بۇ يەردىكى ياساش كەسپىنى قىلىدىغانلارنىڭ ئىشى ئىنتايىن جاپالىق. سىلەر ياساش كەسپىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققانلار بۇنى ئۇقىسىلەر. ياساش كەسپى ئادەم قىلىدىغان ئىش ئەمەس. ئەتىگەندىن كەچكىچە ئىشەكتەك ئىشلەيدىغان گەپ، ئىنتايىن زىرىكىشلىك. مىڭ تەستە مەھسۇلاتنى چىقىرىپ قارىساڭ، باھادا سېنىڭ دىگىنىڭ ھېساب ئەمەس. بىر ياساش كەسپى چوڭ دۆلىتىدە باھا بېكىتىش ھوقۇقى يوق! بۇنىڭ نەتىجىسى نېمە؟ سىنىڭ پايداڭ تەبىئىيلا زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، باشقا نەتىجە يوق. سىلەر ئىشلىتىۋاتقان ئايفوننى مىسالغا ئالايلى، كۆپچىلىك ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار، بىر دانە ئايفوندا ئالما شىركىتى 1- ھالقا (مەھسۇلاتنىڭ تەتقىق قىلىنىپ لايىھىلىنىشى) ۋە 3- ھالقا (ئەشيا ئوبوروت يولى) نى كونترول قىلىدۇ. شۇڭا بىر دانە ئايفون ئالما شىركىتىگە 360 دوللار قىممەت يارىتىدۇ. 2- ھالقا (ئاچقۇچلۇق زاپچاسلار) نى ئامېرىكا، ياپونىيە، كورىيە، تەيۋەن قاتارلىقلار كونترول قىلىدۇ. بۇ 187 دوللار قىممەت يارىتىدۇ. ئۇنداقتا بىزنىڭ جۇڭگو قىلىۋاتقان ياساش كەسپىچۇ؟ فۇشىكاڭنى مىسالغا ئالساقمۇ بولىدۇ، سىلەر فۇشىكاڭ بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىسىلەر، شۇنداققۇ؟ فۇشىكاڭ، گۇاڭدا، يىڭيېدا ئۈچى ئاساسەن ئالمىنىڭ ئايفون، ئايپەد، ئايمەك، ئايپاد دېگەندەك مەھسۇلاتلىرىنى ياساپ بېرىۋاتىدۇ. ئەمىسە فۇشىكاڭ ئايفون ياساپ قانچە پۇل تېپىۋاتىدۇ؟ 6.54 دوللار! يەنى ئالمىنىڭ 1- ھالقا بىلەن 3- ھالقىنى كونترول قىلىپ ياراتقان قىممىتى بىزنىڭكىدىن 60 ھەسسە كۆپ، ئامېرىكا، ياپونىيە، كورىيە، تەيۋەنلەرنىڭ 2- ھالقىنى كونترول قىلىپ ياراتقان قىممىتى بىزنىڭكىدىن 30 ھەسسە كۆپ. فۇشىكاڭ تاپقان 6.54 دوللاردىن بارلىق تەننەرخنى چىقىرىۋەتسەك، پايدىسى بىر دوللارغىمۇ يەتمەيدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ جۇڭگونىڭ ياساش كەسپى. 2003- يىلىغا كەلگەندە ياساش كەسپىنىڭ يامان سۈپەتلىك رىقابىتى باشلىنىپ، پايدا تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كەتتى. جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئىشلىتىلگەن سۇناينى مىسالغا ئالساق، بىر سۇناي ئاران بىر مو (خەلق پۇلى) پايدا قىلىدۇ. يەنە سىلەرنىڭ ئېغىر سانائەتمۇ بار. چىرۈي پىكاۋىنى مىسالغا ئالساق، ئاشۇنداق مۇرەككەپ ئىش تەرتىپلىرى بىلەن مىڭ تەستە بىر پىكاپنى ياساپ چىقساڭ، 132 يۈەن پايدا قىلىدۇ، توغرىمۇ؟ ۋىيچەي ماتورلىرىچۇ؟ بۇنى دىسەم سەكرەپ كېتىسىلەر. بىر توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنىڭ ماتورى ئاران 50 يۈەن پايدا قىلىدۇ. مۇشۇنداق ياساش كەسپىنىڭ سىلەرچە يەنە نېمە ئەھمىيىتى بار؟ نېمىشقا مۇشۇنداق بولىدۇ؟ شۇنى ئەستە تۇتۇڭلاركى، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا تاقابىل تۇرۇش قورالى سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ نېفىت ئېكسپورتىغا زەربە بەرگەنگە ئوخشىمايدۇ. بۇ باشقا بىر خىل ئۇرۇش، باھا بېكىتىش ھوقۇقى ئۇرۇشى! بىرىنچى باسقۇچتىكى باھا بېكىتىش ھوقۇقى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ياساش كەسپىگە زەربە بېرىش ئۇرۇشى جۇڭگونىڭ ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاياقلاشتى.