باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 574 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇرۇم!-شېئىر
پولاتتەك ئىرادەڭ بولسىلا پەقەت توسالماس ئالدىڭن ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8852
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 184
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە184دانە
ئۆسۈش: 1260 %
مۇنبەر پۇلى: 2340 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-05
ئاخىرقى: 2012-09-01
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-19 03:12

ئۇيغۇرۇم!-شېئىر

ئۇيغۇرۇرم!
ئۇيغۇرجان:
رومال ئوراپ ئۇزۇن كۆينەك كىيمىسىڭىز
ساچنى قىرقىپ ئۆز قەدرىڭىز بىلمىسىڭز
تار شىم كىيىپ كوچا-كويدا ئوينىسىڭىز
سىزنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتىن كۆيسە باغىر
قانداق سىزنى ئۇيغۇر قىزى دەيمىز ئاخىر
***
ئۇيغۇرگۈل:
رومال ئوراپ ئۇزۇن كۆينەك كىيمىسەك ھەم
ساچنى بۇياپ، قىرقىپ سىزنى قىينىساق ھەم
 دەۋىرلەردە  شوخ  چىقىراپ  ئوينىساق  ھەم
يەڭگىل دېمەڭ سۆزلىرىڭىز بەكلا ئېغىر
بىز  ئۇيغۇرنىڭ  قىزىدۇرمىز  بىلىپ  قۇيۇڭ
***
ئۇيغۇرجان:
ئەسلەپ كۆرۈڭ كۆرسەتمىسە خاتىرەلەر
چاچ كەسمىگەن زۆھرەلەر ۋە نادىرەلەر
شىم كەيمىگەن نۇرخان كۈمۈش ماھىرەلەر
گاھ!ئويلايمەن كەلدىمىكىن زامان ئاخىر
قانداق سىزنى ئۇيغۇر قىزى دەيمىز ئاخىر
***
كوچا-كويدا شىرىن سىزدەك يۈرگەنمىدى
ھەتتا پەرھات يېرىم-يالىڭاچ كۆرگەنمىدى
ئەگەر زۆھرە ساچىنى بۇياپ ئىچسە ھاراق
نەخلا ئۆلتۈرۈپ قويماسمىدى ئۇنى تاھىر
قانداق سىزنى ئۇيغۇر قىزى دەيمىز ئاخىر
***
زامانىۋى مودا قىزلار ئۇنۇتماڭسىز
خەلقىمىزنىڭ ئەندىزىسى يۈزلىرى سىز
مۇسۇلمان خەلىق ئۇيغۇرۇمنىڭ قىزلىرى سىز
ھاياتىمىز لەززىتى گەر بولسا قەھىر
قانداق سىزنى ئۇيغۇر قىزى دەيمىز ئاخىر
***
ئۇيغۇرگۈل:
سۆزلىرىمىز ئانچە مالال كېلىپ سىزگە
بۇنچىلا ھەم تاش ئېتىپسىز ئۇيغۇر قىزگە
ھايا ھەتتا نۇمۇس يوققۇ دەپسىز ئاكاجانىم
ساچى كالتە ئىكەنغۇ دەپ داۋا بىزگە
كۆرەلمەپسىز بىزدەك ئاي-زۆھرەنى
ئەمما ئاشۇ زۆھرەگە ماس تاھىر قېنى
***
بىز نە! قارايلى زەنجىر ئاسقان يىگىتلەرگە
چاچ ئۆستۈرۈپ سېرىق بۇيىغان يىگىتلەرگە
زەنجىر ئېسىپ، شايى كۆينەك كىيىپ يۈرۈپ
غىتمەكلىشىپ جانغا تەگكەن يىگىتلەرگە
كۆرەلمەپسىز بىزدەك ئايۇ-زۆھرەنى
ئەمما ئاشۇ ئۇيغۇر يىگىت تاھىر قېنى
***
گالاستۈكنى تاھىرجانلار تاقىغانمىكەن
كاستۇم-شىملەر پەرھاتلارغا ياققانمىكەن
زامان كەلدى ئۆتتى مانا ئونلاپ ئەسىر
ئۆزلىكىنى ئۇنۇتقان جىنسىلەرگە باققانمىكەن
كۆرەلمەپسىز بىزدەك گۈزەل ئاي-زۆھرەنى
چاپان بىلەن مەسە كىيگەن تاھىر قېنى
***
شىم كىيگەندە غۇرۇر يوق دەپ ئويلىماڭسىز
چاچ قىرىققاندا ھايا يوق دەپ ئويلىماڭسىز
ئىچىدىكى مەرۋايىتنى كۆرمەي تۇرۇپ
چىغىناقنى قىممەتتسىز دەپ سۆزلىمەڭسىز
كۆرەلمەپسىز بىزدەك گۈزەل ئاي زۆھرەنى
ئەمما ئاشۇ زۆھرەگە ماس تاھىر قېنى
***
ئۇيغۇرجان:
ئىچ-ئىچىمدىن كۈتكەن ئىدىم جاۋابىڭىز
جاۋاب يېزىپ كۆپىيىپتۇ ساۋابىڭىز
ماڭا سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز كەلمەس مالال
ھەۋەسكارغا تۆكىلىپتۇ ئازابىڭىز
***
مەن نە قاراي! ھاراق-شاراپ ئىچكەن قىزگە
مەن نە قاراي! تاماكا-ئاق چەككەن قىزگە
راسىت يېزىپسىز يىگىتلەر ھەم ئاپئاق ئەمەس
ئەمما قىزلەر ئاھ! نىمىسىنى ئېيتاي سىزگە
***
ياۋرۇپامۇ؟ ياۋرۇپاسى ئۆزيولىغا
كۆزتەگمىسۇن ئۇيغۇرۇمنىڭ چىن گۈلىگە
مەن ئويلايتتىم قىزلىرىمىز ھايالىققۇ!
ئويلىماستىن شىملىرى  بار بەكلا تارغۇ!
***
مەن بىر يېزا يىگىتىمەن كۈتمىگەندىم
ئاقسا-سەتەڭ قىزلىرى بارمىكىن دەپ
مانا ئەمدى يىگىتلەرگە كەلسەك ئەگەر
يۈزلىرىگە ئەتىر-ئۇپا سۈرمەس ئۇلار
***
قىزلار بىزدىن ئېلىپ قويدى پاسونلارنى
كىيىۋالدى ھەتتا جىنسى كاستۇم-شىمنى
نىمە؟ ئەمدى بىزلەر يوپكا كىيەيلىمۇ؟
ئۈستىمىزنى بىرباشتىنلا بۇيايلىمۇ؟
***
يىگىت بولساڭ شوخ بول دەيدىغان گەپ بار ئاخىر
شوخ بولمىساڭ يوق بول دىگەن گەپ بار ئاخىر
سىزگە تاھىر كېرەك بولۇپ قالغان بولسا
چىن زۆھرەنى تېپىڭ! مانا مەن شۇ تاھىر
***
ئايال دىگەن بىزنىڭ بىر قىسمىمىز
ئايال سىزنى باشتىن-ئاياغ بويىتىمىز
شۇ ھالىچە كىتىۋەرسە قىزلىرىمىز
ئۇيغۇر قىزنى تاپالماستىن قىينىلىمىز
ئۇزۇن كۆينەك سەھرا قىزىغا ئۆيلىنىمىز
كېرەك ئەمەس ياۋرۇپانىڭ پاسونلىرى
***
بىز ئۇيغۇرنىڭ پەرزەنتلىرى بىلىپ قۇيۇڭ
چاچ كەسسىڭىز ھايا يوق دەپ سۆزلىمىدىم
شىم كىيسىڭىز غۇرۇر يوق دەپ ئويلىمىدىم
مەن ئويلىدىم ئۇيغۇرلىقىم نەگە كەتتى!
بارچە تۆھمەت سەۋەبىدىن ئويلىمىدىم
كەچۈرۈڭلار! كەچۈرۈڭلار!
ئادىشىپتىمەن! سىزلەر ياخشى
تار شىم كىيگەن يېرىم-يالىڭاچ قىزلار ياخشى
***
ئۇيغۇرگۈل:
كىم ياخشىيۇ؟ كىم يامانۇ؟ خۇدا بىلەر!
ھەر بەندىنىڭ گۇناھىغا جازا بۇلار
ئەيىپ ئىزدەپ ئۆمرى ئۆتكەن زاتلار
كۆپچىلىكنىڭ ئىززىتىدىن جۇدا بۇلار
***
ھاياسىز قىزلار ئاغرىتىپتۇ باشىڭىزنى
ھەسرەت ئوتى كۆيدۈرۈپ ئىچ-تېشىڭىزنى
پاسونىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ ئالسا ئۇلار
كەستۈرۈپسىز ئۆستۈرگەن شۇ چاچىڭىزنى
***
نىمە ئەمدى بىزلەر يوپكا كىيەيلىمۇ؟
ئۈستىمىزنى بىر باشتىنلا بۇيايلىمۇ؟
شۇ ھەم گەپمۇ؟ سىز ئالماپسىز ئەر كالامى
يەرگە يەكسان قىلماڭ ھەرگىز تاھىر نامى
***
مانا مەن مىليۇن زۆھرە ئۆزۈم سىزگە
لىكىن سىزدىن نە يارار ئۇيغۇر قىزىگە
سىز يازسىڭىز يېزىۋېرىڭ مىنىڭ بولسا
ئەمدى مىنىڭ ئېيتار سۆزۈم بىرلا سىزگە
***
ياۋرۇپانى ئىلاھ قىلماي زامانغا بېقىڭ
سۆكۈپ يۈرۈڭ! ئۇيغۇر قىزنى يامان كۆرۈڭ
تۇنجى خۇراز بىر چاقىرار ھەممە جايدا
سەھرا قىزىغا ئۆيلىنىڭيۇ ئامان بولۇڭ
***
ئۇيغۇرجان:
سىز ياخشىيۇ مەن يامانمەن ھەممە بىلدى
ئۆزلىگىنى ئۇنۇتقانلار باغرىمنى تىلدى
ئەيىپ ئىزدەپ ئۆمرى ئۆتۈپ كەتكەن ئەركەك
سىزدەك زاتلار ئىززىتىدىن جۇدا بولدى
***
كېرەك ئەمەس سىزدك ئىززەت قىلغۇچىلار
ئۆزى يېرىم يۈرەگىمنى تىلغۇچىلار
شىئېر ئېيتىشقان ئىدۇق بىزلەر ياراشقاندى
مەن سىز بىلەن دوستانە سۆز تالاشقاندىم
***
كۈتمىگەندىم نەپرەت تولا سۆزلىرىڭىز
غەزەب-ئەلەم بىلەن باقتى كۆزلىرىڭىز
يەنە كېلىپ سىز بىلەن تەڭ بولىمەنمۇ؟
بىر ئېغىز گەپتىن قالسام ئۆلۈپ قالىمەنمۇ؟
***
ئەلەم بىلەن قارىلاپسىز قەغەزلەرنى
ئۇنۇتۇپسىز ئۇيغۇرغا خاس ئار-نۇمۇسنى
خۇراز بىرلا چاقىرىدۇ دەپسىز ئاپام
خورازمەسسىز، بىلمەيسىز خورازلارنى
بىلىپ قويۇڭ قىچقىرىدۇ ھەر تاڭ خۇراز
تۇخىلارنى قىچقىرىدۇ ھەر تاڭ خۇراز
***
چاچ ئۆستۈرگەن بىر مەزگىللەر مىنىڭ دادام
سىرغا تاققان بىر ۋاقلاردا مىنىڭ ئاكام
لىكىن كىيمىگەن شىمنى جانئاچىلىرم
چاچىنى بۇياپ كەسمىگەندۇر مىنىڭ ئانام
ئۇزۇن چاچ ھەم شوخلۇقلار ھەم يىگىتكە خاس
قىچقىرسا ھەم قىچقىرمىسا ئۇدۇر خۇراز
رەھمەت سىزگە ئۆزىڭىز ھەم ئامان بولۇڭ
يۈزى گۈزەل ، كۆزى-قاشى كامال بولۇڭ
كۈتىمەن مەن مىڭ ئەمەس مىليۇن ئەمەس
بىرلا زۆھرە ، شۇڭا زۆھرە تېپىپ كېلىڭ
زۆھرە ئىزلەپ ۋەتەن كېزىپ ئايلىنىمەن
مەن بەرىبىر ئىمان-ھايالىق قىزغا ئۆيلىنىمەن
سىز بىلەن شئېر ئيتىشمايمەن بەس! قىلىمەن
ئاخۇن جاندەك ياكى قېچىپ قۇتۇلىمەن
قىزبالا دېگەن بىرەر گەپتىن قالار دەپتىم
مەيلى بىرەر گەپتىن ئەمدى مەن قالىمەن
ئەمدى ھېچلا گەپ قىلمايمەن قىزلارغا مەن
ماڭا نىمە! خالىسىڭىز كىيمەي يۈرۈڭ!
***
ئۇيغۇرگۈل:
بىرەر گەپتىن قالغىنىڭىز ياخشى بولدى
قىزلار ئاسان يىڭىلمەيدۇ ھەممە بىلدى
بىزنىڭ بەس ھەم تەسىر قىلىپ كىملەرگىدۇر
سۆزلىرىڭىز ئۆز ئىگىسنى تېپىپ بولدى
ئاخىر ھايات گۈزەل بولۇر بەخىتلەر بىلەن
ئۆز پىكرى ئۈچۈن كۈرەشكۈچى شەخىسلەر بىلەن
 زور گۈلدۈراس! قارىساق ھەم ئالقىشلىدى
ئىككى قولدىن چىقىدىغان قاسلار بىلەن
مەنبە-تۇران بىلوگى
 
ئەڭ كىچىككەن باشلىنىشمۇ كىچىككەن ھىسابلانمايدۇ،
دوستلىشىش
تاھىربەگ
يا بولغۇنۇڭ كەبى كۆرۈن، يا كۆرۈنگىنىڭ كەبى بول
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2837
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2837دانە
ئۆسۈش: 5890 %
مۇنبەر پۇلى: 34646 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-09-04

ئاۋازلىق قىلىپ ئىشلىسەك بولاتتى
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دوستلىشىش
ئوۋبۈركۈتى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11363
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 33
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە33دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 405 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-04-18
ئاخىرقى: 2012-05-21
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-19 10:03

ۋاھ بەك ياخشى شىئىر ئىكەن، ھازىرقى زامان ياشلىرىغا ھەقىقى تەربىيە بولىدىكەن، ياشلاربۇنى ئوقۇپ ئىبرەت ئالسا بولاتتى
سەن كىم ئىدىڭ كىم بولدۇڭ يەنە كىم بولماقچى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1695
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1263
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1263دانە
ئۆسۈش: 930 %
مۇنبەر پۇلى: 13823 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-09
ئاخىرقى: 2012-09-11
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-19 16:32

ئىنكاس (تاھىربەگ ) كە

مۇشۇنۇڭغا ئوخشاشمۇ
سەن كىم ئىدىڭ كىم بولدۇڭ يەنە كىم بولماقچى
خىيالپەرەس ئادەم
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4670
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 135
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە135دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 987 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-11
ئاخىرقى: 2012-08-26
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-19 18:14

ھەي دورامچىلىق.....