باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 851 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: قۇرئاننى قانداق ئوقۇيمىز(تەرجىمە)
دوستلىشىش
ئۆزئۇيغۇر
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8994
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 121
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە121دانە
ئۆسۈش: 80 %
مۇنبەر پۇلى: 1230 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-18
ئاخىرقى: 2012-05-06
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-18 23:57

قۇرئاننى قانداق ئوقۇيمىز(تەرجىمە)

تەتقىقاتلار  ۋە كۆزىتىشلەردىن مەلۇم بولدىكى، كۈنىمىزدە «قۇرئان كەرىم » خەلقىمىزنىڭ ئەڭ كۆپ ئوقۇيدىغان، ئەمما ئەڭ ئاز چۈشەنگەن كىتاپ بولۇپ قالماقتا. مۇسۇلمان تۈرك جەمىيىتىدە ئۆيىدە قۇرئان تېپىلمايدىغان ھېچكىم قالمىغانلىقىغا باقماي ، قۇرئاننى چۈشۈنۈپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ نىسبىتى خېلىلا تۆۋەن دەرىجە بولماقتا.

قۇرئاننىڭ نازىل بولۇش مەقسىتى ۋە ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش مۇددىئاسى بىلەن جەمئىيىتىمىزنىڭ ئىچىدىكى مەۋجۇت ئەھۋال ئارىسىدا بىر سېلىشتۇرما ئېلىپ بېرىلسا ، قۇرئاننىڭ ئانچە كۆپ چۈشۈنىلمەي ئوقۇلغىنىنى ۋە ئۇنىڭ بىزگە سۇنغان  كىشىلىك  ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىلىملەردىن يېتەرلىك پايدىلىنالماىغانلىقىمىزنى ئاسانلا چۈشۈنىۋالالايمىز.

 نازىل قىلىنغان تۇنجى ئايەتلىرىدىن باشلاپ ئوقۇش-ئۆگىنىشنىڭ، بىلىمنىڭ، تىنىچلىقنىڭ، ياخشى كۆرۈشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە  توختالغان قۇرئان كەرىم، پۈتۈن مۇسۇلمانلار  تەرىپىدىن  تەلەپ بويىچە ئوقۇلۇپ، يېتەرلىك چۈشۈنىلگەن بولسا ، بۈگۈن جەمىيىتىمىزدە  كېڭىيىۋاتقان ئىشەنچسىزلىك، خاتىرجەمسىزلىك، سۆيگۈ ۋە سۆھبەت كەملىكى، ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكىدىكى  ۋەزىيىتىمىز  بۇ ھالدا بولماس ئىدى.  ئىسلام دۆلەتلىرى دىگەن چۈشەنچە زوراۋانلىق ۋە تېرورلۇق چۈشەنچىسى بىلەن بىرلىشىپ قالماس ئىدى. قۇرئان تەلەپكە لايىق چۈشۈنىلگەن بولسا ئىسلام دۇنياسى دەپ ئاتالغان جەمئىيەتلەردە ئايرىمچىلىق، قانۇن بۇزۇغۇنچىلىقلىرى، مەدىنىيەتسىزلىك  ھوسۇلى بولغان قان دەۋالىرى، ئەخلاقسىزلىق جىنايەتلىرى، زۇلۇم، پاھىشە، بولاڭچىلىق، پارىخورلۇق،يولسىزلىق،ئالدامچىلىق قاتارلىق جىنايەتلەر بۇنچىلىك كەڭ تارقالمىغان بولاتتى. چۈنكى يۇقىردا تىلغا ئالغان بۇ  ئىشلار قۇرئان نازىل بولىۋاتقان مەزگىلدە مەككە جەمئىيىتىدىمۇ يايغىن ئىدى.

 پەقەت، ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىزنىڭ رەھبەرلىكىدە  ئۇ بۇزۇلغان، چىرىشكە يۈز تۇتقان جەمئىيەت، قۇرئاننىڭ نۇرلاندۇرۇشى بىلەن ئۇزۇن ئۆتمەي مەدەنىي بىر جەمئىيەت ھالىتىگە قايتالىغان ئىدى.

اللە (ج.ج) بىزگە «قۇرئان كەرىم» دەك بىر گۆھەر ئەۋەتكەن، ئەپسۇس بىز ئۇنى يېتەرلىك  تونۇيالمىدۇق ۋە ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلىنغاندەك پايدىلىنالمىدۇق.  بۇ مۇلاھىزىدىن كىيىن، «قۇرئان كەرىم» نىڭ نىمە ئۈچۈن نازىل قىلىنغىنى، كۈنىمىزدە قايسى مەقسەتتە ئوقۇلغانلىقى، قانداق ئوقۇش كېرەكلىكى ئۈستىدە توختالماق زۆرۈر.

1.  «قۇرئان كەرىم» نىمە ئۈچۈن نازىل قىلىندى.

بۇ سوئالغا بېرىلىدىغان ئەڭ توغرا جاۋاپ، قۇرئان تەرىپىدىن مۇنداق شەرھىلەنگەن:

«بۇ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ھېچ شەك يوق، (ئۇ) تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر» بەقەر /2 

 

«رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى، قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر» بەقەر / 185

«... سىلەرگە ﷲ تەرىپىدىن نۇر (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ۋە روشەن كىتاب (يەنى قۇرئان) كەلدى (15) ﷲ شۇ كىتاب (يەنى قۇرئان) ئارقىلىق رازىلىقىنى تىلىگەنلەرنى سالامەتلىك يوللىرى (ﷲ نىڭ شەرىئىتى ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى) غا يېتەكلەيدۇ، ئىرادىسى بويىچە ئۇلارنى (كۇفرى) قاراڭغۇلۇقىدىن (ئىماننىڭ) نۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ(16)» مائىدە /15،16

 

«(بۇ) ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۈر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز - نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر» ساد /29

 

«بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ» ئىسرا / 9

 

 

ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىزمۇ ۋاپاتىغا يېقىن ۋىدالىشىش نۇتىقىدا : «مەن سىلەرگە ئىككى نەرسە قالدۇرۇپ قويدۇم. ئۇنىڭغا مەھكەم ئېسلساڭلار توغرا يولدىن ئازمايسىلەر. ئۇلار ﷲ نىڭ كالامى ۋە مېنىڭ سۈننىتىمدۇر» (ئىمامى مالىك،مۇۋەتتا، قەدەر 3،) دەپ، مۇسۇلمانلارغا  قۇرئان ۋە سۈننەتنى چۈشۈنۈپ ياشاشقا ئىشارەت قىلغان.

كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىش مەقسىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆزلىرىدە تەكىتلەنگەن ئورتاق نوقتا ، ھىدايەت يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەت بەختىدۇر، ئازاپتىن قۇتۇلۇپ راھەتكە ئېرىشىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن «قۇرئان كەرىم» نى ئىنسانلارغا يارىتىلىش غايىلىرىگە ئۇيغۇن ياشاشىنىڭ يولىنى كۆرسەتكەن بىر كىتاپ دەپ تونۇيمىز.

قۇرئان ، توغرا ئىمان كەلتۈرۈش، ئەخلاقىمىزنى گۈزەللەشتۈرۈش، بىزنى ياراتقۇچىنىڭ دەرگاھىدا ھۆرمەتلىك قىلغان ئىبادەتلىرىمىزنى ئۇسۇلىغا ئۇيغۇن ۋە تەلەپكە لايىق قىلىشىمىزنى بايان قىلىش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ساغلام داۋاملاشتۇرۇش قائىدىلىرىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان بىر كىتاپتۇر.

قۇرئان كەرىم تەتقىق قىلىنغاندا، توغرا ئىمان كەلتۈرۈشنى ئۆگەتكەن تەۋھىد ئاساسلىرى ، ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ، ئەقىلنى ئىشلىتىپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى، ئىبادەتلەر، ئەخلاق ، ئائىلىدىن باشلاپ ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىدە يولۇققان كىشىلەرگە بولغان مۇھەببەت، ھۆرمەت، سۆھبەتلەرنىڭ تەرزى، كۆك ، يەر ۋە بۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى مەۋجۇداتلارنىڭ يارىتىلىشىغا دائىر ئىلمىي بايانلار، ئۆتكەن قەۋم- مىللەتلەرنىڭ ئىبرەتلىك ھېكايىلىرى، ئۆلۈم ۋە ئۇندىن كېيىنكى ھايات ، ۋە تېخىمۇ كۆپ مەۋزۇلاردا بىزلەرنىڭ كۆزلىرىمىزنى يورۇتقۇچى بىلىملەرنىڭ يەر ئالغانلىقىنى كۆرىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىش مەقسىتى دۇنيا دىگەن مۇشۇ سەييارىدا بىزگە بېرىلگە ئۆمۈر ئىچىدە راھەت ۋە بەختلىك ھايات كەچۈرىشىمىزنى، مەڭگۈلۈك ھايات دىگەن ئاخىرەتتە  ھەم بەختكە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.

2.  قۇرئان كۈنىمىزدە نىمە مەقسەتتە ئوقۇلماقتا؟

كۆزىتىش ۋە تەتقىقاتلىرىمىزغا قارىغاندا قۇرئان كەرىمنىڭ ئومۇمەن مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن تۆۋەندىكى مەقسەت ۋە نىيەتلەردە ئوقۇلىۋاتقانلىكى مەلۇم .

1). سىھىرۋە كۆز تېگىشتىن ساقلىنىش، سىھىر قىلىش، پال بېقىش ئۈچۈن ئوقۇش.

قۇرئاننىڭ بۇ شەكىلدە ئوقۇلىشى جەمئىيىتىمىزدە بەكمۇ يايغىندۇر.

سىھىر قىلىش، ياكى پال بېقىش ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇش،  بەزى ئايەتلىرىنى يېزىش ئۇنىڭ نازىل قىلىنىش مەقسىتىگە قەتئىي ماس كەلمەيدۇ. سىھىر ياكى پال باققانلار يەنە بىر مەنىدىن قۇرئاننى بىلىمىسىز كىشىلەرنى ئۆزىگە قارىتىش قورالى قىلىپ پايدىلانماقتا. بۇ ھال قۇرئان ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ھەقسىزلىكتۇر.

2) شىپا نىيىتىدە كېسەللەگە ئوقۇش.

ئىسلامنىڭ ئاغرىقلار ئۈچۈن كۆرسەتمىسى ، دوختۇرغا كۆرۈنۈش، دورا ئىشلىتىش، تىبابەت ئامالسىز قالغان ئاغرىقلارغا  ﷲدىن شىپالىق تىلەپ دۇئا قىلىشتۇر. بۇ كېسەللەر ئۈچۈنمۇ پىسخىك راھەتلىك بېرىدۇ. ئەمما  شىپا بولىدۇ دەپ قۇرئان ئايەتلىرىنى ھەر خىل شەكىلدە يېزىش، قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىش مەقسىتىن تاشقىرى خاتا مەقسەتلەر ئۈچۈن ۋاستە قىلىش قەتئىي ئۇيغۇن بولمايدۇ.

3) مەرھۇملارنىڭ روھىنى شادلاندۇرۇش ئۈچۈن ئوقۇش.

بالىلىرىغا قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگەتمەكچى بولغان ئاتا- ئانىلارنىڭ كۆپىنچىسى ، ئۆزلىرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ روھلىرىغا قۇرئان ئوقۇيدىغان بىرەرسىنىڭ بولۇشىنى مەقسەت قىلغان. ئۆلۈپ كەتسەك ھىچ بولمىسا روھىناتىمىزغا فاتىھە ئوقۇيدۇ دىگەن قاراش جەمئىيىتىمىزدە كەڭ تارقالغان. ئەمەلىيەتتە تەربىيىلىگەن بالىمىزدىن بالدۇر كېيىن ئۆلۈپ كېتىشىمىزنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. بۇ خىل چۈشەنچە قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىش مەقسىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس. ئۇنىڭ ئورنىغا بالام ئوقۇسۇن، دىنىنى ئۆگەنسۇن،ﷲنىڭ قۇللىرىغا چۈشۈرگەن ئۇلۇغ كىتاپنى چۈشەنسۇن، ئۇنىڭ تەلەپ قىلغانلىرىنى ئادا قىلىپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەت بەختىگە ئېرىشسۇن، بىزگىمۇ دۇئا قىلسۇن دەپ چۈشەنسە ئەڭ توغرا ۋە مەنتىقىگە ئۇيغۇن بولىدۇ.

ئۆلۈكلەرگە قۇرئان ئوقۇش توغرىسىدا  ﷲ شۇنداق دىگەن: «  سەن ئۆلۈكلەرگە ۋە يۈز ئۆرۈگەن گاسلارغا  دەۋەتنى ئاڭلىتالمايسەن »

ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز ۋە ساھابىلەردىن ئۆلۈكلەرنىڭ ئارقىسىدىن قۇرئان ئوقۇشىنى تەۋسىيە قىلغان سەھىھ بىر رىۋايەت يوق. بۇ ئادەتلەرنىڭ پەيدا بولۇش ئېھتىمالى مۇنداق بولۇشى مۈمكىن: ئوقۇلغان قۇرئاندىن ئوقۇغۇچى ۋە تىڭشىغۇچى بىرنەرسە ئۆگىنىپ، چۈشۈنۈپ، پايدىلانسا، بۇنىڭغا سەۋەپ بولغان مەرھۇم ۋۇجۇتقا كەلگەن ساۋاپتىن پايدىلىنىدۇ. يەنى ئەسلى مەقسەت تېرىكلەرنىڭ قۇرئاننى چۈشۈنىشىدۇر. بولۇپمۇ ،جىنازا نامىزى ۋە دەپنىلەردە كىشى بەك ھاياجانلىنىدۇ. ئۆلگەنلەرگە قاراپ دۇنيا ھەلەكچىلىگىدىن سوۋۇغان  بىر ئىنسان تەبىئىي ھالدا ئۆزىدىن ھىساپ ئېلىشقا باشلايدۇ. تازا تەسىرلىنىپ تۇرغاندا ئوقۇلغان ۋە يەتكۈزۈلگەن قۇرئان مەزمۇنلىرى ئىنساننىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئىز قالدۇرىدۇ. بۇمۇ كىشىنىڭ قۇرئاننى چۈشۈنىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋال. ئەمما بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا ئۆلگەنلەردىن ئىبرەت ئېلىۋاتقان ساق كىشىلەرنىڭ قۇرئان مەزمۇنلىرىدىن تەسىرلىنىشىدۇر. مەسىلەن، مازاردا ئوقۇلغان ناماز، روزا، زاكات، ۋە سەدىقەگە دائىر ئەمىرلەر بىلەن، ياكى زۇلۇم، زىنا، ئوغرىلق، ئەخلاقسىزلىق، يولسۇزلۇق، كىشى ھەقلىرى قاتارلىق ئايەتلەر ئوقۇغۇچىغا ۋە تىڭشىغۇچىغا شۇ مەنىنى بېرىدۇ: شۇ ئۆلگەن كىشىنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىل ۋە ھاياتىڭنىڭ قالغان قىسمىنى قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان شۇ نەتىجىنى چۈشۈنۈپ ياشاشقا تىرىش. ئەكسىچە، ئۆلۈكلەر ئۈچۈن قۇرئان سۆزلەيدىغان ھىچنەرسە قالمايدۇ. چۈنكى قۇرئان تېرىكلەرگە چۈشۈرۈلگەن ۋە ئۇلارغا بەلگىلىك مەسئۇلىيەت يۈكلىگەن بىر كىتاپ.

دۇنيادىن كەتكەن تۇققانلىرىنىڭ روھىنى خوشال قىلىش ئۈچۈن ھەق بىرىپ ئادەم ياللاپ خەتمە قۇرئان قىلىشنىڭ قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىش مەقسىتى بىلەن ھىچبىر ئالاقىسى يوق. ناتوغرا نىيەت بىلەن قۇرئان ئوقۇشنى چەكلىگەن رەسۇلىللاھ ئەلەيھىسسالام شۇنداق دەيدۇكى:« ئۇ قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈمەڭلار، خاتا چۈشەنچە بىلەن ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار ، ئۇنى قۇساق تويغۇزۇش ۋە تىجارەتتە قورال قىلىپ باي بولۇشقا ئورۇنماڭلار»

ئۆلۈپ كەتكەن يېقىنىغا ساۋاپ بېغىشلىماقچى بولۇپ، بۇنىڭ دۇرۇسلىقىغا ئىشەنگەندە باشقىلارغا ھەق بېرىپ قۇرئان ئوقۇتقاننىڭ ئورنىغا ، شۇ كىشىنىڭ ئۆزى قۇرئان ئايەتلىرىدىن ئوقۇپ ساۋابىنى بېغىشلىشى ياكى ئىچىدىن كەلتۈرۈپ دۇئا قىلىشى تېخىمۇ توغرا بولىدۇ.

4) ئىبادەتلەردە ئوقۇش زۈرۈر بولغاچقا ئوقۇش.

ھەممىمىزگە ئايانكى، قۇرئاننى ئوقۇشنىڭ ئۆزى بىر ئىبادەتتۇر. بولۇپمۇ ناماز قاتارلىق بەزى ئىبادەتلەردە قۇرئان ئوقۇش شەرت. قۇرئانسىز ناماز ناماز بولمايدۇ.  شۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ناماز ئوقۇيالىغىدەك دەرىجىدە قۇرئان سۈرە، ئايەتلىرىنى يادلىشى پەرز ھېساپلىنىدۇ.

5) ساۋاپ تېپىش ئۈچۈن ئوقۇش.

ئىبادەتلەردىن سىرت قۇرئان ئوقۇش ساۋاپلىق بىر ئىش. ھەمدە ئوقۇلغان ھەر جۈملىسىگە، ھەر سۆزگە ھەتتا ھەر بىر ھەرپكە ساۋاپ يېزىلىدۇ.   ساۋاپنىڭ مىقدارى ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇغىنىنى چۈشۈنىشىگە بېقىپ ئارتىدۇ. قۇرئاننىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەي پەقەت ساۋاپ تېپىش ئۈچۈنلا ئوقۇش بىرتەەپلىمىلىك بولىدۇ. قۇرئان كەرىم ساۋاپ دەپتىرىمىزنى توشقۇزۇش ئۈچۈنلا چۈشۈرۈلمىگەن. ئۇ بىزگە مەسئۇلىيەت يۈكلىمەكتە. ساۋاپ تېپىش ئۈچۈنلا قۇرئان ئوقۇش، ئۇنىڭ بىزگە يۈكلىگەن مەسئۇلىيىتىمىزنى ئۇنۇتتۇرىدۇ. شۇنداقلا، قۇرئان ئوقۇپ تاپىدىغان ساۋاپنىڭ ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنۈش دەرىجىمىزگە باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك.

6) ئوقۇپ ياكى تىڭشاپ ھوزۇر ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇش.

قۇرئان باشقا كىتاپلاردىن پەرقلىق ھالدا ، ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىسىمۇ ئوقۇغۇچىغا ۋە تىڭشىغۇچىغا مەنىۋى ھوزۇر بېرىدۇ، ناھايىتى ئۇلۇغ تۇيغۇلارنى ھىس قىلدۇرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بىئاراملىقلارغا قارىتا كىشىلەرگە پىسخولوگىيەلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا دائىم قۇرئاننى ئاۋازلىق ئوقۇش ۋە تىڭشاش ھەم ئىبادەت ھەم مۇسۇلمانلارغا ھوزۇر بېرىدىغان شاتلىق ۋاستىسى.

7) ھەقىيقى مەنىسىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن ئوقۇش.

بۇ قۇرئاننىڭ روھىغا ۋە نازىل قىلىنىش مەقسىتىگە ئۇيغۇن بولغان ئوقۇشتۇر. خۇسۇسەن يېقىنقى ۋاقىتلاردا قۇرئاننى بۇ مەقسەتتە ئوقۇش نىسبىتى ئاشماقتا. بەزى ياشلىرىمىز يانچۇققا پاتىدىغان قۇرئان تەرجىمىلىرىنى يانلىرىدىن ئايرىمايدىغان بولۇشتى. رەسۇلىللاھ بىزگە «قۇرئان ئوقۇڭلار، ئۇنىڭ پىرىنسىپلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇڭلار» دەپ تەۋسىيە قىلغان. شۇنداق  بولسىمۇ بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ ياشلارغا سىلەر قۇرئاننى چۈشۈنەلمەيسىلەر،شۇڭا ئۇستازنىڭ كۆرسەتمىسىسىز قۇرئان ئوقۇش توغرا ئەمەس دىگەن تەنبىھلىرى دىنىىي ۋە مەنتىقە ئىتىبارى بىلەن توغرا ئەمەس. ئەلۋەتتە، ھەر بىر شەخسنىڭ قۇرئاننىڭ ھەممىسىنى ئەرەپچىسى ياكى تەرجىمىسدىن تولۇق ۋە توغرا چۈشۈنىشى تەلەپ قىلىنمايدۇ، ھەر مۇسۇلماننىڭ ئۆز بىلىمى،ئەقلى تەپەككۈرىگە لايىق قۇرئاننىڭ مەنىلىرىنى ئۆگۈنۈپ ۋە چۈشۈنىشى بەك مۇھىم.

قۇرئان كەرىم اللە نىڭ سۆزى بولغاچقا ئۇنىڭغا ھۆرمەت كۆرسىتىش مۇھىم بولغان بىر كىتاپ. ئەمما، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىمىز ئۇنى چۈشۈنىشىمىزگە توسالغۇ بولماسلىقى كېرەك.

3.  قۇرئاننى قانداق ئوقۇش كېرەك؟

1)  اللە نىڭ سۆزى دىگەن چۈشەنچە بىلەن ئوقۇش :

 قۇرئان ئوقۇغان كىشى يەنە بىر مەنىدىن ئالغاندا اللە بىلەن سۆزلىشىۋاتىدۇ دىگەنلىك بولىدۇ. بۇ خىل تۇيغۇغا كېلىش، قۇرئان مەزمۇنلىرىنىڭ كىشىنى ئاگاھلاندۇرىشى جەھەتتىن  ئىنتايىن  مۇھىم.

2)  مەنىسىنى چۈشۈنۈش نىيىتى بىلەن ئوقۇش:

قۇرئاننىڭ مەنىسىنى چۈشۈنىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە  غەيرەت قىلساق ئۇنىڭ مەمۇنلىرىنى ياخشى چۈشۈنەلىشىمىزگە چوقۇم ئىشىنىشىمىز كېرەك. ئەر  ۋە ئايال ھەممەيلەننىڭ قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشۈنشى بىر مەسئۇلىيەتتۇر.

3)   قۇرئان ئوقۇۋاتقاندا تىل، دىل، ۋە ئەقىل بىرلىككە كەلگەن بولۇشى لازىم.

قۇرئان ئوقۇۋاتقاندا تىلنىڭ ئوقۇغىنىنى كۆڭۈلدە ئەكس ئېتىشى ۋە ئەقىل بىلەن مۇلاھىزە قىلىپ چۈشەنچە، تونۇش ھاسىل قىلىش لازىم.

4)  قۇرئاننى دانە دانە ئوقۇش كېرەك.

اللە قۇرئاننىڭ ئوقۇلۇش تەرزى ھەققىدە  رەسۇلىللاھ قا خىتاپ قىلىپ شۇنداق دىگەن:« قۇرئاننى كىشىلەرگە دانە - دانە ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ئۇنى بۆلۈپ - بۆلۈپ نازىل قىلدۇق، ئۇنى تەدرىجىي نازىل قىلدۇق». (ئىسرا /106) .
قۇرئاننى ھەقىقى مەنىسى بىلەن ئوقۇش ، ئايەتلەرنىڭ لەبزىنى ئوقۇپلا ئۆتۈپ كېتىش ئەمەس، ئايەتلەر ھەققىدە ئويلىنىپ، مەزمۇنىنى چۈشۈنىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىن ئىبارەتتۇر. مۇزەممىل سۈرىسىدە « قۇرئاننى تەرتىل بىلەن ئوقۇغىن» دىيلگەن. تەرتىل  ئالدىرىماي،توختاپ توختاپ، ئۇسۇلىغا ئۇيغۇن ۋە چۈشەنگەن ھالدا ئوقۇش دىمەكتۇر. تىز ئوقۇلغاندا مەزمۇنلىرىنى ياخشى چۈشۈنۈپ بولغىلى بولمايدۇ. شۇڭا رەسۇلىللاھ قۇرئاننىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشتن ئاخىر تامام قىلىنىشى ئۇيغۇن كۆرمىگەن. ( تىرمىزى، قىرائەت بابى،12؛ ئەبۇ داۋۇد، رامازان،8-9) . مەنبەلەردە رەسۇلىللاھنىڭ بىر ئايەتنى ئوقۇپ تاڭ ئاتقۇزغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. ( ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 149). ئۇ ئايەتلەرنى دانە دانە، توختىلىپ ، ئويلىنىپ ، بەزىدە يىغلاپ تۇرۇپ ئوقۇيتتى. رەھمەت ئايەتلىرىگە كەلگەندە اللەدىن رەھمەت تىلەيتتى، ئازاپ ئايەتلىرىدە اللە غا سىغىناتتى. رەسۇلىللاھنىڭ تەربىيىسىدە يېتىشكەن ساھابىلارمۇ ئاۋال ئاۋال ئون ئايەت ئۆگۈنۈپ، ياخشى چۈشۈنۈپ بولغاندىن كىيىن قالغان ئايەتلەرنى ئۆگۈنەتتى.( مۇھەممەد بىن ئەبۇبەكىر ئىنبى قەييۇم ئەل جەۋزىييە. زادۇئى مەئاد ، بېيرۇت، 1987،1،338)5
   ئۆگىنىلگەن قۇرئان بىلىملىرىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش لازىم.

مۇسۇلمان بىر كىشىنىڭ ئۆگەنگەن قۇرئان بىلىملىرىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشى بىر خىل مەسئۇلىيەتتۇر.

6)  باشقىلار قۇرئان ئوقۇۋاتقان بولسا ئۇنى تىڭشاش لازىم.

اللە قۇرئاندا « قۇرئان ئوقۇلغاندا ئۇنى تىڭشاڭلار» دىگەن . رەسۇلىللاھمۇ  بەزى ساھابىلەرنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنى تەلەپ قىلاتتى ۋە ھوزۇر بىلەن تىڭشايتتى. ئۇنىڭ كۆپرەك ئىبنى مەسئۇددىن قۇرئان تىڭشىغىنى رىۋايەت قىلىنغان.

7)   قۇرئاندىن ئۆگىنىلگەن مەزمۇنلارنى ئەمەلىي تۇرمۇشقا تەدبىقلاش لازىم.

قۇرئان مەزمۇنلىرىنى تۇرمۇشىمىزغا تەدبىقلىمىساق ئۇنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ ۋە بارا بارا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ.

8)  قۇرئان ۋە تەرجىمە – تەپسىرلىرىنى ئوقۇشتا ئىزچىلىققا ئەھمىيەت بېرىش كېرەكتۇر.

ھەر بىر مۇسۇلمان ئاز بولسۇن، كۆپ بولسۇن ھەر كۈنى قۇرئان ئوقۇشقا ئادەتلىنىشى، ئەرەپچىسىنى بىلمىسە تەرجىمە – تەپسىرىنى بولسىمۇ ئوقۇشى لازىم. شۇنداقلا ئۆيدە قۇرئان ۋە تەرجىمە – تەپسىر ساقلاش لازىم.  يېڭى توي قىلغانلارغا، دوستلارغا، بالىلارغا، يېڭى مۇسۇلمان بولغانلارغا، قۇرئان ھەدىيە قىلىشنى  بىر ئەنئەنىگە ئايلاندۇرۇش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ۋە ساۋاپلىق ئىش.  

 

دوكتۇر ھۈسەيىن يىلماز

تۈركىيە جۇمھۇرىيەت ئۇنۋېرستىتى ئىلاھىيەت فاكولتتېتى

تەرجىمە قىلغۇچى : ئۆزئۇيغۇر
مەنبە:
http://www.suleymaniyevakfi.org/arastirmalar/kurani-nasil-okumaliyiz.html
دوستلىشىش
dulbarqin310
توۋا دەيمەن، دۇنيادىكى ئىشلارغا.........
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1209
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1209دانە
ئۆسۈش: 570 %
مۇنبەر پۇلى: 12883 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-05-10

راست، قۇرئان ھەممىمىزنىڭ ئۆيىدە بار، ئەمما ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشۈنۈشىمىز بەكلا ئاز.
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
دوستلىشىش
ئوۋبۈركۈتى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11363
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 33
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە33دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 395 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-04-18
ئاخىرقى: 2012-05-07
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-19 10:14

توغرا قۇرئاننى ئوقۇغان بىلەن ھەچ نىمىنى چۈشەنمەي ئوقىسا قانداق پايدىلىنالايدۇ بۇتىنىنى ياخشى يوللاپسىز، بۇنىڭدىن كىيىن بۇ ئىبادەتنى ئوقۇپلا قويماي ھەقىقى چۈشۈنۈپ ئوقىساق بولغىدەك، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىلىم ئۈگۈنىشكە توغرا كىلىدۇ ئەگەر بىلمىسەك تەرجىمىسىنى ئوقۇغان بىلەنمۇ چۈشەنگىلى بولمايدۇ ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلىم ئۈگۈنىشىمىز،ئۈگەنگەندىمۇ رىياغا ئەمەس ئۆزىمىزنىڭ ئىشتىياقى بىلەن ئۈگۈنىشىمىز كىرەك.
دوستلىشىش
قارگۇلى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8196
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 395
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە395دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 4091 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-18
ئاخىرقى: 2012-05-09
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-19 10:15

مەن «ھۆر ئادەم»فىلىمىدىكى بىر ئېغىز سۆزنى بۇ يەردە دەپ قويغۇم كەلدى::  مۇسۇلمانلار قۇرئاننى ئوقۇسۇنكى لىكىن مەنىسىنى چۇشەنمەي ئوقۇسۇن!!!  ---بۇ ئەنگىلىيىلىك بىر  ئەمەلدارنىڭ تۇرۇك ئەمەلدارلىرىغا دېگەن سۆزى!!!!!!

مۇسۇلمانلار قۇرئاننىڭ ئەرەپچىسىنى ئوقۇش بىلەن بىرگە تەرجىمىسىنى ئوقۇشنى بىرلەشتۇرۇش كېرەك!!!!ئەڭ مۇھىمى قۇرئاننى ھاياتىغا تەدبىقلاش.. بۇ قۇرئاننىڭ ئىنسانلارنىڭ دەستۇرى بولۇشىدىكى سەۋەپتۇر!!!!

___________________________
تۇرۇك ئەمەس تۈرك
[ بۇ يازمىنىتاھىربەگ 2012-04-19 11:24قايتا تەھرىرلىد ]
ئۇنۇتمايلىكى :  <<بۇ دۇنيا بىر قونالغۇ...........بىز بولساق مىھماندۇرمىز!!!!!>>
دوستلىشىش
kroran2010
QQ:1536349737
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4290
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 214
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە214دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 1353 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-05
ئاخىرقى: 2012-05-10
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-19 11:11

مەن قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئككى قىتىم ئۇقۇپ بولدۇم ،ھازىر  قۇرئاندىكى ھەربىر سۈرىنىڭ  مۇھەممەد پەيغەمبىرىمىزگە  قانداق بىر دەۋىر مۇھىتتكى ئاللاھنىڭ ۋەھىيسى ئكەنلىكى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ تەھلىل قىلىپ ئۇچىنىجى قىتىم ئوقۇۋاتىمەن ،ئاجايىپ بىر ھوزۇر.مەنمۇ ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرگەن ، پەن بىلەن ئاتىزىم بىرلەشتۇرۋىتلگەن تەربىينى 18يىل قۇبۇل قىپتىمەن،لىكىن بۇنىڭدىن كىيىنكى ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرگەنلەرنىڭ بۇخىل تەسىرنى تازلاپ چىقىرالايدىغىنىغا نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەيمەن...  
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 159
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە159دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 1172 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-29
ئاخىرقى: 2012-05-10
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-19 13:18

سالام قېرىندىشىم!
ھەقنى كىشىلەرگە يەتكۈزۇش ئەڭ ياخشى ئىبادەتلەرنىڭ بىرى! شۇنداقلا مۇكاپاتى كۆپ ئەمگەك. بۇ تېمىڭىز ئارقىلىق نۇرغۇن جەسەتلەرگە جان كىرىشى چوقۇم(ئاللانىڭ قانۇنىنى(قۇر'ئاننى) چۇشەنمىگەن كىشى ئۆلۇككە ئوخشايدۇ).
مەن كىشىلەردىن بىز قايسى ئايەتكە ئاساسەن ئۆزىمىز چۈشەنمەيدىغان ئەرەپ تىلىدىكى قۇر'ئاننى ئوقۇيمىز؟ دەپ سورۇغۇم كېلىدۇ!.
ئاللاھ قۇر'ئاننى«بىلىش ئاساسىدا ئوقۇڭلار»،«چۈشۈنۈپ ئوقۇڭلار» دىگەن تۇرسا بىز نىمىشقا بىلمەي تۇرۇپ (ئەرەپچە ئوقۇيمىز)؟؟
ئاللاھ ئۆز قانۇنىدا ئېنىق قىلىپ«بىلمىگەن نەرسەڭگە ئەگەشمە» دىگەن تۇرسا بىز نىمىشقا بۇ بەلگىلىمىگە بوي سۇنمايمىز؟؟!!
قېرىنداشلار ئويلاپ باقساق بولىدۇ.
ئەلھەمدۇلىللا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6299
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 33
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە33دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 345 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-28
ئاخىرقى: 2012-05-04
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-19 13:52

ئۇلۇغ دەستۇرىمىز قۇرئان قايسى ھالەتتە نازىل بولغان بولسا شۇ ھالەتتە ئوقۇشنى بىلىش ھەر بىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى.ھەر قانداق تىلشۇناس قۇرئاننى ئەسلىدىكىدەك شەرھىلەپ بىرەلمەيدۇ،ئۇنۇتمايلى،ئۇ ئاللاھنىڭ سۆزى!ئەرەپچە ئوقۇش،تەرجىمىسىدىن پايدىلىنىش ،ئۇنى ھاياتىمىزغا ئۆرنەك قىلىش نۆۋەتتىكى كۆپلىرىمىزنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مەسىلە،ئاللاھ ھەممىمىزگە ئاسان قىلىپ بەرسۇن،تەسلەشتۈرمىسۇن.ئامىن!
ئۆزۈڭ رازى بولغۇدەك ئۆلۈم بىلەن ئۆلگىلى نىسىپ قىلغىن،ئاللاھىم!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10532
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 56
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە56دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 570 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-27
ئاخىرقى: 2012-05-04
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-19 14:34

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن  ، ھەقىقەتەن ياخشى تىما يوللاپسىز ، ئاللاھ ھەممىمىزگە  توغرا تەپپەككۇر ئاتا قىلسۇن  ئامىن  
torsodisi.blogbus.com مەرھابا!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6785
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 314
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە314دانە
ئۆسۈش: 980 %
مۇنبەر پۇلى: 4315 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-28
ئاخىرقى: 2012-05-10
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-19 16:54

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى kanway نىڭ 2012-04-19 13:18 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
سالام قېرىندىشىم!
ھەقنى كىشىلەرگە يەتكۈزۇش ئەڭ ياخشى ئىبادەتلەرنىڭ بىرى! شۇنداقلا مۇكاپاتى كۆپ ئەمگەك. بۇ تېمىڭىز ئارقىلىق نۇرغۇن جەسەتلەرگە جان كىرىشى چوقۇم(ئاللانىڭ قانۇنىنى(قۇر'ئاننى) چۇشەنمىگەن كىشى ئۆلۇككە ئوخشايدۇ).
مەن كىشىلەردىن بىز قايسى ئايەتكە ئاساسەن ئۆزىمىز چۈشەنمەيدىغان ئەرەپ تىلىدىكى قۇر'ئاننى ئوقۇيمىز؟ دەپ سورۇغۇم كېلىدۇ!.
ئاللاھ قۇر'ئاننى«بىلىش ئاساسىدا ئوقۇڭلار»،«چۈشۈنۈپ ئوقۇڭلار» دىگەن تۇرسا بىز نىمىشقا بىلمەي تۇرۇپ (ئەرەپچە ئوقۇيمىز)؟؟
ئاللاھ ئۆز قانۇنىدا ئېنىق قىلىپ«بىلمىگەن نەرسەڭگە ئەگەشمە» دىگەن تۇرسا بىز نىمىشقا بۇ بەلگىلىمىگە بوي سۇنمايمىز؟؟!!
.......

قۇرئان ئاللاھنىڭ سۆزى ئەرەبنىڭ سۆزى ئەمەس. ئەرەبلەرمۇ بىر ھەرپتىن بىر ھەرپتىن، بىر سۆزدىن بىر سۆزدىن، بىر ئايەتتىن ئۆگىنىدۇ. ئەرەپلەردىمۇ نۇرغۇن تەپسىرى بار بىزدىمۇ بىر-ئىككى تەپسىرى بار. ئاللاھنىڭ سۆزىنى ھىچكىم تەرجىمە قىلالمايدۇ. ئىنسى-جىنسى بىرلىشىپمۇ بىر ئايەت مەيدانغا كەلتۇرەلمەيدۇ. مۇھەممەت داموللا ھاجىممۇ شۇنداق. قۇرئاننىڭ جانلىق قىسقا تەپسىرىنى قۇرئان دەپ بىلىۋالغان بولسىڭىز. ئېغىر خاتالاشقان بولىسىز. قۇرئان تەرجىمانلار تەرجىمە قىلالمايدىغان پەقەت تەقۋادارلارغىلا يىتەكچى بولىدىغان كىتاپتۇر. قۇرئان قانداقتۇر تەرجىمانلار پايدىلىنىدىغان خىميە، فىزىكا ياكى ھېكايە كىتاۋى ئەمەس. سىز مۇھەممەت سالىھ ئەپەندى تەرجىمە قىلغان كىتابنى قۇرئان دەپ چۈشەنگەن بولسىڭىز مۇھەممەت داموللا ھاجىم خۇدا دىگەن بولىسىز. مۇھەممەت داموللا ھاجىممۇ نۇرغۇن تەپسىر ۋە ھەدىسلەرگە ئاساسەن نۇرغۇن ئۇستازلارنىڭ ياردىمىدە قىسقا بولغان چۈشەنچە تەپسىرىنى يازغان. پۇتۇن دۇنيادا پەقەت ئەرەبچە نۇسخىسىنى قۇرئان دەپ ئاتايدۇ. قالغان تىللاردىكىسى بولسا قىسقىچە يەشمىسى دىيىلىدۇ. ئەرەبلەرمۇ ئەرەپچە مىڭدەك تەپسىرىنى قۇرئان دەپ ئاتىغىنى يوق. مەخمۇت قەشقىرىنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانىنى قايسىلا تىلغا تەرجىمە قىلىڭ. مەنىسى زۆر پەرق بولمايدۇ. ھەرقانداق بىر ئىنسان قۇرئاننى تەپسىرلىسە بىلگىنىچە مەلۇم تەرىپىنىلا تەپسىرلەيدۇ.
مەسىلەن قېرىندىشىم مۇنۇ مەسىلىگە قاراڭ. ئەرەبچە ئوقۇمايمەن دەپ جاھىل(جاھىللىق كۇفرىغا يېقىنلاشتۇرىدۇ) بولىۋالماي ئۆگىنىشنى پەرز دەپ بىلىڭ.
ئۇيغۇرچىدا «ب» ھەرىپى ھېچ مەنە ئىپادىلىمەيدۇ. ئەمما ئەرەپچىدە بولسا «ب» ھەرىپىنىڭ ئۆز ئالدىغا مەنىلىرى بار. بىرەر سۆزنىڭ بېشىدا «ب» ھەرىپى قوشۇلۇپ كەلسە، شۇ سۆزنىڭ مەنىسىگە تەسىر قىلىدۇ:

1-«ب» ھەرىپى پەقەت سۆزنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ، ھېچ مەنە ئىپادىلىمەيدۇ.

2-«ب» ھەرىپى «بەزى» مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ.

3-«ب» ھەرىپى «تەككۈزۈش» مەنىسىدە كېلىدۇ.

4-«ب» ھەرپى «باشلاش» مەنىسىدە كېلىدۇ.

  قۇرئاندىكى مەسھ قىلىشنى بۇيرۇغان ئايەتنىڭ بېشىغا «ب» ھەرىپى قوشۇلۇپ «بىرۇئۇۋسىكۇم» دەپ بايان قىلىنماقتا. دېمەككى، قۇرئاننىڭ «بېشىڭلارغا مەسھ قىلىڭلار» ئەمرىدىمۇ، «ب» ھەرپىنىڭ كۆپ خىل مەنىسى ئىپادە قىلىدۇ.

ئىمام مالىك(ر.ئە) بىلەن ئىمام ئەھمەد بىن ھەنبەل(ر.ئە)لەر «ئايەتتىكى «ب»نى مەنە ئىپادىلىمەيدۇ، كەلىمىنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن» دەپ قاراپ «باشنى تولۇق مەسھ قىلىش كېرەك» دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە(ر.ئە) بولسا «بۇ «ب»نى «بەزى»مەنىسىدە كەلگەن» دەپ قاراپ، باشنىڭ بەزى يېرىگە مەسھ قىلسا يېتەرلىك، دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

ئىمام شافىئى بولسا «بۇ <ب>نى <تەككۈزۈش، يېپىشتۇرۇش> مەنىسىدە كەلگەن» دەپ قاراپ، قولنى چاچقا تەككۈزسە يېتەرلىك، دەپ قارايدۇ.

مانا قاراڭ بۇ پەقەت بىر ئالىمنىڭلا بىسمىللاھنىڭ بېشىدا كېلىدىغان ب ھەرپى ئۇستىدىكى ئىزدىنىشى. ئەگەر نامازغا پاك ھالەتتە كېلىڭلارنى بىر ئالىم ئىككى كىتاپ قىلىپ تەپسىرلىسىمۇ كەملىك قىلىدۇ. ئەھەد دېگەن سۆز ئەرەپ تىلىدىن ئاغدۇرۇلسا بىر مەناسىنى بېرىدۇ. قۇلھۇۋەللاھۇ ئەھەد ئاللاھ بىر دېگەنلىكلا بولىدۇ. لېكىن مانا مۇشۇ بىر ئايەتنى بىلسىڭىز، چۈشەنسىڭىز، ئەمەل قىلسىڭىز جەننىتى بولىسىز. قېنى سىز تەپسىرلەپ باقالامسىز. ئەگەر بۇنى تەپسىرلەشكە توغرا كەلسە دۇنيا ئالىملىرى ئۆمرىدىمۇ تەپسىرلەپ بولالمايدۇ. ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى بىر ئاللاھقىلا تەۋە دەپ بىلىش مەنەسىنى بىلدۇرىدىغان ئۇقۇم باشقا، تەرجىمە باشقا. ئەمەل تېخىمۇ باشقا بىر ئىش.
قۇرئاننى تەرجىمە ئەسەرمىكىن دەپ قالماڭ. ئۇ تەقۋادارلارغا يېتەكچى بولالايدىغان مۆجىزە. شۇڭا قۇرئاندا تەقۋا كەلىمىسى 211 دەك يەردە كەلگەن. ھەتتا تەقۋا سۆزى تەقۋىم، لىلمۇتتەقىيىن، ئەلمۇتتەقىيىن دەپ ئۈچ خىل شەكىلدە كەلگەن بولۇپ تېخى بىرەر ئالىم تولۇق تەپسىرلەپ بولالمىغان. شۇڭا قۇرئان ئۆگىنىش ۋە ئەمەل قىلىش قىيامەتكىچە پەرزدۇر. ئۇيغۇرچە ئوقۇسىڭىز ھەممە مەزھەپ ئۆز ئالدىغا تەپسىرلىشىدۇ. ھەر دەۋردە ھەرخىل تەپسىرلىنىدۇ....ھەيران قالماڭ. ھەجەپ مۇرەككەپقۇ، قىيىنكەن دەپ قالماڭ! پەقەت تولۇق تەسلىم بولغان تەقۋادارلارلا جەننەتكە يېقىنلاشتۇرىدۇ. جەننەت يولى ئاسانلاشتۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ. ھەرقانداق بىر تەپسىرچىنى ھېچكىم جەننىتى دەپ ھۆكۈم قىلالىغىنى يوق! چۈنكى ھەممە ھۆكۈمنى ئاللاھلا چىقىرىدۇ. ئىككىجى غەيىپ غەۋەرلىرىنى بىلىدىغان پەيغەمبەر كەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن ھىچكىم جەننىتىمەن دەپ ياشىغىنىمۇ يوق. مېنىڭ توغرا دەپ ياشىغان ئادەمدەك ھاماقەت ئادەم بولمىسا كېرەك! شۇڭا مېنىڭ توغرا دەپ ياشاشتىن ۋاز كېچىپ، باشقىلارنىڭ خاتلىقىنى ئويلىنىۋەرمەي تەقۋالىققا ئالدىراڭ. سىزدىن قىياممەت باشقىلار قانداق خاتالاشتى دەپ سورالماي ئۆز ئەمىلىڭىز توغرىسىدىلا سورىلىدىغانلىقىنى ئۈنتۈپ قالماڭ!


ئىشلىتىش

ئاللاھ ئۆز قانۇنىدا ئېنىق قىلىپ«بىلمىگەن نەرسەڭگە ئەگەشمە» دىگەن تۇرسا بىز نىمىشقا بۇ بەلگىلىمىگە بوي سۇنمايمىز؟؟!!


قېنى سىز بىلگەن بولسىڭىز بىلگىنىڭىزنى دەڭ. بىر ھەرپ بىر ھەرپ ئايەتلەرنى تەپسىرلەڭ! بىز سىزدىن ئۆگىنەيلى!
بەزىلەر (توغرا تونۇشقا ئېلىپ بارىدىغان) ھېچ قانداق ھەقىقى ئىلىمسىز، ھىدايەتسىز ۋە نۇرلۇق كىتابسىز ھالدا ﷲ توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىدۇ، (ئۇنىڭ مۇنازىرىلىشىشى نوقۇل نەپسى خاھىشى ۋە تەرسالىقىدىندۇر) [8]. ئۇ (كىشىلەرنى) ﷲ نىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن مەغرۇرانە يۈرىدۇ، ئۇ دۇنيادا خارلىققا دۇچار بولىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا كۆيدۈرگۈچى ئوتنىڭ ئازابىنى تېتىتىمىز [9]. [22 - سۈرە ھەج ]
مۇنازىرە قىلىشچۈن ئۇچ شەرت بولىشى شەرت سىزدە قايسىسى بار دەپ ئېيتالايسىز. سىز مېنىڭ ئۇيغۇرچە ئوقۇشۇم توغرا دەيدىغانغا بىرەرىگە ۋەھىي كەپتىمۇ؟ بىر سۆزدە جاھىللىقتا تۇرىۋېلىش ئىلىم تەلەپ قىلماسلىق جاھىلىيەتتۇر.
قېنى سىز نىمىنى بىلىپ نىمىگە ئەگەشتىڭىز؟ بىزگە بىلگىنىڭىزنى دەپ بەرمەمسىز؟ توغرا يول تاپقىنىڭىزنىڭ دەلىلى نىمە؟ ئامان بولۇڭ! ئاللاھ ھەممە مۇسۇلمانلارنىڭ گۇناھىنى مەغفىرەت قىلسۇن!
http://torsodisi.blogbus.com مەرھابا!
http://pakdiyar.com
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10915
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 319
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە319دانە
ئۆسۈش: 1150 %
مۇنبەر پۇلى: 6280 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-23
ئاخىرقى: 2012-05-03
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-04-19 18:50

ئالامەت ياخشى تىما ئىكەن ئاللاھ  رەھمەت قىلسۇن
ئىلىم قاراڭغۇلۇقنىڭ چىرىقى